  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					 
 مۇھەببىتىم بىر مۇڭلۇق ناخشا ،  
ئۆتمۈشلىرىم مۇزىكىغا جەم .  
ئېيتتىم بىر پەس كەچمىشلىرىمنى ،  
ئازابىمدىن كۆزلىرىممۇ نەم .   
قىلغان ئىدىڭ بىر چاغ قەلبىمنى ،  
مۇھەببەتكە مۇپتىلا ئاشق .  
بىلىپ كەلگەن ئىدىم مەن باشتا ،  
قەلبىمدە سەن بۈيۈك بىر ناتىق . 
  
ماڭا ئاتاپ ناخشا ئېيتاتتىڭ ،  
كۆزلىرىڭدىن تۆكۈپ ساداقەت .  
ئەستىن چىقماس غەمكىن ئاۋازىڭ ،  
كۈيلىرىڭدە كېتەي تائەبەت .   
قاراپ قالدىم سېنىڭ كەينىڭدىن ,  
كۆزلىرىمدە جۇدالىق يېشىم .  
ئارمان بىلەن كېتىپ يىراققا ،  
نەگە سىغار ئەمدى بۇ بېشىم . 
 
 سۆيگۈلىرىم تۇمانلىق ئىكەن ،  
ئاسمىنىمدا يۇلتۇز كۆرۈنمەس .  
تەقدىر دېگەن شۇ بولسا ئەگەر ،  
بولۇپ كېتەي مەڭگۈ سۆيۈلمەس . 
مەنبە : قەلىمىم  
2009.5.27  ( شاڭخەي) 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |