خۇنەن خاتىرسى
خۇنەن ئۆلكىسى چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ ئۇتتۇرا جەنوبىغا جايلاشقان ساياھەتچىلىك چوڭ ئۆلكىسى. تەۋلىكىدە چاڭشا ،جۇجوۇ ، شىياڭتەن ، خېڭياڭ ، جاڭجىياجىيې ،شاۋياڭ،چاڭدې، يۆ ياڭ، يى ياڭ، چېن جوۋ، يوڭ جوۋ، بېي خۇا، لوۋدى قاتارلىق 13ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ھەم شىياڭشى تۇجىيا مىياۋزۇ مىللى ئاپتۇنۇم ئوبلاستى بار.ئومومى نوپۇسى 66مىليون. ئومومى يەركۈلىمى 21.18تۈمەن كوۋادىرات كىلومىتىر.كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون. شىياڭجىياڭ دەرياسى جەنوپتىن شىمالغا پۈتۈن ئۆلكىنى كېسىپ ئۈتكەچكە ، خۇنەن ئۆلكىسى قىسقارتىلىپ شىياڭ (湘)دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قىتىمقى سەپىرىمىزنىڭ تۇنجى بىكىتى چاڭشا شەھىرى. شىياڭجىياڭ دەرياسى بۇ قەدىمكى شەھەرنى ئۇتتۇردىن ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىكەن. چاڭشا گەرچە3مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر بولسىمۇ قەدىمىيلىك ئىزنالىرىنى ھىچ يەردىن كۈرگىلى بولمايدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئەينى ۋاقىتتا جاڭ جىيېشى تەيۋەنگە قېچىش ئالدىدا پۈتۈن شەھەرگە ئوت قۇيۋىتىپ نۇرغۇن قەدىمىي قۇرلۇشلار ئەسلىگە كەلتۈرۈش مومكىن بولمايدىغان دەرىجىدە ۋەيران بۇلۇپ كەتكەنىكەن. شىياڭجىياڭ دەرياسىنىڭ ئۇتتۇرسىغا تەبئىي شەكىللەنگەن ئاپلىسىن ئارىلى (橘子洲头) چاڭشا شەھىرىنىڭ بىر مۇھىم ساياھەت ماركىىسغا ئايلانغان. ئارالنىڭ جەنوپ تەرىپىگە ياسالغان ماۋزېدوڭنىڭ غايەت زور تاش ھەيكىلى خېلى يىراققا كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ. دەريانىڭ غەربىدىكى يۆلۇشەن تېغى مەنزىرلىك باغچىسى ئۆزگىچە مەنزىرسى ۋە مەدىنيەت تۈسى بىلەن يىراق يىقىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىدۇ. تاغ باغرىغا جايلاشقان خۇنەن ئۇنۋىرسىتىتى دۈلەتكە نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەرنى تەربىيلەپ بەرگەنلىكى بىلەن داڭق چىقارغان. بىز بارغان كۈنىمىز ئاپلىسىن ئارلىدا ئېچىلىدىغان چوڭ يىغىن بولغاچقا كۈرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدۇق. لىكىن دەريا بۇيىدا تۇرۇپ ماۋجۇشىنىڭ كەڭلىكى 83مىتىر ئىگىزلىكى 41مىتىركىلىدىغان چوڭ ھەيكىلىنى تاماشا قىلدۇق. يۆلۇشەن تېغىدا ئەيۋەنتىڭ راۋىقىنى كۈردۇق. چۈشتىن كىينلىكى ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋجۇشىنىڭ يۇرتى شاۋشەن ناھىيسگە قاراپ يولغا چىقتۇق. چاڭشا شەھىرىدىن شاۋشەن ناھىيسىگە ماشىندا پەقەت يېرىم سائەتلىك يول ئىكەن.بىز ئۇدۇل ماۋجۇشىنىڭ چوڭ مىس ھەيكەل مەيدانىغا باردۇق، داھينىڭ ھەيكىلى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتۇق. ئاندىن ماۋجۇشىنىڭ بۇرۇنقى تۇرالغۇسى، ماۋزېدوڭ خاتىرە سارىىيىنى كۈردۇق. بۇ يەردە شۇنداق ئالاھىدىلىك باركى ؛ يول بۇيىدا ئۇچرىغانلا راستۇران، ئاشخانىلارنىڭ ۋېۋىسكىسىدا ماۋ فامىلىسى قوللىنىلغان بۇلۇپ، ھەممىسى ماۋ جەمەتنىڭ تۇغقانلىرى، ئەۋلاتلىرى ئىكەن. شاۋشەن ناھىيسى كىچىكلا ناھىيە ئىكەن، پۈتۈنلەي دىگۈدەك قىزىل ساياھەتچىلىككە تايىنىدىكەن. بۇ جايدا بىر دېھقان ئاچقان 3قەۋەتلىك مېھمانخانىدا ياتتۇق. ئەتىسى نىڭشىياڭ ناھىيسى ، لىيۇشاۋچى نىڭ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. بۇ ناھىيمۇ ئۇنچە چوڭ ئەمەسكەن، ماشىندا تەخمىنەن 40مىنوتلاردا يىتىپ باردۇق. لىيۇشاۋچى نىڭ بۇرۇنقى تۇرالغۇسىنى ، خاتىرە سارىينى كۈردۇق. لىيۇشاۋچى نىڭ ئائىلىسى بۇرۇن ماۋزېدۇڭنىڭ ئائىلىسىگە قارىغاندا سەل باي ئىكەن، ماۋزېدوڭنىڭ 13ئېغىز ئۈيى، لىيۇشاۋچى نىڭ 21ئېغىز ئۈيى بار ئىكەن. نىڭشىياڭ ناھىيسدە چۈشكىچە پائالىيتىمىزنى ئاياقلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا 4 سائەت يول يۈرۈپ جاڭ جىيا جىيې شەھىرىنىڭ ۋۇلېڭيۇەن رايونى سۇشى(索溪镇)بازىرىدا قۇنالغۇغا چۈشتۇق.بۇ يەر جاڭ جىيا جىيېدىكى ۋۇلېڭ تېغى مەنزىرلىك رايونىنىڭ كىرىش ئىشكى ھىسابلىنىدكەن. جاڭ جىيا جىيې شەھىرى تىيەنزىشەن تېغى بىلەن تىيەنمېنشەن تېغى ئۇتتۇرلىقغا جايلاشقان ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ئىكەن. سوشى بازىرىدا ئاخشىمى ھەربىرىمىز 240يۈەن چىقىرىپ شۇ جاينىڭ ئەڭ نادىر سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۈردۇق.3000كىشى سىغىدىغان تىياتىرخانا ئىچى ئادەم بىلەن لىق تولغان،
ھەيۋەتلىك زال، زامانىۋىي تېخنىكا بىلەن ئالاھىدە ئۈنۈملۈك،ھەربىر نۇمۇردا ۋە نۇمۇر ئارلىقىدا ئالمىشىپ تۇرىدىغان سەھنە دېكراتسىيسى ، داڭلىق رىياسەتچىلەرنىڭ كەيپىياتنى كۈتۈرىىدىغان سۆزلىرى، يەرلىك پۇراققا ئىگە ، يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلانغان نۇمۇرلار ئادەمدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرىدىكەن. گەرچە باھاسى قىممەت بولسىمۇ لىكىن، ئىنتايىن نەپىس ، ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇمۇرلار ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن. زال ئىچى نۇمۇرلار ئاياقلاشقاندىن كىيىن زال سىرتى گۈلخان ئۇيۇنى باشلىنىدىكەن. زال سىرتىدا بىرقانچە سېرىك نۇمۇرلىرىنى كۈردۇق.ئەتىسى ساياھەت يىتەكچىسىنىڭ يول باشلىشىدا جاڭ جىيا جىيې ۋۇلېڭيۇەن مەنزىرلىك رايونى تىيەنزىشەن (天子山)باغچىسىغا كىردۇق. بىلەت تەكشۈرۈش ئورنىدا ماگنىتلىق كارتا بىلەن بارماق تەكشۈرتۈپ كىرىش رەسمىيتىنى بىجىرگەندىن كىيىن سەيلىگاھنىڭ ئىچىدىكى مۇلازىمەت ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ تاغنىڭ ئىچ تەرپىگە قاراپ يول ئالدۇق. دەسلەپتە ئۈزەمنى فۇكاڭدىكى بۇغدا كۈلىگە كىلىپ قالغاندەك ھىس قىلغان ئىدىم، لىكىن بىردەمدىلا بۇ ھىسيات تارقىلىپ كەتتى. تۈۋندە سۈپسۈزۈك كۆل، تاغ باغرىدا قۇيۇق ئورمانلىق، ئورمانلىق ئارسىغا ئىلىنغان يول، تام رەسمىدەك كۆز ئالدىمدا ئادەمنى مەپتۇن قىلاتتى. ئالاھەزەل 30مىنوتلاردا تاغ ئۈستىگە چىقىدىغان سېرىلما كۇزۇپ يىنىغا باردۇق. سېرىلما كۇزۇپقا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچرەت تۇرىدىغان ئىشكەن. بۇ يەردە 1سائەتتىن ئارتۇق ئۈچرەت تۇردۇق. سەيلىگاھ ئۈچرەتتە تۇرغانلار زېركىپ قالمىسۇن دەپ ئۈچرەت يىنىغا كارا OK ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپتۇ. كىم ناخشا ئېيتسا بۇلىۋىرىدكەن. مەن <تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى> دىگەن ناخشىنى ئېيتقان ئىدىم ، ئۈچرەت تۇرغانلار ماختاپ چۇقان سىلىپ كەتتى. بىر سېرىلما كۇزۇپقا ئالتە ئادەم ئولتۇرىدىكەن. سېرىلما كۇزۇپنىڭ ئىچىدىمۇ يىگىرمە مىنوتتەك سېرىلىپ تاغنىڭ ئۈستىگە يەتتۇق. سېرىلما كۇزۇپنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ تاغ مەنزىرسىگە نەزەر سالسا ئادەم ئۆزىنى مۇئەللەقتە ئۇچۋاتقاندەك تەسىرات بېرىدىكەن.
ئادەم تاغنىڭ گۈزەل مەنزىرسگە قاراپ تويمايدىكەن. تاغنىڭ ئۈستىمۇ ئايرىم دۇنيا ئىكەن. شۇ چاغدىلا بۇ تاغدا نىمىشقا بۇرۇندىن باندىتلار ياشاپ كەلگەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇق. «ۋۇلىڭ تېغىدا باندىت تازلاش» دىگەن ك
ىنو دەل مۇشۇ تاغدىكى باندىتلارنى ئارقا كۈرۈنۈش قىلغان، ھەم مۇشۇ يەردە سۈرەتكە ئىلىنغان ئىكەن. تاغ ئۈستىگە يەتكەندىن كىيىن يەنە ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ تىيەنزىگې (天子阁) دىگەن تاغ چۇققىسدا مەنزىرە تاماشا قىلدۇق. بۇ يەردىكى ساياھەتچىنىڭ كۈپلكىدىن سۈرەتكە چۈشۈشكە مۇۋاپىق جايلاردا ئۈچرەت تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشتۇق. دۆلەت گېنرالى خېلوڭ نامىدىكى باغچىمۇ مۇشۇ يەرگە جايلاشقان ئىكەن. گېنرالنىڭ قەبرىسى ھەم تاش ھەيكىلى بار ئىكەن.بۇ يەردىكى گۈزەل مەنزىرلەرگە ھەيرانۇ – ھەس بۇلۇپ قالدۇق. كۆز يەتكۈسىز ئورمانسىمان تاغ، تاغنى چۈمكەپ تۇرغان يىشىللىق، تاغ بەللىرىدكى گىرىمسەن تۇمان، بەئەينى ئادەم ئۆزىنى رىۋايەتلەردىكى ئەرش ئوردىسىدا تۇرغاندەك ھىس قىلاتتى. بۇ يەردىن ئايرىلىپ يەنە ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ئالاھەزەل 40مىنىۇتلاردا تاغنىڭ يەنە بىر تەرپىگە ئۈتتۈق، بۇ يەرنىڭ ئىسمى يۇەنجىيا جىيې ئىكەن. بۇ يەردىكى مەنزىرە دەسلەپتە ئانچە كۆزگە چىلىقىپ كەتمىگەن ئىدى، بىز يىتەكچىنىڭ يول باشلىشىدا بىر يېرىم سائەت پىيادە يۈرۈپ تاغ مەنزىرسىدىن ھۇزۇرلاندۇق.بۇ يول ئەمىليەتتە چوڭ تاغنىڭ تىك قىياسىغا يانداشتۇرۇپ ياسالغان يول بۇلۇپ، ئىگىزدىن تۈۋەنگە قارىسا ئادەمنىڭ تېىنى شۈركىنىدكەن. ئۇتتۇرلۇقتا «جاھاندىكى بىرىنچى كۆرۈك »(天下第一桥) دىگەن، تەبئىي ئىككى چۇققىنىڭ ئۇتتۇرسىغا تۇتاشقان تاغ جىنسىدىن شەكىللەنگەن تاغ كۈرۈكىدىن ئۈتتۈق.
«ئاۋارىتىر» (阿凡达)فىلىمىنىڭ سىرتقى كۈرۈنۈش ئىلىش نۇقتىسىدىن ئۈتتۈق. بۇ يەردىكى مەنزىرىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش ھەقىيقەتەن قىيىن بۇلۇپ ، گۈزەللىكىگە ئاپىرىن ئېيتالماي تۇرالمىدۇق. ئېزىتقۇ سۇپىسى دەپ ئاتىلىدىغان مەنزىرە تاماشا قىلىش نۇقتىسدا تۇرۇپ ئۇدۇلدىكى تاغ چۇققىلىرىغا نەزەر تاشلىغاندا كۆز ئالدىمىزدىكى مەنزىرە بىردەم- بىردەم ھەرخىل ئۈزگىرىپ تۇراتتى. پىيادە يول يۈرۈپ ئاخىرقى نۇقتىدا يەنە ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ 20مىنۇتچە ماڭغاندىن كىيىن تاغدىن چۈشۈش نۇقتىسىغا كەلدۇق. شۇندىلا بىزنىڭ يەنىلا تاغنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىمىزگە ئىشەندىم. تاغدىن چۈشۈش ئۈچۈن تاغ قىياسىغا ئورۇنلاستۇرۇلغان غايەت زور لىفىتقا ئولتۇرۇپ چۈشتۇق. بۇ لىفىتنىڭ ئىسمى بەيلوڭ تىيەنتى(百龙天梯) دەپ ئاتلىدىكەن.لىفىتنىڭ ھەربىر كۈزۇپىغا 20ئادەم ئولتۇردىكەن، يۇقىردىن تاغ ئاستىغا چۈشۈپ بۇلۇشقا 3.3مىنۇت كىتىدىكەن. ئىگىزلىكى 328مىتىر كىلىدىكەن. لىفىتتىن چۈشۈپ يەنە ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ئەتىگەندە بىلەت تەكشۈرگەن كىرىش نۇقتىسىغا كەلدۇق.
بىر كۈن تاغ چۇققىسدا يۈرۈپ چارچاپ كەتكەچكىمۇ ،ياتاققا قايتىپ بالدۇرلا ئارام ئالدۇق. ئەتىسى پىلان بۇيىچە شىلى خۇا لاڭ (十里画廊)دەپ نام قويغان تاغ جىلغىسغا كىردۇق.تاغ جىلغىسى 3.5كىلومىتىر كىلىدىكەن. ئالدىنقى كۈنى تاغنى ئۈستى تەرپىدىن تاماشا قىلغان بولساق، بۈگۈن تاغنىڭ ئاستى تەرپىدە تۇرۇپ تاماشا قىلدۇق. بۇيەرنى تاماشا قىلىپ بۇلۇپ ماشىنغا ئولتۇرۇپ دۈلەتلىك ئورمان باغچىسىغا تەۋە جىن بىيەنشى(ئالتۇن ئۆرۈم ئېرىقى 金鞭溪) دىيلىدىغان بىر جىلغىنىڭ ئىچىنى تاماشا قىلدۇق. شىرىلداپ ئېقىۋاتقان تاغ سۈيى، ئىككى ياندىكى قۇيۇق ئورمانلىق ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن. ئارىلاپ ئۇچراپ تۇرۇدىغان ياۋا مايمۇنلار دەرختىن دەرەخكە سەكرەپ ئۇينايدىكەن. بۇ يەردىكى تاماشىمىز ئاياقلاشقاندىن كىيىن يىتەكچىمىز يەنە بىر سېرلما كۇزۇپ(索道)قا ئولتۇرۇپ خۇاڭ شىجەي ناملىق تاغنىڭ چۇققىسىغا چىقىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقاندا ھەمراھلىرىمىز ھەممىسى چارچاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بۇ يەردىن ۋاز كەچتى. شۇنىڭ بىلەن كەلگەن يۇلىمىز بىلەن قايتىپ جاڭجىيا جىيې شەھرىدە قىسقىلا تۇرۇپ ، تاللا بازاردىن لازىمەتلىك مىۋە – چىۋىلەرنى ئىلىپلا فېڭخۇاڭ ناھىيسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. بۇيول يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولمىغاچقا 6 سائەت يول يۈرۈپ كەچ كىرگەندە ئاران فېڭخۇاڭ ناھىيسگە يەتتۇق.يول بۇيى خۇنەننىڭ چاي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، داڭلىق ناخشىچى سوڭ زۇيىڭ نىڭ يۇرتى گۇجاڭ ناھىيسىدىن ئۈتتۈق. شىياڭشى تۇجىيا، مىيازۇ مىللىي ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى جى شوۋ (吉首)شەھىرىدىن ئۈتتۈق.فېڭ خۇاڭ ناھىيسيمۇ شىياڭشى تۇجىيا، مىيازۇ مىللىي ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ بىر ناھىيسى ئىكەن. فېڭ خۇاڭ ناھىيسى كىچىكلا ناھىيە بولسىمۇ لىكىن قەدىمىيلىكنى خېلى مۇكەممەل ساقلاپ قالغان ، قەدىمىي قۇرلۇشلىرى كۆپ ناھىيە ئىكەن. فېڭ خۇاڭ قەدىمىي شەھىرى خاتىرلىنىشچە كاڭشىنىڭ 13-يىلى، مىلادىيە 1704-يىلى قۇرۇلغان. قۇرلۇشلىرى پۈتۈنلەي دىگۈدەك ياغاچ قۇرۇلمىلىق، ئۈيلەر ئارسىغا كۈك تاش تاختاي يىيىتلغان. ئاساسلىق مىيازۇ مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. كۈمۈشتىن ياسالغان ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ نەپىسلىكى بىلەن داڭق چىقارغان. ناھىيە بازىرىنى ئۇتتۇردىن كىسىپ ئۈتىدىغان تو جىياڭ(沱江) دەرياسى بىزنىڭ شىنجاڭ كورلىدكى كۆنچى دەرياسىغا ئۇخشاپ قالىدىكەن. كەچ كىرگەندە كەلگەچكە نەرسە كېرەكلىرىمزنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپلا دەريا بۇيىنىڭ كەچللىك مەنزىرسىنى تاماشا قىلىشقا چىقتۇق. تالادا يېغۋاتقان يامغۇر بىلەن دەريانىڭ نەمخۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.دەريانىڭ غەرىبى قەدىمىي شەھەر، شەرىقى بولسا پۈتۈنلەي يىمەك-ئچمەك، كۈڭۈل ئېچىش سۇرۇنلىرى بولغاچقا بەكلا ئاۋاتلىشىپ كىتىدىكەن.50مىتىردا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان مەيخانىلار ئالدىدا يەرلىك كىيىملىرىنى كىيۋالغان مىياۋزۇ قىزلار خىرىدار چاقىرىپ تۇرۇدىكەن. ئازىراقلا بوش تۇرسىڭىز مىياۋزۇ قىزلار بىلىكىڭىزدىن تۇتۇپ مەيخانىغا ئەكىرىپ كىتىدىكەن. مەيخانىلار ئۇنچە چوڭ بولمىسىمۇ لىكىن بىر قۇتا پىۋا 38يۇەن ئىكەن. دەريا بۇيىدىكى مەنزىرا چىراقلىرى تۇلىمۇ چىرايلىق ئىكەن. ئەتىسى يىغۋاتقان يامغۇرغا قارىماي قەدىمىي شەھەرنى كۆردۇق. قەدىمىي شەھەر بولسىمۇ قەدىمىي قۇرلۇشلارنىڭ بىرىنچى قەۋىتى ساياھەت بۇيۇملىرى ، كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان دۇكان ئىكەن. بۇيەردىن تىزلا ئايرىلىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بىلەن 7سائەتتە، كەچقۇرۇنغا ئۈلگۈرۈپ چاڭشاغا قايتىپ كەلدۇق. شۇ كۈنى كەچلىكى چاڭشا شەھەرىدە چىڭخەيلىك سالا مىللىتى ئاچقان (咖稀穆餐厅)مۇسۇلمانچە ئاشخانا تېپىپ ناھايتىمۇ ياخشى غىزالاندۇق.ئەتىسىمۇ شۇ يەردە تاماقلاندۇق.سەپەرداشلىرىمىز چاڭشادا تەربىيلىنۋاتقان تۇغقانلىرى بىلەن كۈرۈشتى . بىزمۇبۇ يەردە ۋەزىيپە بىلەن چىنىقۋاتقان رەھبەرلىرىمىزنى يۇقلىدۇق. ئەسلى شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئۇچماقچى ، ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئايرۇپىلان كىچىكىپ ئەتىسى سەھەردە ئۇچۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدۇق. ئومومەن خۇنەننىڭ گۈزەل مەنزىرسىدىن قانغۇچە ھۇزرۇرلاندۇق.ئەمما تاماقتىن تۇلىمۇ قىينالدۇق. ھاۋاسىمۇ ئادەمگە بىر دىمىق بىلىنىدىكەن. كوللىكتىېۋىمىز ئەزالىرى 8كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا بىر بىرنىڭ ھالىغا يىتىپ ، خۇشال – كۈلكە بىلەن قايتىپ كەلدى.
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 10:57 PM
|