بازار
(ھەجۋى شىئېر)
كىڭەيگەنسىرى كوچا-رەستىلەر،
ئاۋۇپ كەتتى بازاردا پوش-پوش.
يىتىشمىگەندەك دۇككان سارايلار،
قالمىدى يايما يايمىغان دوقمۇش...
نەگە دەسسەپ نەدىن ئۆتىمىز،
چامداشقا جاي يوق، ئەمەس ھىچكىم خوش.
سىگىنال بىلەن پوش-پوش دەردىدىن،
قۇلاق غوڭۇلدار يۈرەك زەردە گوش.
كۆزۈڭ بولسا دەيدۇ تونىۋال،
خىرىدارنىڭ ھەممىسى كوردەك.
قىززىپ كەتكەن كىچىك كانايلار،
ۋاقىرايدۇ بۇنىڭدىنمۇ بەك.
شوپۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى جىق،
ئۆتەلەيدۇ يانالايدۇ تىز...
بازاركەن دەپ كىرىپ قاپتىمىز،
ئەمدى نەدىن بۆسۈپ چىقىمىز.
مەنبە:ئارامى
2012-يىلى19-ئاۋغۇسىت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 02:33 AM