|
|
|
|
دىدارسىز سۆيگۈ
بىلىقىزئەمەتپاك
خىيالىمنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ ،
كېزىپ چىقتىم يانلىرىڭنى سېغىنىپ.
سىرلىرىڭنى يېشەلمىدىم مەن پەقەت،
تۇتاشقاندۇ نەلەرگىدۇ ئاھ ئېزىپ.
كۈلۈپ يۈرسەڭ يانلىرىمدا جانانىم،
بىر لا سەن دەپ كۆز يېشىڭنى يوشۇرۇپ.
بەخىتلىكمەن كۈلۈپ دەيسەن ئۇچراشساق،
چىرايىڭغا كۈلكە زورلاپ نۇرلۇنۇپ.
كۆيۈپسەن يار سەنمۇ مەندەك قەلبىڭدە،
تېتىدىڭمۇ سېغىنىشنىڭ تەمىنى.
مەنمۇ سەندەك ئاھ چېكەرمەن سېنى دەپ ، بىلەرسەنمۇ يار قەلبىمنىڭ زارىنى.
پىنھان تۇتۇپ يۈرەكتىكى ئازاپنى، يۈرىشەمدۇق كۈلكىلەردىن يىراقلاپ، بۇ بەرگىنىڭ سۆيگۈ ياكى ئازاپمۇ، قىلغاندىمەن نىمە يارغا جازالاپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AynaK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 10:10 AM
|
|
|
|
|
|