مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2130|ئىنكاس: 38

ئەمدى بىز نېمە ئىش قىلمىز ؟(مۇلاھىزە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاياتنىڭ پەيزى ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1023
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10547
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 912 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 10:13:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قىيىنچىلقى بارلارغا بىردىغان ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى تۇرمۇش جەھەتتىن قىيىنچىلقى بارلارغا ،بولۇپمۇ يىزلاردىكى كۆپ ساندىكى دىھقانلارغا قانداق نەپلەرنى ئېلىپ كەلدى؟مۇشۇ سىياسەت يولغا قويۇلغان نەچچە يىلدىن بىرى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشدا قانچىلىك دەرىجىدە ياىشىلنىش بولدى؟قانداق ئىجتىمائى ھادىسلەرگە سەۋەپچى بولدى؟زىيالىلار بۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قېلشى كىرەك؟

         ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچۋىتىش يولغا قۇيۇلغان 30يىلدىن بىرى گەرچە جوڭگودىكى كوپ قىسىم ئاممىنىڭ كىيمى پۇتۇن،قورسىقى توقلۇق مەسلىسى ھەل قىلىنغان بولسىمۇ لىكىن ،يەنلا كۆز ئالدىمىزدىكى مەزىرە يىزلاردىكى كۆپ قىسىم دىھقانلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە نامراتلىشىپ كىتىش ئەھۋالى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب زادى نىمە ؟ئۇلارنىڭ ھۇرۇنلىقمۇ ؟ياكى شۇ يەردىكى يەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ يىتەكلىشى يىتەرسىزمۇ ؟

مىنىڭ ھىس قىلشىمچە دوۋلىتمىزدىكى تەرەققىيات سۈرئىتگە ئاممىنىڭ ئاڭ سەۋىيسىنىڭ يىتشەلمەسلىكى ئاساسلىق سەۋەب.
       چۈنىكى ئىسلاھات ئىلىپ بېرىلغان 30نەچچە يىلدىن بېرى گەرچە دۆۋلىتمىزدىكى شەھەرلەرنىڭ سانى،بىنا قەۋتىنىڭ سانى،پۇلنىڭ سانى ئاشقان بولسىمۇ ،لىكىن بىرنەرسە ھالقىلىق بىرنەرسە يىزلاردىكى دىھقانلار تېرۋاتقان يەرلەرنىڭ موسانى ئاشماي قالدى.20يىلنىڭ ئالدىدا نەچچە مو يىرى بولسا ھازىرغىچە شۇنچىلىك ،شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار(دىھقانلار)يەنە نىېمىشقا شۇ يەردىن ئايرىلايمايدۇ؟دىمەكچىمەنكى بىر ئۆيدە نەچچە جان بولشىدىن قەتئىينەزەر 5،7،ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ.
بىرمو يەرنىڭ يىللىق كىرمى ئەڭ كۆپ بولغاندا 3000يۇەن بولسا چىقىمنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن ساپ كىرىم كۆپ بولغاندا 2000يۇەن ،20مو يەرنىڭ 40مىڭ يۇەن بولدۇ. ئەگەر شۇ ئۆيدە 10جان بولسا يىىلىق كىرىم كىشى بېشغا 4000يۇەندىن بولدۇ،ئايلىق كىرمى350يۇەندىنمۇ توغرا كەلمەيدۇ.ھازىر ھەرقانداق بىر ئورگاندىكى ۋاقىتلىق ئىشچىنىڭ ئايىلىق تەمىناتى 1000يۇەندىن كەم ئەمەس،شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار(دىھقانلار) يەنلا يەرگە ئېسلىۋالدۇ؟  چۈنكى ئۇلار باشقا ئىشىنى قىلالمايدۇ،ئەسلى قىلالمايدۇ ئەمەس قىلمايدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىېڭغا شۇ سىڭىپ كەتكەن ،ئەسلى شۇ 10كىشىدىن 2كىسى يەرنى تېرىپ باشقىسى باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا ئەلۋەتتە بولاتتى،ھەمدە ئائىلسىنىڭ ئىقتىسادى ياخشىلناتتى ،لىكىن ئۇلارنىڭ ئولارنى ئويلاشقا كاللىسى يەتمەيدۇ،ئويلاپ يەتسىمۇ ،قىلغانلارنى كۆرسىمۇ قىلمايدۇ.مانا بۇ ھەقىقى نامراتلار ،يەنى كۆك نامراتلاردۇر (قۇرئان كەرىمدە شۇنداق بىر بايان بار ،زامان ئاخىرغا بارغاندا كۆزلەر كۆرمەيدۇ، كۆرمەيدۇ ئەمەس كۈرۈپ تۇرۇپمۇ قىلىۋىردۇ.مەسلەن :ھازىر يېزلار موتسىكلىتنى تىز مىندىغان ياشلار ناھايتى كۆپ ،شۇ سەۋەبلىك ئۈلۈۋاتقانلارمۇ ھەم،ھازىر بىرسى سۇقۇشۇپ ئۆلگەن بولسا ئەتراپىدا كۈرۈۋاتقانلارمۇ ھەمشۇ ياش باللار ،كۈرۈپ بولۇپ قايتىشدا موتسىكلىكتنى تىز مىنىپ يەنە ئۇ ئالەمگە كىتىۋاىقانلارمۇ ھەم شۇلار .مانا بۇ كۆزلەرنىڭ كۆرمەسلىكى )بۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن نامراتكى ،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىددىيسى ،روھى نامرات شۇڭلاشقا ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات شۇنداق ئۈتدۇ،بۇلار قانداق كىشلەر ؟بۇلار شۇنداق كىشلەركى كۆز ئالدىنلا كۈردىغان،باللرنى ئوقۇتمايدىغان ،ئوقۇتقۇچلار باللرنى مەكتەپكە سۈيلەپ كەلسە ئىتنى قۇيۇپ بىردىغان،ھازىر مەسچىتتىن يېنىپ بىراۋنىڭ نەرسىسسنى ئۈيگە ئالغاچ كىركىتدىغان،ئىلىمگە قىزىقمايدىغان كىشلەر .مانا بۇنداق كىشلەر مەڭگۈ نامراتلاردۇر. بەلكى دەيسىلەر بۇنداقلار ئازساننى ئىگەللەيدۇ دەپ،ئەمسە نامراتلار نىمىشقا شۇنچە كۆپ؟ ئۇلار ئىلىمگە تەشنا بولسا  ،مەرىپەتپەرۋەر بولسا،ياراتقان .ئىگسى ئۇلارنى ھەرگىز ئۇنداق كۈنگە قويمايتى!لىكىن شۇنداق كۈندىكلەر بەكلا كۆپ،ھەم يەنلا كۈپىيۋاتدۇ.ئەلۋەتتە بۇرۇنقىغا قارغاندا مائارىپقا كۈڭۈل بۈلدىغانلارنىڭ سانى بەلگىلىك دەرجىدە ئاشقان بولسىمۇ ،لىكىن نوپوسنىڭ ئېشىش سۈرئىتگە سېلىشتۇرغاندا يەنلا تۆۋەن،مانا بۇ سەۋەپ تۈپەيلى زور كۆپ ساندىكى دىھقانلار يەنلا نامرات ھالەتتە ياشماقتا ،مانا بۇ ئىسلاھات ئېچۋىتىلگەن 30يىلدىن بىرى نامراتلارنىڭ تۈگمەسلىكى.
       نۆۋەتتە دۆۋلىتمىز دىھقانلارنىڭ تىزراق ھاللىق سەۋيەگە يېتشى (تىخمۇ نامرات بولوپ كەتمەسلىكى) ئۈچۈن كۆپ تۇرلۈك ياخشى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويدى،ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالتى فوندى،يىزا-ئىگلىك ماشىنلىرنى سېتۋېلىشقا بىردىغان ياردەم پۇل،ئاشىلىق،چارۋىغا بىردىغان ياردەم پۇلى قاتارلىقلار......،نۆۋەتتە دىھقانلارغا ئەڭ بىۋاستە تەسىر قىلدىغنى ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش پۇلى،مانا بۇ پۇل كوپ قىسىم دىھقانلارنى تەمەخور قىلىپ تىمۇ نامراتلىك يولغا باشلىماقتا ،كىسىپ ئىيتىشقا بۇلدىكى مۇشۇ پۇلنى ئالغان نەچچە يىلدىن بىرى كىشلەر باي بولماسىن بەلكى تېىمۇ ھۇرۇنلىشىپ ،تىخمۇ نامراتلىشىپ كىتۋاتدۇ،گەرچە مۇشۇ تۈپەيلى كۈنلۈك ئىش ھەققى 100يۇەندىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ،قىلدىغانلار ئاز ،چۈنكى ھۈكۈمەت پۇل بىرۋاتدۇ ئەمەسمۇ..!
گەرچە بۇ پۇلنىڭ سوممىسى دىگەندەك كۆپ بولمىسمۇ ،لىكىن بىكاردىنلا بىرىلدىغان خۇسىسىيتى كوپ قىسىم كىشلەرنى ئۈزگە مەپتۇن قلىپ كەلمەكتە،مانا بۇ تاماخورلىقتىن ئىبارەت يامان كىسەل كىشلەرنىڭ (يەنلا شۇ ئېڭى تۈۋەن) تۇرمۇش سەۋىيسىنى تېخمۇ تۈۋەنلەتمەكتە.ھازىر ياشانغان دىھقانلار مەركەزدىن بىردىغان60يۇەننى،ياشلار تۈۋەن تۇرمۇ ش پۇلنى ئېلىپ تخمۇ ھۇرۇن،قويمىچى(ئاتا-ئانىسنىڭ  ياشانغانلىق پۇلنى باللرى،ئايالنىڭكىنى يولدىشى  ئېلۋاىدىغان،سورغاندا مەن ئالمىدىم دەپ قەسەم قىلغان،تىلكامىرانى تەكشۇرگەندە ئۈزى چىقسا دىھقان بلمەيدىكەنمىز دەپ تۇرۋالدىغانلار ) ،ئۇششۇقلار تېخمۇ كۈپيىپ جەمئىيەتنىڭ ئومومى ساپاسى تېخىمۇ تۈۋەنلىمەكتە، جەمئىيەتتە ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تارتىپ دىھقان ياشلارغىچە ئىچىپ-چىكىشلار،قىمارۋازلىق،ھاياسىزلىق ئەۋېج ئالماختا...!مانا بۇ نامراتلىق !!!ھەم نامراتلىقنىڭ مەنبەسى !
بۇنى مەنلا ئەمەس كۆپ قىسىملىرمىز كۆرگەن ھەم كۈرۋاتقان ئىجتىمائى ۋەقەلەر.بۇ بىزدەك ئۈزنى زىيالى چاغلايدىغانلاردىن ،بولوپمۇ مائارىپتىن ئىبارەت ئولۇغ سەھنىدە خىزمەت قىلۋاتقانلاردىن تەخىرسىز ھالدا شۇنى تەلەپ قىلدۇكى،بىر مىللەت ،بىر دۆلەتنى ھاللىق سەۋيەگە  يەتكۈزۈش،قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئەڭ توغرا يولى ئۇلارنى مال-دۇنيادىن ئەمەس بەلكى مەرىپەتتىن يۈلەش . ھازىر جەمئىيتىمىزدە بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىللىرمىز ئۇندا-بۇندا ئىشلاردا بولسىمۇ ،لىكىن دەرىس سەھنىسدە ئۇلار يەنلا ناھايتى دۇرۇس!باشقا ئازغىنە كەمچىللىكرنى ئۇلار ئەلۋەتتە تۇزتەلەيدۇ،چۈنكى ئۇلار ئۇقۇغان،ئۇلاردا ئېلىم بار.
        توردا ھەممە بار .ياخشى ،يامان،بىلىم،ئەسكىلىك.....بۇندىن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا چىقىشى جەميەتنىڭ ئومومى يۈزلىنشىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالغۇسى ،مانا مۇشۇنداق ۋەزيەتتە بىزلەرنىڭ قىلالايدىغنىمىز  بۇرۇن ئۆتكەنلەر كەتتى ،بۇندىن كىيىنكىلەرگە قانداق ئۈلگە بولۇش،ئەنە شۇ شام-چىراق روھ  مەرىپەت ئۇستازلرنىڭ  ئۇلۇغ بۇرچىدۇر...! سىز شۇنداق ياخشى ئەۋلاتلارنى تەربىيلىسىڭىز ،كەلگۈسدە سىز ئۇلارنىڭ نەتىجىللىردىن سۈيۈنسىڭىز ،شۇ تەرىقىدە ئۇلارمۇ ھەردەم چىن دىلدىن ھۆرمەتلەيدۇ.ئەگەر سىز ياشلىق باھارڭىزدا ئەنە شۇ سەبى مايسىلارغا كىچكىنە بولسىمۇ مەرىپەت نۇرنى چاچالماي ئۈتۈپ كەتسىڭىز ،قىرغاندا ئۇلارنىڭ ھۆرمىتگە ئرشېش تۈگۈل مەن يۇقىردا بايان قىپ ئۆتكەن نامراتلارنىڭ قاتاردىن ئورۇن ئېلشىڭىز تۇرغانلا گەپ!
ئوقۇتقۇچلار مائارىپ سەھنىسىدىن پايدىلنىپ ئەۋلات تەربىيلىسە،قالغانساھەدىكلەر  قانداق قىلدۇ ؟توردا كۈرۈپ قويدىغانلار،ئۆزئارا يوللاپ قويدىغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ،ئەپسۇس ئەمىلىيلەشتۈردىغانلار تولمۇ ئاز،شۇڭلاشقاتوردۇنياسىدكى ياخشى سۆز،ياخشى بىلىم ،ئىش -ھەركەتلەر تورلار ئارا كىزىپ يۈرمەي ،رىئاللىققا ،يەنە مەۋھۇم دۇنيادىن ئىجتىمائى تۇرمۇشقا چىقشى،ئىقتىمائى رىئاللىقتا تارقىلشى،كىشلەرنىڭ شەخسى تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنشى كىرەك !بىز ھازىرقى زىيالىلار مانا مۇشۇنى قىلمىز.... مانا بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ توغرا يوللىردۇر....

مەنبە:ئۆز قەلمىم
2012-يىلى19-سېنتەبىر         پەيزىۋات



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 10:36 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 30 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

تەقدىرمۇ ئۆزگىرەر تەدبىر گە بېقىپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:09:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسىمدە قېلىشىچە مىنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم بىر قېتىملىق دەرىسىدە بىزگە :‹‹ئامال بار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئالماڭلار، بۇ پۇل ئادەملەرنى ھورۇن قىلىش بىلەن بىرگە تىرىشماس قىلىپ قويۇدۇ. ھەمدە باغلىنىپ قېلىش ئېغىر بولىدۇ›› دەپ دەرس بەرگەن ئىدى.
ھازىر قارغۇلارچە شەھەرلىشىش ئېغىر بولغان ۋاقىتتا جىق تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئورنىنى قۇرۇلۇشلار ئېگەللەپ، دېھقانلار يەرلىرىدىن ئايرىلىپ،تېرىلغۇ يەرلىرى بارا-بارا ئازلىشىپ كىتىپ بارىدۇ. شەھەرلىشىش ھازىر ئىلمى ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قۇرۇلۇش سودىگەرلىرى يەرلىك ھۆكۇمەت خادىملىرىنى سېتىۋىلىپ يەرلەرنى ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىۋىلىپ خەلىققە يېتەرلىك پۇل بەرمەيۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارنى ھۆكىمىتىمىز ۋاقتىدا ھەل قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇنداق قىلسا ئالدىن بېيىغانلار قانداقمۇ نامراتلارنى يېتەكلەپ بېيىتالايدۇ.پۇلنى تاپقان بولغاندىن كىيىن يەرلەرنى قىممەت باھادا سېتىۋىلىپ خەلىقنى باي قىلىشى كېرەكتە.
سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا قالغىنىنى مۇنبەرداشلار بىلەن بىللە ئورتاقلىشايلى.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12440
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32514
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4495 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:28:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنى بىر ئاز چېچىلاڭغۇ بولۇپ قاپتۇ،شۇنداقتىمۇ مەقسەت ئېنىق بوپتۇ...

نامراتلىقنىڭ سەۋەبىنى نوقۇل ھالدا بىر تەرەپكىلا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ،باھا ئۆسۈش،ھورۇنلۇق، تايىنىۋېلىش،ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش،مەبلەغقە پۇل يېتىشمەسلىك،قوللاشقا ئېرىشەلمەسىلك،توسقۇنۇلققا ئۇچراش .....قاتارىلق نۇرغۇن تەرەپلەرگە باغلىنىشلىق بولىدۇ....

تېمىىڭىزدا ئېيتىلغان بىر پىكىرگە مەنمۇ قوشۇلىمەن،يەنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسىنىڭ ،تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى ئالىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تېخىمۇ نامراتلاشتۇەۋەتكەنلىكىگە....

يەنە بىرنەچچە تەرەپلەرنى دېمەكچى ئىدىم، بولدىلا،كۆپ سۆزلىمەي،بولمىسا قايناپ قالغۇدەكمەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نامراتلىق مەسلىسىدە تىما ئىگىسى دىگەندەك ئەڭ مۇھىمى ئەقىل مەسىلىسى ، بىلىم مەسىلىسى ، ئۇنىڭدىن باشقا ھورۇنلۇقمۇ بار ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەشۇ ئازغىنە تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىغا قاراپ ئولتۇرۇپ ، تىخىمۇ نامراتلىشىپ كىتىۋاتىدۇ ، لىكىن ئەقىل ئىشلىتىپ ئەشۇ يەرنىمۇ تىرىغاچ ، ھەم باشقا قىلغۇدەك ئىش بولسا قىلىپ بىيىغان دىھقانلارمۇ  خىلى بار

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83084
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4024
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 01:10:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا دېھقانلىرىمىز نامراتلىقتا ئۆتمەكتە ، بەلكىم بارغا شۈكرى قانائەت قىلىدىغان ئىدىيە بىزگە بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك . ئىللەتلىرىمىز ئىچىدە ھورۇنلۇق ۋە تىرىشماسلىق بەك ئېغىر .

ئېيىق ئادەم بولمايدۇ مىڭ يىل يۈدۈپ باقساڭمۇ؛ يەرگەپاتماس شوينىنى بازغان بىلەن قاقساڭمۇ؛ ئىچىڭ قارا بولسا  گەر ئاقارمايسەن ئۆلگۈچە؛ناشتىلىققا سوپۇن يەپ دەريالاردا ئاقساڭمۇ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 01:16:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ دېگەن ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى خالاس

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78115
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3252
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 01:20:54 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىمىكەن .يۇقاردىكى مەسىلىلەرگە تۇلىمۇ لايىقىدا دىئاگۇنۇز قۇيۇپسىز .مەنمۇ قوللايمەن .يازماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەم چوقوم بىر نەرسىنى قامچىلاپ بىر نەرسىنى كۈيلەيدۇ.مەن ئەدەبىياتشۇناس بولمىساممۇ بۇنچىلىكنى چۈشۈنەلەيمە .يۇقاردا بىر توردىشىمىز ئېيتقاندەك مەقسەت ئىنىق بولغان بولسىمۇ ، ئىبارىلەر ۋە چۈشەنچە سەل چېچىلاڭغۇ .
  
باشقا نەرسىنى قامچىلايمەن دەپ باشقا نەرسىنى ھاقارەتلەش ،باشقا نەرسىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش كوچىسىغىمۇ ئىلتىپات قىپ كىتىلگەن .مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىمدا «لار » قۇشۇمچىسىنىڭ ئىسىمغا ئۇلىنىپ كىلىپ ئۇمۇمنى ئۇقتۇرىدىغنلىقىنى ئۆگەنگەن ئىدىم .بۇ قائىدە ھېلى ھەم ئۆزگەرمىگەندۇ دەپ ئويلايمە.مەن ياشاۋاتقان يېزىدا ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقا دىھقانلار يىراقنى كۈرەر،ئىلىمنى سۈيەر،ئۆزى ئېتىزدىن كرەممىسىمۇ يەنە جاپاغا چىداپ بالىلىرىنى ئوقۇتۇۋاتىدۇ .«ئەتتىگىنى مەسچىتتىن قايتقاچ بىراۋنىڭ نەرسىسىنى ئالغاچ كىرىككىتىدىغان » دىگەن بۇ جۈملىنىڭ بۇ يازما بىلەن قانداق موناسىۋىتى بارلىقىنى مەن ھېچ بىلەممىدىم .سىز ئەگەر دىھقانلارنى ئەيىپلىمەكچى بولسىڭىز ئۇچۇق سۆزلەر بىلەن ئەيىپلەۋىرىڭ .مەسچىت ۋە مۇسۇلمنلانىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرمەكچى بولسىڭىزمۇ ھەم شۇنداق .«مەسچىتتىن قايتقاچ بىراۋنىڭ نەرسىسىنى ئالغاچ كىرىككىتىدىغان » دىگەننىڭ ئورنىغا مۇسۇلمانلار ئوغرى دىسىڭىزلا بولدى .بۇنچە ھەرەج تارتىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يۇق كۆپ سۆزلەپ .ئەگەر نىيىتىڭىز ئۇنداق بولمىسا بىر نەرسە يازغاندا دىققەت قىلىڭ .ئەقلىم كالتا بىلىمىم چولتا ئۆزۈمنى چاغلىماي جۆيلۈپ قويدۇم ئەپۇ قىلىڭ .

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2557
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21685
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9908 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 02:13:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ ! بىچارە دېھقان، سەن نېمە دېگەن يۇۋاش، نېمە دېگەن ئاقكۈڭۈل، نېمە دىگەن ساددا ھە!
سېنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقتا، قەخرىتان سوغۇقتا جان- جەھلىڭ بىلەن ئىشلىشىڭ __جەمەتىڭنىڭ، ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ يىلدا كىرىم قىلغان پۇلۇڭ ئۆزۇڭنىڭ قورسىقىدىن ئېشىنالمىسا باشقا ئىشلارنى ئويلاش سېنىڭ كاللاڭغا كىرەرمۇ؟ ئىنساننىڭ قورساق تويغۇزۇشتىن ئىبارەت ماددى ئېھتىياجىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەييار مائاشقا، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەييار پۇلىغا شېرىك بولۇۋاتقانلار قانداقمۇ چۈشۈنەلىسۇن!

دېھقان ئاكا، سەن سۈكۈتتە تۇرۇپ تۇر. زىيالىلىيلار، سىتودىنىتلار سەن ئۈچۈن سۆزلىيەلمىگەن، سېنى كەمسىتكەن بىلەن كەمىنە ھەرگىزمۇ سېنى نائۈمىد قويمايدۇ. ئاق يەرگە بىر تال ئۇرۇق تېرىپ ئۈندۈرۈپ باقمىغانلارنىڭ سەن ھەققىدە سۆزلەشكە ھەرگىزمۇ ھەققى يوق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 02:31 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 50 چوڭنىڭ چوڭلىقى باردە؛

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12750
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-5
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 02:22:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما  تېمىنى يازغان   مەكتەپتە تازا ئوقىمىغان  كىشى بولسا كېرەك. بىكا بولسا شىنجاڭنى ئايلىنىپ چىقسا بولغىدەك. دۇنيا ھەرگىزمۇ پەيزىۋاتتىكى ياشلار ئۆستىڭىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئەمەس . بۇ ئادەم نەتىجىگەبىرلا سەۋەپ ئىزدەيدىكەن.مىنىڭچە ئىنساننىڭ تەقدىرىنى مائارىپقىلا باغلاش ئانچە توغرا ئۇسۇل ئەمەس ، بولۇپمۇ بىزگە . بىلىم ئېلىش توغرا لېكىن ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، بۇ تېما ئېنىقلا دىھقانلارنى ھاقارەتلىگەندەك يېزىلىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12750
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-5
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 02:23:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيەتتە يەر تېرېپ باي بولۇپ كەتكەنلەر بەك تولا ، ،،،،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش