مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2508|ئىنكاس: 27

ئۇيغۇرلاردا كەمچىل بولىۋاتقان 10 تۈرلۈك كىتاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 04:35:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تارىخنىڭ چاقى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ 21 – ئەسىرگە قەدەم قويغاندا، ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيىتى يېڭىچە بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان كىتابلار تۈرى، سۈپىتى، سانى جەھەتتە تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلدى. تارىخ، ئەدەبىيات، سەنئەت، پەن – تېخنىكا، تېبابەتچىلىك، ئىقتىساد، قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئېيتقاندا، تارىخ – تەزكىرىگە ئائىت ئوقۇشلۇق 50 خىلغا يېقىن؛ ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىدىن رومان 300 پارچىغا يېقىن، پوۋېست 5000 مىڭغا يېقىن، شېئىر – نەزمە توپلاملىرى 500 گە يېقىن؛ غەرب تېبابىتىگە ئائىت 30 پارچىدىن ئارتۇق، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە ئائىت 100 پارچىدىن ئارتۇق؛ پەن – تېخنىكىغا ئائىت 50 خىلغا يېقىن، دىنغا ئائىت 20 خىلغا يېقىن كىتاب – ئوقۇشلۇقلار نەشىر قىلىنىپ، مەنىۋىي تۇرمۇشىمىز دەسلەپكى قەدەمدە مول ئاساسقا ئىگە بولدى. بولۇپمۇ << قۇتادغۇبىلىك >>، << تۈركىي تىللار دىۋانى >> ، << تارىخى رەشىدى >> قاتارلىق قىممەتلىك تارىخى نادىر كىتابلار، << 10 مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن >> گە ئوخشاش قامۇس خاراكتېرلىك پەن – تېخنىكىغا ئائىت كىتابلار نەشىر قىلىنىپ، بىزنى مول مەنىۋىي ئوزۇق بىلەن تەمىن ئەتتى.
لېكىن، نەزىرىمىزنى دۇنياغا ئاغدۇرىدىغان بولساق، بىزدە يەنە كىتاب بايلىقى جەھەتتە نۇرغۇنلىغان بوشلۇقلارنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىمىز. شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر يازمىدا قارىشىمدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كەمچىل بولىۋاتقان 10 تۈرلۈك كىتابنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقتىم:
1. پەلسەپە – ئەقىلشۇناسلىق ھەققىدىكى كىتابلار
يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا، بۈيۈك ئەللامە ئابدۇقادىر داموللا، يېتۈك ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن قاتارلىقلار پەلسەپە – ئەقىلشۇناسلىققا ئائىت ناھايىتى قىممەتلىك، ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان ئىدى. كۈنىمىزدە ئىسلامجان شېرىف بەشكېرىمى، قەقىنۇس، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق ئالىم- ئىزدەنگۈچىلىرىمىزمۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. لېكىن، بىزدە پەلسەپە – ئەقىلشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەر يەنىلا بەكمۇ ئاز. بىر مىللەتتە نۇرغۇنلىغان پەيلاسوپ، دانىشمەن، ئاقىل – ئەللامىلەر بولمايدىكەن، بۇ مىللەتنىڭ روھى جۇشقۇنلۇقى، مەنىۋىي ھۆرلۈكى چەكلىك ۋە تۇرغۇن ھالەتتە بولىدۇ. شۇڭا، بىر ئادەم، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى بۈگۈنىگە سوغۇققانلىق بىلەن نەزەر سېلىپ، كەلگۈسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم پەلسەپە – ئەقىلشۇناسلىققا ئائىت نۇرغۇن مەنىۋىي بايلىقلارغا ، ئاقىل – دانىشمەنلەرگە مۇھتاج بولىدۇ. شۇڭا، بىز پەلسەپە – ئەقىلشۇناسلىققا ئائىت ئىجادىي ئەسەرلەر، دۇنياۋى تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تەقەززا.
2. كەلگۈسىشۇناسلىق ھەققىدىكى كىتابلار
كەلگۈسىشۇناسلىق _ بۇ ئالەمنىڭ كەلگۈسى، ئىنساننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىسال: ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ھەققىدىكى ئۇتوپىيىلىك نەزىريىنى 18 – ئەسىردە ياۋرۇپالىق بىر دانىشمەن ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. ھازىر مانا بۇ ئۇتوپىيىلىك قىياس رېئاللىققا ئايلاندى ۋە ئايلىنىۋاتىدۇ. بۇ نېمە دېگەن ئالدىن كۆرەرلىك ، دانا قىياس ، ھۆر ھۆكۈم ھە ! بۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادا يەنە، ئالەمنىڭ كەلگۈسى، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئالدىن كۆرەر قىياس ۋە نەزىرىيىلەر بار. لېكىن بىز بۇلاردىن خەۋەرسىز. بىز ئارىمىزدىنمۇ ئەنە شۇنداق ئالدىن كۆرەر، دانا قىياس كىشىلەر يېتىشىپ چىقىشىغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە دانا قىياسلىرىنى دادىللىق بىلەن ھوزۇرىمىزغا سۇنۇشىغا، كەلگۈسىشۇناسلىققا ئائىت ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ۋە چەتئەل تىلىدىكى كەلگۈسىشۇناسلىققا ئائىت نادىر كىتابلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىغا تەقەززا.
3. ئوكيانۇس، دۇنياۋى بىلىملەر غەزىنىسى، ئېنسىكلوپېدىيە قاتارلىق ئۇنىۋېرسال جەۋھەر كىتابلار
خەنزۇ خەلقىنىڭ مەشھۇر << سىخەي, 辞海 >> كىتابى 1915 – يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، شۇندىن بېرى ئىزچىل تۈردە تولۇقلىنىپ، مۇكەممەللىشىپ، خەنزۇ خەلقنىڭ كاتتا قامۇسىغا ئايلاندى. ئېنىگىلىزلارنىڭ << بېرتانىيە ئېنسىكلوپېدىيىسى ، Encyclopedia Britannica >> ، << ئامېرىكا ئېنسىكلوپېدىيىسى ، Encyclopedia Americana >> ، << كوللېر ئېنسىكلوپېدىيىسى ، Collier’ Encyclopedia >> قاتارلىق 3 ئېنسىكلوپېدىيىسى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ، ئەڭ نوپۇزلۇق ئېنسكلو پېدىيىلەردۇر. Wikipedia بولسا تورداشلارغا تونۇشلۇق بولغان مەشھۇر تور ھەقسىز ئىنسكلوپېدىيىسىدۇر. ئەمما، بىز ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل ئىنسكلوپىدىك كىتابلار يوق دېيەرلىك.
ئېنسىكلوپىدىيە بولسا ئىنسانىيەت ئىگىلىگەن بارلىق بىلىملەرنىڭ غەزىنىسى بولۇپ، كۆلىمى ۋە مەزمۇنى جەھەتتە باشقا بارلىق قۇرال كىتابلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان قامۇس كىتابدۇر. ئۇ پەننىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىلىدىغان ئاساسىي ، زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولۇپ گوياكى << قورغانسىز ئالىي ئوقۇل ( ئالىي مەكتەپ ) >> نىڭ ئۆزىدۇر. بىز ئۇيغۇرلاردا مۇشۇنداق دۇنياۋى بىلىملەرنىڭ جەۋھىرى يىغىلغان قامۇس خاراكتېرلىك كىتابلارنىڭ بولماسلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر. ھەرھالدا << بىلقۇت غەزىنىسى >> يۇمشاق دېتالىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە بارا – بارا مۇكەممەللىشىپ مېڭىشى ، بىزگە ئاز – تولا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. قىسقىسى بىز ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىنسكلوپېدىك كىتابلارنىڭ بالدۇرراق بارلىققا كېلىشىگە تەقەززا.
4. يېڭى ، نازۇك، ئۆتكۈر پەنلەرگە ئائىت كىتابلار
كىتابلار داۋاملىشىشچانلىققا، ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ، پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، داۋاملىق پىلانلىق تۈردە نەشىر قىلىنىپ تۇرۇشى، خەلقىمىزنى يېڭى پەن – تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرۇش زۆرۈر. قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان كىتابلار ئارىسىدا يېڭى، نازۇك، ئۆتكۈر پەنلەرگە ئائىت كىتابلار، يەنە مەخسۇس ئەمەلىي قوللىنىشچان پەن – تېخنىكا كىتابلىرىمۇ ناھايىتى ئاز.
5. ئارخىئولوگىيە – دۇنياۋى ئاسارە – ئەتىقىلەرگە ئائىت كىتابلار
ئارخىئولوگىيە ( Archaeology ) تارىخ ئىلمىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمقىلارنىڭ ئىزىنى ئىزدەش، ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن بەلگە ، بۇيۇملارنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قەدىمقى جەمئىيەت ۋە تارىخنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. بىز ئارخىئولوگىيە ئائىت ، دۇنياۋى ئاسارە – ئەتىقىلەرگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق تارىخ ھەققىدىكى تونۇشىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىتالايىمىز.
6. ئاسترونومىيىگە -ئالەمشۇناسلىققا ئائىت كىتابلار
ئاسترونومىيە ئالەم جىسملىرى، ئالەمنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئاسترونومىيە قەدىمى پەنلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىمۇ قەدىمدىن ئالەمنى كۆزىتىشكە ھېرىس بولۇپ كەلگەن، ئۇنى تەتقىق قىلغان قەۋەملەرنىڭ بىرى. ئەجدادلىرىمىز تارىختا ئاسترونومىيە ( پەلەكيات، يۇلتۇزشۇناسلىق، ئىلمى نۇجۇم ) بابىدا نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان. كۈنىمىزدە بولسا ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى NASA دا مۇھىم تەتقىقات تۈرىنى مەسئۇل بولۇپ ئىشلىشى، ئىنژېنېر ئەلى يۈسۈپنىڭ ‹‹ئاي پەرىسى – 1›› بەلگىلىك سۈنئىي ھەمراھنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ئوخشاش ئىشلار كۆڭلىمىزنى شادلاندۇرىدۇ. لېكىن، بىزدە ئاسترونومىيە – ئالەمشۇناسلىققا ئائىت كىتابلار يوق دېيەرلىك.
7. سېلىشتۇرماشۇناسلىققا ئائىت كىتابلار
ھەمىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرى دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاتىسى، << تۈركى تىللار دىۋانى >> بولسا دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ تۇنجى مەڭگۈ تېشىدۇر. سېلىشتۇرماشۇناسلىقنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئەدەبىيات، سەنئەت، دىن، مائارىپ، تارىخ، تىل، سىياسەت قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەرنى سېلىشتۇرما تەتقىق قىلىدۇ.
8. يەرلىك كۆرسەتمىلىك خەرىتە – ئاتلاسلار ۋە دۇنياۋى مەشھۇر رەسىملەر توپلاملىرى
يەرلىك كۆرسەتمىلىك خەرىتە- ئاتلاسلار بىزنىڭ جۇغراپىيىلىك بىلىملەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلىشمىزگە ياردىمى بولۇپلا قالماي ، ئەڭ مۇھىمى سەپەرلىرىمىزدە ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىققا ئىگە. دۇنياۋى مەشھۇر رەسىملەر توپلاملىرى بولسا نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، مەنىۋىي زوقىمىزنى تېخىمۇ تولۇق قاندۇرىدۇ.
9. دۇنياۋى سىرلار، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك – تۈمەن سىرلىق ئىشلارغا ئائىت كىتابلار
بۇ تۈردىكى كىتابلار بىر تەرەپتىن بىزگە دۇنياۋى سىرلار ھەققىدە مەلۇمات بەرسە ، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلاپ ، توختىماي ئىزدىنىش، پىكىر قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
10. دىنشۇناسلىققا ئائىت كىتابلار
كۈنىمىزدىكى زور كۆپچىلىك ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان چۈشەنچىسى ، ئەسلى ماھىيىتىگە بولغان تونۇشى يۈزەكى بولغاندىن باشقا، دۇنيادىكى ئىسلام دىنىدىن باشقا يەھۇدى دىنىي، خرىستىيان دىنى، بۇددا دىنى، ھىندى دىنى، كاتولىك دىنى، شامان دىنى قاتارلىق دىنلار توغرىسىدا ، بۇ دىنلارنىڭ ئەقىدىسى، پەلسەپىسى، پەيغەمبەر – ئەۋلىيالىرى، ھېيت – بايراملىرى، مۇراسىم – قائىدىلىرى، مۇقەددەس جايلىرى، تارقالغان دائىرىسى، نوپۇسى قاتارلىقلار ھەققىدىكى بىلىم – مەلۇمات يوقنىڭ ئورنىدا.

