 |
 |
 |
 |

سۆيەلمەس قەلبىڭ مېنى ئېھتىمال ... 
خىياللاردا ئاتتى شۇ تاڭلار ،
ئارمانلىرىم بولدى بىر پۈچەك .
تىلگىم شۇ ئىدى پۈتسە تىلەكلەر ،
سۆيگۈ گۈلىدىن ئېچىلسا چېچەك .... 
خىياللاردا ئۆتىمەن يالغۇز ،
كۆزلىرىمدە مۇڭلانغان دۇنيا .
بىلسەڭ جېنىم ماڭا شۇ دەمدە،
مۇھاببىتىڭ گويا تۇتىيا ... 
ئاغرىنمايمەن سۆيەلمىدى دەپ ،
سۆيگۈ ماڭا ئەمەس سەدىقە ...
ئارمىنىم شۇ سۆيۈپ مەن سېنى،
ئۆتەلىسەم ھەر بىر دەقىقە !!!!

يۈرەكتە بىر ئوت لاۋۇلداپ يانار ،
ھالىمنى سورىماس بىراۋلار نىھال ..
خەيرىيەت ، تەقدىرنىڭ پۈتكىنى بەلكىم،
سۆيەلمەس قەلبىڭ مېنى ئېھتىمال....

مەنبە : تەنھا يازمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TANHA204 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 12:02 AM
|
 |
 |
 |
 |
|