مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1026|ئىنكاس: 23

نىياز چاشقان...زۇلەيخا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86566
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7380 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 04:11:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەۋىردىن ھېنىپىدىن



نىياز چاشقان

(ھېكايە)



نىياز چاشقان سەھەر تۇرۇپ  ئېتىنى ھارۋىغا قاتتى . تۆشباغنى مەھكەم باغلاپ ، ئېتىغا مەسلىكى كەلگەندەك كەڭ ئالقانلىرى بىلەن ئاتنىڭ ئۇزۇن يايلىنى يىنىك سىلاپ قويدى. ئوقۇردىكى قوناقنى بىرسى تارتىۋالىدىغاندەك ئالدىراش يەۋاتقان ئات خوش ياقمىغاندەك بېشىنى ئاستا لىڭشىتىپ قويدى . نىياز چاشقان يىراققا سەپەرگە ئاتلىنىدىغاندەك تەييارلىقنى تولىمۇ پۇختا ھەم چاققان قىلاتتى. بىراق ئالدىرىغاندا ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا ماسلاشمىغىنى ئۇنىڭ  جۇدۇنىنى ئورلەتتى .
-بولە ھەي ! ھاڭۋاقتى، ئەزمەڭنى ئەزمەي ، نەرسە كېرەكلەرنى تەييار قىل ،چايدانغا قېنىق  قىلىپ چاي دەملە ،باشقىلار ئۇيقىسىنى ئېچىپ بولغىچە بىز مەھەللىدىن چىقىپ كېتىشىمىز  كېرەك. بولە تېز ،- ئۇنىڭ چۈس،سەپرا مىجەزىگە كۆنۈك ئايالى تۇمشۇقىنى ئۇچلىغىنىچە بىر نېملەرنى دەپ غۇدۇڭشۇپ قويدى .        
نىياز چاشقان ئۆيدىن چىققاندا شەپەق قىزرىپ كۈن چىقىشقا باشلىغانتى. ئىلدام كىتىۋاتقان  ھارۋا بىر خىل مۇزىكا رىتىمىغا چۇشكەندى.كۆركەم بېزەلگەن قۇرۇق ھارۋىنى كۈچىمەيلا تارتىپ كېتىۋاتقان بوز ئات تولىمۇ ھەيۋەت كۆرنەتتى .ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىقلىق قىزىل پۆپەكلىك مىس قوڭغىراق ئاتنىڭ يورغىلىشىدىن توختىماي جىرىڭلايتتى ،توپىلىق كاتاڭ يولدا  ئات پات-پات پۇشقۇرۇپ توپا چىقىرپ كېتىۋاتاتتى. ھارۋىنىڭ ئالدىدا تانىنى چىڭ سىقىمداپ نىياز چاشقان غىڭشىپ ناخشا ئېيتقىنىچە مەغرۇر ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قاپ-قارا قوشما قاشلىرى  ،يوغان قوي كۆزى ، تىنالمىغۇدەك قىلىپ قويۇۋالغان بۇرۇتى بەستىگە تولمۇ ياراشقانىدى .شۇتىدىن يەرگە تىگەيلا دەپ قالغان  ئۇزۇن پۇتى ، ئوزى بىلەن تەڭ توختىماي لىڭشپ تۇراتتى. ھارۋىدىكى يۇغان ئاپقۇر چېنە ،ئىككى تال توقاش، ئۇششاق -چۈششەك يەل- يىمىش سېلىنغان ماتا  خالتا  يۇغان گۈللۈك داستىخانغا يۆگەپ قويۇلغانتى  كېچىدىن ئۇزۇن ئىكەك بىلەن ئىكەكدەپ شەمشەردەك پارقىرىتىۋەتكەن يوغان كەتمىنى كەينى تەرەپتىكى شوتىغا ياتقۇزلۇپ مەھكەم   چىگىپ قويۇلغاندى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى رەت- رەت تىكىلگەن ئېگىز تېرەكلەر  بۇ  توپىلىق كاتاڭ يولدا كۈن نۇرىنى تۇسۇپ سايە تاشلاپ تۇراتتى. يول ياقسىدىكى شىلدىرلاپ   ئېقىۋاتقان سۈپ-سۈزۈك ئېرىق سۈيى ئۇنىڭ قىردىن بالقىپ تۇرغان يالپۇز ،شىۋاق ھىدلىرى ھەممىلا يەرنى خۇشپۇراققا تولدۇرغانىدى .چۇرۇلداپ سايراۋاتقان بوز تورغايلارنىڭ ئاۋازى ھەممە يەردىن ئاڭلىناتتى.ئاۋرالدىن چىققان كۈز شامالى سەھەرنىڭ ئوچۇق  نەمخۇش ھاۋاسى بىلەن بىرلىشىپ كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتى . يول بويى ئورغاق ، ئارا، كەتمەنلىرىنى كۆتىرىۋېلىپ  ئېتىزلىققا ئالدىراش ماڭغان دېھقانلار نىيازغا قاراپ چاقچاق ئارىلاش گەپ سۆرايتى .     
  – ئەتتىگەندە نەگە ماڭدىڭ ھۇي، نىياز ؟ يەنە چاشقان ئۇۋىسىنى كولىغىلى مېڭىپسەندە ؟
- ئېپىڭ بار چاشقان جۇمۇ سەن !
- بىرەر غەزىنىگە ئۇچراپ قالساڭ بىزگىمۇ ‹‹ھايىت ››دەپ قويغىن جۇمۇ !
- پاھ ! نىمدىگەن چىرايلىق ئات بۇ !
- ھارۋىسىمۇ تازا ماس كەپتۇ دېسە ! .
- سېنى ئەمدى نىياز باي دېسەك بولغىدەك !
بۇنداق ماختاش - مەدىھيەلەر ئالدىدا نىياز چاشقان ئۆزىنى غالىب سەركەردىلەردەك ھېس قىلىپ غادايغىنىچە بېشىنى لىڭشىتىپ  قوياتتى . كونىلار دەيتى ، ئۇ خىيال ئارىلاش‹‹ئادەم قۇلاقتىن ، ھايۋان تۆياقتىن›› دەپ بىكار ئېيتمىغانكەن . دۇنيادا خوشامەتنى ياقتۇرمايدىغان ئادەممۇ بارمىدۇ ؟ ئەگەر بىرسى سېنىڭ  ئۇچاڭغا قاراپ، ئاكا چاپىنىڭىز بەك يارشىپتۇ جۇمۇ ، مۇبارەك بولسۇن ! دېسە ياكى چىرايىڭىز پارقىراپ ياشىرىپلا كېتىپسىزغۇ ! كارامەت ئىقتىدارلىق ئادەم جۇمۇ سىز  ، دېگەندەك گەپلەرنى قىلسا ھەر قانداق مۇز چىراي ، بەتبەشىرە ئادەمنىڭمۇ چېھرىگە شۇ زامان كۇلكە يۇگرەيدۇ . بىراق ئۇنىڭ تەييار تاپ خوتۇن –بالىلىرى ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشقا بەل باغلىغاندا چىرايلىق ئىككى ئېغىز گېپى يۇق ، قاپىقىنى تۇرۇپ دومسايغىنىچە ئۇنىڭغا تاپا –تەنە قىلىپ كەيپىياتىنى بۇزاتتى. ساپان سۆرىگەن ئۆكۈزدەك ھېرىپ-ئچىپ ئۆيىگە كەلسە ، مىشكاپ كۆتېرىپ ياردەملىشىدىغانغا ئادەم يوق ، كۆچىدىن كىرمەيدىغان بالىلىرىنى مىڭنى تىللاپ خولۇم- خۇشنىلارنى ياردەمگە چاقىراتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ، بەزىدە بىر يەرلىرى سۇ ئىچمىگەندەك تېرىككەك بولۇپ قالاتتى. بۈگۈنمۇ ئۇ ئۆيدىن چىقىشىدا  ئايالى نەرسە- كېرەكلىرىنى ۋاقتىدا تەييار قىلىپ بەرمىگەننى ئاز دەپ ،ئاق يول تىلەپ ئۇزىتىپ چىقمىغىنى ئۇنىڭ جېنىغا تەگكەنىدى . نىياز چاشقان يول بويى جىمجىت كاتاڭ يولدا مۈگدەك   باسقان ئادەمدەك بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئايىقى چىقماس خىياللار بىلەن كېتىۋاتاتتى. نىمىگىدۇر ئىچى پۇشۇپ پات-پات گەدىنىنى تاتلاپ قۇياتتى .  
دىمىسىمۇ ئۇنى مۇشۇ كەنىتتىكى  توتنىڭ بىرى دېيىشكە بولاتتى. ئۇنىڭ توۋەنكى مەھەللە سىرتىدا قەد كىرىپ تۇرغان ئۇستى قاڭالتىر بىلەن قاپلىنىپ ، پىشايۋانلىرى كوك سىر بىلەن سىرلىنىپ سېلىنغان بەش ئېغىزلىق ئويى يىراقتىن كۆرۈنۇپ  تۇراتتى . پۇتۇن يەرلىرى نەقىش  پاكىز ھەم ئازادە پىشايۋانلىق چايخانىسى، ھەر خىل  سورتلۇق مېۋىلەر ،گۈل-گىياھلار بىلەن تولغان كەڭرى بېغى، ئېغىلدىكى قوي ، كالىلىرى ، كاتەكتىكى توخۇ ، غازلىرى  بىلەن باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇراتتى . بىراق ئۇ   ‹‹ ئارتۇق دۇنيا باشنى  يارمايدۇ .››دىگەندەك  ئۇنىڭ تاپقان –تەرگىنى ئوزىگە ئىشىپ –تىشىپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئۇ چاشقان ئۇۋىسىنى كولاشتىن قول ئۈزمىدى .ئايالىنىڭ تالاي قېتىم دادىسى بولدى  قىلسىلا، بىزگە يەيدىغان ئاشلىق كەم بولمىغاندىكىن ئەمدى چاشقان ئۇۋىسىنى كولىمىسىلا دېگەن ئاغزى ‹‹ ۋاڭڭىدە  ››قىلىپ تەككەن  تەتۈر كاچات بىلەن ئۇجۇقتى . بالىلىرىمۇ  يىغلاپ تۇرۇپ ،- دادا ئەمدى چاشقان ئۇۋىسىنى كولىماڭ ! ساۋاقداشلىرىم زاڭلىق قىلىدىكەن . ئۇلار  يۇزۇمدىن –  يۈزۈمگە زىلامنىڭ دادىسى چاشقان ئۇۋىسىنى كۆلاپ باي بولغان دەپ مازاق قىلدى . دەپ ئېسىلىپ يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ  پىسەنت  قىلمىدى . ئەل -جامائەت ،  تونۇش- بىلىشلىرىمۇ نەچچە قېتىم بۇ ئىشتىن قول ئۇزۇشىنى ئېيتقاندىمۇ ئۇ ‹‹ئىزا يېگىنىم - غىزا يېگىنىم ،دەشنام يېگىنىم  بەش نان يېگىنىم ›› دېگەندەك  شۇنچە سەمىيمىلىك تىمىپ تۇرغان ۋەز – نەسىھەتلەرگە پەرۋامۇ قىلمىدى. بەزىدە  نەسىھەت  قىلغانلارغا ئۆكتەملەرچە تىللاپ ياقىسىدىن ئالغان چاغلىرىمۇ بولدى . خۇددى بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئاتا كەسىپتەك ھېچ قول ئۇزەي دىمىدى. ئەينى يىللاردىكى ئاچارچىلىق چاغلاردا بارچە ئادەم ، ئارپا، قۇناق، يىلتىز يەپ  ئاچارچىلىقنىڭ  دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقاندا ئۇ  تۇن  كېچىلەردە ئوغىرلىقچە ئاق نان، ئوخشىغان لەڭمەن يەپ ئاغزىنى سۈرتىۋېتىپ ئاشۇ كۇلپەتلىك يىللاردىن ساق-سالامەت ئۆتۈۋالدى . شۇ چاغلاردىمۇ ئۇنىڭغا ئەسقاتقىنى دەل مۇشۇ ھۈنىرى بولدى. ئەمدى بۇ كۈنلەرگە ئېرىشكەندە بۇ كەسىپتىن قول ئۇزسۈنمۇ ؟ يازىچە دېھقانچىلىق قىلمەن دەپ جاپا تارتىپ يۈرگىچە كۈزدە ئوبدانراق ئۇۋىدىن بىرنىلا كولىۋالسا  قىشتىن ساق- سالامەت چىققاندىن باشقا سېتىپ خەجلىگىلى پۇل چىقىدۇ . ئەمەسمۇ ؟بۇنداق ئۇۋا كولاپ يۈرگەنلەر يالغۇز مەنلا ئەمەسقۇ ! تۆۋەنكى مەھەلىدىكى ھاشىر پوق مەن ئەقلىمنى بىلسەم مۇشۇ ئىشنى قىلدىكەنغۇ ،بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە بۇ ئىش  ئۇنىڭغا ئاتا مىراسمىش، ئۇنىڭ  تاپقان- تەرگىنىنىڭ ئالدىدا مىنىڭكى قانچىلىكتى؟ بۇ  ئىشنىمۇ توپا- تۇماندىن ،  يامغۇر –يېشىندىن ،تاپا-تەنىدىن قورۇقمايدىغان سەۋر-تاقەتلىك ئادەملەر قىلىدۇ . يىگىرمە نەچچە يىلدىن بويان داۋاملاشتۇرۋاتقان ئىشنى ئاشۇ مۇز  چىراي خوتۇنىنىڭ گېپى بىلەن تاشلىۋەتسۈنمۇ ؟ مۇنداقلا قول ئۈزۈۋەتكىلى  بولدىغان ئىش ئەمەستە بۇ ،-ھەي كالۋا خوتۇن ! تەييار ئاش قورسىقىڭغا  تىپىۋاتىدىغۇ ھەقچان ! نىياز چاشقان ئايقى چىقماس خياللار ئىچىدە مەنزىلىگە قانداق كىلىپ قالغىنىنىمۇ تۇيمىدى . ئۇ بىنەمگە يىقىنلاشقاندا كۈن  تولۇق  كۇتۇرىلگەنتى. يىراقتىن چوخچۇيۇپ تۇرغان ئىگىز دۇڭلۇكتىكى ھەر خىل گۇل-گىيالار ئالتۇن كۇزدە ۋايغا يېتىپ سارغايغان ياپراقلىرى ئوزگىچە  مەنزىرە ھاسىل قىلغانتى. دۇڭدىن  توۋەنگە قارىغاندا تۇرخۇنلىرىدىن  قاپ-قارا ،كۆكۈچ  ئىسلار پۇقىراپ چىقىۋاتقان كىچىككىنە بوستانلىق مەھەللە تەمرەتكىدەك كۆرنەتتى. يىراقتا لەڭ ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان ئەزىم دەريا كۈچلۈك قوياش نۇرىدا كۆزنى چاقاتتى . نىياز چاشقاننىڭ  بۈگۈن كولىماقچى بولغان  جايى دەل مۇشۇ تاغنىڭ  غولىغا جايلاشقان بىنەم ئىدى . بىنەم بۇ يۇرۇتتا  ھەممىگە تونۇش ھېچكىمگىمۇ  تەۋە بولمىغان يامغۇر- يېشىن بىلەن ياشىرىپ ،كوكىرىدىغان مۇنبەت تۇپراقتۇر . ئۇنى تەبىئەتنىڭ سېخىلىق بىلەن سالغان داستىخىنى دىيىشكە بولىدۇ. چۇنكى ئەتىيازدا بۇغداي ، زىغىرلارنى چېچىپ قويسا ، يامغۇر سۈيىدە  دان تۇتقان ساپسېرىق بۇغداي  باشاقلىرى كۈزدە كۆزنى قاماشتۇراتتى. شۇڭلاشقىمۇ  تاغار- تاغارلاپ مول ھوسۇل ئالغان  بىنەمچىلەر ناخشىنى  دوڭ توۋلاپ مەھەللىگە كىرىپ كەلسە، دوقمۇش- دوقمۇشتا  قارت ئويناپ ياكى ئاچچىق موخۇركا چېكىشىپ قىزىق پاراڭغا چۆشكەن بىكارچىلار ھەۋەس،  ھەسەت ئارىلاش قارشىپ كېتەتتى .تۈكۈرۇكلىرىنى غۇرتتىدە يۇتۇپ گەپنىڭ تېمىسىنى يوتكەيتى. شۇ كۈنىلا بۇ ئىشلار پۈتۈن مەھەللىگە بىرسى ئىككى بولۇپ تارىلىپ قىزىق  دوقمۇش پاراڭلىرىغا  ئايلىنىپ كېتەتتى ..
- ئاڭلىدىڭلارمۇ يۇسۇپ ساقال بۇ قېتىم بىنەمدىن 30خو@ بۇغداي ئاپتۇدەك ،
- ئۇ قانچىلىك ئىشتى ، بۇلتۇر ئادىل كالتەك باش ئەتىيازدىلا بىنەمگە چىقىپ كەتكەن كۈزدە تەرەكتۇردا بۇغداي ،زىغىر، ئارپا دېگەننى نەچچە كۈن توشىدى .
‹‹خۇدا بەرسە پەيغەمبەر غىڭ قىلالماپتۇ›› .دېگەن مۇشۇدە ، -قايسى بىر يىلى يارى دودەن بەش مىشكاپ بۇغداينى بىنەمگە چېچىۋىتىپ كۈزدە قۇرۇق قول ساڭگىلاپ كەلمىدىمۇ ،
- خۇدا بەرمىسە بىكار جۇمۇ ؟
- ئاڭلىدىڭلارمۇ غوجى پاختەك  چاشقان ئۇۋىسىنى كولاپ 10خو بۇغداي يىغىپتۇدەك . .
-بىنەمدىكى ئاشلىقنى بۇ چاشقان دېگەن كاساپەت ئۇۋىسىغا توشۇپ بولدىكەندە ؟
- ئەگەر تەلىيىڭ بولۇپ ياخشىراق ئۇۋىدىن بىرنى كولىۋالالىساڭ قىشتىن ساق-سالامەت چىقىۋالغاندىن باشقا سېتىپ خەجلىگىلى پۇلمۇ چىقىپ قالدۇ جۇمۇ  ،
   -كۆرمىدىڭلارمۇ نىياز چاشقانمۇ ئۇۋا كۆلاپ بېيىپ كەتمىدىمۇ  .         
  پاراڭ قىزىغانسېرى بەزەن ئىچى كۇچلۈك سەپرا كىشلەر بوينىنىڭ تومۇرى ئىتىلىپ كېتىدىغاندەك كۈچەپ سۆزلەپلا كېتەتتى .                                
-شۇلارنىمۇ ئادەم دىگىلى بولامدۇ ؟ بۇ نان قېپىلار  ئالتاي يازىچە ئىشلىمەي ناخشا- ساز بىلەن سورۇنمۇ  –سورۇن ئويناپ يازنىڭ مول ھۇسۇللۇق ئالتۇن پەسلىنى بىكار ئۆتكۇزۋىتىدۇ . كۈز كەلگەندە  نومۇس قىلماي بىچارە چاشقانلارنىڭ ئۇۋىسىنى كولاپ رىزقىغا چاڭ سالىدۇ. شۇمۇ ئادەم قىلدىغان ئىشمۇ ! ھەي...
-مەھەللە دوقمۇشى  مىھرى ئىللىق تۇرلۇك ھېكمەتلەرگە تولغان  خاسيەتلىك يەر ! بۇ يەردە ئاڭلىمىغاننى ئاڭلاپ ، كۆرمىگەننى كۆرگىلى بولىدۇ . توختىماي بازار بولۇپ تۇرمۇشقا لازىملىق ھەممە نەرسە سىتىلىدۇ . دىھقانلارغا لۇڭگە،سوپۇن ، ،ناۋات ،كەمپىت ،چاقماق قەندىن تارتىپ گۆش-ياغ ، ئوت –ياش ، نان-تۇز، قوغۇن-تاۋۇز  مۇخۇركىسغىچە ھەممىسى تىپىلىدۇ . جاھاندا بولىۋاتقان  ئاجايىپ-غارايىب يىڭىلىقلار مۇشۇ يەردىن باشلىنىپ مەھەلە ئىچىگە مۇشۇ يەردىن تارقىلىدۇ . كىمنىڭ كالىسى نەچچىنى موزايلىدى . كىمنىڭ ئويگە ئوغرى كىردى .كىمنىڭ ئايالىنىڭ كىم بىلەن چاتىقى بار . كىمنىڭ قىزى -كىمنىڭ ئوغلى  بىلەن قېچىپ كەتتى . تۆۋەنكى مەھەللىدىكى بىرسىگە جىن چاپلىشىۋېلىپ ئاغزى مايماق قۇپۇپتۇ .پالانچىنىڭ خوتۇنى پۇستانچىنىڭ ئېرىنى ئوقىتىۋاپتۇ. پالانچى موللام  قۇرئان ئوقۇغان يەردە شاگىرتلىرىغا پۇل بەرمەي ھەممىنى ئوزى يانچۇقىغا سىلۋالغانمىش ، ئاخشامقى تاۋكادا كىم ئۇتۇپ ،كىم ئۇتتۇردى ... دىگەندەك تۇگىمەس غەيۋەت – شىكايەتلەر ،دىنى تۇس ئالغان جىن ،شەيتانلار ھەققىدىكى ۋەھىمىلىك ھەر خىل رىۋايەتلەر ، ئەپسانە يۇمۇر -چاقچاقلار بىلەن دوقمۇش  تىخىمۇ ئاۋاتلىشىپ بايرام تۈسىگە كىرىدۇ .ئازراقلا يامغۇر –يېشىن ،بوران-چاپقۇن بولدىمۇ ، شۇنى كۇتۇپ تۇرغاندەك  ئېتىز-ئېرىق ئىشىدىن زېرىكىپ ئاران تۇرغان دىھقانلار كۈن  پاتقۇچە ياكى خوتۇن ،باللىرى ئىزدەپ كەلمىگۇچە دوقمۇشتىن كىرمەيدۇ .
نىياز چاشقان بىنەمگە كەلگەندە كۇن نەيزىدەك تىكلىشىپ كەتكەندى . نىياز چاشقان ئېتىنىڭ بىشىنى دوڭنىڭ تەسكەي تەرپىگە بۇراپ ھېچقانچە ماڭمايلا  شۇنداق بىر مەنزىرىنى كوردى . بەش- ئونچە ئائىلە بالا -چاقىلىرى بىلەن چۇقۇرشۇپ دوڭنىڭ بىر يېنىنى كولاپ غاردەك ئېچىۋەتكەنىدى . ئۇزۇن تاياقلارنى كۆتىرىۋالغان ئۇششاق بالىلار  قىززىق ئويۇن ئويناۋاتقاندەك قېچىۋاتقان چاشقانلارنى قوغلاپ  تاش- داڭگال ،  ئۇزۇن تاياقلىرى بىلەن  ئۇرۇپ- دەسسەپ ئۆلتىرىۋاتاتتى . پىتىراپ قىچىشقا ئۇلگۇرەلمىگەن بىچارە چاشقانلار  ئاپئاق چىشلىرىنى كىرىشتۇرۇپ ،چېكىتتەك قاپ-قارا كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەندى . ئۇلار ئولۈك چاشقانلارغا قاراپ ، ھوزۇرلىنىپ كۈلۈشكىنىچە ھېچ ئىش بولمىغاندەك خاتىرجەم يىققان ئولجىلىرىنى تاغارغا قاچىلاۋاتاتتى . -ھۇي ئۆلتۇرماڭلار، ئۇلارنى ئۆلتۈرسەڭلار بىزگە ئاشلىقنى  كىم بىرىدۇ . - ھۇ ،كاللىسىنى قاغا چوقۇۋالغان گىزەندە ساراڭلار !  نىياز چاشقان دۆڭدىن پەسكە قاراپ كۇچەپ ۋارقىردى .                                      
- ھۇي ! نىيازمۇ سەن ؟
-بۇگۇن نېمانداق ۋاق قالدىڭ ؟ بۇ ياقلارنى بىز ئىگىلەپ بولدۇق .سەن كۇلىساڭ ئاۋۇ تەرەپكە بار،  كۈن پېتىش تەرەپكە .ئۇ يەردە ئۇۋا دېگەن ساماندەك، خالغانچە كولىۋالغىن . تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ھاشىر پوقنىڭ ئاۋازىدىن يىرگەنگەن نىياز ئىچى ئاچچىق بولغاندەك نېمە قىلشىنى بىلەلمەي ‹‹ئەستاغپۇرلا ››دېگىنىچە               
كەينىگە ياندى . ئۇلارنىڭ ئاۋازى جىمجىت دالىدا ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.            
   -ۋاي ، بۇ يەردە چاشقان بارئىكەن !  !
- ئەنە يەنە بېرى !...
- قاچتى...تۇتە..تۇت !...
- ئۇرە تاش بىلەن !
- بېشىغا ئۇر !
- يەنجىۋەت !
ۋاي، مەن 5 خو بۇغداي يىغىپتىمەن ! -
-ۋاي، مەن ئىككى مىشكاپ زىغىر يىغىپتىمەن !
--ۋاي مەن بىر مىشكاپ شىمىشكە مىغىزى ...  .
نىياز چاشقان تەسكەيگە كېلىپ ئېتىنى ھارۋىدىن بوشتىپ چۈشەپ قۇيۇۋەتتى. نەرسە كېرەكلىرىنى سايغا ئاستا، رەتلىك قويۇپ يۇغان كەتمىنىنى دولىسىغا ئارتقىنىچە دوڭنىڭ كەينىگە ئوتتى.     
  دۆڭدىن پەسكە قارىغاندا ئىرماش-چىرماش چاشقان  ئىزلىرى ، سان -ساناقسىز كامارلار ئالدىدا بوينىنى تولغاپ ، قۇلاقلىرىنى دىڭگايتقىنىچە توختىماي چىرىلداپ  بىر- بىرىگە خەۋەر بىرىپ ئالدىراش چېپىپ يۇرگەن چاشقانلارغا قاراپ بۇ يەرنى ھەقىقەتەنمۇ چاشقانلار پادىشالىقى  دىيىشكە بولاتتى .      
نىياز چاشقان ئەتراپنى بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن نەدىن باشلاپ كولاش ھەققىدە ئەتراپلىق پىلان تۇزدى . ئادەتتە ئۇ ئۇۋا كۈن نۇرى چۈشكەن تەرەپتە بولسا ئۇ دۆڭنىڭ كەينىگە ئوتۇپ تەسكەي تەرەپتىن كولايتتى. مۇشۇنداق قىلغاندا ۋاقىتنى تىجىگىلى بۇلاتتى . نىياز چاشقان بۇگۇنمۇ شۇنداق قىلدى. ئۇ ئالقىنىغا تۇكۇرۈپ يۇغان كەتمەننى ‹‹بىسمىللا›› دىگىنىچە كۆزلىگەن يېرىگە كۈچەپ ئۇردى .ئۇنىڭ ئىگىز كوتىرىپ سالماق ئۇرىشىدىن مۇنبەت يەر يېرىلىپ چاچىرغان توپىلار يەرگە كاللەك-كاللەك بولۇپ چۇشەتتى . شۇ تاپتا ئۇ ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ بېرىلىپ كولاۋاتاتتى . ئىھ ! خۇدا دەيتتى ئىچىدە تارتقان جاپايىمنىڭ ئەجرىنى ئوزەڭ بەرگىن ، مىنى نائۈمىد قويمىغايسەن . قۇرۇق قول كېتىشىمدىن ئۆزۈڭ ساقلا ! خىيال ،تەشۋىش ئارىلاش چېپىلىۋاتقان كەتمەن بىر دەمدىلا دۆڭنى خېلىلا يۇغان ئېچىۋەتتى .پىشانىسىدىن ئاققان مۇنچاق -مۇنچاق تەر مەڭزىنى بويلاپ يەرگە  چۈشەتتى . كەڭ مورىسگە ماتا كوڭلىكى تەرلەپ چاپلىشىپ كەتكەندى . ئۇ بۇنداق  جاپاغا كۆنگەن، تەييار  ئولجا ئۇچۇن قانچىلىك جاپا تارتسىمۇ قىلچە ۋايساپ قويمايتتى. 20  نەچچە يىللىق ئۇۋا كولاش  تەجىربىسىدىن ئېيتقاندىمۇ قىلغان پەرىزى توغرا چىقىپ قۇرۇق   قول يانمايتى. ھەر قېتىم ھارۋا - ھارۋۇدا بۇغداي ، قوناق زىغىرلارنى توشۇپ ماڭغىنىدا  ئوزىنى جەڭدىن شەرەپ قۇچۇپ قايىتقان سەركەردىدەك ھېس قىلاتتى . شۇڭلاشقىمۇ كۈن چىققاندىن  كۈن پاتقۇچە كولىسىمۇ جاپا دىگەن ئۇنىڭ ئۇچۇن  بەربىر ئىدى . بۇگۇنمۇ  ئۇنىڭ بېرىلىپ كولىشى بىلەن بىرگە تەلىيىمۇ ئوڭچە كەلدى . ئۇ كولىغانسېرى چاشقاننىڭ  بۇرۇتى بىلەن تەڭ ئۇۋا ئاغزى  غاردەك  ئىچىۋىتىلدى .پىتىراپ قېچىۋاتقان چاشقانلارغا ئۇ نەزەرمۇ سىلىپ قويمىدى .دەسلەپتە سىمىز  بىر قانچە بىنەم چاشقىنى ئىغاڭلاپ  چىقىپ قاچتى . ئاندىن  كەينى-كەينىدىن توپ-توپ چاشقانلار  پىتىراپ قېچىشقا باشلىدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە باللىرىنى چىشلىۋىلىپ ئالدىراش يۇتكەۋاتقانلىرىمۇ بار ئىدى . نىياز چاشقان ئۇلارغا نەزەرمۇ سالماي كەتمەننى ئىگىز كۇتىرىپ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەۋەردى. ئۇنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى ئۇ باشقىلاردەك  چاشقاننى ئۆلتۇرمەيتتى. ئۇلارنى ئولتۇرۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن  تولىمۇ ئادالەتسىزلىك  ئىدى. شۇڭا ئۇ ، تالاي قېتىم باشقىلارغا چېچىلىپ.   
-ئاشلىقىنى ئالغاندىن كېيىن بولدى قىلىشمامسەن ! يەنە نېمە دەپ ئۇلارنى ئۆلتىرۇشسەن ؟ دەپ چاپان سېلىپ ، كاناي سىقىشقان چاغلىرىمۇ بولغاندى .
نىياز چاشقان ئەسىردىن ئاشقاندا ئاشلىقلارنى يىغىپ بولدى. چۇنكى ئەقىللىق چاشقان ئاشلىقلارنى ھەر يىگىرمە- ئوتتۇز مىتىر ئارلىققا ئايرىم-ئايرىم قىلىپ ئاز-ئازدىن توكۇپ قۇياتتى .ئىشكىرلەپ كولىغانسىرى پاكىز چەشلەنگەن  دوۋە-دوۋە بۇغدايلار پارقىراپ كۆزىنى قاماشتۇراتتى. ھېرىپ تىلى ساڭگىلاپ قالاي دىگەن نىياز چاشقان ھەر دۇۋە بۇغدايغا قارغانسىرى كۆزلىرى يۇغان ئىچىلىپ بۇرۇن توشۇكلىرى بىردەم كىڭىيپ بىردەم يۇمۇلاتتى .ئۇ يىغىۋالغان بۇغدايلارغا قاراپ ھاردۇقى چىققاندەك بولدى-دە ئەتراپىغا نەزەر سېلىشقا باشلىدى .ئايرىم –ئايرىم كولانغان ئۇۋىلاردا قېرىپ ھالى قالمىغان چاشقانلارمۇ كۆزى ئىچىلمىغانلىرىمۇ ،يارىلىنىپ قېچىشقا ئۇلگىرەلمىگەنلىرىمۇ  شۈكلىشىپ ھىچ بولمىغاندەك بىپەرۋا مۇگداۋاتقانلىرىمۇ بار ئىدى .نىياز چاشقان  بۇ جانىۋارلارغا قاراپ خۇددى ئۇلار گەپ ئۇقىدىغاندەك ، ياكى ئوزى قىلغان ئىشىدىن ئوڭايسىزلىق ھېس قىلغاندەك ئۇلارغا قاراپ پىچىرلىدى  .
-قورۇقماڭلار جانۋارلىرىم ، مەن سىلەرگە چىقىلمايمەن ، مەن پەقەت ئاشلىقنى ئالساملا  بولدىمىنى كەچۇرۇڭلار ، مەن سىلەرنىڭ ئۇۋاڭلارنى بۇزۇۋەتتىم. ئۇنىڭ گېپى چىن يۇرىكىدىن چىقمىغاچقىمۇ تۇگۇلۇپ قېرىپ ھالىدىن كەتكەن چاشقانلار پەرۋامۇ قىلماي بىر جايدا  قوزغالماي ياتاتتى. نىياز چاشقان بۇ جانۋارلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئەقىللىق        ئىكەنلىگىنى  ئوبدان  بىلىدۇ . ئاۋۇ بۇلۇڭدىكىلىرى دىدى ئۇ ئىچىدە  قېرىپ كۈچىدىن قالغان چاشقانلارئۇلار مۇشۇنداق  ئايرىم كۇتىلىدۇ . تاكى ئۇلار بۇ دۇنيادىن كەتكەنگە قەدەر  بالىلىرى ئۇلارنىڭ ھالدىن خەۋەر ئالىدۇ .نىمە يەيمەن دىسە شۇنى تەل قىلىپ بېرىدۇ .ئۇلارغا ئەجەل يەتكەندە ئۇلارنى شۇ جايىغا كۆمۈپ قويۇپ ئۇ تۇشۇكنىڭ ئاغزىنى پۇختا قىلىپ ئېتىۋىتىدۇ .- دە  بۇ   يەردە باشقىلارنىڭ قالايمىقان يول يۇرشىنى ،پائالىيەت ئېلىپ  بېرىشنى چەكلەيدۇ . شۇڭا    ھىساپسىز چۆل چاشقانلىرى ئارسدا دالىغا تاشلىۋىتىلگەن يا كى كۈمۈكسىز قالغان بىرەر تال ئۆلۈك چاشقاننى كۆرگىلى بولمايدۇ .(باشقىلار تەرىپىدىن توكتا ،سۇدا،ئىستا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ) بۇ خۇددى ئىنسانلار ئاتا –ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئۇلارنى ئاخرەتكە ياخشى ئۇزۇتۇپ قويغىنىدەك بىر ئىشتە ئەي ئەقىللىق جانۋار ، نىياز چاشقان ئۇۋىغا بىر قۇر كۆز يۇگۇرتىۋىتىپ ئەكەلگەن مىشكاپلارنىڭ  ئاغزىنى ئاچتى . ئۇ شۇ چاغدا  قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدى-دە داستىخاننى  شوتىسى ئاسمانغا قارىتىپ تىكلەپ  قۇيۇلغان ھارۋىنىڭ ئاستىغا چاققان قىلىپ سالدى.چايداندىكى قىزىق چاينى ئاپقۇر چىنغا لىقلاپ قۇيۇپ ، ناننى يۇغان -يۇغان پارچىلاپ چىلىدى،-دە   پولەپ تۇرۇپ  بىر دەمدىلا پاكىز ئىچىپ تۈگەتتى .قىززىق چاي ئۇنىڭغا  شۇنچىلىك ھۇزۇر ئاتا قىلدىكى پىشانىسىدىن شۇقىراپ تەر قۇيۇلىشقا باشلىدى .ئۇ چايدىن يەنە يېرىم ئاپقۇر قۇيۇپ ئەتراپىغا نەزەر سالغاچ ئالدىرماي ئىچتى .نېرىراقتا پۇتىدىن چۇشەپ  قۇيۇلغان ئات بۇ ئىشلار ئوزى ئۇچۇن مۇناسىۋەتسىزدەك بىشىنى كوتۇرمەي ئوتلاۋاتاتتى . نىياز چاشقان ئالدىرماي چىيىنى ئىچىپ تۇگەتكەندىن كىيىن بارلىق مىشكاپلارغا ئوزى  كۆتۈرەلىگۈدەك يىرىم قىلىپ بۇغداي قاچىلدى . ئاندىن ئاتنى ئەكىلىپ ھارۋىغا  قاتتى . يېرىم مىشكاپلارنى ھارىۋىغا رەتلىك  بېسىۋالغاندىن كېيىن تۆشماي قالغان خالتىلارغا كۇرە  بىلەن لىقلاپ بۇغداي ئۇسۇشقا  باشلىدى . رەتلىك تىزىلغان تاغار-تاغار  بۇغدايلارنى  ياخشى جايلاشتۇرۇپ ئۇزۇن ئارقىنى بىلەن ئۇياقتىن- بۇياققا ئاتىلدۇرۇپ مەھكەم باغلىدى .نىياز چاشقان ئىچ –ئىچىدىن خۇشال ھالدا ھارۋۇسىغا بىر قۇر كۆز يۇگۇرتىۋىتىپ ئاتقا ‹‹چۇھ !››دىگىنىچە تىۋىلغا ساپ قامچىسىنى ھەيۋە قىلدى . تۇيۇقسىز چىققان ‹‹قاسسى››دە ئاۋازدىن چۆچۇگەن ئات  ھارۋۇنى كۇچەپ تارتتى . كاتاڭ يولدا ھارۋا ھازىرلا سۇنۇپ كېتىدىغاندەك غاراسلاپ كەتتى. نىياز چاشقان ئىختىيارسىز ناخشسنى باشلىۋەتتى .ئۇنىڭ مۇڭلۇق ھەم جاراڭلىق ئاۋازى كەڭرى سايدا ئەكىس سادا پەيدا        قىلىپ كۇز شامىلى بىلەن بىللە يىراق-يىراقلارغا كىتەتتى .


ئېتىمنى قامچىلاپ ئۆتتۇم ،
بۆلۈكەي غولى بىلەن  .  
ئوينىساڭ تۈزۈك ئوينا ،
ھەر ئېشنىڭ يولى بىلەن  .

نىياز چاشقان مەھەللىگە كىرىپ كەلگەندە مەھەللە مەسچىتىدىن خۇپتەنگە ئەزان چىقتى .   ئۇ ئەكەلگەن بۇغدايلارنى خوتۇن –بالىلىرغا ۋارقىراپ –جاقىراپ يۇرۇپ ئۇلارنىڭ ياردىمىدە پېشايۋان ئاستىغا رەتلىك قىلىپ بېسىۋالدى . ھەمدە ئېغىر ھاردۇق يەتكەن ئادەمدەك  پىشايۋان ئاستىدىكى جىن چىراق يورىقىدا قېلىن ھەم ئۇزۇن يىكەنداز ئۇستىگە چىقىپ ، مامۇق ياستۇققا يۆلەنگەچ ئۇزۇن بۈركۈت قانىتىدىن ياسالغان يەلپىگۈچ بىلەن ئوزىنى يەلپۈگەچ ئىككى پۇتىنى ئالماپ بىردەم ياتتى . ئاندىن ئايالى تەييار قىلغان كۆلگە يوتقاننى تاشلىۋەتكەندەك قېلىن قايماقلىق ئەتكەن چاينى تەرلەپ ئولتۇرۇپ ئىچتى . ھەمدە ئەكەلگەن ئولجىلىرىغا قاراپ ،
‹‹ جاپانىڭ تېگى راھەت ››دېگەن مۇشۇدە،- دېدى ئۇ ئايالىغا قاراپ كۇلۇمسىرەپ ،
ۋاسىجۇپ قىلىنىپ  سىلىنغان پېشايۋان ئاستىدىكى لامپا يۇرىقىدا بۆشۈكتىكى نەۋرىسىنى ئەركىلىتىپ ئولتۇرغان ئۇرۇق قارامتۇل خوتۇن ئۇنىڭغا قاراپ تەنە ئارىلاش ،
-خۇدايىم سىزنىڭ رىسقىڭىزنى ئاجايىپ كەڭ ھەم مول قىلۋەتكەن ئادەم جۇمۇ سىز ، دېدى . ئاسماندا كۇلۇپ تۇرغان ئون بەش كۇنلۇك تولۇن ئاي ئۇلارنىڭ گېپىنى قېتىقىنىپ تىڭشاۋاتقاندەك ئالتۇن نۇرىنى ئايىماي سېپەتتى ، نەلەردىندۇر چېكەتكىلەرنىڭ  ئۇزۇلدۇرمەي چىرىلدىشى بىلەن پاقىلارنىڭ كورۇلدىغان ئاۋازى كىلەتتى. مەھەللىنى ئايلىنىپ ئوتكەن كەڭ ئېرىق سۇيىنىڭ ئۆركەشلىگەن ئاۋازى بىلەن بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىدىكى لالما ئىتلارنىڭ قاۋغان ئاۋازى ئىنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى . پاختەكتەك يوغانلىقتىكى شەپەرەڭلەرنىڭ تۇيۇقسز قۇلاق تۈۋىدىن ئۇچۇپ يۈرۇىشى ئالتۇن كۈزنىڭ مول ھۇسۇللۇق پەيىتلىرىدىن دېرەك بېرەتتى . نىياز چاشقان ھارغىن ئېغىر بەدىنىنى كۆتىرىپ سارايغا كىرىپ يېتىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقاندا، يىراقتىكى ئېگىز دۆڭلۈكتە قىيامەت- قايىم بولغاندەك مىليۇنلىغان چاشقانلار توپىنىڭ قىساس ئېلىش ئۈچۈن ئاجايىپ پىلانلارنى تۇزۇۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتى .  
شۇ تاپتا ئوي- ماكانىدىن ،ئۆزۇق- تۆلۈگىدىن ئايرىلىپ قەلبى قىساسقا تۆلغان مىڭلىغان، مىليۇنلىغان چاشقانلار توپى بىر يەرگە جەم بولغاندى .
- كۆپچىلىك ! دېدى- ئۇزۇن بۇرۇت ،ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق يۇغان قۇلاق قېرى چاشقان جىددى مۇراجىئەت قىلىپ ،بۈگۈن بىز قايغۇلۇق ھالدا شۇنى جاكالايمىزكى،  شۇ تاپتا  ھەممىمىزنىڭ يۇركى لەختە قانغا ئايلىنىپ قىساس ئوتى ۋۇجۇدىمىزدا ۋولقان كەبى يانماقتا . كۆز ياشلىرىمىز يامغۇر كەبى قۇيۇلۇپ ،بىر نىيەت بىر مەقسەتتە باش قوشۇپ  تۇرۇپتىمىز . بىز ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىق ئېغىر تالاپەتكە ئۇچۇراپ كەلدۇق ، ئىپلاس جان باقتىلار ئوي -ماكانلىرىمىزدىن ئايرىپ ،مىڭ تەستە جەملىگەن ئوزۇق تۇلۇگىمىزنى ،بۇلاڭ- تالاڭ قىلغاندىن باشقا ، ئاكا- ئۇكا، ئاچا –سىڭىل قېرىنداشلىرىمىزدىن، ئاتا- ئانىلىرىمىزدىن باشقا پېشقەدەم مۆيسىپىت ئۇلۇغ پەدەرلىرىمىزدىن ۋاقىتسىزلا ئايرىدى . ئۇلار كۆز ئالدىمىزدىلا شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ئولتىرىلدى . دۇنياغا ئەمدىلا كۇز ئاچقان نارسىدىلەرمۇ بۇ قىرغىندىن ئامان قالمىدى .ئۇلارتىخى سۈت ئىمىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ تاياق- توقماقلىرى ، كەتمەن- گۈرجەكلىرى  قاتتىق ئاياغلىرى ئاستىدا يەنچىلىپ پاجىئەلىك ئولتۈرىلدى. بىز ئۇلارنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى، ئۇزۇن تاياقلىرى ئالدىدا ئامالسىز بۇ دەشەتلىك  قىرغىنغا قاراپ تۇردۇق .ئۇلار بىزنى نەدە كۆرسە شۇ يەردە ئولتۇردى . يولىمىزغا قاپقان   قۇرۇپ  قول –پۇت لىرىمىزدىن ئايرىدى. مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئىستا ،توكتا ،سۇدا ،تۇنجۇقتۇرلۇپ ۋەھشىلەرچە ئولتىرىلدى. ھەتتا بەزى قېرىنداشلىرىمىزنى قىلدىغان ئىش يۇقتەك  ياغقا چىللاپ ئوت قۇيۇپ كۆڭۇل ئىچىشتى .ئۇلارنىڭ ئاچچىق نىدالىرى ھىلىمۇ قۇلاق تۇۋىمىزدىن كەتمەيدۇ . بۇرۇن ئۇلۇغ بوۋىمىز ئاق باشخان ،- بۇ ئىپلاس ئىنسانلارغا قارشى قوشۇن تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ دەككىسىنى شۇنداق بىرىپتىكەنكى ئەييۇھانناس !... ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنى قۇرۇتۇپ ، ئاشلىق ساڭلىرنى،  ئايۋان -سارايلىرىنى ئۆتمە تۆشۇك قىلىپ دۇم كۆمتۇرۇۋىتىپتىكەن. ھەتتا مىڭلىغان پىدائىيلار كۆلنىڭ تۇۋىنى كولاپ بۇ ئىنسانلارنى ئوي –ماكانلىرى ، بالا- چاقىلىرى بىلەن بىللە  سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ يوق قىلغانكەن،  شۇندىن كېيىن خېلى زامانلارغىچە ئۇلارغا ھېچكىم زورلۇق قىلالماي نەچچە ئەسىر خاتىرجەم ياشاپتىكەنمىز . بۈگۈن بىز شۇ ئۇلۇغ پەدەرلىرىمىزنىڭ روھىدىن مەدەت ئېلىپ ئۇلارنىڭ جەڭ قىلىش تاكتىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ ،بۇ ئەبلەخلەرگە شۇنداق زەربە بىرەيلىكى ئۇلار  ئۇيقىسىنى ئىچىپ بولغىچە ئۆزلىرىنىڭ نىمە بولۇپ  كەتكىننى تۇيمايلا قالسۇن .ئەمما شۇنى بىلىشىمىز زۆروركى بارلىق ئىنسانلارنىڭ  ھەممىسىلا بىزنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانىمىز ئەمەس ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ناھايىتى رەھىمدىل ،ئاق كوڭۇل ياخشىلىرى كۆپ .بىز پەقەت بىزگە چېقىلغان ،بىزنىڭ تىنىچ -ئامانلىقىمىزنى بۇزغان ئاشۇ رەھىمسىز نىياز چاشقانغا ، ھاشىر پوققا ،سىدىق چايان ۋە ئۇنىڭ بالا -چاقىلىرىغا ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەرگىلا ھۇجۇم قىلىمىز ،ئۇلاردىن قان –قەرزىمىزنى  ئالماي قويمايمىز ! بولدى بەس قېرىنداشلار !...  يىراق- يېقىندىكى بارلىق قىساسكار قېرىنداشلىرىمىزغا جىددى خەۋەر قىلىپ ئۇلارنىمۇ  بۇ جەڭدىن ۋاقىپلاندۇرايلى ! ئەتە تاڭ سۇزلىشى بىلەن بىز ھۇجۇمنى باشلايمىز ، قېرىنداشلار ! ھەممىمىز بىر نىيەت  ، بىر مەقسەتتە جەڭگە ئاتلىنايلى ! ئالغا، ئالغا....  دېگەن دەشەتلىك ئەكس سادا بىپايان دالىنىڭ چوڭقۇر يەر ئاستىدىن قاڭقىپ چىقىپ ئېگىز تاغلارنىڭ ئۇستىدىكى يۇغان قۇرام تاشلارنى غۇللىتىۋەتتى . ئەڭ ئاۋۋال بىر گۇرۇپپا چاشقان نىيازنىڭ ھارۋىسىنىڭ ئىزىدىن پۇراپ تېپىپ قوغلاپ ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك قورۇسىغىچە كىردى .ئۇلار چارلىمىغان كۆمۇرخانا، ئايۋان – ساراي ، ئاشلىق-  ياغ ئىسكىلاتى، ئېغىل ، توخۇ ، كاتەكلىرى قالمىدى. بارلىق قورۇنى تەپسىلى كۈزىتىپ تولۇق خەرىتىگە ئالدى .نەدىن قانداق تېشىپ ئوينى ۋەيران قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى  . ھەمدە  چوڭ قوشۇنغا خەۋەر بېرىش ئۈچۈن ئالدىراش يولغا چىقتى .
سەھەرگە يېقىن  ياققان سىم-سىم يامغۇر  دەل-دەرەخ ،گۇل-گىيالارنىڭ ياپرىقىدىكى  توپا چاڭنى يۇيۇپ تەبىئەت ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەندى. مىڭلىغان-مىليۇنلىغان چاشقانلار توپى دۆڭدىن چۈشۈۋاتقاندا يول ياقىسىدا ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرغان يولۇچىلار، نەپسى بالا كېپەن ئوغرىلىرى ،بايلىق ئىزدەپ ھالى قالمىغان ئاچكۆز تاشچى- ياغاچچىلار ، بىنەمنىڭ ۋاشاڭ قىلىنغان يېرىدە باشاق تېرىۋاتقان مېھنەتكەش نامرات دېھقانلارمۇ يىراقتىن قاراپ ياقىسىنى چىشلىگىنىچە ھەر خىل قىياسلارنى قىلشاتتى .
- چاشقانلار كۆچۈۋېتىپتۇ .بۇنداق چاغدا ئۇلارغا يىقىنلىشىش تولمۇ خەتەرلىك ،
- چېقىلسا قارغىش تۇتىدۇ . .
- ياق بۇلار چوقۇم  بىر يەرگە ئاپەت سالغىلى ماڭدى.
- يەر تەۋرەمدۇ يا ، دادام شۇنداق دېگەن يەر تەۋرەشنى چاشقانلار ئەڭ ئاۋۋال بىلىدىكەن . .
- بۇ جانىۋار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ ئۇزاق ئۆمۇر كۆرىدۇ . .
- ساماۋى كىتابلاردىكى كۆرگەن يەردە ئۆلتۈرۋېتىشكە بۇيرۇلغان  ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە چاشقان بىرنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . .
- 12مۆچەلنىڭ بېشىىمۇ چاشقان بىلەن باشلىنىدۇ . .
- چاشقان بۇرۇن قارغىشقا كەتكەن ئادەممىش ،
- نوھ ئەلەيھسسالامنىڭ كېمىسىنى تېشىپ سۇدا غەرق قىلماقچى بولغاندا سېزىلىپ قالغانمىش،
- ئالىملار دۇرا ياساش ئۇچۇن ئاۋۋال چاشقانغا سىناق قىلىپ ئاندىن ئادەمگە ئىشلىتەرمىش ،
-تەبىئەتتىكى ئەڭ ئەقىللىق جانىۋار ،چاشقاننىڭ ئادەملەر بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاقلىقى بار ، .
- پاھ ! نېمدىگەن ھەيۋەتلىك قوشۇن-ھە ،
- قارا ئاۋۇ ئەجەب يۇغان چاشقانكىنا ،
- ماياقتىكىسىنىڭ قۇيرىقى ئەجەب ئۇزۇنكەن دېسە ،
- قارا ئاۋۇنىڭ قۇلقىنىڭ يۇغانلىقىنى ،سېرىق چاشقان ، تۇلۇم چاشقان ،قۇملۇق چاشقىنى ،ئاق چاشقان، قار چاشقان پۈتۈن چاشقانلار يېغىلىپتۇ دېسە ، ئۇلار ھاڭۋېقىپ قاراپ بەس-بەس بىلەن مۇنازىرگە چۈشۈۋاتقاندا  بۇ ھەيۋەتلىك قوشۇن چاقماقتەك تېزلىك بىلەن دۆڭىدىن ھالقىپ تۆۋەنگە قاراپ شىددەت بىلەن يۈرۈپ كەتتى .قەدىمىي توپىلىق يولدا ئۇلار قالدۇرغان سانسىزلىغان ئىرماش-چىرماش  ئىزلار  بۇيەردىن ئوتكەن چۇڭ بىر قۇشۇننىڭ يادنامىسى سۇپىتىدە  قالدى . ئۇلار يول بويى ئالدىغا ئۇچىرغانلىكى جانلىقلارنى قۇرۇتۇپ ماڭاتتى . ئېتىزلىققا باغلاپ قۇيغان يۇغان بىر ئۆكۇزنىڭ قېشىدىن ئۆتىۋىدى ئۆكۇز قۇرۇق سۆڭەككە ئايلىنىپ تاراقشىپ چۇشتى. بۇنى كۆرگەن باغلاقتىكى ئېشەك شۇنچىلىك ئەنسىز ھاڭىردىكى يىراقتىكى خىلۋەت مەھەللىدە توخۇ،  غازدىن تارتىپ ، ئىت، ئىشەكلەرگىچە ھەممىسى بەس-بەس بىلەن قاۋاپ، غاقىلداپ  ھاڭراپ كېتىشتى . ۋاشاڭ قىلىنغان تاۋۇزلۇق ، ئېتىزلاردىكى ئات ،كالا، قۇي پادىلىىرى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك پىتىراپ قاچقىنىچە ئوزنى دالدىغا ئىلىشتى . بىر دەمدىلا پەيدا بولغان تاپ قۇشلىرى بوشلۇقتا قاناتلىرىنى كەڭ كېرىپ تەييار ئولجا يېيىش ئۈچۈن پىقىراپ يۈرىشەتتى .
ئۇيقۇسىغا قانغان نىياز چاشقان ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆتىگىنى كىيىش ئۈچۈن بىر پۇتىنى سالدى ،- دە‹‹ ۋايجان›› دەپ توۋلىغىنىچە ئوتۇكنى تاشلاپ ئوزىنى تالاغا ئاتتى .ئوتوك ئىچىدە يۇغان بىر چاشقان ئۇنى ساقلاپ تۇرغاندەك ئۇنىڭ پۇت  بارمىقىنى قاتتىق  چىشلىۋالغانىدى . ئېرىنىڭ قاتتىق ۋاقىرغىنىنى ئاڭقىرالمىغان خوتۇنى كۆزىنى يېرىم ئېچىپ بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى . كەينىدىنلا بۆشۈكتىكى نەۋرىسى تۇيۇقسىز قىقىراپ كەتتى . ئۇيقىسىغا قانمىغان ئانا بالىنى بۆشۈكتىن ئالدىراش يەشمەكچى بولۇپ چۇچۇپ كەتتى . بالنىڭ باش كۆزى قېپ-قىزىل قان بىلەن بويالغاندى ،جان يېرى ئۇزۇۋېتىلگەن ،پۇت -قۇل بارماقلىرى  كېسىپ ئېلىۋەتكەندەك تۆۋىدىن قىرقىۋىتىلگەندى .بالنىڭ چىرايى كۇكۇرۇپ بىر دەمدىلا ئۇنى ئۇچتى .
- ۋاي نىمە بالا بۇ !
- ۋاي نىمە ئالامەت ،ئادەم بارمۇ،  قۇتقۇزۇڭلار !
ئانا ئۆزىنى تالاغا ئاتتى .سۈت ئۇيقۇدا ياتقان  مەھەللە- كوي ئەتىگەندە ئاڭلانغان ئەنسىز قاتتىق ئاۋازدىن چۆچۈپ چاچراپ تۇرۇپ كىتىشتى . ھويلا ئىچىدە دەسسىگۈدەك يەر يۇق ،ھەممىلا يەر پىتراپ يۇرگەن چاشقانلار بىلەن تولغاندى . بىر دەمدىلا مەھەللە ئىچى ئۆرە- تۆپە بولۇپ ئەنسىزچىلىككە چۇشتى . نىياز چاشقان نېمە قىلشىنى بىلەلمەي شۇ قاچقىنىچە يول بويدىكى كەڭرى ئېرىقتىن ئاتلاپ ئوتۇپ سۇغا يېرىم چىلاغلىق يۇغان تاشنى دەسسەپ ئويىگە ھاڭۋاققىنىچە تامدەك تاتىرىپ كەچ كۈزدىكى يوپۇرماقتەك تىتىرەپ تۇراتتى . بىر دەمدىلا پات-پاراق بولغان مەھەللە –كۇيلار كۆزلىرىنى ئۇۋلۇشۇپ بىردىن ئىككىدىن يىغىلىپ بۇ تۇيۇقسىز ئاپەتتىن ھەيرانۇ ھەس  بولغان ھالدا نىيازنىڭ يېنىدا ھاڭۋىقىپ  قاراپ تۇرشاتتى . ئەسەبىلەشكەن لەكمىڭ چاشقانلار ئۆگزىدىن تارتىپ تونۇر بېشىغىچە ھەممىلا يەرنى چىشلەپ ، غاجاپ پىتىراپ يۇرشەتتى . تۇيۇقسىز قورۇ تېمى دېيىشىۋالغاندەك بىرنىڭ كەينىدىن بىرى كەينى- كەينىدىن ئۆرۇلۈپ چۇشۇشكە باشلىدى .قويۇق ئاق تۇپا قۇرۇنى بىر ئالدى .پېشايۋان تۈۋرۈكلىرى غاراسلاپ سۇنۇپ قىڭغايدى .ئۈستى قاڭالتىرلىق قىلىپ سىلىنغان ئىككى قەۋەت ئايۋان-ساراي خۇددى ئاسماندىن گىگانت تاش ئۇچۇپ كېلىپ تەگكەندەك غاراس-غۇرۇس قىلغىنىچە دۇم كۆمتۈرۇىلدى . ۋاسىجۇپ قىلىنغان نەقىشلىك پېشايۋان تۈۋرۈكلىرى ئارسىدىكى ياۋا كەپتەر باچكىلىرى ،قالغاچ بالىلىرى ئېچىنىشلىق چىقىراپ، بۇقۇلدىغىنىچە تۇپا -تۇمان ئارسىدا قالدى . ئېغىل، كومۇرخانلارمۇ كەينى- كەينىدىن ئۆرۈلدى . تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ كەتكەندەك ھەممە نەرسە سۇنۇپ -چېقىلىپ غاز، ئۆردەكلەر، غاقىلداپ ئات، ئېشەكلەر ھاڭراپ ،كىشنەپ كالا، قۇيلار مەرەپ- مۆرەپ دېگەندەك ھەممىسىنىڭ ئۇنى ئۆچتى .يوغان قورۇدىكى ھەرخىل گۈل-گىياھلار ،مېۋىلىك دەل- دەرەخ تال باراڭلارنىڭ يىلتىزلىرىمۇ غاجىلىنىپ قورۇق كۆتەككە ئايلاندۇرلۇپ قۇيۇلغاندى .يول بويىدا ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرغان مەھەللە جامائىتى ياقىسىنى چىشلىگىنىچە توۋا دېسە، توۋا دەپ بويۇنلىرىنى سۈزۇشۇپ  ،ئۇزۇن -قىسقا چاپانلىرىنى يېپىنچاقلىغىنىچە ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇراتتى . بىچارە نىياز چاشقان نېمە قىلشىنى بىلەلمەي ، كۆزلىرى يىغلاپ  قىزىرىپ ئۇنلىرى پۇتۇپ كەتكەن خوتۇن-بالىلىرىغا  كايىدى . - ئۈنۈڭنى ئۈچۇرۇش بولمىسا تىلىڭنى كېسىپ تاشلايمەن !  ھەش -پەش دېگۇچە خارابىلىككە ئايلانغان يۇغان قورۇدا بىرەر تال چاشقانمۇ قالمىغاندى. ئۇلار بىنەمدىن قانداق تىز ھەم ھەيۋەت بىلەن باستۇرۇپ چۇشكەن بولسا مەقسەتلىرىگە يېتىپ بولۇشقاندىن كېيىن بىر نەچچە مېنۇت ئىچىدىلا يەنە شۇنداق تىزلىك بىلەن كۆزدىن غايىپ بولۇشقاندى . قاتتىق يەر تەۋرەشتىن ئامان قالغاندەك شۈمشەيگەن  نىياز چاشقان تەلپىكىنى تىزىغا كەيدۈرۈپ يۇغان بىر تاش ئۇستىدە خارابىلىققا ئايلانغان قۇرۇسىغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا چۈشكەندى .ئاھ ! خۇدا دېدى ئۇ قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپ ئويغانغان ئادەمدەك ئېسىگە كىلىپ ،- بۇ ئوڭۇممۇ چۈشۈممۈ ؟ مەن چۈش كۆرمىگەندىمەن -ھە ! توۋا ئادەم قوبۇل قىلغۇسىز مۇنداقمۇ رېئاللىقلار بولىدىكەن دېسە،ھېچكىمنىڭ ھەققى ھېچكىمدە قالمايدۇ . دېگەندەك كىشنىڭ ھەققىگە چاڭ سالغانغا تويە مانا،‹‹ھەممە گۇناھ ئۆزەمدە تۇرۇپ قاپ كۆتۇرۇپ نەگە باراي›› دىگەندەك ئەمدى كىمگە ھال ئېيتىمەن ،كىمگە يىغلايمەن. ئۇ ئويلىغانسېرى خىيالى چىگىشلىشىپ كېتىۋاتاتتى ، ئەينى چاغلاردىكى نەچچە ھارۋا بۇغداي ،قوناقنى بېسىۋىلىپ مەھەللىگە ناخشا توۋلاپ ھەممىگە كۆز-كۆز قىلغان چاغلىرىنى ئەسلىدى .تاراملاپ چۇشۈۋاتقان پۇشايمان ياشلىرى ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ، جامائەتنىڭ ھالال ياشاش ھەققىدە بەرگەن تەلىم -تەربىيىلىرى يۈرىكىنى ئىكەك سالغاندەك ئېچىشتۇراتتى . ھايۋانلاردىمۇ مۇھەببەت-نەپرەت ، قايغۇ- ھەسرەتنىڭ بارلىقىنى بۇرۇن ئاڭلىمىغانمىكىنە ؟ مۆرىتى كەلگەندە ئۇلارنىڭمۇ توپلىشىپ ئوز ئەقىل پاراسىتىگە تاينىپ دۇشمىنىگە تاقابىل تۇرۇش،قىساس ئىلىش روھىنىڭ بارلىقىنى بۇرۇن بىلگەن بولسىدى -ھە ! ‹‹ ئوتنىڭ ئۇچقۇنمۇ ئوت، يالقۇنىمۇ ئوت ›› دېگەندەك ھەرقانداق ھايۋاننىڭ جۇغىغا   قاراپ كىچىك كۆرۇش ، ئۇلارغا سەل قاراش سېپى ئۆزدىن ئەخمەقلىق ئىكەندە ؟ كېچىكىنە دەرەخ قۇرۇتىمۇ ئوزىنىڭ تەپەككۇرى ، تۇيغۇسى بىلەن  ياشايدۇ . بۇ دۇنياغا يارالغان ھەر قانداق نەرسە ئارتۇق يا كەم قىلىپ يارالمىغان ، ھەممىسىلا ئوزىنىڭ جايىنى تېپىپ ئېكولۇگىيىلىك مۈھىتنىى تەڭشەپ تۇرىدۇ . بۇ گەپنى كىمدىن ئاڭلىغان بولغىيتى ھە ! . رىۋايەتلەردە قەيت قىلىنىشىچە سۇلايمان پادىشاھمۇ شۇنچە چوڭ ، ھەيۋەتلىك قوشۇنى بىلەن چۈمۈلىلەرگە يول بەرگەن ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ ! ئۇ بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ھۇيلىسغا كىردى .قورۇ ئەمەس قاتتىق جەڭدە ۋەيران بولغان خارابىلىككە كىردى .ئۇ ئختىيارسىز بۇقۇلداپ يىغلىدى . غاز ، ئۆردەكلەرنىڭ پەيلىرى تېخىچە توزۇپ ئۇچۇپ يۇرەتتى .تۈۋىدىن سۇنغان نەقىشلىك پىشايۋان تۇۋرۇكلىرى قېيسىيىپ ياتقان ، نېرىراققا باغلانغان يۇغان قارا ھاڭگىنىڭ  قانغا بويالغان توقۇمى ئەسكى دەسمالدەك چۆرۋىتىلگەن ئەمما ئىشەكتىن ئەسەرمۇ يۇق . ئۇ بىر نەرسىنى يادىغا ئالغاندەك چوڭ –چوڭ قەدەم بىلەن ئات ئېغلى تەرەپكە ماڭدى . قېيسىيىپ قالغان ئېغىل ئالدىدا  ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەمراھى نۇرغۇن بەيگە، شىكارلاردا ئۇنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغان ، ئۇزاق باياۋانلاردا ئۇنىڭغا قانات بولغان سۆيۈملۈك ئاق بوز ئېتى مىڭ يىللىق ئۇستىخاندەك غاجاپ پاقىرتىۋىتلگەندى .ئۇستخان يىنىدا ئاتنى باغلىغان ئارقان پارچە-پارچە قىلىۋىتىلگەنتى .نېرىراقتا ئون- يىگىرمىگە يېقىن يۇغان بىنەم چاشقىنى ئۆلۈك ياتاتتى .قارغاندا ئات ئۇلار بىلەن خېلى ئىلىشقان چېغى ، نىياز چاشقان ئېسىنى يوقاتقان  ئادەمدەك ئۇستخان قېشىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلىدى . ئوماق نەۋرىسىنىڭ ئۆلۇمىمۇ ئۇنى بۇنچە قايغۇغا سالمىغاندى ، ئەمما ئاق بوز ئاتنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئېغىر كەلدىكى  بىرسى يۈرىكىگە ئىكەك سالغاندەك يۈرىكى ئېچىشىپ قاتتىق ۋارقىراپ سالغىننمۇ سەزمىدى . بەلكىم لەكمىڭ- لەكمىڭ چاشقانلار توپى بىر چىشلەمدىن يېگەن بولسىمۇ ئات ئەمەس  ئۇنىڭدىن يوغىنى بولسىمۇ بەرىبىر ئىدى. نىياز چاشقان نېمە قىلشىنى بىلمەي ئېسى يۇق ئادەمدەك مۇڭلىنىپ ئولتۇرغاندا تۆۋەنكى مەھەللە مەسچىت يېنىدىكى يۇغان سىدە تۇۋىدە جامائەت ۋەھىمە ئارىلاش قىزغىن پاراڭغا چۈشكەندى . .
-مېنڭ پەرىزىمچە بۇ چاشقانلار چىكەتكى ئاپىتى بولغاندىنمۇ كۆب ، ئەگەر ئاسماندا بولغان بولسا كۈن نۇرىنى توسايتتى جۇمۇ  ،
- تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ھاشىر پوقنىڭ ئۆيىنىڭمۇ كۇلىنى كۆككە سورۋېتىپتۇ،
- ئايالى بىلەن ئىككى بالىسى ئۇخلاۋاتقان جايدىلا ئۆينىڭ ئاستىدا قاپتۇ .ھەي !...
-ئوستەڭ بويىدىكى سىدىق چاياننىڭ ئويدىمۇ يىغا –زارە دەيدىغۇ ؟ -
-ئۇلارنىڭ ئېغىلدىكى ئات-ئېشەكلىرىدىن تارتىپ توخۇ ، ئۆردەكلىرىگىچە ھېچنىمىسىنى قۇيماي يەۋىتىپتۇ .  
- بۇ ئاللانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ، بۇنچە كۆپ چاشقان بىر ئۆي ئەمەس بىر شەھەرنىمۇ ھەش-پەش دىگىچە تۇزلىۋىتدۇ .  
- نېمە دېگەن قۇرقۇنچلۇق ھە !   ئۇلار سۆزلىگەنسىرى ھاياجانلىناتتى. بىر –بىرىگە گەپ بەرمەي چاشقان توغىرلىق بىلگەن ، ئاڭلىغان ، كۆرگەنلىرىنى بەس-بەس بىلەن دېيىشەتتى .                 
- چاشقان ئاجايىپ ئەقىللىق ھايۋان جۇمۇ ،بىر كۈنى قارسام سامانخانىدىكى ئۇۋىنىڭ يىنىدا چۈجە چىقىرىش ئۈچۈن باستۇرۇپ قويغان تۇخۇمنى بىرچاشقان ئوڭدىسىغا تۆت پۇتلاپ يېىتپتۇ . ئىككى چاشقان تۇخۇمنى ئۇنىڭ قورسقىغا ئىلىپ ، قۇيرۇقىدىن تارتقىنىچە كۆنا ئوقۇر ئاستىدىكى  ئۇۋىسىغا ئەكىرىپ كەتتى . توۋا دەپ قاپتىمەن ، ھەركەتلىرى شۇنداق چاققان ئەتىسى قارسام ئۇۋىدا بىرمۇ تۇخۇم قالماپتۇ . دېدى ۋىجىك كەلگەن، بۇغداي ئوڭ، رەڭگى ئۆڭۇپ كەتكەن شىلەپە كىيۋالغان سونۇر ئىسىملىك  چار ساقال دېھقان گەپ قىستۇرۇپ ،
-  مەنمۇ بىر چاغدا خوتۇنۇمغا ياردەملىشىپ باشاق تېرۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز قارا دېگەندەك قىلدى ،يوغان بىر چاشقان ئوڭدىسىغا يېتىپتۇ . قالغانلىرى باشاقنى ئۇنىڭ قورسقىغا دىھقانلار ھارۋىغا ئوتۇن -سامان باسقاندەك رەتلىك بېسىۋېتىپتۇ . چاشقاننىڭ بېشى كۆرۈنمىگۈدەك بولغاندا قۇيرىقىدىن تارتىپ  ئۇۋسىغا ئەكىرىپ كەتتى . ياقامنى چىشلەپ تۇرۇپ قاپتىمەن .دېدى ئابلا مەزىن ئاپپاق كەكە ساقىلىنى  سىلاپ ئالدىرماي ، .
ئۇنىڭ ئاشلىق ساقلاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ  .بۇغداي ،قوناقنى پاكىز چەشلەپ كەينى توم تەرەپ بىلەن ئالدى ئىنچىكە تەرپىنى تەگكۇزۇپ رەتلىك تىزىپ چىقىدۇ .ھەتتا توپان –سامىنى بىلەن كۈمۈپ ساقلايدىغانلىرى بار ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئاشلىق سېسىمايدۇ .ھەم زەمبۇرۇغلىشىپ قالمايدۇ ،
-ئوتكەندە بىر  گېزىتنى ئوقۇسام يەر شارىدا چاشقاننىڭ تۇرى 1800خىلدىن ئاشىدۇ دەپ يىزىپتۇ .ئادەتتە بىز كوپرەك كوردىغانلىرىمىز 30-20 خىلچە ئىكەن .
-چاشقان بەك ئىچى كۈچلۈك ھايۋان ، ئادەتتە ئۇنىڭ ئۇۋىسىنى بىر كىم بۇلاڭ –تالاڭ  قىلسا توپلىشىپ يۇلغۇن،سۆكسۆكلارغا قۇيرىقىدىن ئېسلىپ بېشىنى يەرگە ساڭگىلاتقىنىچە ئولىۋالىدۇ .
- ھەي ! نىياز چاشقانغا تەس بولدى .-دە ،
- ئۇ ھالال ئىشلەپ ئوز ئەمگىكى بىلەن ياشىغان بولسا بۇ كۇننىمۇ كۆرمەس بولغىيتى –ھە ! مەھەللە جامائىتى بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن ئاپەتتىن ھەيرانۇ- ھەس بولۇپ قورقۇش ، ۋەھىمە ئارىلاش قىزغىن بەس-مۇنازىرگە چۈشۈۋاتقاندا ، نىياز چاشقان ئېرىق بويىدىكى يۇغان تاش ئۇستىدە ئولتۇرۇپ تەلپىكىنى تىزىغا كەيدۇرۇپ چوڭقۇر خيالغا چۈشكەندى .ھەي ! گالۋاڭلىقىم ئەگەر مەنمۇ ئوز يېرىمنى تېرىپ ئەل قاتارى جان باققان بولسام بەلكىم بۇ قىسمەتلەرنى كۆرمەس بولغىيتىم .بىكار تەلەپلىكىم ئاخىرى بېشىمغا چىقتى .ئالتە ئاي يازىچە ئىشلىمەي دۇتار، تەمبۇر چالىمىز دەپ سورۇنمۇ سورۇن پىيەنچۇكتەك يۈرۈپ يازنىڭ گۈزەل مول ھۇسۇللۇق پەسلىنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتتۇق .كۈز كەلگەندە كەتمەن گۈرجەكلەرنى كۆتىرىپ چاشقاننىڭ ئۇۋىسىنى كولاپ بۇ جانىۋارنىڭ مىڭ تەستە يىققان ئوزۇق تۆلۈكىنى بۇلاپ ھارۋىغا بېسىپ كەلگەندىن باشقا ئۇلارنى كۆرۇنگەنلا يەردە دەسسەپ، مىجىپ، تاش- داڭگاللار بىلەن ئۇرۇپ ۋەھشىلەرچە ئولتۇردۇق. ئاھ ! خۇدا ، ئۇلار ئاخىرى قىساسنى ئالدى . بۇنداق بولۇشىنى چۇشىمدىمۇ كۆرمىگەنىكەنمەن . ۋاي ئىسىت ! ئەمدى قانداق قىلارمەن ؟ ئەل- جامائەت ئىچىدە نە  نومۇس، نە ئاتاق بۇ- ھە !...
  نىياز چاشقان ئويلىغانسېرى بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمىدى .خوتۇن بالىلىرىنىڭ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىمۇ ، مەھەللە –كويلار بېرۋاتقان تەسەللى،تەلىم- تەربىيەلىرىمۇ ئۇنىڭ قۇلقىغا كىرمەيتى .ھەتتا نەۋرىسىنىڭ نامىزىدىمۇ بىر چەتتە بىر يەرگە چەكچەيگىنىچە قاراپلا تۇردى . ئەتىسى بامداتتىن يانغان جامائەت پەتە قىلىپ ئۇنىڭ ۋەيرانە قۇرۇسىغا كىرىپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى . ئاپپاق ماتا كوڭلەكلىرى يىرتىلىپ ئىتنىڭ تىلىدەك ساڭگىلاپ قالغان ، پاخپايىغان چاچلىرى ئاچچىقى كەلگەن ئىتنىڭ دۇمبىسىدەك تىكەنلىشىپ ،يۇز -كۆزىلىرى تىرناق ئىزىدىن يېغىر بولغان نىياز چاشقان بىر دەم كۈلسە ، بىردەم يىغلايتتى . يەنە بىر دەمدىلا : ۋاي چاشقان كەلدى ! ۋاي مېنىڭ بۇغدايلىرىم ! خوتۇنۇم نەۋرەمنى يەۋەتتى . ياق-ياق مەن ئوزەم يەۋەتتىم . ئۆيۇمنى چاشقانلار يەۋەتتى . دېگەندەك تاقا –تۇقا گەپلەرنى قىلىپ خارابىلىك ئىچىدە ئۇياقتىن –بۇياققا چېپىپ يۇرەتتى .

@خو –ئەينى چاغلاردىكى ئۆلچەم بىرلىكى بىر خو64 كىلو .

@كۇرە –تۇگمەنچىلەر بۇغداي، قوناق ئۇسقاندا ئىشلىتىدىغان قارغاي ياغىچىدىن ياسىلىدىغان  ئۈسكۈنە بىر كۇرە 16كىلۇ.

-شەھرى قاراماي .

2012يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۇنى تاماملاندى .


(ھېكايىدىكى تېما ياخشى تاللانغان بولۇپ،ھېكايىنى خېلى ياخشى چىققان ئەسەر دىيىشكە بولىدىكەن. شۇڭا ئاپتورنىڭ رۇخسىتى ھەم تەلىۋى بىلەن تېمىنى يوللاپ قويدۇم ).


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 04:16 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
QQtulpar + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2069 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 04:58:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئۇزاقتەك قىلامدۇ نېمە؟ ساقلىۋېلىپ كەچتە ئوقۇيچۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3477
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 05:30:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر شارى بىزنىڭلا ئەمەس. ئەممە جانلىقلارنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81687
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 08:01:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقمۇ ھىكايە بولىدىكەن دىسە !

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5867
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 44083
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2419 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:47:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە جانلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ يەيدىغان رىسقى بولىدۇ،باشقىلارنىڭ رىسقىغا چاڭگال سالغانلار،ئاچكۆزلۈك قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى دەل نىياز چاشقاندەك بولىدۇ..

ئىبرەتلىك ھېكايىكەن....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئانارازى ،ئاللاھ رازى .

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64120
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3977
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاشقان يىققان ئاشلىقنى نىزاخۇن يەمدىغاندو.

ئانارازى ،ئاللاھ رازى .

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 2899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30349
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6720 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 10:38:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەھمىيەتلىك ھېكايە ئىكەن.تېما ئىسىمىنى ھېكايىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ئاندىن ياخشى قۇيۇلغانلىقىنى ھىس قىلدىم.بىزنى ياخشى بىر ئەسەر بىلەن كۇرۇشتۇرگىنىڭىزگە رەھمەت گۇلۇم.

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80208
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3519
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 12:27:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahshi ken,

ئۈگۈنۈش- ئۈگۈنۈش -يەنەئۈگۈنۈش..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83370
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4955
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 02:37:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81223
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3206
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 03:22:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن~~لېكىن سوراپ باقسام تۇرمۇشىمىزدا  راست مۇشۇنداق ئش بىلەن جېنىنى باقىدىغانلار بارمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش