ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال،
قاقراپ تۇرغان باغرىمنى كېزىپ.
سەرسان روھتىن يوقالدى ئازاب،
پەسلى كەتكەن قۇشلاردەك تېزىپ.
********************************
ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال،
مەينەت باسقان يۈرەكتىن يۇلۇپ.
ئالماس ھېسلار چاقنىدى نۇردەك،
جاننىڭ شېرىن ھۇزۇرى بولۇپ.
********************************
ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال،
چۈشكۈن كۈينىڭ پەيزىنى بۇزۇپ.
ھىجران گۈلى شېخىدىن ئاجراپ،
ئۇچۇپ يۈرەر بەرگىدىن تۇزۇپ.
********************************
ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال،
چىڭقى چۈشتەك ئالدىغا سېلىپ.
ناخشا ئېيتىپ ھاياجان بىلەن،
دىلدا شادلىق سازىنى چېلىپ.
********************************
ئېلىپ كەتتى دەردىمنى شامال،
سالقىن كەچتەك قۇچاقلاپ مەھكەم.
ئۇنتۇپ كەتتىڭ نېمىشقا دەرسەن،
بەختى كۈلۈپ يايرىغان ئەركەم.
********************************
مەنبە: مەن شۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 05:41 PM