ئەسسللامۇ ئەلايكۇم تۇرداشلار غەمكىن ئولتۇرغان ۋاقتىمدا بۇسۇزلەرنى ئۇقۇپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك بولدۇم ... سىلەرمۇ ئۇقۇپ بىقىڭلار.....
ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان كىشلەر، ئىماننىڭ تېرەنلىكىگە ھەقىقى چۆككەندىن كېيىن، دۇئانىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر قورال ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، ئۇ قورال بىلەن بالا – قازا ۋە قېيىنچىلىقنى يەڭگەن كىشىلەردۇر.
ئەسباغ ئىبنى زەيد (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋە ئۈچ بالام قورساققا دال بولغۇدەك ئوزۇق – تۈلۈكىمىز قالماي نېمە قىلارمىزنى بىلمەي قالدۇق. كىچىك قىزىم، چىقىپ، ماڭا ‹دادا، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى› دېدى»
كۆرۈڭكى، قىز دادىسىغا ئاچلىقتىن شىكايەت قىلدى، ئەمدى بۇ دادا كىمگە شىكايەت قىلىدۇ. (ئاپتور بايانى - ت)
قىسسىنىڭ داۋامى، «ئاندىن مەن تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئېسىمگە كەلگەن دۇئالارنى قىلدىم، ۋە ئاخىرىدا، ئەي مېھرىبانلارنىڭمۇ مېرىبانى بولغان ئاللاھ، ماڭا شۇنداق رىزىق ئاتا قىلغىنكى، ئۇنىڭدا ھېچ كېشىنىڭ مىننىتى بولمىسۇن، مەن ھەم ئاخىرەتتە، بۇ ھەقتە ھېساب بەرمەيدىغان بولاي» دەپ ئۆيگە قايىتتىم.
چوڭ قىزىم كېلىپ ماڭا، «ھەي، دادا بىر كىشى كېلىپ، ‹مەن سىزنىڭ تاغىڭىز، بۇ دەرھەم لەرگە لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىڭلار› دەپ بۇ پۇللارنى بەردى، ۋە‹ قېرىندىشىمغا سالام ئېيتىپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر ھاجىتى بولسا مۇشۇ دۇئانى قىلسا، ھاجىتى راۋان بولىدۇ › دەپ كېتىپ قالدى» دېدى.
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ھېچقانداق قېرىندېشىم يوق ئىدى، بۇ سۆزلەرنى قىلغان كىشىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيمەن. بىراق، ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەممىگە قادىردۇر.
(ئەسباغ ئىبنى زەيدنىڭ قىسسى تامام)
شەقىق ئەلبەلخى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ، بىر كۈنى ئايالىم ماڭا، « بۇ بالىلارنىڭ ئاچلىقتىن قانداق ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا زورلىسىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ » دېدى. ئاندىن مەن تاھارەت ئالدىم. مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى. ئۇ ماڭا دائىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ، قانداقلىكى ھاجىتىم بولسا، ئۆزىگە ئېيتىشىمنى ۋە ئۇنىڭدىن يوشۇرماسلىقىمنى جېكىلەيتتى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئېسىمگە كېلىپ، ئۆيدىن چىقتىم. مەسجىدنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئەبى جەئفاردىن رىۋايەت قىلىنغان ‹كىمنىڭ مەخلۇققا ھاجىتى چۈشۈپ قالسا، ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالادىن تىلىسۇن› دېگەن بىر سۆز خاتىرەمدىن كەچتى.
ئاندىن مەسجىدكە كىرىپ، ئىككى رەئكەت نامازغا تۇردۇم، تەشاھۇدتا ئولتۇرغاندا مېنى ئۇيقا بېسىۋالدى، شۇ ئەسنادا، چۈشمۇ كۆرۈپ كېتىپتىمەن، چۈشۈمدە، ‹ ھەي، شەقىق، ئاللاھنى قويۇپ، بەندىلەرگە مۇراجەت قىلىپ، ئاللاھنى ئۇنۇتامسەن؟ ھەي، شەقىق، ئاللاھنى قويۇپ، بەندىلەرگە مۇراجەت قىلىپ، ئاللاھنى ئۇنۇتامسەن؟ › دېگەن سادا كەلگۈدەكمىش. ئاندىن ئويغۇنۇپ، بۇ چۈشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ بىر ئاگاھلاندۇرىشى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
تاكى ناماز خۇپتەنگىچە مەسجىدتە بولدۇم، مەسجىدتىن چىقىپ، ئۇ دوستۇمنىڭكىگە بېرىشتىن ۋاز كېچىپ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىپ (قاتتىق ئىشىنىپ) ئۆيگە قايتتىم. ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇ دوستۇم مەن ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆيۈمگە ئۆز قولى بىلەن ئەكىلىپ بەرگەنىكەن.
شەك – شۈبھىسىزكى، جانابى ھەق دۇئالارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. كىمىكى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا كۇپايە (يېتەرلىك) ئىكەنلىكىدىن ھېچبىرىمىز گۇمان قىلمايمىز – ئەلۋەتتە.
(شەقىق ئەلبەلخىنىڭ قىسسىسى تاماملاندى)...
تەتقىقاتچى ئالىم ئىبنى قەييۇم (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ سۈرە « فاتىھە » بىلەن قىلغان دۇئاسى ۋە بۇ ھەقتىكى قىسسىسىنى ئاڭلاڭ:
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەككىدە تۇرغان چاغلىرىمدا، ماڭا بىر تۈرلۈك كېسەل چاپلاشتى. كېسىلىمگە نە دوختۇر، نە دورا تاپالمىدىم. ئاندىن سۈرە ‹فاتىھە› ئارقىلىق ئۆزۈمنى داۋلاشقا باشلىدىم. بۇ سۈرىنى ئوقۇيمەن –دە، ئۇنى زەمزەم سۈيىگە دېمىدە قىلىپ ئىچىمەن. شۇنداق قىلىپ ساقايدىم. سۈرە ‹فاتىھە› نىڭ ئاجايىپ شىپالىق تەسىرى بارلىقىنى مۇشۇنداق ئۆز تەجىربەمدىن ئۆتكۈزگەن بولدۇم. كېيىن بۇ تەجىربەمنى باشقا كېسەل بولۇپ قالغان مۆمىنلەرگە تونۇشتۇردۇم. ئۇلارنىڭمۇ مۇتلەق كۆپ قىسمى سۈرە ‹ فاتىھە › نىڭ داۋالىشى بىلەن شىپالىق تېپىپ ساقىيىپ كەتكەنىدى.
(ئىبنى قەييۇمنىڭ قىسسىسى تاماملاندى)
ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن ھەدىستە، بىر يۇرتنىڭ باشلىقىغا سۈرە «فاتىھە» ئوقۇلغاندا، ئۇ باش ئاغرىقىدىن سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەن. بۇ ھەم «فاتىھە» سۈرىسىنىڭ پەزىلىتىگە شاھىتتۇر.
دۇئانىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى گۈزەل ۋە نادىر (ئاز ئۇچرايدىغان) بىر مىسالنى قەيىت قىلىشىمىز ئارتۇقچە بولماس:
سەئىد ئىبنى جۈبەيىر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ بىر خورىزى بولۇپ، ئۇ ھەر كېچىسى ئاشۇ خورازنىڭ چىللىشى بىلەن ئويغىنىدىكەن. ئەمما ئۇ خوراز بىر كېچىسى چىللىماي قويىدۇ – دە، سەئىد تەھەججۇد نامىزىغا تۇرالماي تاڭ ئېتىپ كېتىدۇ. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق ھار كېلىدۇ ۋە ئاللاھقا بۇ خورازنىڭ ئۈنىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ھەققىدە دۇئا قىلىدۇ. سەئىدنىڭ دۇئاسى ئىجابەت ئىدى. دېگەندەك، شۇندىن كېيىن، خورازنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەئىدنىڭ ئانىسى، «بالام، سەن بۇندىن كېيىن، بىر نەرسە ئۈستىدىن دۇئا قىلمىغىن» دېگەنىكەن.
(سەئىد ئىبنى جۈبەيىرنىڭ قىسسىسى تاماملاندى)
دەئۋەتچىلەردىن بىرى كىتابىدا نەقىل كەلتۈرگەن بىر قىسسىدە، داۋاملىق ئاللاھ تائالانىڭ تائات – ئىبادىتىدە بولىدىغان، ئاللاھنى ھەر زامان تەۋبە بىلەن ئەسلەپ تۇرىدىغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇ بىر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قىلغان بىر چۆل سەپىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:
ئېلىۋالغان سۈيىمىز تۈگەپ كېتىپ، سۇ ئىزدەپ بىر كۆلنى تېپىۋېدىم، ئۇ بىر قۇرۇق كۆل بولۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يېنىغا قۇرۇق قول قايتىپ كەلدىم. ئاندىن ھەممىمىز تۆت تەرەپكە قاتراپ ئىزدەپ، بىر تېمىممۇ سۇ تاپالمىدۇق. ھەممىمىز ئۇسساپ، قاغجىراپ كەتتۇق.
شۇنداق قىلىپ، مەن ھەممىدىن پاك، ئىززەتلىك، بەندىلىرىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچى، قۇللىرىغا ناھايىتى يېقىن بولغان پەرۋەردىگارىمنى ئەسلەپ، تەيەممۇم قىلىپ، قىبلىگە يۈزلەندىم. ئىككى رەئكەت ناماز قىلىپ، تاراملاپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىم بىلەن دۇئاغا قول كۆتۈردۈم. ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن كامالى ئىشەنچ بىلەن سورىدىم، ۋە ئۇ زاتنىڭ، «بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋېتىدىغان كىم؟» (‹نەمىل› سۈرىسى، 62 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن سۆزىنى ئەسلىدىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئورنۇمدىن تۇرغاندا، كۆكتە نە ئاق بۇلۇت نە قارا بۇلۇت يوق ئىدى. تۇيۇقسىز بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ چۆلدىكى مەن تۇرغان ئورۇننى بىر ئالدى – دە، شارقىراپ يامغۇر يېغىپ، ئەتراپىمىزدىكى كۆللەر لىقمۇلىق تولدى. بۇ سۇدىن قانغۇچە ئىچتۇق، يۇيۇنۇپ، تاھارەت ئالدۇق، ۋە جانابى ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدى (ماختاش) ئېيتتۇق.
بىر دەمدىن كېيىن، ئالدىمىزغا قاراپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا، ئۇ جايلاردا يامغۇردىن ئەسەرمۇ يوق، قۇپقۇرۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ھەقىقەتەنمۇ ئۇ بۇلۇت ئارقىلىق دۇئايىم بىلەن سۇغارغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ۋە ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا چەكسىز ھەمدۇ – سانالار ئېيتتىم.
ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر مەدھىيەگە لايىقتۇر (‹شۇرا› سۈرىسى، 28 – ئايەت)
(بۇ قىسسە تاماملاندى)
بۇ كىتابتا يەنە تۆۋەندىكى قىسسىمۇ نەقىل كەلتۈرۈلگەن.
ئەلقىسسە: بىر مۇسۇلمان كىشى بىر دۆلەتكە بېرىپ، شۇ جاينىڭ پۇقرالىق گۇۋاھنامىسى (گىراژدانلىق ھوقۇقى) نى ئېلىش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغاندا، ھەممىلا جايدىن بۇرنىغا يەپ قايتىدۇ. بۇ كىشى قولىدىن كەلگەنلىكى ئامالنىڭ ھەممىنى قىلىپ، تونۇش – بىلىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە يېلىنىپ باقىدۇ، يەنىلا نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن، تەقۋادار بىر ئالىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزنىڭ ئوسال بىر ھالغا قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئاندىن ئۇ ئالىم ئۇنىڭغا، «سەن كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاللاھقا دۇئا قىلغىن، ھەقىقەتەن ئۇ زات ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرغۇچىدۇر.» دەپ نەسىھەت قىلىدۇ.
ئۇ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن بەندىدىن ياردەم سورايدىغان ئىشلارنى تاشلاپ، ئۇ ئالىمنىڭ دېگىنىدەك، كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بېرىدە ناماز ئوقۇشنى باشلىدىم. سەھەردە، ئاللاھنى سېغىنىپ، ئۇ زاتقا دۇئا قىلاتتىم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئادەتتىكىدەكلا، ماتېرىياللىرىمنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا تاپشۇردۇم. ئارىمىزدا ۋاسىتىچى ھەم يوق ئىدى. ئۇلار ماتېرىيالىمنى يۇقىرغا يوللىدى. بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ، ئۇ ئورگانغا چاقىرىتىلغىنىمدىن شۇنچىلىك ھەيران قالدىمكى، مۇشۇنداق پاسسىپ شارائىتتا تۇرۇپمۇ «پۇقرالىق گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكىنىمگە شۇنچىلىك ھەيران قالدىم .
پەرۋەردىگارىمنىڭ دۇئالارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە ئىجابەت قىلغۇچى، بەندىلىرىگە ئىلتىپاتلىق ۋە يېقىن زات ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. بىراق، نۇقسان ئۆزىمىزدىدۇر. بىز چوقۇم ئاللاھ تائالاغا قايتىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشىمز كېرەك. ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ دۇئالارنىڭ ئاڭلاپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكى بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بىر خۇش بېشارەت.
ئاياغىنىڭ بوغقۇچى ئۈزۈلۈپ كەتسىمۇ، ئاللاھ تائالاغا مۇراجەت قىلىپ ھال ئېيتىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ھەم ئاڭلىمىدۇقمۇ!؟ شۇنداق، ئۇلار شۇنداق بەندىلەركى، ئاياغ بوغقۇچىنىلا ئەمەس بەلكى، بىر چىمدىم تۇزنىمۇ ئاللاھتىن سورايدۇ.
ھەي، ھاجەتمەنلەر! ھەي، كېسەللەر! ھەي قەرىزدارلار! ھەي قېيىنچىلىقتا قالغانلار، ھەي زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار!
ھەي، پالاكەت پاتقىقىغا پېتىپ، غەم دەرياسىدا ئېقىپ يۈرگەنلەر! ھەي، نامراتلىق ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ، ھەق – ھوقۇقىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلار! ھەي، ئەر – ئاياللىق تۇرمۇشىدا بەخت، بەخت دەپ بەختسىز بولغانلار! ھەي، پەرزەنت تىلەپ، قىلمىغىنى قالمىغانلار! ھەي ئوقۇشتىن ئۇتۇق، خىزمەتتىن ئورۇن ئىزلەپ يۈرگەنلەر! ھەي، مۇسۇلماننىڭ ئىشى دېسە، ئۆز ئىشىم دەپ جان كۆيدۈرىدىغانلار!
ھەي، ھاجەتمەنلەر! ھەي، كەڭرى زېمىن تار تۇيۇلغانلار، «شۇنچە خەقنىڭ بەختى پاتقان دۇنيادا، كىچىككىنە مېنىڭ بەختىم پاتماسمۇ؟» دەپ قوشاق توقۇغانلار! بىز نېمە ئۈچۈن دەردىمىزنى ئاللاھقا دېمەيمىز!؟ ھالىمىزنى ئاللاھقا ئوقۇمايمىز!؟
ئەجابا، ماڭا دۇئا قىلىڭلار مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن) (‹غافىر› سۈرىسى، 60 – ئايەت) دېگەن سۆزنى قىلغان ئاشۇ زات ئەمەسمۇ؟
نېمە ئۈچۈن بىز مۇھتاجلىق بىلەن سونۇلغان قوللىرمىزنى ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا كۆتۈرمەيمىز.
ئۇ زات مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرىلىق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن.(يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن) ماڭا دۇئا قىلسا مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. (‹بەقەرە› سۈرىسى، 186 – ئايەت) دېگەن ئۇلۇغ سۆزنى ئېيتقۇچىدۇر.... شۇڭا ئىنسانغا مۇھتاج بولماي . ئاللاھ غا مۇھتاج بولايلى ،ھەرقانداق سۇز قەلىپتىن نىيەتتىن چىقىشمۇھىم كەن...........
مەنبەسى:
http://www.2094.com.cn/article/2 ... d=154&catid=111
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 11:00 PM