مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 527|ئىنكاس: 3

يامانغا ھىچ كىم يولىماس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85179
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-9-18
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 07:08:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۇنى ھەرە پادىشاھى كۆكۈيۈننىڭ ئورمانلىقتا ئۇچرىغانلىكى جان- جانىۋارلارنى چېقىپ ئارام بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇنى تۇتىۋاپتۇ.       كۆكۈيۈن يالغان ۋەدە بىرىپ قۇتۇلماقچى بوپتۇ ،  بىراق ھەرە پادىشاھى ئۇنى ياغاچ،بادرا ۋە ئوت-چۆپ توشۇپ كېلىپ،بىر ئېغىز ئۆي ياساشقا بۇيرۇپتۇ ۋە: _ئەغەر ئۆينى ۋاختىدا پۈتتۇرەلمەيدىكەنسەن،ئورمانلىقتىن ھەيدىۋىتىمەن، _دەپ ئاگاھلاندۇرۇپتۇ.                  كۆكۈيۈن ئۆينى قانداقمۇ ياسارمەن،_دەپ باش قاتۇرۇپ كېتىۋاتسا،ئالدىغا ئات ئۇچراپ قاپتۇ.   كۆكۈيۈن بىچچارە قىياپەتتە:      _ئات ئاكا،بىشىمغا كۈن چۈشتى،ماڭا تاغدىن سەككىز تال ياغاچ ئەكىلىپ بەرسىڭىز،_دەپ يالۋۇرۇپتۇ.  ئات بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئىچىدە:<<كۆكۈيۈن يىل بويى مىنى چىقىپ يۇرسە،مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمەنمۇ؟ياق،مەن ئۇنى ئالداپ قوياي>>دەپ ئويلاپتۇ_دە،بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:        _بولىدۇ،كېيىنرەك ۋاختىم چېقسا،_ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.      كۆكۈيۈن كالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:     كالا ھەدە،چوڭ پالاكەتكە يولۇقتۇم،ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ،تاغدىن 30 تال بادرا توشۇپ بەرگەن بولسىڭىز،_دەپ يېلىنىپتۇ.  كالا بولسا ئۇنىڭ قىلچە رەھىم قىلماي نەشتەر سانجىپ چېقىشلىرىنى كۆز ئالدىغاكەلتۈرۈپتۇ _دە:   _كۆرمىدىڭمۇ مەن ناھايىتى ئالدىراش ،_دېگىنىچە قۇيرۇقىنى تىك قىلىپ چېپىپ كىتىپ قاپتۇ.    كۆكۈيۈن بىر توپ قويلارنىڭ قىشىغا كىلىپ:_قوي دوسلار ،مەن بۇنىڭدىن كىيىن سىلەرنى چاقمايمەن.مەرھەممەت قىلىپ ماڭا بىر باغلامدىن چۆپ توشۇپ  بەرسەڭلار،_دەپ ئۆتۈنۈپتۇ.قويلار ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىگەن بولسىمۇ،ياۋاشلىقىدىن ئۇنىڭ تەلپىنى رەت قىلالماي:   _قېنى،بىز مەسلىھەتلىشىپ كۆرەيلى،_ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ۋە ھەممىسى بېشىنى بىر يەرگە قىلىپ جىم تۇرىۋاپتۇ.  _ ھېچكىم ماڭا ھەمكارلىشىشنى خالىمىدى،دەپ زارلاپتۇ كۆكۈيۈن ھەرە پادىشاھىنىڭ  ئالدىغا كېلىپ ،ھەرە پادىشاھى ئۇنىڭغا:    _سەن ھەر دائىم باشقىلارنىڭ قېنىنى شوراپ كەلدىڭ،شۇڭلاشقا ھېچكىمدىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيسەن!_دەپتۇ ۋە ئۇنى ئورمانلىقتىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ.               يېگانە  قالغان كۆكۈيۈن ھەر يەردە ماكانسىز ئۇچۇپ يۈرۈپتۇ.    تا ھازىرغىچە كۆكۈيۈننى كۆرگەن ئاتلار بېشىنى لىڭشىتىپ يالغاندىن ماقۇل دەيدىكەن،كالىلار قۇيرۇقىنى تىك قىلىپ ئالدىراش چېپىپ كىتىدىكەن،قويلار بولسا باشلىرىنى بىر يەرگە ئېڭىشتۈرۈپ كېڭەش  قىلىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawkiran111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 07:08 PM  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12720
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31713
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4651 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:27:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسى چوڭقۇر ،ئەھمىيەتلىك تېمىكەن...

‹‹ياماندىن يار بويى قاچ››دېگەن بىر ماقال بار بىزدە....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 06:12:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن، ئەلۋەتتە ئىچى يامان ئادەمگە ھىچكىم يولىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەملەر يەنە  بەكلا بەك يوۋاش بولماسلىقىمۇ كېرەك، يوۋاش ئادەم دائىم بوزەك بولغاننى ئاز دەپ، چوڭ-چوڭ ئىشلاردىمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلىشى بەك تەس بولارمىكىن دەيمەن.
بولۇپمۇ ھازىرقى چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقلارنى يەيدىغان دەۋردە بەك يوۋاش بولماستىن ئەقىللىقراق بولغان ياخشىمىكىن.

مەن ئاقىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىدىنمۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.
جاھىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىنىمۇ يېڭىپ باقمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85189
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-9-18
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 01:34:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەۋرىمىزدە  مۇشۇنداق كۆكۈيۈنلەر يوق ئەمەس ،  
مەزمۇنى چوڭقۇر ھەم ياخشى ئىكەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش