مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5132|ئىنكاس: 73

دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئۆلۈك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84919
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-9-10
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 03:57:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

        دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئۆلۈك ___  گارسىيا ماركۇز (كولۇمبىيە)

دېڭىز يۈزىدە قاپقارا بىر نەرسە لەيلەپ كەلدى. ئاۋۋال بايقىغان بالىلار ئۇنى ئۆزىچە دۈشمەن كېمىسى دەۋېلىشتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇلار لەيلەپ كېلىۋاتقان ئۇ نەرسىنىڭ نە بايرىقى، نە ماچتىسى يوقلۇقىنى بايقاپ، ئۇنى كىت بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى. ئۇ نەرسە لەيلەپ قىرغاققا كەلگەندە، بالىلار ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قاپقارا سارگاس، مېدۇزا ۋە كېمە ياغىچىنىڭ پارچىلىرىنى ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

بالىلار بۇ جەسەتنى تولۇق يېرىم كۈن ئوينىدى. ئۇلار ئۇنى ساھىلدىكى قۇمغا كۆمەتتى. ئاندىن يەنە كولاپ چىقىراتتى. كېيىن، چوڭلار بۇنى كۆرۈپ قېلىپ كەنتكە خەۋەر قىلىشتى. كەنتتىكى ئەرلەر جەسەتنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئەكىرىشتى. جەسەتنى كۆتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنى سۇدا بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەچكە، سۇ ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن بولسا كېرەك،دېيىشتى. ئۇلار ئۇنى تۈز يەرگە ياتقۇزغاندا، ئۇنىڭ ھەر قانداق ئەر كىشىدىن يوغان ئىكەنلىكىنى كۆرۈشتى، ئۇ بۇ ئۆيگە پاتمايدىغاندەكلا قىلاتتى. بىراق، ئۇلار سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن بەزى ئادەملەرنىڭ بەدىنى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆسۈۋەرسە كېرەك، دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن دېڭىز سۈيىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. تېنىگە بىر قەۋەت لاي ئۇيۇپ قالغانىدى.

يۈزىنى يۇيماي تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ چوقۇم ياقا يۇرتلۇق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولاتتى. بۇ كەنتتە ئاران ئون نەچچە ئۆيلۈك ئادەم بولۇپ، ئۇلار دېڭىز بويىدىكى بۇ قاقاس بۇرجەكتە تارقاق ئولتۇراقلاشقانىدى. يەر شۇ قەدەر ئاز ئىدىكى، ئانىلار بىر يەرگە بارماقچى بولسا، بالىلىرىنڭ شامالدا دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشىاىن ئەنسىرىشەتتى. دېڭىز مۇلايىم ۋە ھىممەتلىك ئىدى، كەنتتە ئاسەم ئۆلسە، كىشىلەر ئۇنى قىيادىن دېڭىزغا تاشلىۋېتەتتى. شۇڭا دېڭىزدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن بۇ ئۆلۈكنى كۆرگەندە، كەنتتىكى بارلىق ئەرلەر يەتتە قولۋاققا قىستىلىشىپ چىقىپ بىر-بىرىنى يوقلىما قىلىشتى، ھەممە ئەر كىشىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، جەسەتكە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى.

  شۇ كۈنى كېچىدە ئەرلەر دېڭىزغا چىقماي، قوشنا كەنتكە ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ يىتىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشكە كېتىشتى، ئاياللار تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن بۇ ئادەمگە قاراپ قالدى. ئۇلار قومۇش بىلەن ئۆلۈكنىڭ بەدىنىدىكى لايلارنى سۈرتۈپ، ئۇنىڭ سۇ ئۆسۈملۈكلىرىدەك چاچلىرىنى تارىدى، بېلىق قاسرىقىنى قىرىدىغان پىچاق بىلەن بەدىنىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى قىرىپ تازلىدى. ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقاندا، قىرىلغان نەرسىلەرنىڭ دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇ گويا مارجانلار دۇنياسىدا ئۈزۈپ يۈرگەندەك كىيىملىرى تىتىلىپ كەتكەنىدى، ئاياللار يەنە بۇ ئادەمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ناھايىتى مەغرۇر ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقىدى، چۈنكى، ئۇنىڭ چىرايىدا دېڭىزدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ چىرايىدا بولىدىغان غېرىبلىق ئىپادىسى يوق ئىدى. ئۇلار ھەيرانلىقتىن قېتىپلا قېلىشتى. ئۇ بۇ ئاياللار زادىلا كۆرۈپ باقمىغان شۇنداق بەستىلىك، شۇنداق بەر جەست، ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس تۇرقى بار ئادەم بولۇپ، ئۇلار بۇنداق ئەرنى ھەتتا خىيالىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.

   كەنتتە ئۇ پاتقۇدەك چوڭلۇقتا بىرەر كارىۋات تېپىلمايتتى، ھەتتا مېيىت ساقلاش ئۈچۈن ئۇنى ياتقۇزغۇدەك بىرەر مۇستەھكەم شىرەمۇ يوق ئىدى. ئاياللار كەنت بويىچە ئەڭ گىروي ئەرنىڭ بايراملىق ئشتىنىنى تېپىپ كېلىپمۇ ئۇنىڭغا كىيگۈزەلمىدى، ئەڭ چوڭ كۆڭلەكمۇ ئۇنىڭغا كىچىك كېلىپ قالدى. ئەڭ چوڭ ئاياغقىمۇ ئۇنىڭ پۇتى پاتمىدى. بۇ كىچىك كىيىملەر ئۇنىڭ قامىتىگە مۇناسىپ كەلمىگەچكە، ئاياللارنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ ئىززىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، چوڭ بىر پارچە برېزېنت بىلەن يېڭى توي قىلغان بىر قىزنىڭ كەڭ ئېتەكلىك كۆڭلىكىدىن ئۇنىڭغا كىيىم تىكىش قارارىغا كېلىشتى. ئاياللار جەسەتنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ كىيىم تىكىشكە باشلىدى، ئۇلار پات-پات ئۇنىڭغا قاراپ قويۇشاتتى. ئۇلارغا شۇ كۈنى كېچىدە چىققان شامال غەلىتىدەك، كارىب دېڭىزىدا ئەزەلدىن بۇنداق قاتتىق شامال چىقىپ باقمىغاندەك تۇيۇلدى، ئاياللار بۇ غەلىتە ئۆزگىرىشنى چوقۇم مۇشۇ ئۆلگۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشتى. ئاياللار بۇ غەلىتە ئۆزگىرىشنى چوقۇم مۇشۇ ئۆلگۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشتى. ئاياللار يەنە شۇنىمۇ تەسەۋۇر قىلىپ ئۈلگۈردىكى، ئەگەر بۇ چىرايلىق ئەر مۇشۇ كەنتتە ياشىغان بولسا، ئۇ تۇرىدىغان ئۆينىڭ ئىشىكلىرى چوقۇم يوغان، ئۆگزىسى چوقۇم ئېگىز، پوللىرى چوقۇم مۇستەھكەم بولاتتى؛ ئۇ ياتىدىغان كارىۋاتنىڭ پۇرژىنىلىق ماترىسى چوقۇم تۆمۈر بولتىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلاتتى؛ ئۇنىڭ ئايالى چوقۇم ئەڭ بەختلىك بولاتتى. ئۇلار يەنە خىيال قىلىشتى: ئۇ ناھايىتى نوپۇزلۇق بولاتتى، ئۇنىڭغا دېڭىزدىكى بېلىقلار لازىم قالسا، ئۇ شۇ بېلىقلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرسىلا كۇپايە قىلاتتى؛ ئۇ شۇ قەدەر ئىشچان ئىدىكى، ئەڭ قاقاس سايلاردىنمۇ بۇلدۇقلاپ سۇ چىقىرالايتتى؛ تىك قىيالارغا گۈل-گىياھلارنى ئۈندۈرەلەيتتى. ئۇلار ئىچىدە ئۇنى ئۆز ئەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەرلىرى بىر ئۆمۈر قىلغان ئىشنى ئۇ بىر كېچىدىلا قىلىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىشتى، ئۇلار كۆڭلىدە ئۆز ئەرلىرىنى تىللاشتى، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەرلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئىپلاس ۋە يارىماس ئادەملەردەك تۇيۇلدى. ئاياللارنىڭ ھەممىسى مانا شۇنداق خام خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولۇشقانىدى. شۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قېرى بىرى ئۇھ تارتىپ:

-     ئۇ ئېستېبانغا نەقەدەر ئوخشايدۇ-ھە؟- دېدى.

ھەقىقەتەنمۇ ئۇ ناھايىتى ئوخشايتتى، كۆپ ساندىكىلەر ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم قارىغاندا، ئۇنىڭغا بۇنىڭدەك ماس كېلىدىغان يەنە بىر ئىسىم يوقتەك ھېس قىلىشتى. بىراق بەكرەك جاھىل بىرنەچچە چوكان ئۇنىڭغا لاۋتارو دەپ ئىسىم قويماقچى بولۇشتى، لېكىن ئاقمىدى.

كۆڭلەكنىڭ ئېتىكى يەتمەي، كىيىم ئوبدان پىچىلمىغاچقا، ئۇنىڭ بەدىنى ھېسىپتەك چىڭقىلىپ قالدى، گويا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر يوشۇرۇن كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغاندەك، كۆڭلەكنىڭ تۈگمىلىرى پاراسلاپ ئۈزۈلۈپ كەتتى.

يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا، ھەممەيلەن ئۇخلاپ قالدى، گۈركىرەپ چىقىۋاتقان شامال كېچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى. سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن بۇ ئادەمگە قانداق ئىسىم قويۇش توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئاخىرى ئۇنىڭغا ئېستېبان دېگەن ئىسىمنى قويۇش بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.

جەسەتنى ئۆرىگەن چاغدا، ئۇنىڭ كىيىمىنى كىيدۈرگەن چېچىنى تارىغان، تىرناقلىرىنى ئالغان، ساقال-بۇرتىنى ياسىغان ئاشۇ ئاياللارنىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولدى. ئۇلار: ئۆلگەن چاغدىمۇ شۇنچە ئاۋارە بۇ ئادەم ھايات ۋاقتىدىمۇ چوقۇم بەخىتسىز بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى. ئۇلار گويا مۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندەك بولۇۋاتاتتى: ئۇ ھايات ۋاقتىدا بىرەر ئۆيگە كىرمەكچى بولسا، يېنىچە كىرەتتى، دائىم ئىشىكنىڭ كېشىكىگە ئۈسۈۋالاتتى؛ ئۆيگە كىرىپ ھامان ئۆرە تۇراتتى، دېڭىز كالىسىنىڭكىدەك يوغان، ئەتىرگۈل رەڭلىك يۇمشاق قوللىرىنى مىدىرلىتىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالاتتى؛ ئۆي ئىگىسى ئايال ئەنسىزلىك ئىچىدە ئەڭ مۇستەھكەم ئورۇندۇقتىن بىرنى تېپىپ ئېستېباننى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلاتتى، لېكىن ئۇ تامغا يۆلەنگىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپ: «ھېچقىسى يوق خانىم، مەن مۇشۇنداق تۇرۇۋېرەي» دەيتتى. ئۇ ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ھامان ئاشۇ سۆزلەرنى تەكرارلايتتى: «ھېچقىسى يوق خانىم، مەن مۇشۇنداق تۇرۇۋېرەي». ئۇ دائىم ئورۇندۇقنى سۇندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆيگە كىرىشكە ئۇنىمايتتى، بىراق ئۆي ئىگىسى ناھايىتى قىزغىن ھالدا: ئېستېبان، ئالدىرىماڭ، قەھۋە قايناۋاتىدۇ، ئېغىز تېگىپ ئاندىن مېڭىڭ، دەيتتى. لېكىن بۇ ئېگىز ئەخمەق يەنىلا كېتەتتى، قانداق سۆيۈملۈك-ھە؟ بۇ چىرايلىق ئەخمەق ئاشۇنداق كېتىپ قالاتتى. ئاياللار جەسەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ، مۇشۇنداق خىياللار بىلەن تاڭ ئاتقۇزدى. كېيىن ئۇلار كۈن نۇرى چېقىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭ يۈزىنى قولياغلىق بىلەن يېپىپ قويغاندا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى، باشقا بارلىق ئەرلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭمۇ بۇ قىسمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كېتىشتى. دەسلەپتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياش چوكان ئېسەدەشكە باشلىدى، باشقىلار ئۆزىنى زورىغا بېسىپ، ھەسرەت بىلەن ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ ئولتۇرۇشتى، ئەمما بىردەمدىن كېيىن، بارا-بارا ئۇلارنىمۇ يىغا تۇتتى، چۈنكى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن بۇ ئادەم بارغانسېرى ئۇلارغا ھەقىقىي ئېستېباندەكلا تۇيۇلۇۋاتاتتى، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يار-يۆلەكسىز بۇ بىچارە ئەسلىدە شۇ قەدەر مۇلايىم ۋە شۇقەدەر مېھرىبان ئىدى.

