سۆيگۈ قەسىمى
توختى تۇرسۇن (ۋاپا)
مەنبە :ئۆز قەلىمم
ئۆتمەكتە كۈنلىرىم مىڭ تەشۋىش بىلەن،
ھىجرانلىق ئازاپتۇر ،ھەردەم جۈر ماڭا.
نىچۈن شۇنداقمەن؟جاۋاپ بەر يۈرەك،
كەلدى نىدا «ئاشىقسەن دىل رەبارىڭغا..»،
قەلبىمنى چىڭ بېسىپ تىڭشىسام ئاخىر،
ئاشىقلىق كىسىلى يۇقۇپتۇ ماڭا،
ئىزلىدىم ئەملەشىنىڭ دورسىنى شۇ ئان.
ئىكەنسەن بىرلا سەن قەلبىمگە داۋا.
گوياكى دېڭىزدىن سۈزگەندەك يىڭنە.
ۋۇجۇدۇم دۇنيادىن بىر سىنى ئىزدەر،
ئازاپىلىق سېغىنىش سېلىشىپ چوقان،
قىينايدو دەپ مىنى «سۆيگۈڭنى تېپ بەر»،
چەكسىز ئارمان ئىچرە ئويلايمەن سېنى،
سېنىڭسىز كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن بىدار.
نىمە بۇلۇپ كېتەرمەن ئامرىقىم ،جېنىم،
تېز كېلىپ ،قۇچاقلاپ سۆيسەڭ مىنى يار.
چىن سۆيگۈ ماڭىمۇ بولسىدى نىسىپ،
شاد كۈلسەم ،سەن بىلەن ئۆتسەم بىر ئۆمۈر.
ئۆزگىلەر قارىسا بىزگە ھەۋەستە،
مۇھاببەت بېتىمگە بېسىلسا مۆھۈر.
باغرىمغا چىڭ بېسىپ پۇراپ چېچىڭىنى،
سۆيگۈمنى پىچىرلاپ ،ئەيلىسەم بايان.
كۈزۈمگە تىكىلىپ ،تەبەسسۇم بىلەن ،
قىلساڭتى ماڭىمۇ قەلبىڭنى ئايان.
مەن چالسام يېقىلىق سۆيگۈ كۈيىگە،
ئاڭلىساڭ يېنمدا ئولتۇرۇپ بىر پەس .
ئاھ!بۇ بەختىنى كىم بەردى بىزگە...؟
ئېچىشتى يۈرىكىم ،توختىۋالاي بەس.
سېغىنغان چېغىمدا ئۈنسەڭ يېنىمغا،
كۈرۈنسەڭ كۆكتىكى تولۇن ئاي بۇلۇپ.
بۇلاقتەڭ كۆزۈڭگە تىكىلىپ كۆزۇم،
ساڭا ئاچ ۋۇجۇدۇم لەرزىگە تۇلۇپ.
تويمايمەن شۇ سېنىڭ ئۇماق يۈزۈڭگە،
تويمايمەن ئەگىم قاش ،قارا كۆزۈڭگە.
جېنىمىنى ئېلىپ ھەم يېنىمدا قويغان،
تويمايمەن شاد كۈلگە ،شېرىن سۆزۈڭگە.
يارىشاتتى بىزگىمۇ شۇنداق شاد كۈنلەر ،
قارىشاتتى بىزگە ھەم تىكلگەن كۆزلەر.
ۋەسلىڭگە ئېرىشسەم ھامان بىر كۈنى ،
تاغۇ –تاش ،قۇشلارمۇ زۇۋاندا سۆزلەر.
ئىشەنسەڭ قەلبىمگە سۆيگۈم مەڭگۈلۇك،
تولدۇرغىن قاچامنى سۆيگۈ سەۋرەمگە .
ئاللاھىم بۇ سۆيگۈم بولغاي ئىجابەت ،
بولمىسا شۇ پېتى كەتكەي قەبرەمگە.
2001-يىل 24-ئىيۇن