سوقار شىۋرىغان ئاچچىق شاماللار،
قات-قات ئورىدى ئېزگۈ خىياللار.
نەشتەر كەبىي سانچىلسىمۇ ئەمما،
سەگىتەلمەس مېنى جۇت بورانلار.
كونا ئورۇندۇق مۇڭسىراپ يالغۇز،
مىسكىن بوۋايدەك تۇراتتى ئۈنسىز.
غەمگە گىرىپتار تەنھا كېچىلەر،
ھەسرەتتە ئۈنچە تۆكەر بىر جۈپ كۆز.
يۇلتۇزلار بىلەن مۇڭدىشىپ ئاخشام،
كۆزلىرىمدە ياش خىيالدا ياتسام.
كۈلۈپ خۇشپىچىم كەلدىڭ يېنىغمغا،
ياڭرىدى شۇئان قەلبىمدە ناخشام.
خىياللار بىلەن ئۆتتى كېچىلەر،
نەچچە ئېچىلىپ توزىدى گۈللەر.
لىكىن كەلمىدىڭ يېنىمغا بىر رەت،
قېنى سەن ماڭا بەرگەن ۋەدىلەر.
قېنى سەن ماڭا بەرگەن ۋەدىلەر،
كۆردۈم چۈشۈمدە نۇرغۇن ئەلچىلەر.
كەلدى توي تارتىپ ئۇيقۇسىز ئاخشام،
كەلدى ھەم ماڭا چەكسىز ئەلەملەر.
مەنبە : ئۆزۈم (تەنھا كۈيلىرى)
ئاپتور مەكىت ناھيىلىك كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپتە