|
|
|
|
يالغۇزلۇق (ئۇچقۇنى)
ۋولقان كەبى ھىسسىيات، ئىچ-ئىچىڭدىن تاشسىمۇ. ياپقىن قاردىن يېپىنچا، تىنىڭ مۇزلاپ قاتسىمۇ.
بىردەملىك شۇ ھاياجان، ئەخلاققا قول ئۇزاتسا. چىڭ تۇت،خار-خەس ئەڭگۈشتەر، جۇلاسىنى يوقاتسا.
چاڭقىسىمۇ يۈرەكتىن، مۇھەببەتكە ئۇسسۇزلۇق. يەم قىلمىسۇن قاغىغا، ئىپپىتىڭنى يالغۇزلۇق.
تەڭرىتاغ قىزى (ئۇچقۇنى)
ئالەمدىكى گۈزەللىك، جامالىڭغا جەم بولغان. سۆيگۈ ۋاپا تارىمدەك، تۇمۇرۇڭدا جۇش ئۇرغان.
ھىسسىياتىڭ ۋولقاندەك، سىرت سىياقىڭ چولپاندەك. بولغان ھايا ئىپپىتىڭ، ۋۇجۇدۇڭدا زەر قورغان.
تەڭرىتاغنىڭ قىزى سەن، تەكلىماكان كۆزى سەن. توغراق روھى جىسمىڭدا، ئەمگىكىڭدىن چۆل بوستان.
تىرىكمۇ يا ئۆلۈكمۇ (ئۇچقۇنى)
ھەر كىمدە بار تۈك ساقال، ئەرلا بولسا ئەركەكمۇ؟ ئەر خەق زادى ئايالغا، ئەرمۇ ياكى ئەرمەكمۇ؟
ئەل-يۇرت غېمى ئەر غېمى، قىنى ئىجاد ئەمگىكىڭ. مەسئۇلىيەت بۇرچۇڭنى، ئادا قىلىش كىرەكمۇ؟
ئۇيقۇ-ئۆلۈم يەرلىكىڭ، كەيىپتە جان بەرمىكىڭ. ئويغانمىغان شۇ ۋىجدان، تىرىكمۇ يا ئۆلۈكمۇ؟
ئۇچقۇنى 2012.9.19
|
|
|
|
|
|