كېيىن ئەرلەر قايتىپ كېلىپ، تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن بۇ ئادەمنىڭ قوشنا كەنتتىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ ھەسرەتلىك يىغىسىغا غەلىتە بىر خىل ھاياجان قوشۇلدى.

   ـــ ئاھ، مۇقەددەس پەرۋەردىگار، ئۇ بىزنىڭ! ـــ دېيىشتى ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ.

   ئەرلەر چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بۇ گەپنى ئاياللارنىڭ يەڭگىلتەكلىكىدىن بولغان دەپ قاراشتى. ئۇلار بىر كېچە جاپالىق سۈرۈشتۈرۈش تۈپەيلىدىن ھېرىپ ھالىدىن كەتكىچە، بۇ ئوشۇقچە يۈكتىن دەرھال قۇتۇلۇشنىلا ئويلايتتى. بۇ ئېغىر تەننى قىيا ئۈستىگە كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا كونا برېزېنتتىن نوسۇلكا ياسىدى. جەسەتنى دېڭىز تەكتىگە ئوڭۇشلۇق چۆكتۈرۋېتىش ئۈچۈن، سودا كېمىسىنىڭ بىر لەڭگىرىنى ئۇنىڭ پۇتىغا باغلاپ قويماقچى بولۇشتى. بۇنداق قىلغاندا، ئۇنى ھەر قانچە چوڭ دولقۇنمۇ قىرغاققا قايتۇرۇپ كېلەلمەيتتى. بىراق ئەرلەر ئالدىرىغانسېرى، ئاياللار ۋاقىتنى سوزغىلى تۇردى. ئۇلار خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇلۇلىلەرنى تېرىپ يەۋېتىپ ئۈركۈپ كەتكەن مېكيانلاردەك پىتراپ، بەزىسى جەسەتنىڭ بۇ يېرىگە تۇمار ئېسىپ قويسا، بەزىسى ئۇ يېرىگە لېنتا چىگىپ قوياتتى، ھەممىسى تەڭ ۋاتىلدىشاتتى. بىرى: «بۇ يەرگە قويماي، ئۇ يەرگە قوي!» دېسە، يەنە بىرى: «ھەي، مېنى ئۆلۈكنىڭ ئۈستىگە يىقىتىۋەتكىلى تاس قالدىڭ!» دەيتتى. بۇ پاتپاراقچىلىق ئەرلەرگە غەلىتە تۇيۇلاتتى، ئۇلار: ياقا يۇرتلۇق بىر جەسەتنى بۇنچىۋالا بېزەشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەر قانچە قىلساڭلارمۇ بەرىبىر لەھەڭگە يەم بولىدۇ، دەپ قاقشايتتى، ئاياللار بۇنىڭغا پەرۋا قىلىشمايتتى، ئۇلار ئاشۇ پۇلغا يارىماس دەپنە بۇيۇملىرىنى جەسەتنىڭ ئۈستىگە قويغىنى قويغانىدى، قوياتتى، ئالاتتى، يەنە قوياتتى. ئەرلەر تىللاشقا باشلىدى: بىزنىڭ بۇ يەردە ئېقىپ كەلگەن بىر ئۆلۈككە، ناتونۇش بىر جەسەتكە، بىر دۆۋە سېسىق گۆشكە قاچان مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىپ باققان؟ بۇ سوغۇق گەپلەردىن غەزەپلەنگەن بىر ئايال بېرىپلا جەسەتنىڭ يۈزىدىكى قولياغلىقىنى ئېلىۋەتتى، جەسەتنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ ئەرلەرمۇ ھاڭۋېقىپ قېلىشتى.

   بۇ ئېستېبان ئىدى. ئەرلەر ئارتۇقچەگەپ قىلىشمايلا، ئۇنىڭ ئېستېبان ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. ناۋادا ئۇلار ئۇنى: بۇ ۋالتېر لاررېي  دېگەن بولسا، ئەرلەر بەلكىم ئۇنىڭ ئامېرىكىچە تەلەپپۇزىنى، مۈرىسىگە قونۇۋالغان قىران بۈركۈتنى ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي ھايۋانلارنى ئاتىدىغان مىلتىقىنى ئەسكە ئېلىشى مۇمكىن ئىدى، بىراق ئېستېباندىن دۇنيادا پەقەت بىرىلا بولۇشى كېرەك ئىدى، ئۇ مانا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا غايەت زور ئاق بېلىقتەك يېتىپتۇ، ئۆتۈك كىيمەپتۇ، دەل كەلمىگەن ئشتاننى كىيىۋاپتۇ، ئۇنىڭ قاتتىق تىرناقلىرىنى پەقەت پىچاق بىلەن ئالغىلى بولىدىكەن يۈزىدىكى قولياغلىقنى ئېلىۋەتكەندە، ئۇنىڭ چىرايىدىكى خىجىللىقنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇ گويا: بۇنداق بەستىلىك، بۇنداق ئېغىر، بۇنچىلىك چىرايلىق بولۇشۇم ھەرگىزمۇ مېنىڭ سەۋەنلىكىم ئەمەس؛ ئەگەر مەن بۇلارنىڭ بۇنچىۋالا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، چوقۇم ئەڭ پىنھان بىر جاينى تېپىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن بولاتتىم، مۇشۇ چارشەنبە كۈنىدە باشقىلارنى ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن، ھەتتا بوينۇمغا ئېغىر لەڭگەردىن بىرنى باغلاپ قوياتتىم، دەۋاتقاندەك ئىدى. ئۇنىڭ تۇرقى شۇ قەدەر سەمىمىي ئىدىكى، ھەتتا ئاشۇ ئەڭ گۇمەنخور ئەرلەرمۇ (بۇ ئەرلار كېچىدە دېڭىزدا يۈرۈپ، دائىم قاتتىق پەرىشان بولۇشاتتى، ئاياللىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ساقلاۋېرىپ زېرىكىشىدىن، ئۇلارنى قارا بېسىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكىنى چۈشەپ قېلىشىدىن ياكى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق باشقا ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىشەتتى) ئېستېباننىڭ چىرايىدىكى سەمىمىيلىكتىن ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.

   شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر دېڭىزدىن لەيلەپ كەلگەن بىر ئۆلۈككە ئاتاپ ئۆزلىرىنىڭ قۇربى يېتىدىغان ئەڭ داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بەزى ئاياللار قوشنا كەنتكە گۈل ئىزدەپ بېرىپ، بۇ ئشنى ئۇ يەردىكى ئاياللارغا دەپ بەردى، ئۇلار ئىشەنمەي، كۆرۈپ باققىلى ئەگىشىپ كەلدى. ئۇلار ئۆلۈكنى كۆرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ گۈللەرنى ئېلىپ كەلگىلى كەتتى، ئادەم ۋە گۈل بارغانسېرى كۆپىيىپ، قىستا-قىستاڭچىلىقتا يوللار توسۇلۇپ قالدى.

   ئاخىرى، بۇ بىچارىنى سۇغا تاشلايدىغان چاغ، كىشىلەر ئەڭ بىئارام بولىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. كىشىلەر ئەڭ ياخشى بىر دادا بىلەن ئەڭ ياخشى بىر ئانىنى تاللاپ ئۇنىڭغا ئاتا-ئانا قىلدى، يەنە ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنى، ھەدە-سىڭىللىرىنى ۋە تاغا-ھاممىلىرىنى تاللاپ چىقتى، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ باھانىسىدا كەنتتىكى ھەممە ئادەم ئۆزئارا ئۇرۇق-تۇغقان بولۇپ كەتتى.

   بەزى دېڭىزچىلار يىغا ئاۋازىنى يىراقتىن ئاڭلاپ، كېتىۋاتقان يۆنىلىشىدىن ئېزىپ قالدى. ئۇلار يەنە كېمىنى پالاكەت باسقانلىقىنى بىلەلمەي، ئىختىيارسىز ھالدا قەدىمكى زاماندىكى ساھىبجامال بېلىق رىۋايىتىنى ئەسكە ئېلىشتى.

   دېڭىز بويىدىكى تىك قىياغا بارىدىغان يولدا، كىشىلار مېيىتنى تالىشىپ كۆتۈرشتى، ھەشەمەتلىك ۋە چىرايلىق بۇ ئۆلۈككە قاراپ كەنتتىكى كىشىلەر كەنت يوللىرىنىڭ ئاللىقاچان بۇزۇلۇپ  كاتاڭلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھويلا-ئاراملارنىڭ قاقاسلىشىپ ۋەيران بولغانلىقىنى، يەنە كېلىپ شۇنچىلىك تار ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم بايقاشتى.

   ئۇلار: قايتىپ كەلگۈسى كەلسە كېلىۋەرسۇن دەپ، ئۇنڭغا لەڭگەر باغلىمىدى. جەسەتنى چوڭقۇر دېڭىز تەكتىگە تاشلاش ئالدىدىكى بىر دەقىقە، ھەممە ئادەم جىمىپ كەتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە قارىماي تۇرۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، مەڭگۈ مۇكەممەل بولالمايدىغانلىقىنى بىلىشتى. بىراق، ئۇلارغا ئايان ئىدىكى، ئەمدى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدۇ، ئېستېباننىڭ ئۆيلەرگە ئەركىن-ئازادە كىرىپ چىقىشى ۋە كېشەككە ئۈسۈۋالماسلىقى، بەزىلەرنىڭ خۇپيانە ھالدا: ئۇ ئەخمەق ئاللىقىچان ئۆلدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇ چىرايلىق ئەخمەق ئۆلۈپ كەتتى، دېيەلمەيدىغان بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆيلىرىگە يوغان ئىشىكلەرنى بېكىتىدۇ، ئۆگزىلەرنى ئېگىز ياپىدۇ، يەرگە مۇستەھكەم پوللارنى ياتقۇزىدۇ. ئېستېباننى مەڭگۈ ياد ئېتىش ئۈچۈن ئۇلار ئۆيلىرنىڭ ئالدى تېمىنى ئوچۇق رەڭلەر بېزەيدۇ. ئۇلار قورام تاشلارنى يېرىپ، تاشلىق سايلاردىن سۇ چىقىرىدۇ، تىك قىيالارغا گۈللەرنى ئۆستۈرىدۇ، ھەر يىلى باھاردا پاراخوتتا ماڭغان يولۇچىلار دېڭىز بويىدىكى بۇ گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىدىن مەست بولىدۇ، ھەتتا كاپىتانمۇ بايراملىق فورمىسىنى كىيىپ، بوينىغا دۇربۇن ئېسىىپ، ئالتۇن يۇلتۇزلۇق پاگونلارنى تاقاپ، ئۇرۇشتا ئالغان مېدال-ئوردېنلىرىنى ئېسىپ، پاراخوت پالوبىسىغا چۈشۈپ، كارىب دېڭىزىنىڭ ئۇپۇقىدا گۈللەرگە پۈركەنگەن بۇ كەنتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئون تۆت خىل تىلدا: «قاراڭلار ئاۋۇ ياققا! ھازىر شامال شۇقەدەر پارلاق، ھەتتا ئاپتاپپەرەسلەرمۇ قاياققا بېقىشنى بىلمەيۋاتىدۇ. شۇنداق، ئاشۇ شۇ ئېستېباننىڭ كەنتى!» دەيدۇ.

  مەنبە: مىللەتلەر ئەدەبىياتى 2012-يىللىق 3- سانىدىن ياقتۇرۇپ يوللاندى.   

  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 04:48 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 05:08:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس تەھرىرلەندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 05:15 PM  


جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1234
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 63613
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2938 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 07:17:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسئۇلىيەتتىن مەشئەل كۆتۈرگەن جەسۈرلارغا سالام!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2143
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 10:11:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىكى ئەڭ بىمەنە ھېكايىكەن بۇ ! مۇشۇنداق تېمىنىمۇ تېما دەپ يوللىغان بامۇ ؟ مۇشۇنىمۇ تېما دەپ تەستىقلىغان بامۇ ؟ ئېسىت  ، ئېسىت ، ۋاي ئېسىت بىچارە كۆزۈم ، مېھنەتكەش مىڭەم .....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tuprag + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئۈزۈم تال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 1702
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14111
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1014 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 12:45:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   بۇ چەتئەللىك يازغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ھەجەپ قاناتلىنىكەن دەيمەن . قول قويۋىتىمەن بۇلارنىڭ تەكەپپۇرىغا.

  بىر چاغدا ، تەرجىمانلارنىڭ ،ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللىغان پارىزىكى ئېففىل مۇنارىنى ستىۋىتىش ، ئايالىنىڭ توي كىچىسنى ساتقان ئادەم ، شۇنداق بىر كۈن  كىلىدۇ    دىگەن تىمىنى كۆرۇپ قول قويۋەتكەن .

   ئاددىيسى ماۋۇ قىرغىزلارنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئايتىماتۇف يازغان ئاق كىمە . يەكەنلىك نۇر روزى يازغان مومىننىڭ مومىغا چىقىشى،  رامزاننىڭ ئون يەتتىسى ،شوپۇر ۋە قىز دىگەن ھىكايە ۋە پوۋسىتلاردا كىتاپتىكى ھەر پىرسۇنازلارنىڭ تىپىنى  يارىتىشتا شۇ يازغۇچىلەرنىڭ ئەسسەردىكى ھەر بىر پىرسۇنازنى يەرىتىشتا قانچىلىك ئەقلى قۇۋۋىتنىى ،قانچىلىك تەسەۋۋۇر زىھنى كۈچىنى سەرەپ قىلغانلىقىنى  تەسەۋۋۇر قىلماق قىيىن ئەمەس .  

  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 01:02 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 723
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 10:14:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izdinish يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 10:11 PM
دۇنيادىكى ئەڭ بىمەنە ھېكايىكەن بۇ ! مۇشۇنداق تېمىنىمۇ  ...

ئەسەر ئوقۇشنى، ئەسەر ھوزۇرلىنىشنى بىلمەيدىكەنسىز.

نەتىجىسىنى ئۆز ھاياتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيالىغان كىشىلا ھەقىقى نەتىجە قازانغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6735
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 11:16:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
╰︶ ̄原地守候 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 10:14 AM
ئەسەر ئوقۇشنى، ئەسەر ھوزۇرلىنىشنى بىلمەيدىكەنسىز.

ئەمىسە دەپ بېقىڭا ،بۇ ئەسەرنىڭ قەيەرىدىن ھوزۇرلىنىمىز؟ ھوزۇر دېگەن نېمە؟ بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى قانچىلىك؟ بىزگە بولغان مەنپەئەتلىك تەرىپىچۇ؟بۇ ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى نېمە؟بۇ ئەسەردە ئاپتور قايسى مۇددىئانى ئىپادىلىمەكچى؟قايسى خىل كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويماقچى؟بۇلارنى بىزگە ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟بۇلارنى ئېيتىپ بېرەلمىسىڭىز قانداقمۇ «ھوزۇر»ھېس قىلالايسىز؟ئەمىسە قېنى باشلاڭ، بايان قىلىڭ، بىزمۇ «ھوزۇر»لىنىپ باقايلى!

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84919
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-9-10
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 12:35:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izdinish يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 10:11 PM
دۇنيادىكى ئەڭ بىمەنە ھېكايىكەن بۇ ! مۇشۇنداق تېمىنىمۇ  ...

ئەمەلىيەتتە ھېكاينىڭ ھەممىسى توقۇلغانلىقى ئۈچۈن بىمەنە بولىدۇ، تەسەۋۇرى، ئىپادىسى بىلەن ئەمەس. ئۇ خىل بىمەنىلىكنى يەنە دەرىجىگە كۆتۈرۈش تېخىمۇ بىمەنىلىك بولىدۇ. سىز ھېچبولمىغاندا بىچارە كۆزىڭىز، مېھنەتكەش مېڭىڭىز  بىلەن ھەممە ئادەم بىلىدىغان نۇقتىنى كۆرسىتىپ بېرىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84919
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-9-10
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 01:01:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
FIRDEWIS يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 11:16 AM
ئەمىسە دەپ بېقىڭا ،بۇ ئەسەرنىڭ قەيەرىدىن ھوزۇرلىنىمى ...

سىز ھوزۇر توغرىلۇق باشقىلاردىن سوئال سورىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ھەممەيلەن ھوزۇرلانسا، سىز مەززىسىز ئويلىشىڭىز، ھەممەيلەن مەززىسىز ھېس قىلسا سىز ھوزۇرلىنالىشىڭىز مۇمكىن. ئەسەرنىڭ قىممىتى، مەنپەئەتى ئىنتايىن زور، ئەڭ ئاددىسى، ئەسەردە كەنتتىكىلەر ئاشۇ بىر ئۆلۈك سەۋەبلىك ماكانىنى ئۆزگەرتتى، ئۇ كەنت كېيىن ئېستېباننىڭ مەھەللىسى بولۇپ قالدى، كېيىنكى ئەۋلادلار شۈبھىسىز ئۇ جاينى ئېستېباننىڭ يۇرتى دەپ قاراشتى. ئەتراپىمىزدىمۇ بۇنداق ئىشلار ئىنتايىن جىق. مەسىلەن، ھازىر ياپونىيەدياۋيۈ ئارىلى ئۈچۈن، ھېچبولمىغاندا ئاشۇ ئۆلۈككە ئوخشاش سەۋەب بولالايدىغان تارىخىي ماتېرىياللارنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئۆزبىكلەرئەلىشىر نەۋائىينى بۇ «ئېستېبانىمىز» ھېراتتا ياشىغان، ئۆزبىك دەۋاتىدۇ، بەزىدە ئاشۇنداق سوقۇندى جەسەتمۇ بەزى ئىشلارنى بەلگىلەپ قويىدۇ. ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى توغرىسىدا سۆزلىسەك، ئەسەرنىڭ قىممەت دائىرىسىنى چەكلەپ قويۇشىمىز مۇمكىن، ھېچقايسى يازغۇچى، ئەسىرىمنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى ماۋۇ دەپ يېزىپ ئولتۇرمايدۇ، بۇ كىتابخاننىڭ ئۆز تەسەۋۇرىدىكى ئىش. ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىدىيەنىڭ بولۇشى ئېنىق. بەزىدە يازغۇچى كىتابخاننىڭ قوبۇل قىلغان «مەركىزىي ئىدىيە»سىدىن  ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ھاسىلاتنى كۆرۈشى مۇمكىن. قالغان ئوتتۇرغا قويغان سوئاللىرىڭىز يۇقىرىقىلارغا باغلىنىشلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك گەپ قىلمىدىم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptuwa + 30 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2143
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 02:16:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غوجا يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 12:35 PM
ئەمەلىيەتتە ھېكاينىڭ ھەممىسى توقۇلغانلىقى ئۈچۈن بىم ...

سىز قالتىسقۇ ؟ قاملاشمىغان ئەسەرنى قاملاشمىغان دېمەي نېمە دەيمىز ؟؟؟ بۇنىمۇ شەرھىيلەپ يۈرگۈلۈكمۇ ؟
سىز جىڭ ئادۇ ، ئاكىيۇ ، دونكىخوتكەنسىز جۇمۇ !

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش