مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1085|ئىنكاس: 30

جەننەتنىڭ ئىشىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13976
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9320
تۆھپە نۇمۇرى: 706
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 03:28:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                              جەننەتجەننەتنىڭ ئىشىكى

2000.jpg


(ھەقىقى ۋەقە)

ياراتقان پەرۋاردىگار بەندىلىرىگە يېقىن بولغاچقا دوزاقنى يەتتە ،جەننەتنى بولسا سەككىز قىلىپ يارىتىپتۇ.چۈنكى مۇھەببەتىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان بالىلار ،ئاتىلار ،ئانىلار دۇنيادا شۇنداق كۆپكەن. ئۇلار  ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتتىن پەرىشتىلەرمۇ خىجىل بولىدىكەن.


.... بىر بالا دادىسى بىلەن يالغۇز ياشايدىكەن. ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەچكە ئۇلارنىڭ ئۆيى يازدىمۇ قىشتەك سوغۇق كۆرۈنىدىكەن.

ئەمما بالا دادىسى بىلەن ھەر ئاخشىمى ئۇخلىغىچە ئۆينىڭ ئىچى ئىسسىق بولۇپ قالىدىكەن .

ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن بالا دادىسى ئېتىزغا كەتكەندە ھويلىسىدا ئاپىسىنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ،ئورۇق مۈشىكى ۋە تامنىڭ شورىلىرىدىن كىرگەن خوشنىلارنىڭ توخولىرى بىلەن ئوينايدىكەن. بىرە-بىرە سىرتتىن ئاڭلىنىپ قالىدىغان خوشال بالىلارنىڭ سۈرەنلىرىنى ئاڭلىغاندا كونا ئىشىكنىڭ يوچۇقلىرىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ كېتىدىكەن. بىچارە بالىنىڭ كۆزلىرى سىرتتىن ئۆزىدە يوق بىر نەرسىنى ئىزدەيدىكەن.بىراق سىرتتىكىلەر شۇنداق خوشال كۆرۈنسىمۇ،بالىنىڭ ئىزدىگەن نەرسىسى ئۇچرىمايدىكەن. ئۇ ئىشىككە يۆلىنىپ مۈگدەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن؟!

ئۇ ئاپىسى ھايات بولسا بالىلارغا ئوخشاش يۈگرەپ ئوينىيالايدىغانلىقى ،دادىسىنىڭمۇ يالغۇز بالىسىنىڭ ئاپىسى بارلىقىدىن سۆيۈنۈپ كۆڭلى ئارام تېپىپ قالىدىغانلىقى ،ئۆزىنىڭ دادىسىغا قاراپ تېخىمۇ خوشال بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتقانمىدۇ ؟

بىراق بىچارە بالا ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئاپىسى يوقكەن.

دادىسى ئېغىر ئەمگەكتىن قايتىپ كېلىپ بالىسىغا تاماق ئېتىپ بېرىدىكەن، بالىنى جىق يىيىشكە زورلاپ ئۆزى بالىسىچەمۇ يىيەلمەيدىكەن.بالا تاماقنى چېچىپ قويسا قاتتىق دۈشكەللەيدىكەن. چۈنكى بالىسىنىڭ كېيىنچە مۇستەھكەم ئادەم بولىشىنى ئۈمۈت قىلىدىكەن.ناۋادا ئۇنىڭ ھازىرقىدەك يۈرەكسىز بولۇپ قالسا ئۆزىدىن كېيىن جاپا تارتىپ قالىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

چۈنكى بالىسىنىڭ ئاپىسى يوقكەن.


دادىسى ئۇخلىغىچە بالىسىغا قېلىنراق يوتقاننى بېرىدىكەن ھەم ئۈستىگە پەقەت بىر تاللا چاپىنىنى يېپىپ قويىدىكەن . ئۆزى بولسا بالىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى يۆگىكىنى ياستۇقىغا قويۇپ   تىتىلىپ كەتكەن (ئەمما دادىسىنىڭ دىيىشىچە بەكلا ئىسسىق)كونا يوتقاننى يېپىنىپ ئۇخلايدىكەن. بالا دادىسىنىڭ پۇشۇلدىشىنى ئاڭلىغاچ ،ئورۇق مۈشىكىنى قوينىغا سېلىپ ئۇخلاپ قالىدىكەن.

سىز يېرىل تېشىم دىگەن چۆچەكنى ئوقۇغانمۇ ؟ بۇ بالىمۇ چۆچەكتىكى يىتىم قىزدەك يىراقلارغا كېتىپ بىرەر تاشنىڭ ئىچىگە كىرىپ دۇنيادىن خاتىرجەم ياشاشنى ئويلىمايدىكەن.

ئۇنداق قىلسا ئاچچىقى يامان دادىسىنىڭ ھەر ئاخشىمى سوغۇق ئۆيدە تېخىمۇ يالغۇز قېلىشىنى خالىمايدىكەن.

سىز ئابىھايات دىگەن چۆچەكنى ئوقۇغانمۇ ؟ ئەمما ئۇ بالا ئابىھاياتنى ئۆزى ئىچىشنى خالىمايدىكەن.ئۇنىڭ بىلەن ئاپىسىنى تىرىلدۈرۈپ كەلسە ئۇنىڭ چىرايلىق بىر يوتقان ۋە ياستۇق تىكىپ بېرىدىغانلىقىنى ،ئۇنى دادىسنىڭ بېشىغا قويۇپ ياتىدىغانلىقى،يوتقاننى بولسا بالا ئۆزى دادىسىغا يېپىپ قويىدىغانلىقىنى ئويلايدىكەن.ئەتتىگەندە دادىسىنىڭ چاينى قاينىتىپ بولالماي ئىشىغا ۋاقچە قېلىپ ئاچچىقلىنىشىغا ئىچى ئاغرىيدىكەن. ئەگەر ئاپىسى بولسا ئۇلار ئويغانغاندا چاي تەييار بولۇپ قالىدىغانلىقى بالا ئوبدان بىلىدىكەن.

ئەمما ئۇنىڭ ئاپىسى ئەمدى تىرىلمەيدىكەن. نىمىشقا تىرىلمەيدىغانلىقىنى بالا بىلمەيدىكەن. ئۇ يەنە دادىسىنىڭ يۆگەكنى پۇراپ يېتىش ئۈچۈن ياستۇق قىلىۋانغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئەگەر دادىسى بالىسىنى پۇراپ ياتسا ئۇنىڭ ئەركە بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن.يەنە دادىسىنىڭ يەيدىغان تاماق ئاز بولغاچقا بالىسىنىڭ تويماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يالغاندىن ئۇزۇن چاينايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن.

بالا بۇلارنى بىلمىگەن بىلەن دادىسىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوقلىقىنى بىلىدىكەن.شۇڭا ھېچيەرگە بارغۇسى كەلمەيدىكەن.ھويلىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاپىسىنىڭ دوپپىسىدەك كۆپ-كۆك ئاسمان بىلەن ئۇنىڭ چىرايىدەك ئىللىق ئاپتاپ بالىنى يىراق-يىراقلارغا كېتىشتىن توساپ تۇرىدىكەن.چۈنكى بۇلار باشقا يەردە يوقكەن. پەقەت ئۇ چوڭ بولغان مۇشۇ ھويلىدىلا شۇنداق ئىللىق نەرسىلەر بارئىكەن.

بالا بارا-بارا چوڭ بولۇپتۇ ، مەكتەپكە بېرىپتۇ. دادىسى بولسا ئۆزگەرمەستىن شۇ پېتتى تۇرۇپتۇ.بالا مەكتەپنى تۈگىتىپتۇ .ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمەپتۇ. ئۇ دادىسى بىلەن ئېتىزدا ئىشلەيدىكەن. ئەمما دادىسىدەك جىق ئىشلىيەلمەيدىكەن. دادىسى نىمىشقىكىن ھېرىمايدىكەن. ئىشلەۋېرىدىكەن.ئۇنىڭغا قاراپ ھېرىپ كەتكەن بالا پات-پات دەم ئېلىپ ئولتۇرۋالىدىكەن.

بالا ئاستا-ئاستا زېرىكىپتۇ .دادىسى باشقىلارنىڭ دادىسىدەك ئەمەسكەن.ئۇ پەقەت ئېتىزدا ئىشلەشتىن باشقا ئىش قىلالمايدىكەن. بالىسى ئۈچۈن يول مېڭىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويالمايدىكەن .ياكى پۇل چىقىرىپ بىرەر دۇكان ئېچىپ بېرەلمەيدىكەن.چۈنكى دادىسنىڭ ئەسكى ئۆيىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوقكەن.  بالا شۇ ياشقا كەلگەندىلا دادىسىنىڭ بەكلا يارىماس ئادەملىكىنى ھېس قىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن بەكلا زېرىكىپتۇ.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادىسى كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن دۇيجاڭ بىلەن سوقۇشۇپ ئۇنى يارىلاندۇرۇپ قويۇپ تۈرمىگە كىرىپتۇ.باشقىلارنىڭ دىيىشىچە دۇيجاڭ "ئۆزەڭمۇ بىر يارىماس بولغاچقا بالاڭمۇ بىر يارىماس بولدى" دەپتىكەن.شۇ گەپكە دادىسى مۇشۇنداق تەتۈرلىك قىلىپ جىنايەتچى بولۇپتۇ. شۇندىن كېيىن بالا دادىسىغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئەتراپتىكىلەر ئۇنى تېخىمۇ ياراتمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.

يا دادىسنىڭ تايىنى يوق ،ياكى ئاپىسى يوق باشقىلار ئالدىدا ماختانغىدەك ھېچنىمىسى يوق بالىلارنىڭ ئەزەلدىنلا دوستلىرى بولمايدىكەن. باشقىلار ئۇلارنى قاتارغا قوشۇۋالسىمۇ پەقەت مازاق قىلىپ ئويناش ئۈچۈنلا قوشۇۋالىدىكەن.


بالا تۈرمىگە دادىسىنى يوقلاپمۇ بارماپتۇ. كېيىنچە ئۇ ئىچكىرىگە كىرىدىغان بالىلار بىلەن يۇرتنى تاشلاپ يىراقلارغا كېتىپتۇ. ئۇ دەسلەپ ئىچكىرىگە بارغاندا بالىلار بىلەن ئوغۇرلۇق قىلىپتۇ.ئىشى ئەپلەشسە مېھمانخانىلاردا يېتىپتۇ.ئەپلەشمىگەندە بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا تۈنەپتۇ.شۇنداق چاغلاردىلا ئۆيىنى ۋە دادىسىنى ئەسلەپ قويىدىكەن.كېيىنچە بالا بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ يۈرۈپ ،ئاشخانە ئېچىشنىڭ ئەلىم-تەلىمىنى بىلىپ ئاخىرىدا تىرىشىپ ئىشلەپ كېيىنچە بىر چوڭ ئاشخانە ئېچىپتۇ. ئۇ ئۆيلىنىپتۇ،نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ.قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئاخىرى يۇرتىغا قايتىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئەللىك ياشقا يېقىنلاپ قالغان ئىككى بالىلىق،بىر نەۋرىلىك بولغان چوڭ ئادەم بولۇپ قالغان ئىكەن.

ئۇ يۇرتقا كەلگەندە ئېسىدە قالغان ئۆيىنىلا ئەمەس مەھەلىسىنىمۇ تاپالماپتۇ. سۈرۈشتۈرسە كونا مەھەلىلەرگە يېڭى ئولتۇراق جايلار چۈشكەن ئىكەن.ئۇ ناھايىتى تەستە ئىلگىركى خوشنىلىرىدىن بىرىنى تېپىپتۇ. خوشنىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ ئىچكىرىگە كېتىپ ئىككىنچى يىلى دادىسى تۈرمىدىن چىقىپتۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندا بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىكەن. ئۇ كۈندە ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ھويلىسىدا كۈنلەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدىكەن.ئېتىزنىمۇ باشقىلارغا كۆتۈرە بېرىۋېتىپتۇ.ئۇنىڭ ئىشى پەقەت كۈنلەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇشكەن. ئۇ خوشنىلار بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەكلا ئانچە بېرىش-كېلىش قىلمايدىكەن.

قىشنىڭ بىر كۈنى خوشنىلار ئۇنىڭ ئېتىز تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇ كۈنى دادىسىنى قەبرىستان تەرەپتە كۆرگەنلەرمۇ بارئىكەن.بەلكىم ئايالىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغىلى بارغان ئوخشايدۇ. بۇ خوشنىلارنىڭ ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگىنى بولۇپ قاپتۇ.كېيىن دادىسى ئۇدا نەچچە ھەپتە ھويلىدىمۇ كۆرۈنمىگەچكە خوشنىلار ئەنسىرەپ ئىشىكنى بۇزۇپ ئۆيگە كىرسە ئۇ بىردىن-بىر يېڭىراق يوتقاننى يېنىغا سېلىپ قويۇپ ،ئۆزى ناھايىتى كونا بىر يوتقاننى يېپىنىپ ئۆلۈپ قالغان ئىكەن. خوشنىلار ئۇنى يۇيۇپ تاراپ يەرلىككە قويۇپتۇ.ئۇنىڭدىن قالغان ھېچ بىر ئىقتىساد بولمىغاچقا ئۆيىنى بىرىگە سېتىپ نەزىرلىرىنى قىلىپ يەرلىككە قويۇپتۇ.

بالىنىڭ دادىسى شۇنداق ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭغا ئىلگىرى ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىگەندەك ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ بىرەر مىراسمۇ قالدۇرالماپتۇ.ھەتتا بالىنىڭ ئەسلىمىسىدىكى كىچىككىنە ھويلىنىمۇ ئېلىپ كېتىپتۇ. . . .


كۈنلەر ئۆتۈپتۇ...بالىمۇ بوۋاي بوپتۇ .ناھايىتى كاتتا جامائەت ئەربابى بولۇپتۇ. مەكتەپ ساپتۇ،يول ياسىتىپ يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلاپتۇ . ئەمما يەنىلا بالىلىق چاغلىرىدىكىدەك خوشال بولالماپتۇ. داۋاملىق ئىچىنى ياق! يۈرىگىنى بىر ھەسرەت تاتىلاپ ئۇنى خوشال قىلماپتۇ.

بىر كېچىسى چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ ئۆزىنى ئىلگىركى ئەسكى ئويىدە دادىسىنىڭ يېنىدا ئۇخلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپتۇ. ئالدىراپ چىراقنى ياندۇرسا يەنىلا ھازىرقى ياسىداق ئۆيىدە مامۇق يوتقاندا ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئىلگىركى بالا ھازىرقى بوۋاي

ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ .ئايالى بالىلىرى نەۋرىلىرى يىغىلىپتۇ.ئۇنىڭدىكى بۇ ھالەتكە ھەيران قاپتۇ.سەۋەبىنى سوراپتۇ،دۆختۇرلارنى چاقىرىپتۇ.ئەمما ھېچكىم بىلەلمەپتۇ. بوۋاي شۇندىن كېيىن كۈندىزى خىيال بىلەنلا ئولتۇردىغان بولۇپ قاپتۇ.كېچىسى بولسا چىراقنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ ياتىدىكەن ،چىراقنى كېچىدە يېقىشقا يول قويمايدىكەن.ئۇنىڭ كېچىدە يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بالىلىرى چىراقنى ياقسا ئۇلارنى تىللاپ چىراقنى ئۆچۈرۈشكە بۇيرۇيدىكەن....كېيىنچە بالىلىرى كېچىدە ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىسىمۇ چىراقنى يېقىشتىن قورقۇپ ئاۋاز چىقارماي جىم ئولتۇردىغان بولۇپتۇ.ئاخىرى ئۇلارمۇ بوۋاينىڭ بۇ ساراڭلىقىغا كۆنۈپ كارى بولمايدىغان بوپتۇ.