مەنبە: بايۋەتچە تورى. ئاپتورى: يۈكسەل.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 04:48 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Alain-Delon + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
poyuz + 30 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 40   باھا خاتىرىسى

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6905
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقۇردا ئىيتىلغان كەمچىل كىتاپلار ھەقىقەتەن كام، نىمىشقا كەم،؟ ئاشۇ كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىختىساسلىقلار ھەممىدىن كام.بولاپمۇ ئارخولۇگنى  يازىدىغان ئارخولۇگلار  ئاساسەن يوق دىيەرلىك. دىمەك كىتىپى ئەمەس شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئۆزى بەكىرەك ئاز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 05:13 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ANSWER + 10 راست
poyuz + 10 توغرا دەيسىز.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11193
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2598 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:24:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەسپىي كىتابلار بەك ئاز ،بارا-بارا روماندىن باشقىنى خەنچە كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايمىز....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35883
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4668
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:28:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاب نېمىشقا كەم ؟  كىتاب يازدىغان ئادەم بولمىغاچقا كەم بولىدۇ- دە ، دۆت .....

ھەر بىر تال گۈرۈچنىڭمۇ سورىقى قىلىنىدۇ !!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زاغرا يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 05:12 PM
يۇقۇردا ئىيتىلغان كەمچىل كىتاپلار ھەقىقەتەن كام، نىمى ...

ھەي دوستۇم،  شۇنداق  بەلەن تېمىڭىزغا نېمە بولدى؟  يوققۇ؟

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:41:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          ئەڭ مۇھىمى پۇل  كەم  .

پۇل بولغاندىلا  ،يازغۇچىلارغا  ئىلھام بولۇدۇ  ، تەرجىمانلارغىمۇ پۇل كېرەك . نەشىررىيات ئورۇنلىرىمۇ شۇ پۇلنى  ئېلىپ بولوپ كىتاب چىقىرىدۇ  .
ئىختىسادى جەھەتتىن قوللاش بولمىسا  ، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش بولمىسا  ، بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولامدۇ ؟

‹‹ يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس  ، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس ›› دىگەن ئەژداتلىرىمىز   .



قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:42:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بىز ھەممىمىز ناخشىچىلىق ، ئۇسسۇلچىلىققا قىزىقىدىغان بولۇپ كەتتۇق . بۇرۇن ئەجداتلىرىمىز بۆرىنى تۇتىم قىلىپ ياشىغان بولسا بىز ئۆزىمىزنىڭ تۇتىمىنى بۇلبۇل ، شاتۇتى قىلىپ ياشاۋاتىمىز ، ناخشا - ئۇسسۇلچىلار كۆپ لىكىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان كىتابلارنى يازىدىغان تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز ،  شۇڭا بۇ كىتابلار بىزدە كەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15691
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 05:41 PM
ئەڭ مۇھىمى پۇل  كەم  .

پۇل بولغاندىلا  ،يازغۇچىلار ...


مەنمۇ مۇشۇ يولداشنىڭ پىكىرىگە  قوشۇلىمەن ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ALDIRAX تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 05:44 PM  


خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 06:06:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ‹‹   كىتاب يازىدىغان ئادەم كەم ››  دىيىشكە مەن قارشى   .

بىزدە ئادەم بار ، نۇپۇس سانىمىز مىليۇنلاپ   . ھەر خىل تىلنى بىلىدىغانلار كۆپ  . يازىدىغانغا  ئادەم بار  ، تەرجىمە قىلىشقا ئادەم بار   .

سىزدىن سوراپ باقاي   :

ئەشۇ يازىدىغانلارنى  ، تەرجىمە قىلىدىغانلارنى .  ئىختىسادى  جەھەتتىن قوللاش قانچىلىك   ؟
سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش  قانچىلىك   ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 07:40 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 06:19:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى «زاغرا»ئىختىساسلىقلار كەم دەپتۇ،ب«بوغالتىر» پۇل كەم دەپتۇ.........بۇ ئىككىسىنىڭ باھاسى نىم دىگەن توغرا............
زاغرا دىھقان بولسا كىرەك شۇڭا ئىختىساسلىقلارنى كەم دەيدۇ.
بوغالتىر ھەمىشە ھىساۋات بىلەن يۈرگەچكە پۇل كەم دەيدۇ .

چاخچاق ھە

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش