شاھلالە يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 04:45 PM 
قاراپ تۇرۇپ كەلگۈندىگە يان بىسۋاتسىزغۇ مانا
مەن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىپ يان باسمىدىم ، بەلكى ئۇنىڭ بىر قىزغا شۇنچە يىلدىن بىرى ياپۇنلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سامروي روھىيدىن قىلىشقۇسىز دەرىجىدە سادىقلىق بىلەن ساقلاپ كىلىۋاتقان مۇقەددەس سۆيگۈ ئەقىدىسگە قايىل بولۇپ يان باستىم .
مەن كەلگۈندىنىڭ قارشىنى قوللايمەن . بىرنى سۆيدى دىمەڭ مەڭگۇ سۆيدى ،ئىرشكەندىمۇ سۆيدى ، ئىرىشەلمىسىمۇ سۆيدى ، قىز دوستى ئۆزىنى پاك-پاكىز ئۇنتىلىپ كەتكەن بولسىمۇ سۆيدى ، بۇ يولدا تالاي ئەرزىيەتلەرنى چەكسىمۇ بىر قەدەم چىكىمەي سۆيدى . ئۇنىڭ بۇ سۆيگۈسى قانداقتۇر بىر نەرسىنى تاما قىلماستىن غەرەزسسىز ، شەخسىيەتسىز سۆيۈش ئىدى . كەلگۈندىنىڭ بۇ تەۋرەنمەس ئەقىدىسى ئەگەر ،ئاتا-ئانىسغا ،دوسلىرىغا ، قەۋىمى-قىرىنداشلىرىغا ،ۋەتىنىگە ، ئاللاھقا يۆتكەلسىچۇ ؟ -مەنچە بەلكىم كەلگۈندى بۇ ۋاقىتتا تىخمۇ چەكسىز بەختلەرگە تىخمۇ يۇقىرى مەرتىبىلەرگە ئىرىشىپ قىلىشى ئىنىق .
بىر قىز ئىيتىپتۇ . ئەگەر مەن بىر يىگىتنىڭ كۆڭلىدىكى بۇرۇنقى قىز دوستىغا بەرگەن مۇھەببەتتەك مۇھەببەتكە ئىرىشەلمىسەم . ئۇ يىگىت ماڭا يۈرىكىنى ئالقىنىمغا ئىلىپ بەرسىمۇ ، ئۇ يىگىتنىڭ مىنى، سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن سۆزى مىنىڭ ئالدىمدا 0 . ماڭا چىن ئەقىدە قىلالمىغان ئادەم ماڭ ياردىن سەكرەپ ئۆل ! سەيمەن سۆزى بىر تەرەپلىمە دەپ قارايمەن . ئەقلى بولسا بۇنداق چىچىلماي ،ئەسلى شۇ يىگىتنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستىدەك بولۇشقا تىرىشپ ، شۇ قىزدىن ئىشىپ كەتكۈدەك ئىقتىدارنى ھازىرلىغاندا ، ئۇ يىگىت ناھايتى تەبئىيلا بۇرۇنقى قىز دوستىنى پاك-پاكىز ئۇنتىلىپ كىتىشى مۇقەرەر .
كۆپۇنچنە قىز-ئاياللار ئوغۇل دوستۇم ماڭا بۇرنقى قىز دوستىغا بەرگەن كۆڭلىنى بەرمىدى دەپلا زارلانغىننى ئاڭلايمىز . لىكىن بىرسىنىڭمۇ ، مەن ئوغۇل دوستۇمغا بۇرۇنقى قىز دوستى بەرگەننىڭ قانچىلىكنى بەردىم دىگەننى ئويلاپ قويمايدۇ.
دۇنيادا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئويلايدىغان ھەر قانداق بىر قىز ھەر قانچە ئېسىل بولۇپ كەتسىمۇ مەڭگۇ بىرىنجى مۇھاببەتكە ئىرىشەلمەيدۇ ، بىرىنجى مۇھاببەت ئاللاھقا بىرىلىپ ئاندىن قىزغا بىرىلىدۇ .
كىمكى بىرىنجى مۇھەببەتكە ئىرىشىمەن دەيدىكەن تەقۋادار مۇسۇلماندىن كۈتمەي ،غەيرى مۇسۇلمان يىگىتتىن كۈتسۇن .