مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2417|ئىنكاس: 21

شىنجىندىكى ‹‹شۇڭقارلار›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3892
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 03:09:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجىندىكى ‹‹شۇڭقارلار

14-ئاپرىل سەھەردە ئۈرۈمچى ئايروپورتىدىن جەنۇپ ئاۋئاتسىيە شىركىتىنىڭ <<بوئىن 737>> تىپلىق 9303-قىتىملىق ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ

بەش سائەت ئۇچقاندىن كىيىن شېنجىنغا يېتىپ كەلدۇق. شىنجىن شەھىرىنىڭ لوخۇ رايۇنىدا ياتاقتا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن شىنجىندىكى مەشھۇر شەرقى قۇۋۇق پىيادىلەر كوچىسىنى ئايلاندۇق.بۇ كوچىدىن قايتىپ چىقىۋىتىپ، كوچا ئاغزىغا موتسىكىلىتلىرىنى توختىتىپ، قالپاق كىيىپ قاتارلىشىپ يولۇچى كۈتۈپ تۇرغان موتسىكىلىتچى يىگىتلەرگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.كۆرۈنىشتىنلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلەر ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. شىنجاڭدىن يىراق شەرقي جەنۇپتىكى تەرەققى قىلغان ، ئاۋات دېڭىز بويى شەھىرىدە ئۆز قېرىنداشلىرىمنى ئۇچرىتىپ قېلىش مېنى بىردىنلا ھەيرەتتە قالدۇرغان . مەن بىر خىل ئىچكى ھاياجان ئىچىدە سەپەرداشلىرىمدىن ئايرىلىپ ، ئۇلارنىڭ يىنىغا كەلدىم-دە،چوڭقۇر ئۇرغۇ بىلەن ئۇلارغا سالام قىلدىم:

_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

_ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،_ دەپ جاۋاب قايتۇرىشتى ئۇلار موتسىكىلىتلىرىدىن چۈشۈپ. مەن ئۆزەمنى تونۇشتۇرغاندىن كىيىن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدىم:

_ ئادەم توشۇيدىغان ئوخشىمامسىلەر ؟

_شۇنداق.

_ئادەتتە قانچە پۇلغا ماڭىسىلەر؟

_ ئوخشىمايدۇ، يولنىڭ يىراق،يېقىنلىقىغا قاراپ بەش كوي ،ئون كوي،ئون بەش كويغۇچە ماڭىمىز!

_موتسىكىلىتىڭلارغا چىقىدىغانلار خېلى كۆپمۇ؟

_ خېلى كۆپ،شىنجىندا تاكسىنىڭ باھاسى قىممەت، قوزغىلىش باھاسىلا ئون ئىككى يىرىم يۈەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا كۆپ بولغاچقا،قاتناش قىشتاڭچىلىقى ئېغىر.تاكسىلار پات-پاتلا توسۇلۇپ قالىدۇ.بىزنىڭ موتسىكىلىتلىرىمىزنىڭ سۈرئىتى تېز،تارچۇق يوللاردىمۇ مېڭىۋىرىمىز ،باھاسى ئەرزان.شۇڭا يەرلىك ئاھالىلار سىرتقا چىقسا كۆپىنچە موتسىكىلىتقا ئولتۇرىدۇ.

_ بۇيەردە بۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلاردىن قانچىڭلار بار؟

_ ئەللىك ئاتمىشتەك بار.

شۇئارىدا بىر خەنزۇ قىز كىچىك سومكىسىنى كۆتۈرپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى.موتسىكىلىتچى يىگىتلەر شۇنچە راۋان خەنزۇ تىلىدا قۇشقاشتەك چوقۇرلىشىپ ، ئۇنى چاقىرىشقا باشلىدى. ئارىدا بىرەيلەن خەنزۇ قىز بىلەن كېلىشىپ ،قىزنى موتسىكىلىتنىڭ ئارقىغا مىندۈردى-دە، شۇڭقاردەك پەرۋاز قىلغىنىچە،ئاپتۇموبىللار توپىغا كىرىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ھەۋەس بىلەن قارىۋەتكەندىن كىيىن يىنىمدا تۇرغان يىگىتنىڭ موتسىكىلىتىغا مىنىپ ، شەھەرنى ئايلىنىشقا باشلىدىم . مىنىڭ مەقسىتىم شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشە قىلىشتى كۆرە،ئۇنىڭدىن يەنىمۇ كۆپ ئەھۋال ئىگىلىۋىلىش ئىدى.

   مىنى ئېلىپ ماڭغان يىگىتنىڭ ئىسمى مۇھەممەت تۇرسۇن بولۇپ ، قەشقەرنىڭ يىڭىسار ناھىيەسىدىن ئىكەن . ئۇ ئون نەچچە يىل بۇرۇنلا يۇرتىدىن چىقىپ كىتىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، كاۋاپچىلىق قاتارلىق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ جان بېقىپ كەلگەنىكەن . بۇ يەردە دەسلەپتە ياڭاق . ئۈزۈم سېتىپتۇ. كىيىن موتسىكىلىت بىلەن ئادەم توشۇشقا باشلاپتۇ.ھازىر تاپاۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ ، ھەركۈنلۈكى يۈز يۇەندىن ئۈچ يۈز يۇەنگىچە پۇل تاپالايدىكەن. بۇ پۇلنىڭ بىر قىسمىنى تۇرمۇش خىراجىتىگە ئىشلەتكەندىن سىرت قالغىنىنى يۇرتىدىكى ئاتا- ئانىسىغا ئەۋەتىپ بېرىۋىتىپتۇ،ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى ئىكەن.

_ جەنوبى شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مەن دېمىسەممۇ سىز بىلىسىز. يىل بويى ئىشلەپمۇ باج-سېلىق،ھەرخىل ھەقلەرگە،ھاشارغا بويلىيالمايمىز.نامراتلىقنىڭ دەستىدىن ئەتىنى قانداق ئۆتكۈزەرمەن دەپ كۈنلەرنى ساناپ قېرىپ كېتىمىز.بۇ يەردە بولسا ،تاپاۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى،ئەڭ مۇھىمى كۆڭلىمىز خاتىجەمن چۈنكى بۇ يەردىكى خەنزۇ يولداشلار بىزنى ئاز سانلىق مىللەت ،دەپ بەك ھۆرمەت قىلىدۇ.دېسەم ئىشەنمەيسىز، مەن شىنجىنغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايالىم ۋە بالىلىرىمنى ئەكىلىۋالغان ،ھازىر ئايالىم خەنزۇ خوشنىلار بىلەن ئاچا_سىڭىلدەئۆتىدۇ.ئالتە ياشلىق ئوغلۇممۇ ئۆلچەملىك خەنزۇ تىلىدا سۆزلەپ چوڭ بولىۋاتىدۇ.بىر قېتىم ئايالىم ئاغرىپ قالغاندا ئۆيىمىزنىڭ يىنىدا دۇكان ئاچىدىغان خەنزۇ ئايال كۈندە ئۆيگە كىرىپ ئايالىمنى يوقلاپلا قالماي،ئۇنىمىغىنىمىزغا قويماي،كىر قاتلارنى يۇيۇپ بەردى.ھەتتا بىر كۈنى ئوغلىمىزنى ئېلىپ چىقىپ كىتىپ، مۇنچىغا چۈشۈرۈپ پاكىز يۇيۇندۇرۇپ ئەكىرىپتۇ.بىز بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندۇق.شۇڭا خەنزۇ قوشنىلارنىڭ ھەرقانداق ئىشى بولسا، بىزمۇ پىداكارلىق بىلەن ياردەملىشىمىز.

ئۇ شۇنداق دېگەچ ، موتسىكىلىتنى بىر تار كوچىغا بۇرىدى ۋە:

_مىنىڭ ئۆيۇم مۇشۇ كوچىدا، ھازىر ئوغلۇم سىرتتا ئويناۋاتىدىغۇ دەيمەن دېدې. دەرۋەقە،بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن مەن بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ كوچىنىڭ ئوتتىرىسىدا كىچىك ئويۇنچۇق ۋىلىسىپىتنى مىنىپ،بىر قانچە تەڭتۇش خەنزۇ بالىلىرى بىلەن چوقۇرشىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،بۇ مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ بالىسى ئىدى.بۇ مەنزىرە مېنى قاتتىق ھاياجاللاندۇردى،چۈنكى مېنىڭ كۆرۈۋاتقىنىم شېنجىننىڭ ئاۋات كوچىسى،يېڭىسارنىڭ توپىلىق يوللىرىدا يۈرگەندەك شۇنچە بەختىيار ئويناۋاتقان ،قۇش بالىسىدەك چورقىراپ شۇنچە راۋان خەنزۇ تىلىدا سۆزلەۋاتقان بۇ بالا بولسا شىنجاڭنىڭ نامرات ناھىيىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر دېھقاننىڭ بالىسى ئىدى.بىز سەل مېڭىپ مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئايالىنى ئۇچراتتۇق ،ئۇ يول بويىدىكى گۈللۈكتە كىچىك قىزىنى كۆتۈرۈپ،بىر قانچە خەنزۇ ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ ئايلىنىپ يۈرگەنىكەن.

يۇرتنى سېغىنىمايدىغان ئىش بولامدۇ؟ـدېدى مۇھەممەت تۇرسۇن موتسىكىلىتنى ھەيدەپ كېتىۋىتىپ،ـ ئادەمنىڭ كىندىك قېنى تۈكۈلگەن ماكاننى ھەر قانداق جايدا تەڭ قىلغۇسى كەلمەيدىكەن،لېكىن شۇنداق دەپ يۇرتتىن چىقماي،يەرگە باغلىنىپ يۈرگەن بولساق، ئەھۋالىمىز ياخشىلىنىشى ناتايىن ئىدى.مانا قاراڭ،مەندەك بىر شىنجاڭنىڭ يىراق سەھراسىدا ياشايدىغان دېھقاننى شىنجىندەك زامانىۋى شەھەردە ‹‹ئۇچۇپ››  يۈرىدۇ دېسە ،كىممۇ ئىشىنىدۇ؟ تەقدىرىمنىڭ بۇنداق بولۇشى ئۆزۈمنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈمەىمۇ كىرمىگەن.

ـ بۇيەردە ئۆي ئىجارىسى قىممەت،ـدېدى مۇھەممەت تۇرسۇن قوشۇمچە قىلىپ،ـبىز كىچىك ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە تۇرىمىز،ئايلىق ئىجارىسى ئالتە يۈز ئەللىك يۈەن،ئايالىم بالىلارغا قارىغاچ، تاماق ئېتىش دېگەندەك ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ،خەنزۇ قوشنىلارغا ياردەملىشىدۇ،مەن خاتىرجەم ئىشلەيمەن.

ـ دەسلەپتە كەلگەندە خەنزۇ تىلىدا قىينالغانسىلەر؟

ـ ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى موتسىكىلىتلارنىڭ ئىچىدە قەشقەر،خوتەنلىكلەر كۆپ،ھەممىسى باشلانغۇچ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگەدېھقان بالىلىرى.مەنغۇ ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدە تۇرغان،بىر قىسىملار شىنجىنغا يېڭى كەلگەندە بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە گەپ ئۇقمايتتى،شارائىت قىستىسا،ھەممىنى ئۈگىنىدىغان گەپكەن،بىر ئېغىزدىن بىر ئېغىزدىن ئۈگەندۇق،بىز بۇ يەرگە كېلىپ تىل ئۈگىنىشنىڭ قانچىلىك موھىملىقىنى ھس قىلدۇق ،خەنزۇچە ئۆگەنگەننىڭ پايدىسىنى كۆردۇق.ھازىر ئايالىممۇ خەنزۇچىنى ئىنتايىن ياخشى سۆزلەيدۇ،بالامدىغۇ مەسىلە يوق.

  مۇھەمەت تۇرسۇن سۆزلىگەچ قىزىل،يېشىل چىراقلار كۈندۈزدەك يورۇتىۋەتكەن ئاۋات كوچىلاردا شۇڭقاردەك ئۈزۈپ ،قىستاڭ ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈپ،ماڭا لوخۇ رايۇنىدىكى قايناق بازارلارنى ،ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنى كۆرسۈتۈپ قويدى.

ـ يولۇچىلار سىلەرنى قاقتى ـ  سوقتى قىلارمۇ،دەپ  گۇمانلىنامدۇ؟ـ دەپ سورىدىم مەن يەنە ئۇنىڭدىن.

ـ ياقەي ،بۇ يەردە ئۇنداق گەپ يوق ،ئۇلار تېخى بىزنى ئازسانلىق مىللەت دەپ ناھايىتى چوڭ بىلىدۇ.كىرا قىلىپ ئاشقان پۇللىرىنى قايتۇرساق، بولدى سۆيۈنچە بولسۇن دەپ بېرىۋىتىدۇ.بىزمۇ بەك ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز،مەنزىلگە بارغاندا،‹‹مەن يەنە موتسىكىلىت بىلەن قايتىمەن ساقلاپتۇر ››دېسە ساقلاپ تۇرىمىز.ھەرگىزمۇ ئارتۇق پۇل ئېلىۋالىدىغان ،قاقتى ـ سوقتى قىلىدىغان ئىشنى قىلمايمىز.موتسىكىلىتنىڭ ئۈستىدە سومكىغا ئوخشاش بىر نەرسىلىرىنى ئۇنتۇپ قالسا ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئېگىسىنى تىپىپ ،قايتۇرۇپ بىرىمىز.موتسىكىلىتنى كېچىدە كىرا قىلىدىغان ياشلار ،قىزلار جىق،چۈنكى ئۇلار بىر دېسكۇخانىدىن يەنە بىر دېسكۇخانىغا ،ئۇ يەردىن يەنە بىر كۆڭۈل ئېچىش ئورنىغا بېرىپ،توختىماي يۆتكېلىپ ئوينايدۇ.بۇنداق ماڭغاندا تاكسى كېرا قىلسا ،پۇل توشىمايدۇ،شۇڭا،ئۇلار كۆپىنچە موتسىكىلىتلار غا مېنىدۇ.

ـ سېلەردىن باشقا موتسىكىلىت بىلەن كېراتوشۇيدىغان باشقا خەنزۇلارمۇ بارمۇ؟

ـ بار،لىكىن ناھايىتى ئاز،ئىلگىرى كۆپ ئىدى،لىكىن قىلماس بولدى،بۇ بازارنى بىز ئۇيغۇرلار ئاستا ـ ئاستا ئېگەللىدۇق.چۈنكى،بىز ھەيدەۋاتقان بۇ موتسىكىلىتلەررنىڭ رەسمىيىتى تولۇق ئەمەس.شۇڭا،ئەرزەنغىلا سىتىۋالىمىز،مەن مۇشۇ موتسىكىلىتنى بىرمىڭ ئۈچيۈز كويغا سىتىۋالغان.قاتناش ساقچىلىرى‹‹ئاز سانلىق مىللەت نامرات رايۇندىن كەلگەن،ئازراق پۇل تېپىۋالسۇن›› دەپ بىزگە يول قۇيىدۇ.بىزمۇ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىمىز.بۇ يەرنىڭ قاتناش ساقچىلىرى ھەدىسىە جەرىمانە قويىدىغان،تۇتىۋالىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.سەۋەنلىك سادىر قىلساق،چىرايلىقچە چۈشەندۈرۈپ ،تەربىيە ئىشلەيدۇ.ھەتتا چوڭ تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئالدىدا ‹‹سىلەرنىڭ رەسمىيىتىڭلار بولمىغاندىن كىيىن ئېھتىيات قىلىڭلار›› دەپ بىزنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ ،كۈتۈلمىگەن مۈشكۈلچىلىككە ئۇچراپ قىلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  زىيارىتىم تولۇق مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان ئىدى.مەن مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ شىنجىندىكى ئىشلىرىغا يېڭى ئۇتۇقلارنى تىلەپ خوشلاشتىم ـ،دە،چوڭقۇر ئىچكى ھاياجان ئىچىدە ياتاققا قايتىپ كىردىم.

                 

                   ئۆمەرجان سىدىقنىڭ ‹‹بەرگەن ۋەدىمىز ۋەدە››ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندە.

2009-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10757
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10285
تۆھپە نۇمۇرى: 608
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2012-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 07:12:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسمنى  بەك  چىرايلىق  قويوپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70085
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 438 سائەت
تىزىم: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 07:32:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھالال ئەمگەك  بىلەن پۇل تىپىپتۇ  .  مەن بۇرۇن بىر تېما ئۇقۇغان ئىدىم .رۈيلىدىكى ئۇيغۇرلار  تىلغا ئىلىنغان . پۈتۈنلەي ئاقچىلار يېزىلغان . دەل بۇنىڭ ئەكسىچە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3593
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 07:37:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخىمۇ روناق تاپسۇن ئۇلار

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12990
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 5203 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 08:41:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىچكىرىدىكى سىياسەت نىزاملار ئادەمنى باشقا بىر دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلدۇرىدۇ دىسە ، ئىلگىرى ئۇيغۇر دىسە ئوغرى دەپ تۇنۇيتى ، ئەمما بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈنسايىن يۇقىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، نىيىتى دۇرۇس تىجارەتچى ۋە باشقا كەسىپتىكى كىشىلىرىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئەھۋالىنى نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ ئۇلاردىمۇ ئۇيغۇر ئەسلى بۇنداق مىللەتكەن دەيدىغان ئىدىيە شەكىللەندى .
مانا ماڭىمۇ ھەش پەش دىگۈچە 5 يىل بوپتۇ ،ئىچىكىرىدە ياشاۋاتىمەن.
  ئەينى چاغدا ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتەلمەي ئاخىر تىل ئۈگۈنىشنى تاللىغان ئىدىم ، شۇ چاغدا :
خەپ ساۋاقداشلىرىم ئىچكىرىدە ئوقۇپ شىنجاڭدا ئىشلەيدۇ ، مەن چوقۇم ئەرەپ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ ئىكىرىدە ئىشلەيمەن -دىگەنىدىم .
  دەرۋەقە شۇ مەقسەتكە يەتتىم . ھازىرغىچە ، پايتەختتىن تارتىپ ، شاڭخەي،گۇاڭجۇ ، يۈننەنگىچە ، شەرقتىن ،جاڭسۇ، شەندۇڭ ، خىنەن،شەنشىگىچە ئاغاغ ئىزىم قالدى .
  كىيىنكى نىشانىم ھوڭ كوڭغا بىرىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلاۋاتىمەن ،ھەم ئاللاھدىن تىلەۋاتىمەن .

سىز 365 كۈن ياشىدى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3263
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1681 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:46:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
k.k.k يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 08:41 PM
ئىچكىرىدىكى سىياسەت نىزاملار ئادەمنى باشقا بىر دۇنيا ...

‹‹خاڭ كوڭ›› شاڭگاڭنى دىمەكچىما؟
ە

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83084
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3958
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 04:02:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىز رەھبەرلىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرىگە كۆپلەپ ئېقىشىمىزنى ئىنتايىن خالايدۇ ، بۇمۇ بىزنىڭ ئايرىپ باشقۇرۇشنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ . شۇڭا قوللاش ياخشى بولغان . ئىشقىلىپ ئايرىلغاننى ئېيىق يەر دېگەن گەپنى ئۇنۇتمىغان ياخشى .

ئېيىق ئادەم بولمايدۇ مىڭ يىل يۈدۈپ باقساڭمۇ؛ يەرگەپاتماس شوينىنى بازغان بىلەن قاقساڭمۇ؛ ئىچىڭ قارا بولسا  گەر ئاقارمايسەن ئۆلگۈچە؛ناشتىلىققا سوپۇن يەپ دەريالاردا ئاقساڭمۇ..........

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1288
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16069
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8314 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 09:49:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھالال مېھنەت بىلەن ياشىغانلار ھەممىلا يەردە ئەزىزلىنىدۇ.

قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28541
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4951
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 10:03:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ شۇ ھالال پۇل تىپىپ خەجلىگەنگە نىمە يىتىدۇ...ھازىر بىز تەرەپلەردىكى مۇشۇندا كىرا قىلدىغان ئادەملەرنىڭ قوسقى تويۇپ تىخى .جىددى لازىم بولغاندا بارالمايمەن دەپ ئادەم قويۇشنى ئۈگىنىپتۇ .مەخسەت جىقراق پۇل ئالاي دىگەندەك

ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4173
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:59:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچكىردە ھەرقانداق مىللەت قانۇن ئالدىدا باراۋار  ھەرقانداق ئىش قانۇن بويىچە بىجىرىلدۇ  ھەرگىزمۇ قانۇن شەخىس ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ  شۇڭا باراۋەر مۇئامىلە ئادەمنىڭ كۆڭلخنخ خوش قىلىدۇ

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش