مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8334|ئىنكاس: 58

ھەي تارىخ! تەكرارلىنىۋېرەمسەن؟!.. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 02:05:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تۆمۈر خەلىپە بىردەم جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن ، " ئەمىسە بىز مەسلىھەتلىشىپ كۆرەيلى " دېدى ۋە ھېلىقى يامبۇلارنى باشقا سوۋغاتلار بىلەن قوشۇپ ، "غەزنە" گە ئەپكىرىپ قويۇشنى سەپەرقۇلغا تاپشۇردى . خوجىنىياز پالگان تۆمۈر خەلىپىنىڭ سوۋغاتلارنى ئېلىشقا مايىل بولغانلىغىنى كۆرۈش بىلەنلا ، ئورنىدىن دەس قوپۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .          لى شۇفۇ ئايرىم ئۆيگە جايلىشىۋالغاندىن كېيىن ، تاھارەت ئېلىپ ئولتۇردى -دە، " مېنىڭ ئۆزلەگە ئەپكەلگەن يەنە بىر سوۋغىتىم بار " دەپ قوينىدىن يېشىل تاۋارغا يۆگەلگەن بىر نەرسىنى چىقاردى . بۇ قويۇن دەپتىرىدەك كېلىدىغان قۇرئان ئىدى . تۆمۈر خەلىپە قۇرئاننى " بىسمىللا" دەپ ئىككى قوللاپ ئالدى ۋە لەۋلىرىنى تەككۈزۈپ ، كۆزگە سۈرتكەندىن كېيىن ، ۋاراقلاشقا باشلىدى. بۇ شۇنداق نەپىس، گۈزەل مۇقاۋىلانغان ۋە ھەر بىر بەتنىڭ چۆرىسىگە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن رەڭدار بەقىش ئىشلەنگەن قۇرئان ئىدىكى ، ھەرقانداق كىشىنى ئۆزىگە ئىختىيارسىز جەلپ قىلاتتى .  - بۇ قۇرئان كېرىمنى جاڭجۇڭ جانابلىرى بۇلتۇر ھەرەمدىن كەلگەن ھاجىلاردىن سوراتقۇزۋېلىپ ، ئۆزلەگە سوۋغا قىلدى ، - دېدى لى شۇفۇ ، ئاندىن ئۆزىنىڭ قويۇن دەپتىرىدىن بىر پارچە قېلىن قەغەزنى چىقىرىپ ، " جاڭ جۇڭ جانابلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئانىغا خەنزۇچە خەت يېزىلىپ قالمىغاي دەپ ، بۇ مىنپەرنى ئايرىم ئەۋەتتى " دېدى . مىنپەر دېگىنى ياڭ جاڭجۇڭنىڭ ئىسىم- پەمىلە ۋە مەنسەپ ناملىرى بېسىلغان ئاتكىرتكا بولۇپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا " بۇ قۇرئان بۇرادىرىم تۆمۈرگە ھەدىيە " دېگەن سۆزلەر يېزىلغان ئىدى . " بۇ جاڭجۇڭنىڭ ئۆز قەلىمى " دەپ قوشۇپ قويدى لى شۇفۇ كۈلۈپ تۇرۇپ . ئاندىن " ئۆزلەگە يازغان سالام خېتىمۇ بار " دەپ چوڭ سېرىق لىپاپىنى ئۇزاتتى ، لىپاپىغا " ئۇيغۇر مۇسۇلمانلاردىن چىققان تۆمۈر باتۇرغا" دېگەن سۆزلەر چوڭ قىلىپ يېزىلغان ئىدى .
   تۆمۈر خەلىپە خەتنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن...       - ياڭ جاڭجۇڭ مېنى ئۈرۈمچىگە ئەپچىقىپ نېمە قىلىدىكەن ؟ - دېدى .
  چوڭ مەنسەپ بەرمەكچى ، دارىن قىلماقچى ، دارىن قىلغاندىمۇ ، قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ ئەمەس ، قولىدا چىرىگى بار، دېسە گېپى ئۆتىدىغان ، ئاتسا ئوقى يېتىدىغان دارىن قىلماقچى . بۇ خۇدايىمنىڭ ئۆزلەگە بەرگىنى ،- دېدى لى شۇفۇ مۇلايىملىق بىلەن .
   - ياق ، مەن ئەل - يۇرتۇمدىن ئايرىلمايمەن . مىسىرنىڭ پادىشالىغىدىن كەنئاننىڭ گادالىغى ياخشى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ياڭ جاڭجۇڭ مېنىڭ نېمىشقا قوزغىلاڭ قىلغانلىغىمنى ياخشى بىلىدىكەنغۇ، شۇنچە ئىشنى تەۋرىتىپ قويۇپ ، نەگە بارغۇدەكمەن !  (سەھىپە ئېتىبارى بىلەن بىر قىسىم مەزمۇنلار قىسقارتىلدى.)  
  - مېنىڭ مەقسىدىم مەنسەپدار بولۇش ئەمەس . ئون ئىككى تاغقا باش بولۇۋېلىشمۇ ئەمەس. مەن بىر ياغاچچى ، مەنسەپنىمۇ قاملاشتۇرالمايمەن . ئەل- يۇرت ئوبدان ئۆتسىلا بولدى .        - ھەببەللى ، ئەل-يۇرت ئوبدان ئۆتسۇن دېسىلە ، ئوتتۇرا قولدەك ئەرلەردىن بىرنەچچە يۈزىنىڭ قولىغا مىلتىق تۇتقۇزۇپ ، ئۈرۈمچىدە تۇرسىلا تېخىمۇ ئوبدان بولمامدۇ ؟ قاچانلا بولسا، ياڭ جاڭجۇڭنىڭ يېنىغا كىرىپ - چىقالايدىلا. ھەرقانداق گەپ بولسا ، ئۇ كىشىگە ئېيتالايدىلا . قۇمۇل خەلقىنىڭ بېشىنى شۇ يەردە تۇرۇپ تېخىمۇ ئوبدان سىلىيالايدىلا ، ئەل-يۇرتمۇ، ئۈرۈمچىدە بىزنىڭ ئاتىمىز بار دەپ ، كۆڭلى - قارنىنى توق تۇتالايدۇ ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن ئۆزلەگە قىيامەتلىك دوست بولغانلىقىم ئۈچۈن ، قوسىغىمدىكى گەپنى بىزەمۇ ئەپقالماي ھەممىنى ئېيتتىم ئاكا !
    تۆمۈر خەلىپىنى يەنە خىيال باستى . ئۇ ئۆز ئادىتى بويىچە ، سول ئېڭىكىنى تاتىلاپ بىردەم جىم ئولتۇردى-دە:
  - ھەي، بۇ ياڭ جاڭجۇڭنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنگىلى بولارمۇ ؟ ياخشى كۈننىڭ يامىنىدا گېپىدىن يېنىۋالسا ، قانداق قىلغۇلۇق؟ - دېدى .      لى شۇفۇ ياڭ جاڭجۇڭنىڭ " سىز ئاخىرقى كۇزىرىم بولىسىز " دېگەن گېپىنى يەنە بىر ئەسلەپ ، تۆمۈر خەلىپىنىڭ بىلىگىدىن تۇتقان پېتى :    - ماڭا ئىشىنەمدىلا - يوقمۇ ؟ - دېدى .
  - ئۆزلەگە ئىشىنىمەن .
  - ماڭا ئىشەنسىلە ، ئەزبىرايى خۇدا ، ياڭ جاڭ جۇڭغىمۇ ئىشەنسىلە ، مەن قۇرئان تۇتۇپ بېرەي !
  تۆمۈر خەلىپە " قۇرئان" دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ لى شۇفۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى . ئاندىن :
   - راستمۇ ؟ راستىنلا قۇرئان تۇتۇپ بېرەمدىلا ! - دېدى .
    - ئەزبىرايى ، تەرىتىم بىلەن پاك ئولتۇرۇپتىمەن ، ھازىرلا تۇتۇپ بېرەي ! ياق، جامائەت شاھىت بولسۇن دېسىلە ، قۇرئاننى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا تۇتۇپ بېرەي !
