كۆڭۈلگە ياقىدىغان گەپلەر
ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيبىنى كۆرسەتسە ،سەن ئۇ كۆزۈڭگە:<باشقىلارنىڭمۇ كۆزى بار> دىگىن.ئەگەر ئەقىل ئىگىسە بولغان بولساڭ باشقىلارنى ئەيپلىمەيتىڭ ،ئۆزۈڭنىڭ ئەيبىنى كۆرەلىسەڭ،بۇ ئەيبىڭ بىلەن جىم بولاتتىڭ.
ئابدۇقادىر ئەزىزى...
توغرا سۆز كۆڭۈلگە ئاچچىق تىگىدۇ.ھەزىم قىلالىساڭ ،ئۇنىڭ مەنپەئەتى مەزە بىرىدۇ . توغىرلىق مەقسەتكە يەتكىزىدۇ،توغرا كىشى قەيەردىلا بولسۇن ،ئۇنىڭ كۈنلىرى بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.يورۇق كۈنلىرى قاراڭغۇلاشمايدۇ،خەلىققە مەنپەئە تى تەگكەن كىشى چىن كىشلەردىن سانىلىدۇ.ئۇياتسىز كىشى كىشلەرنىڭ پەسكىشى بولۇپ ،ئۇنىڭ تىلى توغرا سۆزنى سۆزلىمەيدۇ.كىشلەرنىڭ سەر خىلى ساداقەتلىك كىشلەدۇر،ئادەم پاراسەتلىك بولسا ئىشلانى ئوبدان ئويلىنىپ،پۇختا قىلىدىغان بولۇدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ...
نەپسىڭنڭ كەينىگە كىرمە،قانائەتجان بول.سىنىڭدە يوق سۈپەتلەر بىلەن سىنى ماختىغان كىشىنىڭ سۆزلىرىگە ئالدانما.يولداشلىرىڭ بىلەن قارشىلاشما.ھىچكىمنى ئۆزىڭدىن پەس كۆرمە،سىرلىرىڭنى ھەر كىمگە ئېيتىۋەرمە.مال دۇنيايىڭغا مەغرۇرلانما.كىشلەگە ئوچۇق يۈزلۈك،شېرىن سۆزلۈك بىلەن مۇئامىلە قىل.
لوقمان ھەكىم...
قىسماقتىن قورىققان قۇش قىرىق يىل ئاچا ياغاچ ئۈستىگەقونمايدۇ،يىلان چاققان ئادەم ئارغامچىدىن قورقىدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىي...
جاپا شارابى قانچە ئاچچىق بولسىمۇ ئۇنى ئىچكىن،چۈنكى تۇزمۇ ئاچچىقتەك كۆرۈنگىلى بىلەن تاماققا تەم كىرگىزىدۇ ئەمەسمۇ...
مۇھاممەت ئىمىن
پەقەت خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ،ھەر قانداق دۈشمەن مەقسىتىگە يىتەلمەيدۇ،
ئابدۇ خالىق ئۇيغۇر
مەنبە ...كۆڭۈلگە ياقىدىغان گەپلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 12:56 PM