مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10890|ئىنكاس: 26

دولقۇن قادىر:ماقالە ئالۋىنى قاچان تۈگەيدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85265
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 150
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-9-18
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 10:10:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

            ماقالە ئالۋىنى قاچان تۈگەيدۇ

    ئابدۇروسۇل ئابدۇرېھىم

ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى دولقۇن قادىر بىلەن سۆھبەت

ئۇنۋان مەسىلىسى ئوقۇتقۇچى ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە. ئېلىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە كەسپىي خادىملار ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن مەملىكەت دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىشى كېرەك. دېمەك نۇقتىلىق ژۇرناللار ئۇنۋان ئېلىشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي ئورۇنلار نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىشنى زىيالىيلارنىڭ كەسپىي نەتىجىسىنى ئۆلچەشنىڭ مۇتلەق ئۆلچىمى قىلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ۋە باشقا ئەمگەكلىرىنى تولۇق  كۆزدە تۇتمىغاچقا، ، بىر قىسىم نۇقتىلىق ژۇرناللار ماقالە ئېلان قىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن پۇل ئالىدىغان، ماقالە ئېلان قىلىشنى پۇل يىغىۋېلىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرىۋالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئىلىم ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا نۇقتىلىق ژۇرنال دېگەن زادى نېمە؟ نۆۋەتتە ئېلىمىزدە قانچىلىك نۇقتىلىق ژۇرنال بار؟ نۇقتىلىق ژۇرناللارنىڭ ماقالە ئېلان قىلىش ئۈچۈن پۇل ئېلىش قىلمىشىغا قارىتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بارمۇ-يوقمۇ؟ چەت ئەللەرنىڭ نۇقتىلىق ژۇرنال ئەھۋاللىرى قانداق؟ نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ بىز بۇ ساندا مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ مۇخبىرى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىمنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى دولقۇن قادىر بىلەن مۇشۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى دېققىتىڭلارغا سۇنىمىز.


ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: دولقۇن، ياخشىمۇسىز. بىز ئالدىنقى بىر قانچە قېتىملىق سۆھبەتتە رەھبىرىي كادىرلار، كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان تۇرمۇش ئادەتلىرى؛ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە زىيالىيلارنىڭ نۆۋەتتىكى ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ھەققىدە سىز بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئىدۇق. ھەممىمىزگە مەلۇم، «نۇقتىلىق ژۇرنال» دېگەن بۇ ئىسىمنى بىز ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز، نۇقتىلىق ژۇرنال ئوقۇتقۇچىلار ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇنۋان ئېلىشىدىكى بىر مۇھىم ئۆتكەل. مېنىڭچە، نۇقتىلىق ژۇرناللار ۋە ئوقۇتقۇچى ، كەسپىي خادىملارنىڭ نۇقتىلىق ژۇرناللارغا ھەقلىق ماقالە يېزىپ ئۇنۋان ئېلىشى ئۈستىدە توختىلىشىتىن بۇرۇن، نۇقتىلىق ژۇرنالنىڭ زادى قانداق ئۇقۇم ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش تولىمۇ زۆرۈر دەپ ئويلايمەن.

    دولقۇن قادىر: «نۇقتىلىق ژۇرنال» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى تۇنجى بولۇپ ياۋروپالىق ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان. 1931-يىلى ئەنگلىيەلىك ئالىملار مەلۇم ۋاقىتتا مەلۇم پەن بويىچە ئېلان قىلىنغان مۇھىم ماقالىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ژۇرنالغا مەركەزلىشىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. 1967-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ،مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ھەرقايسى ئىلىم ساھەسىدە ئېلان قىلىنغان %75 ماقالە %10 ئاساسلىق ژۇرنالغا مەركەزلىشىپ قالىدىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، «نۇقتىلىق ژۇرنال» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇندىن كېيىن، ئىلىم ساھەسىدىكى بەزىبىر نوپۇزلۇق ئورگانلار بۇ ژۇرناللارنى قەرەللىك باھالاپ چىقىپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان. دېمەك، ئەسلىي كېلىپ چىقىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا نوپۇزلۇق ژۇرنال ئىلىمنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر ياخشى ۋاسىتە ھەم ئاۋامنىڭ، مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلىدىغان ئاكتىپ مەنىدىكى بىر ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

      نۆۋەتتە، خەلقئارادا مۇنداق بىر نەچچە خىل نۇقتىلىق ژۇرنال سىستېمىسى كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. تەبىئىي پەن ساھەسىدە (Science Citation Index)SCI، (The Engineering Index)EI، (Index to Scientific &Technical Proceedings)ISTPدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق ژۇرنال  سىستېمىسى بار،

Sciences Citation Index) SSCI (Social بولسا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى خەلقئارالىق نۇقتىلىق ژۇرنال سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ.دۆلىتىمىزدە بولسا نۇقتىلىق ژۇرنال دېگەن بۇ ئۇقۇم 1973-يىلىدىن باشلاپ چەت ئەلدىن كىرىشكە باشلىغان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ھەرقايسى ساھەلەردە «نۇقتىلىق ژۇرنال» ئۇقۇمى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، كەسىپلەر بويىچە ئۇنۋان باھالاشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىنغان، نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە يەتتە چوڭ نۇقتىلىق ژۇرنال باھالاپ بېكىتىش سىستېمىسى بار. بۇلار ئاساسەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۇتۇپخانىسى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئىلمىي ئورۇنلار ژۇرناللارنى قەرەللىك باھالاپ چىقىپ، مۇندەرىجە تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەتنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، «نۇقتىلىق ژۇرنال» ئۇقۇمى ئەسلىي مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ ئىلمىي نوپۇزىنى رىقابەتكە سېلىپ تۇرىدىغان ياخشى ئىش دېيىشكە بولىدۇ. خەلقئارالىق نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەر ئۆز ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەۋر بۆلگۈچ زور ئىلمىي نەتىجىلەرمۇ خەلقئارالىق نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدۇ. دۆلىتىمىزدىمۇ نۇرغۇن مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئىلمىي ژۇرناللار سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ ئۆزىنىڭ نوپۇزلۇق ئورنىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھالدا ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

         ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: نۇقتىلىق ژۇرنالنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئوينايدىغان رولى توغرىسىدا ئاز تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. ئۇنداقتا ھازىر ئېلىمىزدە نۇقتىلىق ژۇرناللارغا ماقالە يازىدىغانلارنىڭ سانىنى، قانچىلىك نۇقتىلىق ژۇرنال بارلىقىنى تەخمىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولامدۇ؟

         دولقۇن قادىر: ھازىر مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان دوكتۇر ئاسپىرانت، ماگىستىر ئاسپرانتلارنىڭ سانى بىر مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنۋان ئالىدىغان ئوقۇتقۇچى، دوختۇر ۋە باشقا ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان كەسپىي خادىملار نەچچە مىليونغا يېتىدىكەن. دېمەك بۇلارنىڭ ھەممىسى نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىشى كېرەك. ئەمما مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق ژۇرنال دەپ بېكىتىلگەن ژۇرنال سانى بىلىشىمچە 6000 مىڭدىن ئاشمايدۇ. دېمەك، نەچچە مىليون ئادەم 6000 دىن ئاشمايدىغان مۇشۇ ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىشى كېرەك.

        ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: ئاڭلىساق ھازىر نۇقتىلىق ژۇرناللارغا ماقالە ئېلان قىلىش ئۈچۈن ھەق ئالىدىغان ئەھۋاللار باركەن، دۆلەتنىڭ مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە چىقارغان بەلگىلىمىسى بارمۇ قانداق؟

      دولقۇن قادىر:ھەق ئالىدىغان ئەھۋاللار بار، ئىگىلىشىمچە، ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە پۇل ئېلىپ ماقالە ئېلان قىلىدىغان نۇرغۇن ژۇرناللار بار. مەسىلەن، ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق ژۇرنال بولسا بىر بەتكە 600 يۈەندىن 900 يۈەنگىچە پۇل ئالىدىكەن، دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ژۇرنال بولسا بىر بەتكە 900 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە بەت ھەققى ئالىدىكەن، ئەگەر ھەقىقىي ئىلمىي ساھەسىدىكى نۇقتىلىق ژۇرنال بولسا 6000 خەتكە 5000 يۈەندىن 18 مىڭ يۈەنگىچە ھەق ئالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن. ئاڭلىشىمىزچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ ، 300 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە پۇل ئېلىپ ماقالە ئېلان قىلىدىغان ئەھۋاللار بار ئىكەن.

      ھازىر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورۇنلىرىمۇ بۇ مەسىلىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ماقالە ئېلان قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق نامۇۋاپىق مەسىلىلەرنى توسۇش ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى، 2009-يىلى دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسى ئاخبارات ژۇرنال مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ زىچىڭ ئەپەندى ئېنىق قىلىپ: ھازىرقى نۇقتىلىق ژۇرنال باھالاش ئىشى ھۆكۈمەت ھەرىكىتى ئەمەس، جەمئىيەتتىكى ھەر خىل نۇقتىلىق ژۇرنال باھالاش ھەرىكىتىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىسى يوق، دېدى. ھەممىمىزگە ئايان، «نۇر گېزىتى» ئېلىمىزنىڭ نەزەرىيە ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى،  «نۇر گېزىتى»نىڭ 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى سانىدا مەخسۇس پۈتۈن بىر بەت ماقالە ئېلان قىلىنىپ نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلىش قىلىش ئۈچۈن پۇل ئېلىش مەسىلىسى تەنقىد قىلىنغان. ماقالىنىڭ ماۋزۇسى مۇنداق: «يادرولۇق ژۇرنال ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك».

        ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: ئەگەر ئالىي مەكتەپلەر ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئوقۇتقۇچى،كەسپىي خادىملارنىڭ نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىشىنى كەسپىي نەتىجىسىنى ئۆلچەشنىڭ مۇتلەق، بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىۋالسا يەنە قانداق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؟

        دولقۇن قادىر: ھازىر نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئۇنۋان ئالىدىغان زىيالىيلارنىڭ زىممىسىدىكى بىر يۈك بولۇپ قالدى، دېيىشكە بولىدۇ. نۇرغۇن زىيالىيلار نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ، تەھرىرلەرگە يالۋۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېزىشقا قۇربى يەتمىسە باشقىلارغا يازدۇرۇپ يۈرۈۋاتقان ئەھۋاللار ئەتراپىمىزدا ئاز ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار مۇشۇ نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلدۇرالىسا كەسپىي نەتىجىسى ئېتىراپ قىلىنىدۇ، مۇشۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى ئۆلچىنىدۇ. نۇقتىلىق ژۇرناللار ئۇنۋان ئېلىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆتكىلى ھېسابلىنىۋاتىدۇ. ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي ئورۇنلارمۇ نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىشنى ئۆلۈك ھالدا ئوقۇتقۇچى، زىيالىيلارنىڭ كەسپىي نەتىجىسىنى ئۆلچەشنىڭ نوقۇل ئۆلچىمى قىلىپ قويماقتا. ھازىر بىر قىسىم جايلاردا بۇنى بىر مەمۇرىي بۇيرۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ بىر قەدەر ئېغىر، بۇنى بىر نامۇۋاپىق ھادىسە دېيىشكە بولىدۇ.

        بۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇنۋان ئالىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى، ژۇرناللار مونوپوللۇق ئورنىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدە ماقالە ئېلان قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ساختا، بيۇكراتلىق، چىرىكلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ ئىلىم دۇنياسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە: بىر قىسىم زىيالىيلار ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ساختا ماقالىلەرنى يېزىپ نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ، نۇقتىلىق ژۇرناللارنىڭ ئىلمىي سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە. ژۇرنال تەھرىراتى ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېلان قىلدۇرۇش ئۈچۈن بەرگەن پۇل بىلەن ھېسابلىشىپ، بەزى تۆۋەن سەۋىيەدىكى ماقالىلەرگە «يېشىل» چىراغ يېقىپ بەرمەكتە. بەزى زىيالىيلار ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن كەڭ مەنىدىن ئىنسانىيەت، جەمئىيەت ، تار مەنىدىن ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەھمىيەتلىك تەتقىقات تۈرلىرىنى ئەمەس، تۈزۈك پايدىسى بولمىغان تەتقىقات تۈرلىرى ئۈچۈن پۇل خەجلەپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ماقالە يېزىپ يۈرمەكتە. «نۇقتىلىق ژۇرنال» دا ماقالە ئېلان قىلدۇرۇش ئالۋىڭى كەلتۈرۈپ چىقارغان بېسىم تۈپەيلىدىن يېزىلغان زورلانما ماقالىلەر، باشقىلارغا پۇل خەجلەپ يازدۇرغان تۇغۇندى ماقالىلەر مەتبۇئات ساھەسىنى پاخال قىلماقتا. نۆۋەتتە، مانا مۇشۇنداق بىنورمال ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن جەمئىيەتتە زىيالىيغا، پىروفېسسورغا ئىشەنمەيدىغان كۆز قاراشلار پەيدا بولدى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ، بۇنىڭ يىلتىزى نۇرغۇن ئىشلارغا بېرىپ چېتىلىدۇ،لېكىن سەۋەبىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ زىيالىيلار توپىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىگە ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى زىيالىي دېمەك بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى يول باشچىسى، ناۋادا زىيالىيغا نىسبەتەن ئىشەنچ كىرىزىسى يۈز بەرسە بۇنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرى 100 يىللاپ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق يىللار تۈگىمەسلىكى مۇمكىن.

       ئەلۋەتتە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ يۇقىرى سەۋىيەدە چىقىۋاتقان ژۇرناللارمۇ يوق ئەمەس، بۇلارمۇ خېلى بار. لېكىن پۇلغا، مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ماقالە ئېلان قىلىدىغان نۇقتىلىق ژۇرناللارنىڭ سانىمۇ كۆپ بولغانلىقتىن بۇ پۈتكۈل ژۇرنالچىلىق ساھەسىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىغا يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ياخشى ژۇرنالنى بەرپا قىلىشقا ئۇزاق ۋاقىت تىرىشچانلىق كېتىدۇ. ئەمما بىر ياخشى ژۇرنالنىڭ ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتلىق بىر ئىش.

         ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: يۇقىرىدا سىز دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ نۇقتىلىق ژۇرناللارنى باھالاش ئىشىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېنىق تەكىتلىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتىڭىز، «نۇر گېزىتى»دە نۇقتىلىق ژۇرناللارنىڭ ماقالە ئېلان قىلىش ئۈچۈن پۇل ئېلىش مەسىلىسىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتىڭىز، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نۇقتىلىق ژۇرناللارنى باھالاش ۋە نۇقتىلىق ژۇرناللارنىڭ ماقالە ئېلان قىلىش ئۈچۈن پۇل ئېلىش مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب زادى نېمە؟

        دولقۇن قادىر:مېنىڭچە، مۇنداق ئىككى نېگىزلىك سەۋەب بار: بىرىنچى، نۆۋەتتىكى ئۇنۋان، ئىلمىي نەتىجە باھالاش سىستېمىسىدىكى قاتماللىق. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مائارىپ سىستېمىسىدا ئىلمىي ماقالىنىڭ سانىغا قاراپ ئۇنۋان ۋە ئىلمىي نەتىجە باھالايدىغان ئۇسۇل مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتى. دەسلەپتە بۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى باھالاشتىن باشلاندى، كېيىن دوكتۇر، ماگىستىر ئاسپىرانتلىرىنى باھالاشقا كېڭەيدى، ئاخىرىدا پۈتۈن كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشقىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل قوللىنىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت بويىچە ئۇنۋان باھالاشتا سۈپەت قوغلاشماي سان قوغلىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئىككىنچى، كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىغا ئاساسەن نۇرغۇن ژۇرناللارغا يىللىق كىرىم ۋەزىپىسى قويۇلدى. پىلان ئىگىلىكى دەۋرىدە ژۇرناللارنىڭ كىرىمى دۆلەتتىن بىر تۇتاش ھەل قىلىناتتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋرىدە بۇنداق ئورۇنلارغا دۆلەتتىن ئاجرىتىلىدىغان مەخسۇس خىراجەتتىن باشقا، ئۆزىمۇ مەلۇم كىرىم قىلىش تەلىپى قويۇلدى،ھەم شۇ خىل يول ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاشكارا-يوشۇرۇن ھالدا ماقالىغا پۇل ئېلىش تەلىپى قويۇلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بەزى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار بۇ خىل ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، لېكىن كەسكىن تەدبىر قوللانمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ژۇرناللار ئۆز مەيلىچە ژۇرنال بەت سانلىرىنى كۆپەيتىپ، يەنە يىل ئاخىرىدا «قوشۇمچە سان» دېگەندەك ناملار بىلەن كۆلەملىك پۇل يىغىشقا باشلىدى.

         ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم:ئەگەر بىر ژۇرنال «نۇقتىلىق ژۇرنال» دېگەن نامغا ئېرىشسە، شۇ ژۇرنالنىڭ ئىناۋىتى ئۆسۈپ، ئىقتىسادىي كىرىمى ئاشىدىكەندە؟

         دولقۇن قادىر: شۇنداق، بىر ژۇرنال نۇقتىلىق ژۇرنال تىزىملىكىگە كىرىشى بىلەنلا ئۆزلىرىگە ھەرقايسى جەھەتتىن پايدىسى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ھەر قېتىملىق نۇقتىلىق ژۇرنال باھالاش ئىشلىرى باشلانغان مەزگىلدە ھەرقايسى ژۇرناللار، ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ،بۇنداق چاغدا باھالاش ھەيئىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەر خىل «مۇناسىۋەت»لەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىسا چوڭ مەنپەئەتتىن قۇرۇق قالىدىغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو جەمئىيىتى بىر مۇناسىۋەت جەمئىيىتى،يازغان ماقالىڭىز تەلەپكە ئۇيغۇن بولسىمۇ ئىلمىي ژوناللاردىكى تەھرىرلەر بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى بولمىسا ئىشلىرىڭىز ئانچە ئوڭغا تارتىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدىغان ئادەم ياكى پۇل خەجلىشى كېرەك ياكى مۇناسىۋەت تېپىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ ئايرىم ئەھۋال، ماقالە ياخشى بولسا مۇھەررىرلەر چوقۇم ئىشلىتىدۇ. لېكىن ئوتتۇرا، تۆۋەن سەۋىيەدىكى ماقالە سانىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقتىن ماقالە ئاپتورىمۇ مەلۇم ئەگرى يول ئارقىلىق ماقالىسىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. مۇھەررىر بولغۇچىمۇ ئالاھىدە بىر ئىمتىيازلىق كىشىگە ئايلىنىدۇ.

    ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: بىلىشىمىزچە، چەت ئەللەردىمۇ نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش تەلىپى قويۇلىدىكەن. چەت ئەللەردىمۇ نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلسا ھەق تاپشۇرىدىغان ئىشلار بارمۇ يوقمۇ؟ ماقالىنىڭ سۈپىتىگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ يەنە قانداق تەلەپلىرى بار؟

     دولقۇن قادىر: مېنىڭ بىلىشىمچە، چەت ئەلدىكى ئونۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچىلارغا ماقالە ئېلان قىلىش تەلىپى بار.ئەمما بۇ دۆلىتىمىزنىڭكىدەك ھەرگىز بىر ئۆلۈك مەمۇرىي بۇيرۇققا ئايلىنىپ قالمىغان. ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار نەچچە يىلدا بىرەر پارچە ماقالە ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ ،ھەم ژۇرناللارنىڭ كەيپىياتىمۇ نىسبەتەن ساغلام بولغاچقا ئىلمىي ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلماقمۇ ئىنتايىن قىيىن، يەنى ماقالىنىڭ سۈپىتىگە بولغان تەلەپ ئالاھىدە يۇقىرى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شىۋىتسىيەدە تۇرىۋاتقان ياش ئالىم ئەسەت سۇلايمان بېيجىڭدىن ئۆتكەندە ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئەسەت سۇلايمان ياۋروپادا تۈركىلوگىيەگە ئائىت بىر ژۇرنالدا بىر ماقالە ئېلان قىلماقچى بوپتۇ ۋە ماقالىنى ژۇرنالغا ئەۋەتىپتۇ. كېيىن بۇ ژۇرنالدىن خەۋەر كېلىپ، ماقالىسىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ماقالىنى ئەسەت سۇلايمانغا 20 نەچچە قېتىم قايتۇرۇپ ئوڭشاتقۇزۇپتۇ. بۇنىڭدىن چەت ئەلدىكى ئىلىم مۇھىتىنىڭ نەقەدەر ساپ ئىكەنلىكىنى، ماقالىغا بولغان تەلەپنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

       ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم:ئېلىمىزنىڭ نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش تەلىپىنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ماقالىلەر ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، بىز بۇ ماقالە ئەسەرلەرگە خەلقئارالىق نۇقتىدىن قانداق قارىشىمىز كېرەك؟ ھازىر ساقلىنىۋاتقان نۇقتىلىق ژۇرناللارنى باھالاش، ماقالە ئېلان قىلىش ئۈچۈن پۇل ئېلىش، ئۇنۋان باھالاشتا ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىيلارنىڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىنى مۇتلەق ئۆلچەم قىلىۋېلىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

      دولقۇن قادىر:ھازىر دۆلىتىمىز ماقالە سانى جەھەتتە چوڭ بىر دۆلەتكە ئايلاندى، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ماقالە ئومۇمىي سانى جەھەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرگەنتىم، ھازىر بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن،لېكىن بۇ ماقالىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، دۆلەتنىڭ مائارىپقا ئاجراتقان خىراجىتىمۇ يۇقىرى، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە پۇل كەم ئەمەس. ئالىي مەكتەپلەردە ئېسىل بىنالار بەس-بەس بىلەن سېلىنىۋاتىدۇ، زور سوممىلىق تەتقىقات تۈرلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ھەسسىلەپ كۆپىيىۋاتىدۇ، ئاتا-ئانىلار پۈتۈن كۈچىنى،پۈتۈن ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ بالىلىرىنى ئوقۇتىۋاتىدۇ،دېمەك سىرتقى جەھەتتىن قارىغاندا دۆلىتىمىز مائارىپقا، بىلىمگە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەتتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كارخانىلاردا يادرولۇق تېخنىكا چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزدىن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە تۈزۈك ئالىملار چىقمايۋاتىدۇ، ئالىملىرىمىز نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، شۇڭا، بۈگۈن سۆزلىنىۋاتقان بۇ ماقالە مەسىلىسى، دۆلىتىمىزنىڭ زىيادە سان قوغلىشىش ئەندىزىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمەن.

       مېنىڭچە، بۇ مەسىلىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى تۈزۈلمە مەسىلىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە ئويلىنىش كېرەك، يەنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ نەتىجىسىنى تاللاشتا ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى بەكرەك كۆزدە تۇتۇش كېرەك. ماقالە ئېلان قىلىشنى ئەلۋەتتە بىر تاللاش تۈرى قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇنى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. نۇقتىلىق ژۇرنال دېگەن ئەسلىدە ئاكتىپ ياخشى بىر ئۇقۇم،شۇڭا نۇقتىلىق ژۇرناللارنىڭ ئوبرازىنى ھەممەيلەن قوغدىشىمىز كېرەك، نۇقتىلىق ژۇرنال ھەرگىز بىر قىسىم ئىمتىيازلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەت گۇرۇھىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

     ئۇنىڭدىن باشقا ئاڭلىسام، ئۇنۋان باھالىغاندا قايسى تىلدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقىغا قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ باركەن، بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلسا ئاز نومۇر ھېسابلايدىغان، خەنزۇچە ماقالە ئېلان قىلسا كۆپ نومۇر ھېسابلايدىغان ئەھۋاللارنىمۇ ئاڭلىدۇق، بۇمۇ مېنىڭچە نامۇۋاپىق ئەھۋال، ئىلمىي تەتقىقاتنى ھەرقانداق تىلدا ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بەزى تىللار ئىلمىي تەتقىقات تىلى يەنە بەزى تىللار ئىلمىي تەتقىقات تىلى ئەمەس، دەيدىغان گەپ يوق. يەنە بىرسى زىيالىيلار مۇشۇ مەسىلىدە يولباشچىلىق بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، توغرا، ساغلام بولغان ئىلمىي ئاتموسفېرانى ياراتسا دەيمەن، زىيالىي دېگەن ھەقىقەتكە ئەڭ يېقىن تۇرغۇچىلار بولۇشى كېرەك، كىچىككىنە بىر مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا شامالغا ئەگىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم دېھقان يەر تېرىيدۇ، چارۋىچى چارۋا باقىدۇ، زىيالىي ماقالە يازىدۇ، ماقالە زىيالىينىڭ مەھسۇلاتى. شۇڭا، ئۆزىمىز ئۆمرىمىزنى ئىلىمگە ئاتىغان ئىكەنمىز، ياراتقان مۇشۇ مەھسۇلاتقا ئۆزىمىز جاۋابكار بولالمىساق، ئۆزىمىزگە يۈز كېلەلمىسەك، پۈتۈن بىر ئۆمرىمىزگە يۈز كېلەلمەيمىز، دەپ قارايمەن.

     ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: دولقۇن، يۇقىرىدا سىز بىلەن ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىيلارنىڭ ئۇنۋان ئېلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇقتىلىق ژۇرنال مەسىلىسى ۋە بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىگەن ھالدا سۆھبەتلەشتۇق. زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا داۋاملىق سۆھبەتلىشىپ تۇرۇشقا تىلەكداشمەن.



بۇ ماقالە شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىنىڭ 2012- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9818
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:53:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىمۇ ماقالە ئېلان قىلدۇرىسەن دەپ 400 كويدىن ئېلىپ ،ئىشەكنىڭ مۆلىسىدەك بىر كىتابنى بىرىپ تۈگەتتى...ئىچىمىز ئاچچىق بولغاندىن باشقا ھىچ نىمىگە پايدىسى بولمىدى ،مائارىىپتا بۇنداق ھەق ۋە ئىشلار ساماندەك كۆپ...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1367
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 51435
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9996 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:54:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،دولقۇن قادىر ئاكا،مىسرانىم مۇنبىرىگە خۇش كەپسىز...
سىزنىڭ تور دۇنياسىغا قەدەم قويغىنىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم،ئىقتىساد پەنلىرىدە ئوقۇغان،ھەقنى سۆزلەيدىغان سىزدەك زىيالىيلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيەتتىن ئالغان چۈشەنچىسىنى،ئۆگەنگەن بىلىمىنى بىزگە يەتكۈزۈپ تۇرۇش بىز ئۈچۈن زور ئىلھام ۋە مەدەت بولۇپ قالغۇسى...
تور دۇنياسىدا بوزقىر،گۈلەن قاتارلىق ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلار يازمىلىرىنى يوللاپ تۇرۇۋاتىدۇ،لېكىن،شۇنىڭدەك،توردىكى ياشلارنى يېتەكلەيدىغان،ھەق سۆزلەشنى ئۆگىتىدىغان زىيالىيلار قۇشۇنى تولىمۇ ئاز،كۆپ يازغۇچى-شائىرلار شېئىر-قوشاق بىلەن مۇنازىرە قىپ ئۆتمەكتە،ھازىر ئويلاپ كەلسەك،بىز ئويلايدىغان ۋە بىلمىسەك بولمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار،بۇ يازمىنى مەن شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىدا ئوقۇغان ئىدىم،شۇ چاغدا،مۇشۇنداق ئۆتكۈر پىكىرلىك زىيالىيلار تور دۇنياسىغا قەدەم قويسا ۋە ياشلارغا يېتەكچى بوپ،ئۆز يازمىلىرىنى يوللاپ تۇرسا بەك ياخشى بولاركەن دەپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىغان ئىدىم....
بۈگۈن 9-ئاينىڭ 20-كۈنى  بولغان كۈن ئىكەن،مەن شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا نىسبەتەن نۇپۇزلۇق ژۇرنال ھېسابلانغان مەزكۇر ژۇرنالدا دولقۇن قادىر دېگەن كىشىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم،مانا بۈگۈنكى كۈندە سىز ۋە يازمىڭىز بىلەن تەڭلا يۈز كۆرۈشتۇق...
بۇ ياخشى باشلىنىش،مۇمكىن بولسا،ئۇيغۇر جەمىيتىمىزدە ئۆزىنى ھەقىقىي خەلق ئۈچۈن بىجاندىل خىزمەت قىلىمەن دەيدىغان بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئاۋامنىڭ مۇنبىرى بولغان يەرگە ئۆز ئىسمى بىلەن كىرىپ   ئەسەرلىرىنى يوللاپ تۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن.
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن يېڭىدىن چىققان ‹‹مەۋجۇدلۇق تەشنالىقى ››دېگەن كىتابىدا ئۆزىنىڭ تەرجىمە قىلغان ئەسىرى ‹‹سىياسىي مىللەتكە يۈزلىنىش ئۈچۈن >>دېگەن يازمىنىڭ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،ئۇيغۇر جەمىيتى ئارىسىدا بەس-مۇنازىرە قوزغىيالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپتۇ،بەلكىم،ئا.جالالىدىنمۇ ئاشۇ يازمىسىنى ئۆز ئىسمى بىلەن مۇنبەرگە كىرىپ،مۇنبەرگە يوللىغان بولسا،ياخشى بەس-مۇنازىرە قوزغايتى ھەمدە بىزگىمۇ كۆپ پايدىسى تېگەتتى.

ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلار توردا ساناقلىق،90-يىللاردا،ئۇيغۇر ئالىمى دېسە بارماق توشمايتى،ئەمدى  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،تور دۇنياسىدا  ھەقىقىي خەلق ئۈچۈن خىزمەت  قىلىدىغان زىيالىي بار دېسە،بارماق توشمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالدى.بۇ بوشلۇقنى تولدۇردىغان ۋاقىت كەلگەندەك تۇرىدۇ...
دولقۇن قادىر ئاكا،يوقاپ كەتمەڭ،ئۆز يازمىڭىزنى ،بىلىمىڭىزنى بىزگە ئاتا قىلىڭ،بىز سىزدەك بىلىملىك ،ئىقتىساد ئىگىلىرىگە مۇھتاج...
بۇ تېمىنى ئالدىنقى ئايدا ئوقۇغان ئىدىم،تېمىغا بولغان كۆز-قارىشىمنى  تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇقۇپ چىقىپ،ئاندىن ئىنكاس قالدۇرۇشنى لايىق تاپتىم.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 04:03 AM  


ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9818
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:55:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشلار بىر باشلىنىۋىدى 2`3 يىللاردىن ئاشتى ،ئەمدى تېخى داۋاملىق مۇشۇ يولدا ماڭىمىز،دەپ يۈرىۋاتىدۇ...
تېىخىمۇ ئۈسۈپ كەتمىسىغۇ بولاتتى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mosajan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 11:56 PM  


دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85221
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 83
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 09:54:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىنى خەققە يازغۇزۇپ ، بېكىتىلگەن ژورناللاردا چىقىرىپ ، ئۇنۋان ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىنى تۈگۈتۈپ ئاندىن  كېيىنكى باسقۇشلىرىغا تەيارلىق قىلىنىدۇ . مۇشۇنداق ساختىلىقلاردىن كېيىن  بىر كىشىنىڭ بىلىمىگە باھا بېرىلىپ ئۈنۋان دەرىجىسى بېرىلىدۇ . مۇشۇنداق كۈلكىلىك باھالاش ئۇسلى تاكى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ بارماقتا .

ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا ، رەڭگى روھىڭ سامان بولماس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18746
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6299 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 09:59:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلمى ماقالە ئالۋىڭى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى=«ئىلمى»ئەخلەت زاۋۇتلىرى ۋە ئەخلەتلەر.

يامان سۆپەتلىك ئايلىنىش،كولدۇرلۇتۇش ۋە كولدۇرلاش،ھارەمزادىلىككە يىقىلغان يىشىل چىراق.ئونۋىرسال ئەخلاق ۋە ئىلمى،كەسپى ئەخلاقنىڭ بەربات قىلىنىشى...

بۇ ھارامزەدىلىكنىڭ ئونۋىرىسال زىيانلىرىنى ساناپ بولالمايمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 10:07 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3427
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10775
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:17:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپنىڭ راستى تورداشلار ، مەن بۇ يىل ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋان ئالاتتىم . ماڭىمۇ شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق گىزىت - ژورناللاردا ئىككى پارچە ئىلىمىي ماقالە ئىلان قىلدۇرۇش ئالۋىڭى چۈشتى . باشلىقىمنىڭ دىيىشىچە ، ئەگەر ئىلىمىي ماقالە بولمىسا ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋان ئىلىشىم بەك تەسكە توختايدىكەن . ئىلىمىي ماقالىنىغۇ بىر پارچە يىزىپ قويغان ، نۇرغۇن گىزىت ژورناللارغا ئەۋەتىپ باقتىم ، ھىچكىم ھىچقانداق ئۇچۇر قىلمىدى ، قايتا قايتا تۈزەتتىم ، يەنە ئەۋەتتىم يەنە بولمىدى ، ئاخىرى مەنمۇ مۇناسىۋەت ئىزدەشكە مەجبۇر بولدۇم . ھازىر بىر پارچە ئىلىمىي ماقالە چىقىرىپ بولدۇم ، يەنە بىرسى پات ئارىدا چىقىدۇ ، 1000 يۈەن بىلەن ئىش پۈتتى ، توۋا دەيمەن . چىقارغىنى شۇ ئۆزۈمنىڭ ماقالىسى ، لىكىن پۇل تۆلىمىسىەم چىقمايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9336
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 994 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:55:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىگى .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85243
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-9-20
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 01:59:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbar0997 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 11:55 AM
مانا بۇ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىگى .

ھەي،دېىمسمۇ ماقالە يېزش ئاسان بۇلمسا!بۇلسا مۇشۇ تېمدا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرسا بەك ياخشى بۇلاتى جۇما!!!!!!!!!!!!!!!!!

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9818
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 02:52:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەشھەر يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 01:59 PM
ھەي،دېىمسمۇ ماقالە يېزش ئاسان بۇلمسا!بۇلسا مۇشۇ تېمد ...

شۇنداق ئالۋاڭلارغا يول ئېچىپ بىرىۋاتقان گالۋاڭلارغا مۇشۇ سادالىرىمىز بىر يىتىپ بارسا ئىدى...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش