ئىككى ۋە بىر
دۇنيا ئىككى ،ئۆلۈم بىر،
تەقدىر ئىككى ،ئىنسان بىر.
كۆيگەن ئىشق ئوتىدا،
ۋۇجۇد ئىككى ،ئارمان بىر.
ئاشق ئىككى ،سۆيگۈ بىر،
ھېجران ئىككى،ۋىسال بىر.
تەبىرىگە ئىشقنىڭ،
جاۋاب ئىككى،مىسال بىر.
بۇلبۇل ئىككى،ئۇۋا بىر،
بۇلاق ئىككى،دەريا بىر.
قانىتىنى پەرلىگەن،
بۈركۈت ئىككى ،قىيا بىر.
ئېتىز ئىككى،خامان بىر،
رىزق ئىككى،زامان بىر.
بۇ جاھاننى ئىزدىسەڭ،
ياخشى ئىككى،يامان بىر.
گۇلدان ئىككى،چېچەك بىر،
خەمەك ئىككى،پېلەك بىر.
مۇھاببەتنىڭ يولىدا،
يۈرەك ئىككى،تىلەك بىر.
ئۆيىمىزدە
بىرىمىز زىمىن،بىرىمىز ئاسمان،
بىرىمىز باياۋان،بىرىمىز يامغۇر.
بىرىمىز تامىمىز،بىرىمىز قانىمىز،
بىرىمىز ۋىجدان،بىرىمىز غۇرۇر.
بىرىمىز چېچەك،بىرىمىز سەلكىن،
زىمىستاندىمۇ باھار يايىمىز.
بەزى گۈلۈمدەك بولساقمۇ غەمكىن،
ئۇپۇقنى كۆزلەپ ئۇچار غايىمىز.
بىرىمىز كۆز، بىرىمىز لىق ياش،
ۋاقىت تىنىقتىن توختاپ قالىدۇ.
بىرىمىزنى ئەتكەندە باغاش،
سۆيگۈ بىزدىن نەپەس ئالىدۇ.
بىرىمىز شاھ،بىرىمىز خانىش،
خۇشاللىق تۆردە،غەملەر پەگادا.
بەلكىم شۇنداق ياشاپ ئۆتىمىز،
سۆيۈشتىن يانغان ئەكس سادادا.
مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى
ئىزاھات:قارىسام بىرقانچە ئوقۇغۇچىلار ژورنالنىڭ بىر ۋارىقىدىكى بىرقانچە شېئىرلارنى قىزىقىپ ئوقۇغىلى تۇرۇپتىكەن،مەنمۇ ئوقۇپ قىزىقىپ قالدىم،شۇڭا بۇ ئىككى شېئىرنى مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم ،بۇ ژورنالنىڭ ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››نىڭ قايسى سانى ئىكەنلىكىنى ، ئاپتورىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەي قالدىم.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-19 11:09 PM