بىلەرمەن
(ئۇچقۇنى)
چات كىرىيدۇ ئىشىڭغا،
ئېسىلىپلا پىشىڭغا.
ھەدىسىلا تەيياردۇر،
دەسسىگىلى بېشىڭغا.
كوكۇلاڭنى تۇتقىلى،
لەھەڭ بولۇپ يۇتقىلى.
ئۆتىۋالار ئالدىڭغا،
گەپتە ئادەم ئۇتقىلى.
يورغىلىتارسۆزىنى،
ئاقىل چاغلاپ ئۆزىنى.
تەپ تەرتماستىن لاپ ئۇرار،
داپتەك قىلىپ يۈزىنى.
ھېچ ئاساسىز بىلجىرلار،
ھەسەتلەردە غىلجىرلار.
<بىلمەيدىغان ئىشى يوق>،
پارازىتتەك تىپپىرلار.
دانىشمەنگە ئايلىنار،
ئۆز-ئۆزىدىن ماختىنار.
سىنى پەسكە دۇمۇلتۇپ،
يۈزتاپقاندەك شادلىنار.
ئىچ-ئىچىمدىن كۈلەرمەن ،
يات قىلغاي دەپ تىلەرمەن.
دىمەيدىغان كىشى يوق:<
ئۇ ئاقساقال بىلەرمەن>.
ئوبدان
(ئۇچقۇنى)
سەيپۇڭ تىكسە كىيىمنى ئوبدان،
دىھقان تىكسە جىرىمنى ئوبدان.
ئۆز يولىنى تاپسا ھەر كىشى ،
ئالمامدۇ ھەي كىرىمنى ئوبدان.
بولبۇل بولماس قاغا قاقىلداپ،
قۇشقاچ بولسىمۇ سويسۇن قاسساپ.
شىرنە يېغسۇن ئەلگە بال ھەرە،
باغۋەن قىلسۇن پەرۋىشنى ئوبدان.
تۇتسۇن قەلەم ھەقىقىي شائىر،
ناخشا ئېيتسۇن ئابدۇللا ،زاھىر.
گۈللەنمەمدۇ ھەممە ساھە تەڭ،
تۇتساق توغرا ئېقىمنى ئوبدان.
خار بولامتى ھۈنەر قول سەنئەت،
تەر ئەمگەككە قىلىشساق ھۆرمەت.
ئۆستۈرمىسەك بولغايمۇ ئەمدى،
سەنمۇ مەنمۇ ئېڭىمنى ئوبدان.
2012.9.19
ئۇچقۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-19 12:37 PM