ئەسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم ئەھلى..ئېلھام نىزام ئەپەندىنىڭ ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىشى ئاساسىدا‹شىنجاڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى› دىگەن كىتاپنى PDF ھالەتتە كىتاپ قىلىپ كەڭ تورداشلارغا سۇندۇم.كىتاپ 1973-يىللىرى شىنجاڭخەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن تەييارلانغان. مەزكۇر كىتاپ ئۇيغۇر تىبابىتى دەسلەپتە ئۆگەنگۈچىلەرگە ئازراق
بولسىمۇخام ماتىرىيال بولار .كىتاپتا 520 خىل شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۆسۈدىغان دورلۇق ئۈسۈملۈكلەر تۇنۇشتۇرۇلغان بۇلۇپئۇلارنى قانداق پەرىق قىلىش،قايسى كىسەلگە قايسى ئۆسۈملۈكنى ئشلىتىش چۈشەندۈرۈلگەن.
كىتاب ئاخىرىدا ئاشۇ ئۆسۈملۈملۈكلەرنىڭ رەڭلىك سىزما رەسىمى قۇشۇپ بىرىلگەن...مەن بەزى ئۆسۈملۈكلەرنى
تۇنىغان بولساممۇ كۆپۈنچە ئۆسۈملۈكلەر نى تازا بىلەلمىدىم..كىتاپنى ئۇقۇش جاريانىدا ھېس قىلغانلىرىم بولسا
كىتاپ ماۋزىدۇڭنىڭ ۋاقتىدا چىققان بولغاچقا كرىش سۆزلىرى سەل بىرقىسىم ئىكەن...ئامما نەق مەزمۇنى شۇنداق
ئىسىل ئىكەن.......كىتاپنىڭ ھەممە يىرىنى ئوقۇپ بۇلۇپ ئويلىنىپ قالدىم. مەن تۇرغان بۇزىمىن ،مەن تۇغۇلغان بۇزىمىن ،مەن دەسسەپ تۇرغان بۇ زىمىن باشتىلا يەرئاستىدىن تارتىپ يەر ئۈستىگىچە گۈھەر، داۋۇ-دەرەختىن تارتىپئاشۇ بىز دەسسەپ ئۆتۈپ كىتۋاتقان مۇشۇ زىمىندىكى بىز ياۋا ئۆت-چۆپكىچە شۇنداق قىممىتى بار جاي ئىكەن..........
مەن مۇنداق بىر ئويغا كىلىپ قالدىم.
تونۇشتۇرۇلغان ئۆسۈملۈك 520خىل بۇلارنىڭ رەڭلىق رەسىمى يوق سىزما رەسىمى بار.ھەربىر خىل ئۆسۈملۇككە بىردىنتورداش مەسئۇل بولۇپ ئاشۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز قىسمى ،غول قىسمى،مىۋىسى،چىچەك شەكلى،كەسمە يۇزى....
دىگەندەك يەرلىرنى چۈشەندۈردىغان رەسىم بىلەن تەمىلىيەلەمدۇق...بەزى ئۆسۈملۈكلەر غۇلجىدا بار ،قەشقەردە يوق،ئالتايدا بار ،چۆچەكتە يوق ...شۇڭا ھەرقايسى جايلاردىكى تورداشلار مۇ ئىشقا قىزىپ قالسا بىرتورداش بىرخىل ئۆسۈملۈكنى بولسىمۇ رەسىمگە تارتىپ تەييار قىلالامدۇق.يۇقارقى شەرىت بۇيچە رەسىم تەييار قىلالىساق مۇشۇ كىتاپنى قايتا رەتلەپ چىقساق دىگەن ئويۇم بار ئىدى.كىيىن ئۆلچەمگە توشقاندىن كىيىن قايتا تارقاتساق
...قالغىنى ياقتۇرغانلار بۇ كىتاپنى چۈشۈرۈپ بىر ئوقۇپ چىقىڭ...
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://1000eb.com/c7a0