|
|
|
|
ھۆججەت كېڭەيتىلگەن نامى ھەققىدە
چۈشەنچە
ھۆججەت كېڭەيتىلگەن نامى دىگىنىمىز مەشخۇلات سېستىملىرىنىڭ ھۆججەت فورماتىنى بەلگىلەيدىغان بەلگە ئۇقۇمى. كېڭەيتىلگەن نام ھۆججەت نامى ئارقىسىغا چىكىت قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسلەن: « bilimlar.txt » دىگەن بىر تېكىست ھۆججىتى بولسا « bilimlar » دىگەن ئاساسى ھۆججەت نامى، ئارقىسىدىكى « txt » دىگەن كېڭەيتىلگەن نامىنى كۆرسىتىدۇ.
كۆپ ئۇچىرايدىغان ھۆججەت كېڭەيتىلگەن ناملىرى
doc ــــــ Word ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
wps ــــــ ئالتۇنتاغ شىركىتىنىڭ Wps قورالىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
xls ــــــ Excel ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
ppt ــــــ Powerpoint ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
txt ــــــ تېكىست ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
rar ــــــ WinRAR پىرىسلاش قورالىنىڭ ھۆججەت كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
htm ــــــ HTML تور بىكەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
pdf ــــــ ئېلىكتورونلۇق كىتابنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
dwg ــــــ CAD شەكىل سىزىش قورالىنىڭ ھۆججەت كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
exe ــــــ بىۋاستە قوزغۇلالايدىغان ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
jpg ــــــ رەسىم ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
bmp ــــــ رەسىم ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
swf ــــــ Flash ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىدۇر
ھۆججەتلەرنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى كۆرۈش
كۆپۈنچى ئەھۋاللاردا سىز ئىشلىتىۋاتقان Windows سېستىمىلارنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى يۇشۇلغان بولىدۇ. بۇنىڭ تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن ئېچىپ كۆرەلەيسىز.
يەنە چۈشەنمىگەن ئورۇنلار بولسا ئاستىغا داۋاملىق ئىنكاس يازساڭلار بولىدۇ. تورداشلارنىڭ دەرسلىنى ئاددى كۆرمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن، مەزكۇر تېمىنى يېزىشىم ئۈچۈن 1 سائەت ۋاقتىم كەتتى. مەزكۇر تېمىنى بىر قىسىم كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى ئەمدى ئۆگىنىۋاتقان تورداشلار تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن يېزىلدى.
تېما بىلىملەر تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى
مەنبە: http://www.bilimlar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=6095
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 06:23 PM
|
|
|
|
|
|