ئارىف
مەستانە ئـــەزا
ئېھتىمال ئۇ بىر يولدىكى بىر قىز
((ئارىف يېڭى ھىسارى شېئىرلىرىدىن )) گۈرەلدەيدۇ بىر خىل رېتىمدا ، مەنزىل داۋام ماڭار غارقىراپ . گۈل پۇرايدۇ بىھۇش قىلغۇدەك ، ئالدىمدىلا تۇرار پارقىراپ ، دېرىزىدىن چۈشكەن قوياشنىڭ نۇرلىرىدا جۇلالانغان ساچ ، بىر-بىرىدىن تىرەن قاراقاش ، چىرايىدىن چىقار ياتسىراش . تۆكۈلىدۇ چىھرىدىن شۇنداق ، ئوغۇز سۈتىدىن ئاپئاققىنە نۇر . ھارغىنلىقىنى بارار تۈگىتىپ ، نازى بىرلە قارشىدىن بىر قۇر . كىم-كىملەرگە قىلدىكىن تەسىر ، ئېنىق مېنى قىلغىنى ئەسىر . ئىككىمىزنىڭ بەختىگە بەلكىم ، تەييارلاندى ئەرىشتە قەسىر ، چېچىلغاندۇر جاھاننى مەپتۇن ، قىلالىغۇدەك خۇشپۇراق ئەتىر . ئېھتىمال ئۇ بىر يولدىكى بىر قىز ، يۈرىكى ئاتەش چوغلىنىپ تۇرغان . يۈرىكىمگە سالغىنى بىر ئىز ، قەلبىمدىكى قوياشتەك يورىغان . 2012-يىل 21-سىنتەبىر
پاش قىلىش
كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل
ئادەتتىكى ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئاكتىپ ئەزا
ZELAL530 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 01:39 PM ئۇ قىزنى چىڭ تۇتۇپ،بەخىتلىك ياشاڭ.‹چاق-چاق›
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