XXX ناھىيەلىك XXXمەكتەپ XXX- يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 30 يىللىق ساۋاقداشلار ئۈچرىشىش خاتىرىسى رىياسەتچى سۆزى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مۇھتىرەم ئۇستازلار،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز ساۋاقداشلار:
ۋاقىت دىگەن ئاتقان ئوق، ئۇ يانمايدۇ كەينىگە؛
ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، بىز چۇشەيلى بەيگىگە.
30 يىل ئىلگىرى، مەن بىر كىچىك مەسۇم قىز ئىدىم. 30 يىل ئىلگىرى مەن سەھنە ئەمەس بەلكى ئوقۇتقۇچىنىڭ سورىغان سۇئالىغا جاۋاپ بەرگىچە بويۇنلىرىمغىچە قىزىپ كېتىدىغان تارتىنچاق قىز ئىدىم.
30 يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ماڭا ئوخشاشلا قايناق ھىسىياتقا ئىگە، ئۇلۇغ غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، مىنۇت سىكىنوتنى قولدىن بەرمەي، بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كىرگەن تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار ئىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 30 يىللىق تۇرمۇش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۇرۇش ئارقىلىق، ھەر يەر، ھەر ساھەلەردە ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۇشۇپ، مۇئەييەن ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەرنى قازاندۇق. ھايات دەپتىرىمىزنى ۋاراقلاپ، ئۇتۇق ۋە نەتىجىلىرىمىزنى ئەسلىگىنىمىزدە، بۇ نەتىجىمىزدىن دوكلات بېرىشىنى، بۇ ئۇتۇقلىرىمىزنى ئورتاقلىشىشىنى ئىستىدۇق.
مانا بۈگۈن بىز مىھرىبان ئۇستازلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلىشى، بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن ----XX1- ئوتتۇرا مەكتەپ XX- يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىق ساۋاقداشلار ئۇچرىشىش پائالىيتىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۇزدۇق.
1979- يىلى 9- ئاي. تولىمۇ ئۆزگىچە بىر يىل. مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ بورانلىرى بېسىقىپ، ئوقۇتۇش ئەسلىگە كەلگەن يىللار. بىز ئوتلۇق ئازرۇلىرىمىزنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ناھىيىمىزنىڭ ھەر يەر، ھەر يەرلىرىدىن ئانا مەكتەپكە يىغىلدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ پاك، ئەڭ جۇشقۇنلۇق ۋاقىتلىرىنى بىرگە ئۆتكۈزدۇق.
تولۇق ئوتتۇرادىكى ئوقۇش ھاياتىمنى ئەسلىگىنىمدە مەيلى خاتا ۋە ياكى توغرا ئىشلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تولىمۇ شېرىن، يېقىملىق تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. مېنى ياشلىقىمغا قايتۇرىدۇ، ئەينى چاغدىكى ئەسلىمىلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ھاياتىمدىكى موھىم بايلىقىم، ئۇ مېنىڭ، شۇنداقلا ئولتۇرغان ھەر بىرەيلەننىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ھايات.
1982- يىل. 7- ئاي. ئۈچ يىل بىر بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ، بىر ئۇستازنىڭ قولىدىن تەلىم ئالغان، ئەمدى 18 ياشلارغا كىرگەن مەسۇم قىز، مايسا بۇرۇت يىگىتلەر ھەم خوشاللىق، ھەم ئىسەنكىرەش، قىيالماسلىق ئىچىدە ئانا مەكتەپتىن ئايرىلدۇق. ئۇستازلاردىن ئايرىلدۇق. ئۈچ يىللىق ساۋاقداشلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق.
30 يىل ئىلگىرىكى مۇنۇ قوشاق ئېسىمگە كېلىپ قالدى:
ئالگىبىرادا ئا تولا، فىزىكىدا فورمىلا.
