بانكا كارتىسى رەسمىيەت ھەققى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %40 تۆۋەنلەيدۇ
دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بانكا كارتىسى رەسمىيەت ھەققىنى تەڭشەش لايىھىسى يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەك – ئىچمەك كەسپىدە بانكا كارتىسىنى ئىشلىتىش رەسمىيەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىش ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشقان. مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بانكا كارتىسى رەسمىيەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىش لايىھىسى بالدۇر بولغاندا بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن يولغا قويۇلىدىكەن، كېيىن بولغاندا كېلەر يىلى چاغاندىن بۇرۇن يولغا قويۇلىدىكەن، بانكا كارتىسى رەسمىيەت ھەققى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %40 تۆۋەنلەيدىكەن.
مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىسى يۈ جىن مۇنداق دېدى: بانكا كارتىسى رەسمىيەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىش يېمەك – ئىچمەك، تۈرلۈك ماللار سودىسى ئۈچۈن ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كارتا ئىشلىتىدىغان ئىستېمالچىلار كۆپەيگەن بولسىمۇ، كارتا رەسمىيەت ھەققى بەك يۇقىرى، كەسىپلەر تۆلەيدىغان ھەق ئادىل بولمىغاچقا، يېمەك – ئىچمەك، پارچە سېتىش كەسپى نەپكە ئېرىشەلمىگەنىدى.
ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى تورلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ بانكا كارتىسى بىلەن بانكا ئاتلاپ سودىلىشىش پايدىسىنى تەقسىملەش چارىسى» غا ئاساسلانغاندا، بانكا كارتىسى ئارقىلىق تاپشۇرۇلغان يەككە كەسىپنىڭ ھېسابات رەسمىيەت ھەققىنى تىجارەتچىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ئوخشىمىغان كەسىپنىڭ ھەق ئېلىش نىسبىتى %0.5 تىن %4كىچە بولىدۇ، دېيىلگەن. ئادەتتە، پارچە سېتىش كەسپىنىڭ كارتا رەسمىيەت ھەققى %0.8 – %1 كىچە، تاللا بازىرىنىڭ %0.5، يېمەك – ئىچمەك كەسپىنىڭ % 2 ئىدى.
تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تۈرلۈك ماللار كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا «ۋاڭفۇجىڭ» تۈرلۈك ماللار گۇرۇھى 384 مىليون يۈەن ساپ پايدا ياراتقان، بۇنىڭ ئىچىدە پۇل مۇئامىلە رەسمىيەت ھەققى راسخوتى 50 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8 مىليون يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %18.68 بولغان؛ ئېلىمىزدىكى يېمەك – ئىچمەك كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا «چۈەنجۈدې» نىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ساپ پايدىسى 89 مىليون 830 مىڭ يۈەن، پۇل مۇئامىلە رەسمىيەت ھەققى راسخوتى 6 مىليون 280 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.31 ئاشقان.
يۈ جىن مۇنداق دېدى: كارخانا ئۈچۈن كارتا رەسمىيەت ھەققى ئاز پۇل ئەمەس ، بۇنىڭدىن سىرت بانكا كرېدىت كارتىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كارتا ئىشلىتىدىغان ئىستېمالچىلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، بۇ تۈرلۈك ماللار سودىسى ۋە يېمەك – ئىچمەك كەسپىنىڭ رەسمىيەت ھەققى راسخوتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ كىرىمنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر كارتا رەسمىيەت ھەققى تۆۋەنلىسە، بۇنىڭ كارخانىغا پايدىسى بولىدۇ.
بانكا كارتىسى ساھەسىدىكىلەر بانكا كارتىسى رەسمىيەت ھەققىنى تەڭشەش لايىھىسىگە قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بانكىلارنىڭ نەچچە يۈز مىليارد يۈەنلىك ساپ پايدىسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئاز سان بولسىمۇ، لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كرېدىت كارتىسى تارماقلىرىغا بولغان تەسىرى زور بولىدۇ.
مەنبە : نۇر تورى
http://www.nur.cn/news/2012/09/82491.shtml