|
|
|
|
ئۈچ بۇرادەر بىرلىكتە بىر يەرگە ساياھەت قىلغىلى كەپتۇ.ئۇلار بىر مېھمانخانىغا كېىلىپ ئورۇنلىشىپتۇ.ئۇ مېھمانخانا ئىنتايىن ئىگىز بۇلۇپ ئۇلار بىنانىڭ 75-قەۋىتىگە ئورۇنلىشىپتۇ.مېھمانخانىنىڭ بىر چەكلىمىسى بار ئىكەن.چوقۇم كەچ سائەت 11دىن بۇرۇن كىرىپ بۇلۇش كىرەك ئىكەن.بولمىسا لىفىت توختاپ قېلىپ ، ساياھەتچىلەر پەلەمپەي بىلەن چىقىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
ئۈچ بۇرادەر بىر كۈنى شۇنداق كۆڭۈللۈك ئويناپتۇ،ۋاقىتنىڭ قانداق كەچ بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپتۇ. ئۇلار مېھمانخانىغا كەلگەن چاغدا سائەت ئاللىقاچان 11دىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن.ئۇلار 75 قەۋەتكە پەلەمپەي بىلەن چىقىشقا مەجبۇر بوپتۇ.ئۇلار قانداق قىلسا بۇ مۈشكۈل ئىشنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقىنى مەسلىھەتلىشىپتۇ ۋە ۋە ھەر 25 قەۋەتتە بىرى ئۇزۇن ھېكايە ئوقۇيدىغان بوپتۇ.شۇنداق قىلىپ ئۈچ بۇرادەر مىڭ بىر جاپادا 75-قەۋەتكە چىقىپتۇ ۋە پۇتلىرىنى ئاران سۆرەپ ياتاق ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. تۇيۇقسىز ئارىسىدىن بىرسى پىشانىنى تۇتۇپتۇ ۋە ناھايىتى ئۈمۈدسىزلىنىپ كېتىپتۇ.باشقا ئىككىسى نىمە بولدى دەپ سوراپتۇ.ئۇ ناھايىتى ئۇھسىنغان ھالدا:«ياتاقنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇنتۇپ قاپتىمىز«دەپتۇ..........
ھايات سەپىرى شۇنداق ئىكەن،نۇر غۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر تىرىشىپ تىرمىشىپ،ھېرىپ چارچاپ ئۆزى ئۈچۈن «ئەڭ مۇھىم«نەرسىنى تاپىدىكەن. ھاياتتا ئەڭ مۇھىم نەرسە زادى نىمە؟ پۇلمۇ؟نام-ئابرويمۇ؟شۆھرەت مۇ؟ ياكى ئەمەل مەنسەبمۇ؟...ئەلۋەتتە ئوخشىمايدىغان كىشىلەر ئوخشىمايدىغان جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن.ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر سۇئالنىڭ جاۋابىغا ئېرىشكەن چاغدا ئاللىقاچان كېچىككەن بۇلىدۇ.
مۇسۇلمان كىشى ئەسلىدە ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكىنى ئۈچۈن،ئالەملەرنىڭ رەببىسى تەرىپىدىن كەلگەن بۇ نىئمەتكە،شەرەپكە ئېرىشكىنى ئۈچۈن،خۇشاللىقتىن قەلىبلىرى يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالسا توغرا بولاتتى. مەيلى باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن ھەممىسى شۇنداق. ھالبۇكى بەزى كىشىلەر بۇ كاتتا نىئمەتنىڭ قەدرىنى ئەسلا بىلمەيدۇ.بۇنى بەرگەن پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلماي ياشايدۇ.
دىنسىز كىشى ياكى ئاخىرەت توغۇرلۇق گۇماندا يۈرگەن كىشى،مەيلى ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن،نەپسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىسىگە كەلگەن چاغدا شۇنى ھېس قىلىدۇكى،ھېرىپ چارچاپ،مىڭ بىر جاپادا ئېرىشكەن مال-دۇنيا،نام-ئابروي،شان-شۆھرەت،ئەمەل-مەنسەب ئۆزى ئۈچۈن ئاشۇ دەقىقىدىن كېيىن ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى شۇنداقلا بەختىنى ئەبەدى يوقاتقانلىقىنى سەزگەن چاغدا،ئاللىقاچان كېچىككەن بۇلىدۇ.ئىمتاھان قەغىزى يىغىلغاندىن كېيىن قايتا ئىمتاھان ئېلىنمايدۇ،نە كەينىگە يېنىۋېلىشقا ،نە قايتا ئىمتاھان بېرىشكە پۇرسىتى بولمايدۇ.
ئى ئەزىز قېرىندىشىم،سىزگە سۇئال: سىز ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟سىز بۇ مۇھىم نەرسىنى ئېلىۋالدىڭىزمۇ؟ ئالمىغان بولسىڭىز تېزدىن ئېلىۋېلىڭ،ھايات قىسقا،بۇنى پەقەت ھايات ۋاقتىڭىزدىلا ئالالايسىز،سىز تېخى ھايات بولسىڭىز،بۇنى ئېلىۋېلىشقا ئالدىراڭ.
قېرىندىشىم،جەننەتنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.。。。
|
|
|
|
|
|