دوختۇرلار بوۋايغا نېرۋا كېسەللىكى دەپ دىئاگىنوز قويۇپتۇ.

بوۋاي كۈنلىرىنى بالكونغا چىقىپ خىيال سۈرۈپ ئۆتكۈزىدىكەن.ئاخشىمى بولسا يالغۇز بىر ئۆيدە ياتىدىكەن.  شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئانىسىدىن،دادىسىدىن قالغان خاتىرىلەرنى ئىزدەيدىكەن.ئەمما ئەتراپىدا ھېچقانداق بىر ئىزنانى تاپالمايدىكەن.



پەقەت كۆزىنى يۇمۇپ خىيال سۈرگەندە ئۆزىنى كىچىك چېغىدىكى ھويلىسىدا ئورۇق مۈشۈكىنى ئويناپ ئولتۇرغان ،دادىسىنىڭ تاماق ئېتىش ئۈچۈن يانمايۋاتقان ئوتنى پۈدەۋاتقان ھالىتىنى ئەسلەيدىكەن . ئۇ خىيالىدىلا دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە كۆرەلمىگەن ئىلگىركى ھويلىسىنى ،ئاپىسىنىڭ دوپپىسىدەك كۆپ-كۆك ئاسماننى ،ئۇنىڭ چىرايىدەك ئىللىق ئاپتاپنى كۆرەلەيدىكەن.ئاخشىمى بالىسىنىڭ يۆگىكىنى پۇراپ يېتىش ئۈچۈن بېشىغا قويۇۋالغان دادىسىنى كۆرگەندەك ئۇنىڭ پۇشۇلدىشىنى ئاڭلىغاندەك بولىدىكەن. بوۋاينىڭ ئۆمۈر بويى تىرىشىپ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ھەقىقى بەختى كېچە-كۈندۈز خىيال سۈرۈشكەن.

شۇ چاغدا دادىسىنىڭ دۇيجاڭنى نىمىشقا ئۇرغانلىقىنى چۈشىنىدىكەن.ئەمەلىيەتتە دادىسىنىڭ نەزىرىدە ئوغلى شۇ يېشىغىچە تايانغان تېغى ئىكەن.بالىسى ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىسىمۇ يالغۇز ھاياتىدا ھېچكىم بېرەلمىگەن ھەمراھلىقنى كۆڭلىنىڭ بىر پارچىسىنى پەقەت ئوغلىلا بېرەلىگەنلىكىنى،بۇنى بالىسىدىن باشقا قانچىلا ياراملىق ئادەم بولسىمۇ دادىغا بېرەلمەيدىغانلىقىنى شۇ سەۋەپتىن بۇ ھاقارەتنىڭ ئېغىر كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەن. دادىسى بىلەن نامرات بولسىمۇ بىر-بىرىگە يۆلەك ۋە ھەمرا بولۇپ ياشىغان شۇ ۋاقىتلارنىڭ، شۇ ۋاقىتتىكى تۇيغۇلارنىڭ ھازىرقى بەختىدىن نۇرغۇن ئارتۇقلىقىنى ھېس قىلىدىكەن.

بوۋاي كۈنسېرى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ .بالىلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراشكەن،بوۋاي بىلەن پاراڭلىشالمايدىكەن.چۈنكى بوۋاي بەكلا چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلىدىكەن. ئەمما ھەممىسى بوۋايغا كۆيۈنىدىكەن. ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى تەل ئىكەن. بوۋاي بەكلا ياۋايىلىشىپ كېتىپتۇ .ئۇ باشقىلار بىلەن گەپلەشمەيدىكەن ، ئۇ تۇققانلىرىدىكى مېھرىبانلىقىنىڭ مەسئۇلىيەت ئۈچۈنلىكىنى بىلىدىكەن. بوۋاي ساناقلىق مىنۇتلىرىدا بولسىمۇ بىر مۇھىم نەرسىگە ئېرىشىشنى ئىزدەيدىكەن. ئەمما ئۇ نەرسە مەۋجۇت ئەمەسكەن. مەيلى بالىلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسۇن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىدىكەن ئەمما بوۋاينىڭ كىيىملىرىنى دادىسى يۆگىكىنى پۇرىغاندەك پۇرىمايدىكەن. ياخشى كۆرۈش ھەركەت-ئېغىزدا بولمايدىكەن.چۈنكى دادىسى بوۋايغا سېنى ياخشى كۆرىمەن دەپ باقماپتىكەن،ئۇنىڭ مىجەزىدىن بۇنداق دىيىشنى خالىمايدىكەن، بوۋاي ئاخىرقى مىنۇتلاردا ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ پەقەت دادىسىنىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. شۇنداقلا بۇ مەڭگۈلۈك مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك ھىجرانغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. بوۋاي بەكلا تۈگىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ كۈنسېرى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ.كېيىنچە تاماقتىنمۇ قاپتۇ......

....بوۋاينى شۇنداق ھەسرەت توختىماي قىينايدىكەن. دادىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە بوينىغا ئېسىلىپ تۇتۇپ " جېنىم دادا،يالغۇز دادا ، مەن سېنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن " دىيەلمىگەنلىكىگە ،سەكرات پەيتىدە يالغۇز دادىسىنىڭ ئورۇق قوللىرىنى تۇتۇپ ئىلگىرى سۆيۈپ باقمىغان ئورۇق يۈزلىرىگە قانغۇدەك سۆيۈپ ھەمرا بولالمىغانلىقىغا ئۇنىڭ بېشىنى قۇچىغىغا ئېلىپ ئانىسىنىڭ يېنىغا ئۇزۇتۇپ قويالمىغانلىقىغا ئۆكۈنىدىكەن.ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولسا دادىسىنىڭ ئۆزىدىن تۈمەنمىڭ رازى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ،ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئوغلى ئۈچۈن بۇ ئالەمنىمۇ تېگىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. دادىسىنىڭ نامرات تاۋۇتىنىڭ ئالدىدا ھېچكىم ماڭمىغانلىقىغا ئۇنىڭ ھاياتلىقىدىلا ئەمەس،ئۆلگەندىمۇ يالغۇز كەتكەنلىكىگە ئۈنسىز يىغلايدىكەن.



بوۋاي ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا دادىسىدەك ياتالماپتۇ.چۈنكى ئۇنىڭ يېنىغا سېلىپ قويىدىغان دادىسىنىڭ كونا يوتقىنى يوق ئىكەن. دادىسى بولسا بالىسىنىڭ يۆگىكىنى پۇراپ يېتىپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.ئەمما بوۋاينىڭ پۇرىغىدەك ھېچنىمىسى قالماپتۇ. پەقەت ئاخىرقى دەملەردە بالىلىقتا قالغان مۇھەببەتنىڭ ئارزۇسىلا قاپتۇ،ھەسرىتىلا قاپتۇ........................شۇنداق مۇھەببەتلىك ھەسرەتلەر بىلەن ئاخىرى بوۋاي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .


يۇرتتىكىلەر ئۇنى داغدۇغا بىلەن كاتتا ئۇزۇتۇپتۇ .نامىزىغا مىڭلىغان ئادەملەر قاتنىشىپ،ئۇنىڭ ئەلگە قىلغان خىزمەتلىرىنى باھالاپ "كاتتا ئادەمتى" دىيىشىپتۇ.

ئەمما بوۋايلا ئاخىرقى تىنىقىدا دادىسىنىڭ ھەقىقەتەن كاتتا ئادەملىكىنى ھېس قىلىپتۇ . خۇداغا يىغلاپ قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى ، دادىسىغا بېغىشلاپتۇ.

مەخپى نەزىر-سەدىقىلەر قىلىپ ياش كەتكەن مەزلۇم ئانىسىنى ۋە يالغۇز كەتكەن بىچارە دادىسىنى جەننەتنىڭ ئىشىكىدە بولسىمۇ قۇچاغلىۋېلىشنى خۇدادىن تىلەپتۇ.



قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت

ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.

Abdurehim ablathan

2008-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
        مەنبە   ،               http://ablathan.blogbus.com/logs/37212399.html  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tavakkulqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 03:30 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
naruto1231 + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

بۇتەندىن زىرىكتى يۈرەك  ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 04:11:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3267
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 04:13:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان دىگەن شۇنداق بولىدىكەن ، بىر نەرسىنى يوقىتىپ قويغاندىن كىيىنلا ، ئاندىن ئۇ نەرسىنىڭ قەدرىگە يېتىدىكەنمىز .

ئۈلۈم ۋە ھايات!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3612
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 12170
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2743 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 04:29:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
marziyya يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 04:13 PM
ئىنسان دىگەن شۇنداق بولىدىكەن ، بىر نەرسىنى يوقىتىپ قو ...

توغرا دىدىڭىز!


مەن بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ، سىلەردىن سوراپ باقاي 10 كۈن ئاۋال بىر تورداش 22-چىسلا  قۇياش بورىنى چىقىدىكەن دەپ بىر تىما يوللاپتىكەن. بۈگۈن دەل 22-چىسلا، ئۇ تىما ئۈچۈرۈلدىمۇ؟

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللا ھ،مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4819
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 04:50:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدېگەن تەسىرلىك ،  يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم دېسە..

قۇش ئاسماندا ئەركىن پەرۋازلايدۇ، بېلىق سۇدا خوشال يايرايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4819
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.....  ئەسلىدە مەندە ئابدۇرەھىم ئابلەتخاننىڭ  ‹‹ قەھرىمان شۇنداق مەيدانغا كېلىدۇ›› دىگەن ئېلكىتابلىق ماقالە توپلىمى  باركەن ئەمەسمۇ،   بىر ئىككى ئاينىڭ چۈشۈرۈپ قويۇپ ئوقۇماپتىكەنمەن....   ئەمدى  باشقىلىرىنىمۇ  ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقسام بولغىدەك،

قۇش ئاسماندا ئەركىن پەرۋازلايدۇ، بېلىق سۇدا خوشال يايرايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:08:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
marziyya يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 04:13 PM
ئىنسان دىگەن شۇنداق بولىدىكەن ، بىر نەرسىنى يوقىتىپ قو ...

دۇرۇس گەپ قىلىپسىز

ئادەم مەن دىگەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6588
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2879 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:12:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلمىساقتىن قەدىرسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

بىزنى غەپلەتتە قويمىغىن ئاللا .

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3936
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:18:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزلغان تېما ئىكەن .ئۇقۇۋېتىپ ئىچمنى بىر نەرسە تاتلغاندەك بولۇپ قالدىىم ،توغرا بەلىكم بۇ دۇنيادا ئاتنىڭ بالغا ئانىنىڭ بالغا بولغان مۇھابتىدىنمۇ ئۇلۇغ ھەم ساپ مۇھاببەت بولمسا كىرەك ...ئاتا -ئاىنىمز بىزگە شۇنداق كۈيۈنسمۇ ئەمما ،بىز ئۇلار بىزگە قىلغانىڭ ئوندىن بىرنمۇ قىلپ بىرەلمەيدكەنىمز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbelik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 05:19 PM  


سەن مەنپەت ئۈچۈن ياشساڭ ،مەن ئادىمىيلك ،ئىنسانيى پەزلەت ئۈچۈن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4050
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:22:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياندىكى ئىسىپنىڭ قەدرى يوق دىگەن دەل مانا مۇشۇ بولغا كىرەك.

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش