يايرىم سىنى ئەسلىگەن كۈندە
چىداشلىق بېرىسەن قاچانغىچە يار،
بۇنى سەن پەقەتلا قىلغىن بىر قارار.
مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم بىلىمەن.
خالايدۇ مۇھەببەت شۇڭا ئىختىيار.
ئىختىيار ھەرگىز قۇرۇق گەپ ئەمەس،
مەيلىمنى يۈرۈكۈم ئۆزۈمدىن سورار.
چۈشۈمگە كىرسەڭ ئەگەر سەن ئىنىق،
لەۋلىرىم تەشنا ،لەۋلەرنى شورار.
قالىمەن كۆپ چاغلار تەنھا ۋە يالغۇز،
پىغان ئىچىدە ئارامىم سۇنۇق.
چاغلايمەن شۇچاغدا ئۆزۈمنى يالپۇز،
نىمىشقا شۇنداق يارالغان شورلۇق؟
شورلۇق تۇزنىڭ ئانىسى ئىمىش،
يالغانمۇ راستمۇ بىلمەيمەن پەقەت.
راسلىقنى خالايمەن ئىنتلگىنىم شۇ،
راس بولساڭ يىتىسەن مەقسەتكە ئەبەت.
تىل بىلەن دىل بىلەن چىگىلگەن چىگىك،
يىشىلمەس قول بىلەن ئۇستىلىق بىلەن.
ئوخشاش بۇ ئۇيقۇدا كەلگەن بىر تىنىق،
يىشلىمەس ھەتتا كەسكىنىڭ بىلەن.
كىسىشنى خالىساڭ پىچاق قايچىدا،
ئىشلەتكىن ئۇنى رەختىڭگە پەقەت.
ئويلىما ئۇنداق ئوڭاي ئىشلارنى،
ئىشەنسەڭ ئۆزۈڭ بەختىڭگە پەقەت.
ناز بىلەن ياز بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىم،
كەتتى ئۇ كەلمەسكە قايتىدىن يىنىپ.
تۇتىمەن ئۆزۈمنى بەزلەيمەن پەقەت،
يار سىنى ئەسلىگەن كۇندە بىر تىنىپ.
2012-يىلى سىنتەبىر خاڭجۇ
مەنبە:ئارامى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 11:38 AM