يىـڭى ئــەزا
تۇنجى قېتىم كۆرگەندە سېنى، ساڭا شەيدا بولغانتىم ئۆزۈم. خىجىل بولۇپ ئېلىپ قاچاتتىڭ، كۆزلىرىڭگە تىكىلسە كۆزۈم. سۆزۈڭ شېرىن ئېدى ھەسەلدەك، كۆزلىرىڭ شوخ بۇلاقنىڭ ئۆزى. پاناھىدا ساقلىسۇن( رەببىم)، گەر تىگىشتىن ياماننىڭ كۆزى. دەل شۇ كۈندىن باشلاندى ئازاب، يۈرىكىمدە ئوت بولۇپ يېنىپ. كېچە-كۈندۈز تىلەپ خۇدادىن، كۆرىۋالسام سېنى بىر قېنىپ. كېچەلىرىم ئۇيقىدىن بىدار، يىتىپ ئۈنسىز تۆكىمەن كۆز ياش. ماڭا قىلغان سوۋغاڭ ئەمەسمۇ، ۋەسلىڭ ئىزدەپ ئۈمىدلىك ياشاش. مەھەللەڭگە بارىمەن كەچتە، ئۇيقۇ قاچسا يېرىم كېچىدە. تەلمۈرىمەن قاچان چىقار دەپ بەلگە بېرىپ تەشۋىش ئىچىدە. مەنبە: كەمىنە دەرۋىش.
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!
پائالىيەتچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