تەشنامەن
ماڭماقتىمەن يولۇمدا،مەنزىلىمگە تەشنامەن،
ئەمما مەنزىل سۇس-غۇۋا،يۇرۇقلۇققا تەشنامەن.
كۈنۈم ئۆتتى بىر-بىرلەپ،ئەمما قالغان ئىزىم يوق،
تېڭىرقاشتا قالدىمغۇ،نۇر-نىشانغا تەشنامەن.
باسقان مىنى قارا چۈش،ئازدۇردى ھەم ئەقلىمدىن،
مۇدھىش قارا چۈشۈمدىن ئويغۇنۇشقا تەشنامەن.
دەيدۇ مىنى باشقىلار،ھېچ بىر ئىشتىن غېمى يوق،
ھېچكىم بىلمەس دەردىمنى،سىر-مۇڭداشقا تەشنامەن.
ئۇچتى باشقا ئادەملەر،كائىناتقا يول ئېچىپ،
قالدىم يالغۇز قۇم-چۆلدە،بوستانلىققا تەشنامەن.
يوللار ئاچقان ئەجدادىم،قالدى يەرنىڭ تەكتىدە،
ئەۋلادىمنىڭ بەختىچۈن،يول ئېچىشقا تەشنامەن.
بىلگەن بولساڭ ھالىمنى،ئىبرەت ئالغىن مىنىڭدىن،
مەندەك ئازغۇن ئىنسانغا،زىق بۇلۇشقا تەشنامەن.
- تۇنجى قېتىم ئەسەر يوللىشىم،تۈزىتىش بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 09:46 PM