شۇنچە قاراپ ئولتۇرۇپ، بىرنى بىلسەم نىم بولا؟
يەنە بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى. مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىم مۇئەللىمنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ بولالماي، ئوتتۇرىغا چىقىپ قالاتتى. بىچارە ساۋاقداشلىرىم شۇ چاغلاردا قىزىپ، تاتىرىپ تۇرسىمۇ، بۇ زالىملار قىلچىمۇ ئىچ ئاغىرتىش دىگەننى بىلمەيتى. قاراڭلار، بۈگۈن بىزنىڭ مۇشۇ «زالىم، قاپىقى يامان» ئەپەندى، خانىملاردىن ئۆچىمىزنى ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى.
«زالىم» ئۇستازلاردىن
لارنى ئوتتۇرىغا چىقىرايلى!
(ئوقۇتقۇچىلارغا تون كەيدۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ)
(ئەگەر مۇمكىن بولسا ئوقۇتقۇچىلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ)
(تون كەيدۇرۋاتقان ۋاقىتتا)
«ئۇستازىڭ زالىم بولسا شاگىرتىڭ ئالىم بولۇر». 30 يىللىق ھايات مۇساپەمدە ئەينى چاغدا زالىم دىگەن ئۇستازلىرىمنىڭ بىزگە نەقەدەر كۆيۇنىدىغانلىقىنى، نەقەدەر تەلەپچان ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتىم. ئەگەر ئۇلارنىڭ شۇ چاغدا زالىملىقى بولمىغان بولسا مېنىڭ ھەمدە مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختىيار كۈنى بولمىغان بولاتتى.
رەھمەت سىزگە مۇئەللىم. رەھمەت.
(ئوقۇتقۇچىلار ئۆز جايىغا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن)
........................
ھەش – پەش دىگىچە 30 قىش، 30 باھار، 30 ياز، 30 كۈزنى تۇگەتتۇق.
ئىنسان ھاياتىدا بۇنداق 30 يىلدىن يەنە نەچچىسى بار؟ بىز ئەمدى ئالدىراشلىق ئىچىدە ۋاقىت چىقىرىپ ئارام ئېلىشنى، ئەسلىمىلەرنى ۋاراقلاپ بېقىشنى، ئۇنتۇلغان چىرايلارنى كۆرۇپ بېقىشنى ئۇمىد قىلدۇق.
مۇشۇ ھەقتە ساۋاقدىشىمىز نى سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز.
(سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن)
رەھمەت، تولىمۇ پاساھەتلىك سۆزلەرنى قىلدىڭىز.
بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت دەل بايا ساۋاقدىشىمىز ********* دىگەندەك «قىز – ئوغۇل، ئەر – ئايالدىن ئىبارەت جىنىس ئايرىمىسى بولمىغان، پەقەت ساۋاقداشتىن ئىبارەت بىر ئۇقۇم بولغان ، 30 يىللىق كەچمىشلىرىمىزنى، 30 يىللىق پىغانلىرىمىزنى، 30 يىللىق سىغىنىشلىرىمىزنى، 30 يىللىق ئامەتلىرىمىزنى، 30 يىللىق مۇۋاپىقىيەتلىرىمىزدىن بىرلىكتە ئورتاقلىشىدىغان يىغىلىش.
بۈگۈنكى بۇ يىغىلىش كۆپچىلىك ساۋاقداشلارنىڭ قايتا دىدارلاشتۇرۇلۇپ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشنىڭ ياخشى پۇرستى. پەقەت جاپالىق تۇرمۇشتىن ھال مۇڭ قىلىدىغان ئەمەس بەلكى رەڭگارەڭ گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق ھوزۇرلىنىپ، چۇشۇنۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى چىڭىتىپ، بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ھەمدەم بولۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۇرۇشنى مەقسەد قىلغان ئۇچرىشىش.
قېنى ئەمسە، 30 يىللىق ساۋاقداشلار ئۇچرىشىنى بارلىق ساۋاقداشلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشا «ساۋاقداش» بىلەن باشلايلى. كۆپچىلىك ئۇستازلارنىڭ، ساۋاقداشلارنىڭ بەھوزۇر ئولتۇرۇپ، كەڭ كۇشادە پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرىشىنى ئۇمىد قىلىمىز.
......................
(ئاخىرىدا)
ئەتىكى پائالىيەت XXXXX بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ سائەت دە، يەرگە ئۆز ۋاقتىدا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 06:29 PM