ھېساب دەرسى ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسى كەلگۈندى دىن سوراپتۇ :
— ئەگەر قولۇڭنى ئوڭ يانچۇققا سالساڭ 25 يۈەن، سول يانچۇققا سالساڭ 25 يۈەن چىقسا، بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
— قولۇمنىڭ باشقىلارنىڭ يانچۇقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
— نېمە دېگىنىڭ بۇ؟
— چۈنكى يانچۇقۇمدا بىر تىيىنمۇ يوق تۇرسا.
بىر كۈنى سۈمەييە مەكتەپتىن مەيۈس ھالدا قايتىپ كەپتۇ،
بوۋىسى مىسرانىم:ئوماق قىزىم نىمە بولدىڭىز مەيۈس كۆرىنىسىزغۇ؟
سۈمەييە: مۇئەللىمدىن تەنقىد ئاڭلىدىم .
مىسرانىم:نىمىشقا؟
سۈمەييە:مەن تارىمنىڭ نەدىلىگىنى دەپ بېرەلمىگەن ئىدىم.
بوۋىسى مىسرانىم جىلە بولغان ھالدا:سىزمۇزە ...ئوبدانراق ئويلىسىڭىز بولمامدۇ،ئۇنى زادى نەگە قويغان ئىدىڭىز؟
سەھرالىق ئايال قوشنىسى باي خىنىمدىن سوراپتۇ:
— ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا كۆرۈنمەيسىز، نېمە ئىش بىلەن ئالدىراش؟
— ئېرىمنىڭ ئەتكەن تامىقىمدىن قۇسۇر تېپىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۇرستا ئوقۇۋاتىمەن.
— ئاشپەزلىك كۇرسىدىمۇ؟
— ياق، چامباشچىلىق كۇرسىدا
باي خىنىمنىڭ ئىرى:
خوتۇن،مەن يوغان بىر ساندۇق ياساپ ، ئۇنىڭغا كىچىك بىر ئېغىز ئېچىپ قويدۇم، سىنى بىرنى سۆيسەم بۇنىڭغا بىر يۈەن سالىمەن، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاچساق بىر مۇنچە پۇل يىغىلىپ قالىدۇ.
ئايالى: بولىدۇ سۆيۇملۈكۈم.
شۇنىڭدىن كىيىن ئېرى باي خىنىمنى بىر سۆيسە ساندۇققا بىر يۈەن سالىدىغان بوپتۇ.ئارلىقتا ئۇ كاماندۇرۇپكىغا چىققاندىمۇ ئايالىنىڭ رەسىمىنى ئېلىۋىلىپ ،رەسىمىنى بىرنى سۆيسە ئايالىغا پوشتىدىن بىر يۈئەن ئەۋەتىپتۇ.
ئۇ كاماندورۇپكىدىن قايتىپ كەلگەن كۈنى ئايالىنى بىر سۆيۈپ ،ساندۇققا بىر يۈەن سالغاندىن كىيىن ئايالىغا :
-خوتۇن ئەمدى ساندۇقنى ئېچىپ باقايلى، قانچىلىك پۇل يىغىلدىكى ،-دەپ ساندۇقنى ئېچىپ ھەيران قاپتۇ، چۇنكى بىر يۇەنلىك پۇللارنىڭ ئارىسىدا يۈز يۇەنلىك ،ئەللىك يۇەنلىك پۇللارمۇ خىلى كۆپ تۇرغۇدەك.
ئېرى: قانداق گەپ بۇ ،يۇز يۇەنلىك ،ئەللىك يۇەنلىك پۇللار نەدىن كىلىپ قالدى؟
باي خىنىم:ھەممە ئادەم سىزگە ئوخشاش چۇپەي بولمايدىكەن
بىر كۈنى باھادىر باي خىنىمدىن سوراپتۇ.
-دەپ بېقىڭە باي خىنىم،ئەتتىگەندە قايسى تاماقلارنى يىمەسلىك كېرەك؟
مۇشۇنىمۇ ئۇقمامسىز تاسۋاپ،ئەتىگەندە چۈشلۈك،كەچلىك تاماقنى يىمەسلىك كېرەكتە ئەلۋەتتە.
بىر كۈنى سەھرالىق بىلەن ئاخسا يىگىت بىرلىكتە ئۆگزىگەچىقىپ كەپتەرلىرىنىڭ ئۇچۇشلىرىنى تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئېچىۋاتسا،بىر كەپتەر ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ تەرەت قىپ قويۇپتىكەن،ئاخسا يىگىتنىڭ كىيىمى مەينەت بوپ كېتىپتۇ.ئاخسا يىگىت سەھرالىققا: تېز بول قەغەز ئەكەل،-- دىسە،
سەھرالىق:ئۇ كەپتەر شۇنچە ئىگىز ئۇچىۋاتسا ئۇنىڭ قوڭىنى قانداق ئېيتالايمەن دىگۈدەك
باي خىنىم بىلەن سۈمەييە مىسرانىم مۇنبىرىدىكىلەرنىڭ تەلىپى بۇيىچە 3 يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقىغا بېرىپتۇ -،دە ياتىقىدا بىلىق بېقىپتۇ.
بىر كۈنى سۈمەييە بىلىقداننىڭ مەينەت بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ،باي خىنىمغا:
-ئاداش بىكار ئولتۇرغۇچە بىلىقندانغا يېڭى سۇ قۇيۇپ قويغىنا.
-ۋاي ئاداش نىمىشقا سۇ قۇيۇپ قۇيىمەن ؟بېلىقلار تېخى سۈيىنى ئىچىپ بۇلالمىغان تۇرسا.
بىر كۈنى مۇنبىرىمىزدىكى باھادىر ئاپتۇۋۇز بىلەن سەپەرگە چىقىپتۇ،بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن،ئۇنىڭ تەرەت قىلغۇسى كەپتۇ.شوپۇر خەنزۇ ئىكەن،باھادىر خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلمەيدىكەن،شۇنىڭ بىلەن قانداق ئۇقتۇرۇشنى بىلەلمەي،شوپۇرنىڭ يېنىغا بېرىپ 水来了دەپتۇ،شوپۇر گاڭگىراپ قاپتۇ، ئۇ قايتا قايتا دەۋەرگەندىن كىيىن
چۈشەنگەندەك بولۇپ ئاپتۇۋۇزنى توختۇتۇپ بېرىپتۇ.......
يەنە بىر دەم ماڭغاندىن كىيىن باھادىرنىڭ قوسىغى ئاغرىپ چوڭ تەرەت قىلغۇسى كەپتۇ دە ،قانداق ئۇقتۇرۇشنى بىلەلمەي شوپۇرنىڭ يېنىغا بېرىپ:水的哥哥来了دەپتۇ
ئۆل ئادىشى
سۈمەييەگە :
-ئاداش، مۇشۇ ئۆيگە كىرىۋالغان چىۋىندىن جاق تويدۇم قانداق قىلسام بولار؟ دېسە،
سۈمەييە:
- ئاداش،ئىشىكنىڭ قۇلپىسىنى ئالماشتۇرۋەتسەڭلا بولمىدىمۇ . دېگۈدەك
چوغنىڭ دادىسى: يەنە سەن قوشنىمىزنىڭ بالىسىنى ئۇرۇپسەن، بىلەمسەن سېنى باشقىلار نېمە دەيدۇ؟
چوغ: بىلىمەن، ئۇلار مېنى داداڭنىڭ كىچىك ۋاقتىغا بەك ئوخشايسەن دەيدۇ
كەلگۈندى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ يۇرگەن چاغلاردا ئوقۇغۇچىسى
شاھزاد تىن سوئال سوراپتۇ:
- تۈلكە تۇخۇم بېسىپ بالاچىقىرامدۇ ياكى كۈچۈكلەمدۇ؟
شاھزاد بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن :
- تۈلكە دېگەن ھىيلىگەر نەرسە،ئۇنىڭ قولىدىن ھەر ئىككىلىسى قولىدىن كېلىدۇ. دېگۈدەك.
دەتمەننىڭ ئىنىسى ئاخسا يىگىت: نېمىشقا ئالمىنىڭ بىر تەرىپى قىزىل يەنە بىر تەرىپى يېشىل بۇلىدۇ؟
دەتمەن: قىزىل تەرىپىنى قۇياش يۇرۇتۇپ تۇرغان، يېشىل تەرىپىنى يۇرۇتمىغان.
ئاخسا يىگىت: بىلدىم، ئەمسە تاۋۇزنىڭ ئىچى قىزىل بۇلۇشىدىكى سەۋەپ قۇياش تاۋۇزنىڭ ئىچىگە كىرىپ يۇرۇتقانلىقىدا ئىكەندە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 09:48 AM