بىر ئاۋاز
بىر ئاۋاز قىيادىن ئاتتى ئۆزىنى،
قانىدى ئۇرۇلۇپ تاشلاردىن تاشقا.
سۈكۈتى يېرىلدى جىرالارنىڭكى،
سوقۇلۇپ بىر ئاۋاز تاغلاردىن تاغقا.
ياشلىرى تۈگمەننى چۆرگىلىتىدۇ،
ئوت كۆيەر سېغىنىش باياۋىنىدا.
بىر ئاۋاز لەپپىدە ئۆرلىدى كۆككە،
بىر ئاۋاز تىك تۇردى تىك چوقىلاردا.
بىر ئاۋاز شامالدەك كەلدى لەپىلدەپ،
ھەسرەتلەر قالدۇرۇپ كەتتى بىر ئاۋاز.
شاماللار يېشىلدۇر سۆزلەرگە ئوخشاش،
ئىسەدەپ، بۇقۇلداپ يىغلىماقتا ياز.
چېچىڭنىڭ دارىدا ئاقار قانلىرىم
كېچىنىڭ باغىرىدا يارىدار ئۈمىد،
ئازاپنىڭ ئوتىدا كۆيىمەن تۈندە.
كۆزۈڭنىڭ قاراڭغۇ ئورمانلىقىدا،
ئۆلمەكتە پىترىغان قەھرىم جىممىدە.
يۈرىكىم قېتىغا مېھرىڭنى سالدىڭ،
قوللۇرۇم تىترەيدۇ چېچىڭدا دىر-دىر.
خوشلاشتىم سەن بىلەن كۆزلىرىم قىيماي،
قەدەملەر يۆتكەيمەن ئېغىر بەك ئېغىر.
كۆزلىرىڭ تۈن ئىچرە پارلىغان چولپان،
يۈرەككە « پىژژىدە » ئوتىنى ياققار.
ئۈمىدنىڭ لىۋىدە جاننى سايرىتىپ،
چېچىڭنىڭ دارىدا قانلىرىم ئاقار.
كۈنلىرىم ئۆتمەكتە ئوتلۇق ئارماندا
شاماللار باغرىدا ئىسقىرتار گۈلخان،
يۈرەكنى قاماللاپ كۆيدۈرۈپ ئۈتۈپ.
بوغۇلدۇم قاتمۇ-قات دەردكە ، ئەلەمگە،
مەڭگۈلۈك ئارمانلار ئىچىگە چۆكۈپ.
ئۆزۈمنىڭ يۇرتىدا بولدۇم مۇساپىر،
يوقسۇللۇق تاش بولۇپ سوقۇلار ماڭا.
مۇدىھىش جۇدالىق قەلبىمنى غاجاپ،
باغرىمغا ئۇرىلار ئايلىنىپ تاشقا.
ياشايمەن ئىگەمگە قىلىپ تەۋەككۈل،
ئاھ ، كىملەر دۈشمىنىم، كىملەر دوست ماڭا؟
بىر يۈرەك مىڭ پارە بولۇپ ھەر تىنىق،
كۈنلىرىم ئۆتمەكتە ئوتلۇق ئارماندا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 12:26 PM