ھەسەلدە ئېغىزلانغان يار
شېئىر
شۈكران(يوچۇن ئادەم)
سۆيمەيمەن دەيمەن سۆيگۈم كىلىدۇ،
ناۋاتنى دائىما شوراپ يۈرەمتىڭ؟!
ئوتقاشتىن پەرىقسىز ئىدى لېۋىڭمۇ،
قان بىلەن لېۋىڭنى ھەللەپ يۈرەمتىڭ؟!
ئىسىمدىن چىقمايدۇ سۆيگەن چاغلىرىم،
سەۋەپ شۇ ئۇنتالماي بويتاق يۈرۈيمەن.
لېۋىڭنى ياقمىساڭ كۆتەي بۇ ئۆمۈر،
يانتاقمەن ئىشقىڭدا نەمسىز قۇرۇيمەن.
كېلەر دەپ شامالغا ئەگىشىپ سېنى،
بوينۇمنى قىيسايتىپ قالدىم قانچە رەت.
ھەسەلدىن ئېغىزلاپ قويغانمىدى يار،
بىر سېنى كۈتۈپلا ئۆتەمدىم ئەبەد؟!!
بىر كۈلۈپ تەبەسسۇم قىلساڭ بولاتتى،
ھىدىڭنى پۇراپمەن لال بولسام ساڭا.
كەلسەڭدىڭ ئاي مۈككەن شېرىن كېچىگە،
قايتىلاپ لەۋلەرنى يېقىشساق يانا...
2012-يىل 20-سىنتەبىر