|
|
|
|
چۈشەنچە
ھەممەيلەنگە مەلۇم ھازىر پىيىز بىلىتىنى خالىغانچە ئالىمەن دەپلا ئالغىلى بولماس بۇلۇپ كەتتى. ئەگەر پويىز بىكىتىگە بېرىپ ئالماقچى بولسىڭىز 10 كۈن بېرىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز توردا سېتىۋالسىڭىز 11 كۈن بۇرۇن سېتىۋالالايسىز. بۇنداق بولغاندا باشقىلاردىن بىر كۈن بۇرۇن خالىغانچە ئېلىۋالالايسىز دىگەن گەپ. يەنە كېلىپ ھازىرقىدەك پويىز بىلىتى قىس ۋاقىتلاردا كارۋاتلىق ئورۇنىڭ بىلىتى نەچچە مىنۇتلاردىمۇ تۈگەپ كېتىدىغان ئىشلار بار، بۇنداق ئەھۋالدا پويىز بىلىتىدىن كارۋاتلىق بىلەت ئالىمەن دىيىشىڭىز ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىگەنلىك.
مەزكۇر دەرسلىكنى سۆزلىمىسەكمۇ نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمى بىلەت ئېلىشنى بىلىدۇ(كۆپۈنچە ئوقۇغۇچىلار)، لىكىن يەنە بىر قىسىم توردا بىلەر ئېلىپ باقمىغانلارمۇ بار. مەزكۇر دەرسلىك شۇ ئازغىنە توردا بىلەت ئېلىپ باقمىغان تورداشلار ئۈچۈن « بىلىملەر تورى » تەرپىدىن تۈزۈلدى.
دىققەت
مەزكۇر تېمىنى كۆرگىنىڭىزدە ئازدۇر- كۆپتۇر ئىنكاس يېزىپ قويۇشنى ئۇنتىماڭ، بۇنداق بولغاندا مەزكۇر تېما مۇنبەر ئاستىدا تۇپا بېسىپ يېتىپ قالماي ھەر ۋاقىت باش بەتتە كۆرۈنىدۇ.
دەرسلىك
. ئاۋال http://www.12306.cn ئارقىلىق « جۇڭگو تۈمۈر يول مۇلازىمەت مەركىزى » گە كىرىمىز
. ئاندىن « 网上购买用户注册 » نى چىكىپ ئېچىلغان بەتتىن « 同意 » چىكىپ تىزىملىتىش بىتىگە كىرىمىز
. تىزىملىتىش بىتىگە كىرگەندىن كىيىن * بەلگىسى قويۇلغانلىرىنى چوقۇم توشقۇزۇڭ
. ئەمدى باياقى ئەزا نومىرىڭىز بىلەن باشقۇرۇش بىتىگە كىرىڭ
. باشقۇرۇش بىتىگە كىرىپلا 用户激活 دىگەن ئەسكەرتىشنى كۆرىسىز، ئەسكەرتىش بويىچە بايا سىز يازغان ئىلختىتڭىزنى(Email) ئېچىپ 12306 كەلگەن خەتتىكى ئۇلىنىش ئادىرىسنى چىكىپ ئەزا نامىڭىزنى ئاكتىپلاڭ
. ئەمدى يوقارقى ئۇسۇلدىكدەك ئەزا مەركىزىڭىزگە قايتا كىرىڭ
. ئەمدى « 车票预订 » نى بېسىڭ
. چىققان كۆزنەكتىكى يولغا چىققىدىغان ئورۇن(出发地)، يىتىپ بارماقچى بولغان ئورۇن(目的地)، بىلەت ۋاقتى(出发时间) قاتارلىقلارنى تەپسىلى توشقۇزۇپ ئىزدەش(查询) نى بېسىڭ
. تەكشۈرۈپ چىققان پويىز قېتىم سانىنى ياخشى كۆرۈپ سېتىۋالماقچى بولغان پويىزنىڭ بىلىتىنى زاكاس قىلىڭ
. چىققان كۆزنەككە ئىسىم فامىلىڭىز، كىملىك نومىرىڭىز، تېلفون نومىرىڭىز دىگەندەك ئۇچۇرلارنى تەپسىلى تولدۇرۇڭ(كىملىك بىلەن ئوخشاش بولسۇن، بىلەت ئالغاندا كىملىك بىلەن ئالسىز جۇمۇ) ئاخىرىدا 提交订单 نى بېسىپ تاماملاڭ.
. زاكاس قىلىش ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كىيىن تور بانكىسى ئارقىلىق 15 مىنۇت ئىچىدە پۇل تاپشۇرسىز(زاكاس قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم تور بانكىنى تەق قىلىپ، پۇلنى كۆپلەپ قاچىلاپ قويۇڭ)
. ھازىرچە قوللايدىغان تور بانكىلىرى ئاستىدىكى رەسىمدىكدەك، سىز شۇلاردىن خالىغاننى تاللاپ پۇل تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ(چوقۇم شۇ بانكىنىڭ تور بانكا ھېساباتىنى ئاچقۇزغان بولىشىڭىز كىرەك)
ئەمدى ئىش تامام. سىز باشقىلاردىن 1 كۈن بۇرۇن بىلەتنى تاللاپ، خىللاپ تۇرۇپ سېتىۋالدىڭىز. ئەگەر تور بانكا ھېساباتى ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز داۋاملىق دەرسلىك تېمىسى تۈزسەك بولىدۇ.
مەزكۇر دەرسلىنى بىلىملەر تورى تۈزدى.
مەنبە: http://www.bilimlar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=6093
يازما مىكرو بلوگغا يوللاندى bilimlar.comنىڭ مىكرو بلوگى
|
|
|
|
|
|