ھامىلدار ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە نۇقتىلار
1. روھى جەھەتتە چوقۇم نورمال بولۇشى كېرەك.
ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كېيىن روھىي جەھەتتە تۇراقلىق ھالەتنى ساقلىمىغاندا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار سىزىك دەۋرىدە بىزارلىق تۇيغۇسىغا، ياكى ئاچچىقلاش ۋە ياكى كەمسىتىلىش روھىي تەسىرلەرگە يولۇقۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار چوقۇم ھامىلدار ئايالنىڭ سىزىك جەريانىدىكى بىنورمال كەيپىياتىغا يېقىندىن ماسلىشىشى ۋە روھى جەھەتتە نورماللاشتۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك. ئەكسىچە ھامىلدار ئايالنىڭ سىزىكى بىلەن قارشىلىشىشقا ياكى ئۇنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ. ھەمدە جېدەل- ماجرالاردىن ساقلىنىشى، ئۇنداق يەرلەردە تۇرماسلىقى كېرەك.
2. سىرتقى زەربىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
سىرتقى زەربە ھامىلىگە نىسبەتەن زور خەتەر بولۇپ، دىققەت قىلمىغاندا ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. كىيىنىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ھامىلە چوڭىيىشقا باشلىغان مەزگىللەردە تار كىيىملەرنى كىيمەسلىك، ھەمدە كۆكسىگىمۇ كەڭ كىيىملەرنى ئىشلىتىش كېرەك. قورساقنى تېڭىۋېلىش ھامىلىگە ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ ئېغىر بولغاندا ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش ياكى ئېغىر كېسەللەر بىلەن كېسەللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. يىمەك- ئىچمەككە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئوزۇقلۇق سۈپىتى ۋە تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. لەڭپۇڭدەك بەك سوغۇق تىپتىكى يىمەكلىكلەرگە سىزىك بولغاندا سىزىك بولغۇچى ۋە يولدىشىمۇ تەڭ ماسلىشىپ بىر قېتىم لەڭپۇڭ يېسە ئىككى قېتىم ئىسسىقلىق تەرەپتارىدىكى تاماق يىيىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا سىزىكلىكنى يېڭىپ تىزرەك سىزىكلىكتىن چىققىلى بولىدۇ. ئەكسىچە سوغۇق نەرسىلەرگە سىزىك بولغاندا ئۇنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىۋەرگەندە ئايال كىشىنىڭ مىجەزى بەكلا سوغۇققا ئۆزگىرىپ ھامىلىنىڭ نورمال تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ھامىلىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتەك خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ بەك ئاجىز بولۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
5. نورمالسىز جىنسى ئالاقىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ۋە تۇغۇتقا يېقىنلاشقان مەزگىللەردە جىنسى ئالاقىدىن توختاش كېرەك.
6. رېنتىگىن ۋە ب تىپلىق ئاپپاراتقا چۈشۈشتىن مۇمكىنقەدەر ساقلىنىش كېرەك.
7. قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ئىشلەتكەندىمۇ دوختۇر مەسلىھەتىنى ئېلىش كېرەك.
8. سۈرگۈ دورىلىرىنى ( سۈيدۈك ، ھەيز ماڭدۇرغۇچى دورىلارنى ) ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
9. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك.
ئادەتتە ئاياللار مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن مۇۋاپىق شۇغۇللىنىپ بەرگەندە بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلار تارقاپ ماددا ئالمىشىش پائالىيىتى ، قان ئايلىنىش ياخشىلىنىدۇ ۋە ھامىلىنىڭ تەرەققىياتىغا، ئورنىغا ناھايىتى پايدىلىق. ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە تۇغۇتمۇ ئاسانلىشىدۇ.
http://www.80halta.com/article/170.htm