    - ئەمىسە تاڭ ئاتسۇن ، - دېدى تۆمۈر خەلىپە رازىلىق بېرىپ .      ئەتىسى بامدات ئوقۇلۇپ بولغاندا ، بىرىنچى سەپتە ئولتۇرغان لى شۇفۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ، مەسچىت مىھرابىنىڭ يېنىدىكى ئۇيۇقتا تۇرغان چوڭ بىر قۇرئاننى بىسمىللا ئېيتىپ قولىغا ئالدى ۋە پېشانىسىگە تەككۈزۈپ بولۇپ ، كۆپچىلىككە مۇنداق خىتاب قىلدى :
  - جامائەت ! مەن ھازىر ئاللانىڭ ئۆيى بولغان بۇ مەسچىدى مۇبارەكتە ھەرقايسىلىرىغا ناھايىتى يوجۇڭ بىر گەپنى ئېيتىمەن . مەن ئاللاتائالانى بىر ، مۇھەممەت مۇستافا سەللاھۇ ئەلەيھىسالامنى ئاللانىڭ بىزگە ئىبەرگەن ھەق رەسۇلى دەپ ، دىلىم بىلەن تەستىق ۋە تىلىم بىلەن ئىقرار قىلىپ ، مەھشەر كۈنى جاۋاب بەرگۈچى بەندىلىگىم بىلەن شۇنى ئېيتاي : ياڭ جاڭجۇڭ جانابلىرىنىڭ تۆمۈر خەلپەمنى ئۈرۈمچىگە چىللىشىدا قىلچە يامان نېيىتى يوق . ھەممىسى ئەل- يۇرتنىڭ ئامانلىغى ئۈچۈن . بۇ گېپىم يالغان بولسا ، مانا قولۇمدا تۇرغان مۇشۇ ئۇلۇغ قۇرئان كېرىم مېنى ئۇرسۇن . قىيامەت كۈنى ھەممىلىرىنىڭ قىزىل تىرنىقى پېقىرنىڭ ياقىسىدا بولسۇن !
شۇنىڭدىن كېيىن ، تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە بېرىشقا رازى بولدى .  مەنبە: ئىز ،  ئاپتورى : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر . شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  ، 1985-يىل 1-نەشرى ، 3- بېسىلىشى .( تۆمۈر خەلىپىنىڭ كېيىنكى قىسمىتى ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولغاچقا ، ئاخىرىنى يېزىپ يۈرمىدىم . ئۇنىڭ قىسمىتى ھەممىمىزنىڭ قىسمىتى بولۇپ تەكرارلىنىۋاتقىلى ، داۋاملىشىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى . بىزمۇ تەبىئىيلا قۇبۇل قىلىپ بولدۇق . )
    1940- يىللاردا زالىم شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى، ئالتايدىكى قازاق خەلقىنىڭ ، قۇراللىق قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئامال تاپالماي كېلىشىم جوزىسىغا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىغا قاراپ باقايلى .
(سەھىپە ئېتىبارى بىلەن قىسقارتىپ ئېلىنىدۇ .)    بۈگۈن بىر خەنزۇ ئەمەلدار كېلەرمىش ،شىڭ شىسەينىڭ قېيىنئاتىسى دېيىشىدۇ . جانىمقان ھاجى داستىخان سالدۇرۇپ ئۇزاق خەتمەقۇرئان قىلدى . ھاجىنىڭ قىرائىتى ئۈنلۈك، قۇلاققا يېقىملىق ئىدى . كۆپچىلىك جىم ئولتۇرۇپ ئىخلاس بىلەن ئاڭلىدى .
  دەلىلقان:   - خەلق قوزغىلىڭى ، قانلىق ئۇرۇشلار پەقەت كىچىككىنە ئۆرە ئالتايدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتىدۇ ، ھەممىلا يەردە خەلق ئۇرۇشىنىڭ يالقۇنلۇق ئوتلىرى كۆتۈرۈلدى . ئىچكى ئۆلكىلەردىمۇ قانلىق ئېلىشىشلار بولۇۋاتىدۇ . شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىمۇ زوراۋانلىققا قارشى ھەرىكەتلەر باش كۆتۈردى . مۇشۇ ئەھۋال ئاستىدىلا ھۆكۈمەت سىزلەر بىلەن يارىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ . ئەمدى كېلىشىش ياكى كېلىشەلمەسلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىزلەرنىڭ تەلىپىڭىزلارنى قانداق ئورۇندىشىغا باغلىق ،- ئۇ ئۈنىنى كۆتۈرۈپ سۆزلىدى . سۆز ئارىسىدا كۆز قىرىنى جانىمقانغا تاشلاپ قوياتتى . ئۇ بىر ئاز تىنىۋالغاندىن كېيىن :  - شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى قازاق قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرۇپ ، خەلق غېمىدە يۈرگەن پاك يۈرەك ئەزىمەتلەرنى پۈتۈنلەي زىندانغا تاشلاش خىيالىدا بولىۋېدى، قۇدرىتى يەتمىدى . قوزغىلاڭچىلار تىز پۈكمەي كۈرەش قىلدى ، غەلبە دېگەن شۇ ! - دەپ ئاخىرلاشتۇردى سۆزىنى .  ئۇلارنىڭ ئەھمىيەتلىك سۆھبىتى يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەندە ، تالادىن چېرىكلەرنىڭ :   - چىيۇسىلىڭ كەلدى،( شىڭشىسەينىڭ قېيىنئاتىسى) چىيۇسىلىڭ !- دەپ ۋارقىرىغان ئاۋاز كۆتۈرۈلدى .     - بارلىق ئادەم تالاغا چىقىپ قارشى ئالىمىز ، چاۋاك ئۇرۇپ قارشى ئالىمىز !- بىر كىچىك ئوفستېر چىرىكلەرنى قاتارغا تۇرغۇزۇپ پايپېتەك بولۇپ يۈرەتتى . ئىرىسقان قاتارلىقلار ئۆيدىن تالاغا چىقتى . ( ئىرىسقان، ئېسىمقان ،ئاقتېكە، سۇلۇۋباي، سۇلايمان قاتارلىقلار قوزغىلاڭ قۇماندانلىرى ، تىز پۈكمەس ئەزىمەتلەر)  قازاق ئارىسىدىن يالغۇز جانىمقانلا قارشى ئالغۇچىلار قاتارىغا ئۆتتى . ئىرىسقان، ئېسىمقان ۋە باشقا سەردارلار ، جەڭچىلەر ئۆز جايلىرىدا قاراپ تۇرىۋەردى ... (سۆھبەت ئۈستىلىدە)
چىيۇسىلىڭ:  - مەن ھەربىي باشلىق بولغىنىم بىلەن كېلىشىم سۆھبەتلىرىدە قۇرال- ياراغ تۇتمايمەن ، قارشى تەرەپكىمۇ شۇنداق تەلەپ قويىمەن ، بۇنى مۇنۇ جانىمقان ئاقساقال ئوبدان بىلىدۇ ! - دەپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغان جانىمقانغا قارىدى . جانىمقان سىلىڭنىڭ سۆزلىرىنى دەرھال قۇۋۋەتلىدى :   - ھە ، شۇنداق بولىدۇ، سۈلھ -سۆھبەت دېگىنىمىز تىنچلىققا چاقىرىدىغان شۇئار ، قۇرالسىز كېلىش - بېخەتەرلىكنىڭ كاپالىتى !           ئىرىسقان قەغەزگە قارىمىدى ، باداشقىنىنى قۇرۇپ ئولتۇرغان پېتى قوزغالماي سۆزىنى باشلىدى : قازاقلارغىمۇ ئەركىنلىك ، مىللىي باراۋەرلىك بېرىلسە ، ئالتە سىياسەتكە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ . بىزنىڭ ئالتايدىكى ھۆكۈمەت باشلىقى قازاقتىن سايلانسا ، شەرىپقان باشچىلىقىدىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ھايات قالغانلىرى قويۇپ بېرىلىپ ، ئۆلگەنلىرىنىڭ جەسىتى قايتۇرۇلسا ، ئەل ئارىسىغا ئەۋەتىلگەن ساقچى ، پايلاقچىلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، ھەربىي ئىستىھكاملار بۇزۇپ تاشلانسا ، خەلق قولىدىكى قۇرال- ياراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۆزلىرىدە بولسا، خەلق ئۈستىدە بېسىپ تۇرغان ئالۋان-سېلىقلار ئېلىپ تاشلانسا ، دېگەن تەلەپلىرىمىز بار !   ئىسىمقان غەزەپ بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى : ئوتتۇرىغا قويغان شەرت -تەلەپلەرنى ئورۇندىماي ، بېشىمىزدا يەنىلا زوراۋانلىق كالتىكىنى ئوينىتىپ ، يەنىلا ئاياغ- ئاستى قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەنسىلەر ، ئۇ چاغدا قوزغالغان خەلق ئاتتىن چۈشمەيدۇ ،- ئۇ تۈلكىگە ئېتىلغان قىران بۈركۈتتەك غەزەپ بىلەن تىكىلىپ سۆزلىدى ، جانىمقاننىڭ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتەي دەپلا قالدى . ئەمما ئىرىسقان ئۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلماي ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ،- ھۆرمەتلىك ئەپەندىم، ئويلاپ بېقىڭا! بىزمۇ سىزگە ئوخشاش بىر مىللەت خەلقى، بىزمۇ باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇلۇغ ۋەتەن قوينىدا ئەركىن-ئازاد ھايات كەچۈرسەك بولمامدۇ؟ ئەگەر بىلسىڭىز ، سىز ئاكا ، بىز ئىنى، سىز داس-لېگەندە ئاش يېگەندە ، بىزگە چىنە- ئاپقۇردا بەرسىڭىزمۇ ئاز دېمەس ئىدۇق . ئەل -يۇرتۇڭنى ۋەيران قىلىپ، خەلقىڭنى قىرغان ياپون باسقۇنچىلىرىدىنمۇ بەتتەر زىيانداش بولدۇقمۇ بىز ؟ بىزنى ئۆز قوينۇڭغا تارتماي ، سىرتقا تەپسەڭ ، ئېزىش-باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللانساڭ ، خەلق قوزغالماي تۇرالامدۇ ؟ قېنى سېنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكىڭ ؟ ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن سۆزلەپ باققىنا ! - ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاچرايتتى .
  چىيۇسىلىڭ: - بۇ شەرتلەر بىر قىسىم خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولسىمۇ ، ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ، ھەرقانداق ھاكىمىيەتتىمۇ قۇرال-ياراغنى خەلق باشقۇرمايدۇ . قۇرال ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي قوشۇنى بىلەن ساقچىلىرىنىڭ قولىدا بولۇشى لازىم . شۇڭا قۇراللارنى قايتۇرۇپ بەرمەيمىز دېگەن تەلەپ ئورۇنسىز ، ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ ، قۇرال تاپشۇرساڭلار ، قالغان تەلىپىڭلار دەرھال ئىشقا ئاشىدۇ ،- ئۇ ئۆلۈك كۆزلىرىنى ئىرىسقانغا قاراتتى ، - ئالتاينىڭ ھاكىمىيىتىنى قولۇڭلارغا ئېلىپ ، ئۆلكىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ، باشقىچە بىر مۇستەقىل ھاكىمىيەت ئورناتماقچىمۇ سىلەر ، يا؟
   -تەقسىر ۋەتەن قوينىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئايرىم چاڭراق تىكلەپ نەگە بارىمىز ؟ بىزگە ھېچقانداق مۇستەقىللىق ھاجەت ئەمەس. ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلىرىمىزدىمۇ بۇنداق نەرسە يوققۇ؟ ئۆز قېشىڭدىن ئورۇن بېرىپ ، ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ كۆرسەڭ، بىزگە تىز  پاتۇرمىساڭلا بولدى . بىز ساڭا يوقنى بار قىل دەپ يولسىز تەلەپ قويمىدۇق .
  جانىمقان باشلىرىنى لىڭشىتىپ ، سىلكىپ سۆزلەۋاتاتتى :  - ئىرىسقان، ئېسىمقان ئۇكىلىرىم ! - ئەل تولىمۇ ئازاپ چېكىپ كەتتى . سوقۇش دېگەن بىر بالايئاپەت ، كىشىلەرنى ۋابا تەگكەندەك قىرىپ تۈگىتىدۇ . ئوقنىڭ كۆزى يوق ، بۇ قېتىمقى ئېلىشىشتا نۇرغۇن ئەل باتۇرلىرى قازا تاپتى . بىز يارىلىشتىلا ئاز خەلق ئىدۇق ، ئۇرۇش بورانلىرى ئۇرۇق-ئەۋلادىمىزنى قۇرۇتۇۋېتىشى مۇمكىن . شىڭ دوبەننىڭ قۇدرىتى تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆردۈڭلار ، ئۇ قازاق خەلقىنى بەكمۇ يامان كۆرمەيدىكەن . مەن ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدىم . سولاقتىكىلارمۇ كەينى- كەينىدىن قويۇپ بېرىلىۋاتىدۇ ، شەرىپقان ( شىڭ شىسەي ۋەھشىلەرچە قىيناپ ئۆلتۈرگەن) قاتارلىقلارمۇ يېقىندا قايتىپ كېلىدۇ ،بۇ قېتىم مەڭكەينى بەلگىلىگەنىدى ، ئۇ ئۇنىماي بۇقاتنى ئەۋەتتى . شەرتىڭلارغىمۇ ماقۇل بولۇۋاتىدىغۇ . ھۆكۈمەت ئېگىلگەندە بىز غادىيىۋالساق ، غادىيىپ يۈرۈپ كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپ كەتسەك ، كېيىن كىم بىزگە يۆلەك بولىدۇ ؟ خۇداغا ئىشەنسەڭ ، قۇرئانغا ئىشەنسەڭ ، بۇ ھۆكۈمەت زادى ئالدىمايدۇ ، بەرگەن ۋەدىسىدىنمۇ يانمايدۇ . خەلق قولىدىكى قۇراللارنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىپ ، تىنچ ھايات كەچۈرۈش يولىغا كىرسەك توغرا بولۇرمىكىن .   
  ئىرىسقان ، ئىسىمقانلار جىددىي ئويلىنىشتا ئىدى . ھاجىنىڭ "خۇدا، قۇرئان" دېگەن سۆزى مۈرىسىدىن بېسىپ ئېغىر ئويغا سېلىپ قويغانىدى . ئۇ (ئىرىسقان) سەل ئويلىنىپ ئولتۇردى - دە ، ئالدى بىلەن گەپ باشلىدى .
  - ھەتتەڭ ھاجىكە! بۇ ھىيلىگەر ھۆكۈمەت بىرىمىزنى - بىرىمىزگە سېلىپ قويۇۋاتامدۇ ، كىم بىلىدۇ ؟ قۇرال تاپشۇرمىدىڭ دەپ تالاي جانلارنى ئازاپلىدى . بۇرۇن يوق نېمىنى تاپشۇرۇش قانداق تەس بولسا ، ھازىر جېنىمىزنى تىكىپ قويۇپ تارتىۋالغان قۇراللارنى تاپشۇرۇش تېخىمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ ، مۇشۇ قۇراللارنى دەپ تالاي قەھرىمانلىرىمىز بېشىدىن ئايرىلدى . تالاي ئەزىمەتلىرىمىز قول-پۇتىدىن ئايرىلىپ مېيىپ بولدىغۇ! قۇرال قولىمىزدىن كەتكەن كۈنى دۈشمەن قايتىدىن باستۇرۇپ كەلسە ، قىمىر قىلماي جان بېرىشكە توغرا كېلىدۇ ، مۇشۇنى ئويلىغاندا...، ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي تۇرۇپ قالدى.    جانىمقان ھاجى ئۇنىڭغا يامان كۆزى بىلەن قاراپ :  - ھوي بالىلىرىم ! بۆرەكتىن سۆڭەك ئۈندۈرمىسەڭلارچۇ، مېنىڭمۇ قولۇمدا قۇرئانىم ، ئاغزىمدا ئىمانىم بار ، تېنىمدە قازاق قېنىم بار ، ماڭا ئىشەنمەمسىلەر؟ ھۆكۈمەت ئەمدى ئىككى يۈزلىمىلىك قىلمايدۇ ! .
- ئەمچەك سۈتى بىلەن بىللە قانغا، سۆڭەككە ئۆتۈپ سىڭگەن دىني ئىمان ئىرىسقاننى يۇمشىتىۋەتتى . ھاجىنىڭ قۇرئان ، ئىماننى شىپى كەلتۈرۈپ بەرگەن ۋەدىلىرى ئۇنى بىر خىل ئىشىنىشكە يېتەكلەپ دىلىنى بوشىتىۋەتتى . ئۇ ھاجىغا قاراپ :    - ئەگەر قۇراللىرىمىزنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ، خەلق بېشىغا قايتىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ كەلسە ، ئۇۋالىمىز سىزنىڭ بوينىڭىزدا بولىدۇ ، ھاجىم ، خەلق قىساسى ھېچكىمنى قويۇۋەتمەيدۇ !- دېدى سىناپ باققۇسى كېلىپ .
    - ئىنشائاللا ، بەرھەق شۇنداق بولىدۇ ، ئەگەر سىلەرنى ئالدىغان بولسام تا قىيامەت قەيۈمگىچە قولۇڭلار ياقامدا بولسۇن ، بۇنىڭغا ئىمانىم كېپىل ! - جانىمقان قوينىدىكى قۇرئاننى ئېلىپ ، ئىككى قولىنى قۇرئانغا قويدى . ھاجى باشقىلار يەنە باشقىچە گەپ قىلىپ ئىشنى بوزمىسۇن دەپ ئالدىراپ :    _ كۈللى ئالەم ، بارچە ھاياتلىقنىڭ ئىگىسى ئاللا . رەببىم ئاللا چەكسىز مېھىر - شەپقەتكە ئىگە ، مۇھەممەتنىڭ بارلىق ئۈممەتلىرىنى تاللىماي تەڭ رىزقىغا ئىگە قىلىدۇ . بىز پەقەت بىرلا ئاللادىن مەدەت ئېلىپ ياشايمىز، سىلەر بىرلا ئاللاغا ئىشىنىڭلار ، ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى ئالدىماسلىقىغا كۆزۈم يېتىپ ئاندىن كەلدىم ،- دېدى. ھاجىنىڭ سۆزلىرى نەق ، كەسكىن چىقتى. ئاللا! دېگەن نام ھاجىنىڭ ئاغزىدىن كەينى-كەينىدىن چىققاندا ئىرىسقان ، ئىسىمقانلار بار ئىخلاسى بىلەن باش قويدى . قانخور دۈشمەننىڭ قانلىق قىلىچى ئالدىدا ئېگىلمىگەن باشلار ھاجىغا ئېگىلدى . ئۆز مەقسىتىگە ئاسانلا يەتكەن ھاجى مېيىقىدا كۈلۈپ ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى ، داستىخاندىن كېيىن توپتوغرا چىيۇسىلىڭنىڭ ئالدىغا كەتتى . چىيۇسىلىڭ ،" چوڭ چاتاق چىقامدۇ نېمە؟ ھاكىمنى بوغۇزلىۋەتكەن قارا يۈرەك خەلق ماڭىمۇ قول سېلىپ تاشلىمىغىيدى ؟دەپ قورقۇپ ئولتۇراتتى . ھاجى ئالدىراپ كىرىپ : " ئىشىمىز ئوڭغا تارتتى !" دېگەندىلا يەلكىسىدىن بىر تاغ چۈشۈپ كەتكەندەك يېنىكلەپ خۇشال بولۇپ كەتتى . جانىمقاننىڭ دۈمبىسىگە قېقىپ ، قاقاھلاپ كۈلۈپ :    _ يارايسەن قارا باتۇرۇم ! ئالتايدا كۆرسەتكەن خىزمىتىڭ ئۈچۈن دوبەن ئوڭ يېنىدىن ئورۇن بېرىدۇ ، مانا مەن كېپىل ، مەن گۇۋاھ! _ دېدى زالىملىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن قاراپ . ئەمما ، جانىمقان ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىنىڭ كەينىگە نېمىلەر يۇشۇرۇنغانلىقىنى سەزمەيتتى . ئۈمىد شۇڭقارى ئۇنى كۆتۈرۈپ بېرىپ دۇبەننىڭ ئوڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندەك ماز بولۇپ ، سىلىڭغا ئىچىدە دۇئا قىلىپ ئولتۇرىۋەردى .        مەنبە :  " ئىسيان " تارىخىي رومان . ئاپتورى : شايسۇلتان قىزىر .   شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىل 3-ئاي 1-بەشرى، 5-ئاي 1-بېسىلىشى .  كىتاب مەنبەسى، تارىم كىتابخانىسى .    ( تەتىل كۈنلىرىمدىكى تارىخ سۇئاللىرى)  ئەبەي تارىم . 2012-9-22.   (شىخۇ )   
     ئالتە ئوغرى باشلىغان ساۋابلىق ئىشنى ئاخىرى ماركىسىزمدا ئوقىغان نەچچە زىيالى بۇزۇپ قويۇپ تۈزەلمەستىن كۆزى ئوچۇق كەتكىنى...(تەرمىلەر تورىدىن .) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 02:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 03:06:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرنىمىزغا سۇ كىرمەيدىغان مىللەت بىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 03:07:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېز خىمىرلىق تاماقنى كۆپيىگەچ خىمىردەك سۇيۈق بوش ........ياۋاش قوينىڭ گۆشنى يەۋىرىپ قويدەك مۇلايىم بولۇپ قلۋاتامدۇق كىن دەي مەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 03:08:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامال قانچە ، بىز شۇنچىلىك نادان ئىكەنمىز .
بولدى كۆپ سۆزلىمەي .....

قىياس ئۇچۇر تورىغا مەرھەممەت!! www.qiyas.cn  99780397  چ چ توپ نۇمۇرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76601
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4927
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 487 سائەت
تىزىم: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 03:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saba01 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 03:08 PM
ئامال قانچە ، بىز شۇنچىلىك نادان ئىكەنمىز .
بولدى كۆپ س ...

نادانلىقتىن دانالىققا يۈزلەنسەك بولمامدۇ ؟

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 04:41:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توڭ مۇزنىڭ ئۈستىدىن، تىيىلماي -يىقىلماي ئۈتۈپ كىتىدىغانلار مۇ كۆپ.........
ئەبەي تارىم ئەپەندى ، مۇشۇ يىقىننىڭ ياقى مۇنبەرنى سەرخىل تىملىرىڭىز
ئالاھىدە بىزەپ رەڭدارلاشتۇرغىلى تۇردى. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8695
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:41:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەڭ مەيدانىدا يىقىلماي،ئۇستەلدە يىقىلغان خەلقىم ............................

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ANSWER + 33 ئەرەنچە ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

-شۈكرې اللە بەرگەن ھەربېركۈنلرېڭگە!دەرت-ئەلەمدېن ھەرۋاقېت يېراق قېل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4425
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:43:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ...........................................!!!

سەن مەنپەت ئۈچۈن ياشساڭ ،مەن ئادىمىيلك ،ئىنسانيى پەزلەت ئۈچۈن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:49:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھاندا كەم كۈتسىز مىللەت بولغان ئەمەس،ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ قان-ياشلىق مەغلۇبىيەت تارىخى ۋە قەيسىرانە شانلىق تارىخى بولىدۇ.

بىر مىللەتنىڭ ئېچىنىشلىق تارىخى شۇ مىللەتتىكى ھەرقايسى قاتلام زىيالىلىرىنىڭ بىردەك ئازاۋىنى قوزغىيالىسىلا قايغۇ ئاندىن كۈچكە ئايلىنىدۇ، كۈچ-يېڭىلىقنى يارىتىدۇ.
ئەمىلىيەتتە يۇقارقى دىيالۇگلارغا نىسبىتەن قىلىپ ئېيىتقاندا بىز ئازاپنى ھىس قىلىش باسقۇچىدىن ئاللىبۇرۇن ئۆتۇپ كەتكەن بولغىيدۇق ئىلاھىم......


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 05:51 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83608
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 05:55:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن  نەرسىلەردىن  خەۋەردار  بولدۇق  .رەخمەت  ئەمگىگىڭىزگە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش