ئونغۇتلار
ئونغۇتلار(Öngüt) ئالتۇن خانلىقى دەۋردە چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان نېستۇرى دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغان بىر تۈركى تىللىق قەبىلە بولۇپ "تارىخى رەشىدى"دە:ئالتۇن خانلىقىنىڭ خانى موڭغۇل،كەرەي،نايمان قاتارلىق قەبىلىلەردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بىر زور سېپىل ياساپ نامىنى موڭغۇلچە"unkuh" دەپ ئاتىغان ھەم مەزكۇر قەبىلگە ساقلاشنى بۇيرىغان،شۇنىڭ بىلەن بۇ قەبىلىنىڭ نامى ئۆنگۈت ياكى ئونغۇت(汪古) دەپ ئاتالغان.
مىلادىيە840-يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن يىمىرلگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جەنۇبقا چېكىنىپ تەسكەي تاغ(阴山) ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان.ئۇلارنىڭ سەردارلىرمۇ قوچو ئۇيغۇرلىرغا ئوخشاش بۆگۈ قاغان(仆固俊)نى ئۆزلىرنىڭ ئاساس سالغۇچى ئەجدادى قىلغان.تاڭ سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ئونغۇتلار لى كېيوڭ(李克用)باشچىلىقىدىكى ساتار قەبىلىسى(沙陀部، چۆل تۈركلىرى،تۈركى قەبىلە) بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەن،كېيىن ئۇلار ئۆز-ئارا يۇغۇرلۇپ كېتىلگەچكە،ئۇلار يەنە ئۆزلىرنى جىن بېگى(晋王) لى كېيوڭنىڭ ئەۋلادىلىرى دەپ قارىغان.
ئونغۇتلار كېيىن قىتان خانلىقىغا تەۋە بولغان،جۇرجىتلار قىتان خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن يەنە ئالتۇن خانلىقىغا تەۋە بولغان.بۇ مەزگىلدە ئۇلار يەنە "غەربى يۇرت"تتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى،خانلىقى مۇنقەرز بولغان قىتانلارنى ھەم يېقىن ئەتراپتىكى خەنلەرنى ۋە تاڭغۇتلارنى قوبۇل قىلغان.ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن كېيىن تاتارلار(鞑靼) چۆللۈكنىڭ شىمالىغا خوجا بولغان،شۇڭا چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى قەبىلىلەر بىر مەزگىل ئومۇملاشتۇرلۇپ تاتارلار دەپ ئاتالغان.ئونغۇتلارمۇ تاڭ ۋە بەش دەۋر تارىخ كىتابلىردا تاتارلارنىڭ "باشقا قەبىلىسى" دەپ قارالغان.
ئونغۇتلار ئاساسلىقى تۈركى قەبىلىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ چىراي-تۇرق ۋە ئۆرپ-ئادىتى موڭغۇللاردىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىندۇ.شۇڭا قىتان خانلىقى ۋە ئالتۇن خانلىقى دەۋردە ئۇلارنى موڭغۇل تىللىق قارا تاتارلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاق تاتارلار دەپ ئاتىغان.
12-ئەسىرنىڭ ئاخىردا ئونغۇتلارنىڭ"阿兀思剔吉忽里"(ئۇيغۇرچە نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلمىدىم) ئاكا-ئۇكا سەردارلار ئالتۇن خانلىقى ئۈچۈن چېگرانى قوغدايدۇ ھەم بېيپىڭ بېگى(北平王) دەپ ئاتالغان.1213-يىلى چىڭگىزخان كەرەيلەرنى يوقىتىدۇ،نايمان خانى تايانخان ئونغۇتلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ موڭغۇللارغا بىرلىكتە قارشى تۇرماقچى بولىدۇ،لېكىن"阿兀思" نايمانلارنىڭ مەقسىتىنى چىڭگىزخانغا دەپ قويىدۇ ھەم ئەسكەر چىقىرىپ چىڭگىزخان بىلەن بىللە نايمانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ.چىڭگىزخان ئونغۇتلارنىڭ ئۆزلكىدىن بېقىنغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ "阿兀思" نى ئونغۇتلارنىڭ بەشمىڭ بېگىلىككە تەيىنلەيدۇ ھەم قىزى ئاقاي مەلىكە(阿海公主)نى ياتلىق قىلىدۇ ھەم ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۆزئارا توي قىلىپ دوستلۇقنى ساقلاشقا پۈتىشىدۇ،بىر-بىرنى "ئەندا" ، "قۇدا" دەپ چاقىرشىدۇ.
ئونغۇتلار ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىكى مىللەتلەر ئارىسىدا ياشىغان بولغاچقا ،نۇرغۇنلىرى كۆپ خىل تىللارنى بىلگەن ،مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان،بەزى ئونغۇتلار ھەتتا مەخسۇس تىلماچلىقنى كەسىپ قىلغان.ئونغۇتلارنىڭ كۆپچىلىكى خرىستىئان دىنىنىڭ نېستۇرى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان،ئۆزلىرنىڭ دىنى نامى بولغان،قەبرە تېشىغا كرېست ۋە سۈرىيە ئويما يېزىقلىرنى ئويغان.
مەنبە:بەيدۇ قامۇسى تەرجىمىدە:بىلگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 08:41 PM