مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7184|ئىنكاس: 85

خوتەننىڭ گۆش گىردىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 01:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

SAM_2108.JPG

SAM_2096.JPG
SAM_2099.JPG
SAM_2100.JPG
SAM_2103.JPG
  خوتەننىڭ گۆش گىردىسى

    قاشتېشى دىيارى خوتەننىڭ قاشتېشى، گىلەم، ئەتلەس، ياڭاقلىرى داڭلىق بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن داڭلىق مەھسۇلاتلىرى بار، ئەلۋەتتە ئېسىل تائام بولغان گۆش گىردىسىمۇ ناھايىتى داڭلىق. خوتەننىڭ گۆش گىردىسى تەملىكلىكى بىلەن مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس دۇنياغىمۇ داڭلىق. گۆش گىردە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

گۆش گىردە دۇكانلىرىنى خوتەننىڭ ھەممە جايىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بىز يورۇڭقاشدىكى «ئەقىدە گۆش گىردە» دۇكىنىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ شۇ يەرگە باردۇق. دۇكان خوجايىنى مۇھەممەت ئىمىن ھاجىنىڭ گېپىگە قارىغاندا، گۆش گىردىنىڭ ئوخشىشى ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن خۇرۇچقا باغلىق ئىكەن. چوقۇم خوتەن قويىنىڭ يېڭى سويۇلغان مۇۋاپىق سېمىزلىكتىكى گۆشى بولۇشى كېرەك ئىكەن. گۆشنىڭ توغرۇلۇشى، ئارىلاشتۇرۇلغان پىيازنىڭ نىسبىتى قاتارلىقلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بارئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قالىنىدىغان ئوتۇن، ئوتنىڭ تەپتى، قۇمۇرۇلۇدىغان ۋاقتى قاتارلىقلارمۇ دەل جايدا بولغاندىلا گۆش گىردە تەملىك پىشىدىكەن.ىوتەن گىردىسىنىڭ مەززىلىك بولۇشى ئاشپەزنىڭ ھۈنىرىدىن باشقا يەنە خوتەن قوي گۆشىنىڭ ئالاھىدە تەمىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. خوتەن قويى ئادەتتە چۆلرەك دالالاردا ۋە قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ جىلغا ئېتەكلىرىدە بېقىلىدۇ، شورلۇق تۇز يەيدۇ.



مەنبەسى   :   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

http://www.uycnr.com/wh/201209/t20120918_384586.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 12:50 AM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13300
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8568
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 02:10:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە راست خوتەننىڭ گۆشگىردىسى بەك مىززىلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32174
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3370 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 02:15:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەننىڭ گوش گىردىسى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ قالماستىن ھەر خىل نان ۋە تائاملىرىمۇ دۇنياغا داڭلىق.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 02:16:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر قەشقەرگىمۇ ئىچىلىۋاتىدۇ خوتەن گۆش گېردە دۇككانلىرى.

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

مۇساپىرچىلىق يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8219
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9941
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 6069 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 02:16:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆشگىردە دىگەن ناھايىتى ئىسىل تائام جۇمۇئەجەپ يىگۈم كەلدى

باشقىلاردىن ئەقىللىق بول  ، ئەمما بۇنى ئۇلارغا بىلدۈرمە
AHMATJAN0995 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 02:25:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 02:29:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ يېگىم كەپ -كەتتى دىسە

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10062
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 03:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇشنىڭ گۆش گىردىسىمۇ بەك ئوخشايدۇ جۇمۇ ،ئىشەنمىسەڭلار كىلىپ يەپ بېقىڭلار

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 03:41:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆشگىردىنى ئۇيغۇرلار ئۇزاق يىللاردىن بىرى قۇۋەت يىمەكلىكى سۈپىتدە ئىستىمال قىلىپ كەلگەن.  گۆشگىردە ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ يەرلىك شور تۇنۇرغا يېقىلىدۇ ، گۆشگىردە قىيمىسىغا قۇشۇلغان ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، قاننى جانلاندۇرۇش، يەل كۆيدۈرۈش رۇلىغا ئىگە بۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئى قۇۋەت يىمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.   

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 03:46:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            ئۇيغۇر نانلىرى

            (مۇخەممەس)

            تۇرغۇن يىلتىز

كەڭ بازارى بۇ جاھاندا بىباھا ئۇيغۇر نېنى،
باشقا ئەلدىن ھېچ تېپىلماس تۇتىيا ئۇيغۇر نېنى،
ئۆزگىچە تۈر- شەكلى، دۇر-زەر، كەھرىۋا ئۇيغۇر نېنى،
تەنگە كۈچ دەرمان، جېنىڭغا جان، داۋا ئۇيغۇر نېنى،
زېمىنى دۇنيا، ھاياتقا نۇر- زىيا ئۇيغۇر نېنى.

نانۇ- چايدا ناشتا قىلماق ھەممىگە ئادەت ئىرۇر،
نان يېيىشتىن باشلىماق ھەر كۈننى، زەپ راھەت ئىرۇر،
ناشتىدىن سوڭرە بوسۇغا ئاتلىماق ئامەت ئىرۇر،
شول سەۋەب بىزلەردە جەۋلان جەڭگىۋار قامەت ئىرۇر،
كۆزلىرىڭنى چاقنىتار ئەيلەپ جۇلا ئۇيغۇر نېنى.

كۆر تونۇرنى: مۆجىزە...! نان كانىنىڭ ئەلاسىدۇر،
شور، كۇلال، خىش، بەلكى تاشتۇزلار ئۇنىڭ ئەشياسىدۇر،
گەۋدىسى، دىۋارى مەرئا، * داپخۇنى دەرياسىدۇر،
بارچە ئاشلىقتىن ئېتىلگەن ئۇن- خېمىر تەشناسىدۇر،
كى يانار تاغدىن ئېتىلغان ئوت- لاۋا ئۇيغۇر نېنى.

نان پۈتەر ئۇنتاختىدا، تارغاق تۈكۈچلەر گۈل چېكەر،
ئىشتىھانى قوزغىتار كۈنجۈت، سىيادان، ماي، شېكەر،
گەزنە، نانگال، رېپىدە، پەشخۇندا چاقنايدۇ ھۈكەر،
زىخ، چوقاللار ئىچرە چوغ نانتاختىغا كۈن، ئاي تۆكەر،
نەۋقىران قىز مەڭزىدەك كۆركەم، زىبا ئۇيغۇر نېنى.
توي- تۆكۈن، مەشرەپۇ- ھېيتلار قىزىغاي مېھمان بىلەن،
باشلىنار ھەر داستىخاننىڭ ئالدى مەزە- نان بىلەن،
كەلسە شورپا كاكچا، تومنان ۋە ھەمەك، دامان بىلەن،
چىشلىسەڭ ياغلىق توقاچنىڭ لېۋىدىن ئارمان بىلەن،
چىن ھۇزۇر تەختىدە سۇلتانسەن، شىپا ئۇيغۇر نېنى.

كۆپ تۈرى: ئاقنان، تېرىقنان، ئارپانان، جۆۋەندەنان،
قاتلىما، زاغرا، كۆمەچ، شىرما دېگەنلەردىن ئايان...
راسلىنار گاھ قىيمىلىق، گاھ قىيمىسىز ئۇ ھەرقاچان،
نامىنى تىزسام ساناپ، بولغاي شۇتاپ لۇغەت- داۋان،
ئەڭ قەدىرلىكتۇر تائام سەترى ئارا ئۇيغۇر نېنى.

سامسا، پەرمۇدە سېغىنساڭ، ئۇستىكار قەشقەرگە بار،
گىردە، گۆشگىردە يۇرۇڭقاشتا بەلەندۇر دىلخۇمار،
غۇلجىنىڭ پېتىر توقاچ، قاتقېتىدىن قەلبىڭ قۇۋار،
سىرتتا يۈرسەڭ، بولسىلا يانپاشتا نان بىر تىلتۇمار،
ھەر نەپەسكە بەك زۆرۈر، خۇددى ھاۋا ئۇيغۇر نېنى.

نان ئېتىشتە بار ئۇسۇل- چارە، تونۇردىنمۇ بۆلەك،
تاشكۆمەچ، چوغ پوشكىلى، بېغىركۆمەچ دوستى يۈرەك،
قاقلىما، سوقتا، چۈرۈچلەرگە پەقەت گۈلخان كېرەك...
بەس، يېتەر گۆشنان ئۈچۈن قىلسام كۆمەچداننى كۆرەك!
زەپ ئېسىل، سەيلە ساياھەتتە دالا ئۇيغۇر نېنى.

نان يېقىش بىزدە ئومۇملاشقان ھۈنەردۇر ئەسلىدىن،
نان چېچەكلەر ھىد بېرەر يىلنىڭ ھامان تۆت پەسلىدىن،
بولمىغاي نان كەم شەھەر- سەھرا ئۆيى، يول- رەستىدىن،
ئۇستا ناۋايلىق سېزەرسەن قىز- ئاياللار ۋەسلىدىن،
ئوتتا پىشقان، مەڭزى ئۇيغۇردەك گويا ئۇيغۇر نېنى.

نان دېسە، كەشىپ ئەيلىگەن ئەجداد چېۋەر پەخرىم مېنىڭ!
نان دېسە، چىن قەھرىمان دېھقان پەدەر پەخرىم مېنىڭ،
نان دېسە، بەرگەن ئانام قۇتتىن خەۋەر پەخرىم مېنىڭ،
تاكى ناۋايدىن ئايالىمغا قەدەر پەخرىم مېنىڭ،
نان دېسە، يىلتىز تىلى بۇلبۇلگويا، ئۇيغۇر نېنى.



http://www.seltenet.com/Article_Show.asp?ArticleID=355

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش