سۆيۈپ قالغاچ سېنى ئاھ! سېنى.
سۆيۈپ قالغاچ سېنى ئاھ سېنى،
ئازغۇنلۇقتا يۈرۈيمەن سەرسان.
بەلكىم ساڭا شۇنچىلىك گۈزەل،
قۇياش پېتىپ ئاي چىققان ئاخشام.
ئېھ يۈرۈگۈم ھالسىرار شۇنچە،
نەپەسلىرىم قىسىلار ھەر ئان.
نېمە دەيمەن ساڭا ئاھ ساڭا!
تەلۋىلەرچە مەن كۆيگەن تۇرسام.
سۆيۈپ قالغاچ سېنى ئاھ سېنى!
يوللىرىمدا خىزىر ئۇچرىماس.
مۇناجاتقا كەلمەيدۇ تىلىم،
ئارمانلىرىم مېنى تۇنۇماس.
يۈرۈگۈممۇ ئەمەس مېنىڭكى،
كۆز ياشلىرىم ئەمدى قۇرۇماس.
مۇھەببەتتىن شەپە يوق مەڭگۈ،
ئاڭلانغىنى ئەشەددى ئاۋاز.
سۈيۈپ قالغاچ سېنى ئاھ سېنى،
روھىم مېنىڭ تېنىمدە ئەمەس.
تەلمۈرىدۇ ھېسلىرىم سەرسان،
تەلمۈرىدۇ ئۇلۇغ مۇھەببەت.
كۆز ياشلاردا يۇيۇلۇپ دۇنيا،
تىلىكىمنى بېرەلمەس ئەبەت.
تەنھا خىيال مۇڭلۇق تىۋىشلار،
خۇشاللىققا ئورۇن يوق پەقەت.
سۆيۈپ قالغاچ سېنى ئاھ سېنى !
مەن شۇنچىلىك بىچارە غېرىپ.
سېزەلمەيسەن ئۇنى ئەبەدىي،
مەن كىچەلمەي كېتەرمەن قېرىپ.
سەن يۈرۈيسەن بىغەم شادىمان،
كىملەرگىدۇ كۆڭلىڭنى بېرىپ.
ھايات يەنە ئاۋالقىدەكلا،
مەن كۆيەرمەن شامدەك ئېرىپ.
سۆيۈپ قالغاچ سېنى ئاھ سېنى!
ھېسلىرىمنى باشقۇرالماسمەن .
يۈرۈگۈممۇ پىچىرلار دەرتلىك:
ـ بىزنىمىگە شۇنچە بىچارە !
تىپىرلايدۇ بىر نىمجان قۇشتەك،
روھ چىقالماي تەن قەپىزىمدە.
ياكى بىر يۈك تېنىم روھىمغا،
كۆمۈلگەندەك جىم-جىت قەبرىگە.
سۆيۈپ قالغاچ سېنى ئاھ سېنى!
مەن بەك نادان يۈرىگىم زىدە.
سۆيگۈ دېڭىزى چۇڭقۇر بەك چۇڭقۇر،
مەن قاينامنىڭ چۇڭقۇر تەكتىدە.
تىڭىرقايمەن نىمجان كىيىكتەك،
سېنى ئەگۈپ كېتەلمەي كۈندە.
سەن ئۆزەڭنى قانداق سىزىسەن؟
مېنى كۆرۈپ شاراپ كۆزىدە.
بەلكىم بەكلا ھەيران قالارسەن !
بەلكىم ياكى ئىچ ئاغرىتارسەن،
مەن نىم جان بوپ يىقىلغان كۈندە.
سەن بەك مەغرۇر ھېجران كۆزىدە.
بەلكىم سەنمۇ بۇلۇپ بىر ئاشىق ،
كىملەرنىدۇ ئەگىپ يۈرەرسەن.
كەچ كۈزدىكى شىۋىرغان سوققان،
بىر ناتىۋان يۇمران مايسىدەك،
ئىزىلگەندە باغرىڭ ئازاپتىن،
سەن قەدرىمنى ئاندىن بىلەرسەن.
بەلكىم قەدرىم بىلمەي ئەبەدىي،
سەنمۇ مۇزدەك ئازاپ چىكەرسەن.
مەن تۇيۇقسىز ئۆلگەن كۈنۈمدە،
ئاستا-ئاستا كېلىپ ئۆزىڭگە،
جاينامازغا ئولتۇرۇپ ئاستا،
تەسۋىي سېرىپ ياشلار تۆكەرسەن.
[مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 06:38 PM