مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2089|ئىنكاس: 27

ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى «ھېسام» ئوبرازى غا تېخىمۇ قېنىق ھەل بەردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40860
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11831
تۆھپە نۇمۇرى: 1639
توردا: 1038 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:30:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى «ھېسام» ئوبرازى غا تېخىمۇ قېنىق ھەل بەردى
(شىرمۇھەممەت جارۇپ)



ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى 1963-يىلى چۆچەك ۋىلايىيتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيىسىدە  تۇغۇلغان. قەشقەر پېداگوكىكا ئىنىستېتوتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 1986-يىلى مەكتەپ پۈتۈرۈپ، قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ بۇ مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، سىنىپ مودىرى، تىل-ئەدەبىيات گۇرۇپپا مەسئۇلى، كۇرۇژۇك يېتەكچىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 2001-يىلى قاراماي شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورنىغا ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە مۇشۇ ئورۇندا ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا يازغان «بومبا» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۇ «شېئىرمىدۇ سېنىڭ كۆزلىرىڭ»، «بالىلاردىن سوراپ بېقىڭلار»، «ئىلگىرى بۇ جايدا ئاققان بىر دەريا»، «خوتۇنۇم مۇنداق دەيدۇ». «قىرىق ياشقا كىرگەندە قىرىق ئارزۇ، قىرىق غەم»، «مەختۇمسۇلانىڭ ئۆيى تەرەپتە»، «خورازنى كۆزىتىش»، «گۇلۇم»، «گەر دوزاق كەلتۈرسە ھاياتقا مالال»، «مەن ۋە دېڭىز»، «قىشتىكى سەيلە»، «ئۇنتۇلگان سۆيگۈ»، «نامەرتلىككە مەرسىيە»، «شېئىر ئىزدەش ئېلانى»... قاتارلىق مۇنەۋۋەر  شېئىرلارنى ھەمدە ‹‹مەن شۇنداق شائىر››، ‹‹ئۈچۈنچى يېقىلىش››، «باھارىستان»... قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق داستانلارنى يېزىپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژورباللاردا ئېلان قىلىپ تۇردى. ئۇ يەنە دىققەت ئېتىۋارىنى سەبىيلەر دۇنياسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس بالىلارغا بېغىشلانغان «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى»، «چۈمۈلىنىڭ دوست ئىزدىشى»، «بۈگۈنكى بوستان چاچ ئويۇنى»، «پەرىشتە بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»، «بادام دوپپىلىق بۇلبۇل» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ، نەشىر قىلدۇردى. 2003-يىلى ئۇنىڭ «غايىۋىي دەرىسخانا» ناملىق ئىجادىي بالىلار چۆچىكى «12-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2005-يىلى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى» ناملىق چۆچەكلەر توپلىمى، 2006 يىللىق «خەلقئارا ئاندېرسۇن بالىلار ئوقۇشلۇقى شەرەپ مۇكاپاتى»غا مۇيەسسەر بولۇپ، كاتتا شان-شەرەپكە ئىگە بولدى. شۇنداقلا بۇ كىتاب شۇ قېتىمقى باھالاش نەتىجىسىدە دۇنيا بويىچە ئالاھىدە تاللانغان 23 پارچە كىتابنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر بالىلار ئەدىبىياتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى. بۇ ئەسەرلەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان ئىلمىي چۆچەكلەر بولۇپ، تېمىلىرىنىڭ ئىجادىي ھەم يېڭىلىقى، سەھىپىلىرىنىڭ رەڭگا-رەڭ ھەم ئۆزگىچىلىكى ۋەقەلىرىنىڭ قىزىقارلىقلىقى، فانتانزىيىلىك تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى، تىلىنىڭ چۈچۈك ھەم ئاممىبابلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بالىلىرىمىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى.
ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئەسەرلىرى قىزىقارلىق ۋەقە، قايناق ھېسسىيات، مول تەسۋىر ۋە گۈزەل فانتانزىيە ئامىللىرى بىلەن تويۇنغان بولۇپ، سەبىلەرگە ئاجايىپ زور ئىلھام  ۋە ھاياجانلىق ھېس-تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ... يەنە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ھەر خىل ھېكمەتلىك ھېكايىلەر، سىمۋۇللۇق ئوبرازلار، فانتانزىيىلىك تەسەۋۋۇرلار بىر-بىرى بىلەن شۇنداق تەبىئى يوسۇندا باغلىنىپ كېلىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەپەككۈر دۇنياسىغا ئەمدىلا قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان سەبىيلەر ئۈچۈن: جەمئىيەت، تەبىئەت، مىللەت، ئەنئەنە، ئۆتمۈش، كېلەچەك ۋە كىملىك... ھەققىدىكى چوڭقۇر ھەم تاتلىق ئويلىنىشلارنى تەغدىم قىلىدۇ. شۇڭا كىشىىلەر ئۇنىڭ بالىلار ئىجادىيىتىدىكى ئەمگەك مېۋىسىنىڭ موللىقىنى؛ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جەھەتتىكى تۆھپىسىنىڭ زورلىقىنى؛ بالىلار ئۈچۈن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بالىلار ئۈچۈن دەرسلىك تۈزۈپ؛ بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇق يېزىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە قاراپ، ئۇنى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىىپ چىققان يېڭى «ئاندېرسۇن» دەپ ئاتاشماقتا.
ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى 2005-يىلدىن باشلاپ چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسەرلەرنى يېزىش ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىش ئېلىپ باردى. ئۇ قاراماي شەھىرىدىكى شەيتانكەرىش (ئالۋاستى شەھىرى)، جەرەنبۇلاق قاتارلىق جايلاردا تارالغان رېۋايەتلەر بىلەن يەرلىك خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر ھەققىدىكى سىرلىق تۈسكە ئىگە ھېكايىلەرنى يىغىپ-توپلاپ، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ  «تۆگە پادىشاھ ، يۇلغۇن خانىش» ناملىق فانتانزىيىلىك رومانىنى يېزىپ چىقتى. روماندا ياپيېشىل بوستانلىقلارنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن ھەمدە ئۆز  يىلتىزىنى ئۇنتىغان ئادەملەر تاسادىپىلا ئۆزلىرى ياشىغان ماكانىدىن غايىپ  بولۇپ كېتىدۇ. ئۆزىنى ۋە يىلتىزىنى بىلمىگەن بۇ كىشىلەرنىڭ يۇرتىنىمۇ قۇم بېسىپ، ئاخىرى خارابىلىققا ئايلىنىدۇ. كېيىنكىلەر قۇمنى تىزگىنلەپ، ئۇنىڭ ئاستىدا قالغان قەدىمكى شەھەرلەرنى ئىزدەيدۇ. ئاپتور بۇ ئەسەردە قەدىمكى ئەجدادىنى ئىزدەيدىغان ئاسىم كارۋان جەمەتىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى باشتىن-ئاخىر تولۇق يېزىش ئارقىلىق «يىلتىز ئىزدەش»نىڭ ئاجايىپ-غارايىپ يېڭى رېۋايىتىنى يارىتىدۇ. ئاپتور روماندا يەنە يىلتىز ئىزدەش بىلەن چۆللۈكنى بوستان قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى  ۋەقەنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ يېزىش ئارقىلىق، چۆللۈكنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنىنى ماھىرلىق بىلەن باغلاپ بىردەكلىككە ئىگە قىلىدۇ. شۇنداقلا چۆللۈكنىڭ «كىملىكى» ھەققىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشلارنى رۇياپقا چىقىرىدۇ. بۇ رومان ھازىر نەشىرگە بېرىلىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى يەنە ئۇزۇن-مۇددەت ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رويونىمىز بويىچە تونۇلغان، نوپۇزلۇق مائارىپچىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 2001-يىلىدىن ئېتىۋارەن ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، ئاپتونۇم رايون بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى توردا تەربىيىلەش ۋە يىغىپ تەربىيىلەش كۇرۇسلىرىدا دەرس ئۆتۈش، ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىدە لېكسىيە سۆزلەش، تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىدە باھالىغۇچى بولۇش، ئالى مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىنى چىقىرىش، تۈرلۈك ئىمتىھان سوئاللىرى ئۈستىدە سۈپەت ئانالىزى يۈرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش... قاتارلىق موھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇ يازغان ئىلمىي ماقالىلار ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژورنناللاردا ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولدى. «ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىنىڭ يەشمىسى» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتابى نەشىر قىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە كەڭ-كۆلەمدە ئىشلىتىلدى. «غايىۋى دەرسخانا» ،«مۈشۈكنىڭ تېلېۋزور كۆرۈشى» «ئەتىرگۈل خانىش»، «سېلىم بوۋاي ۋە ئۇنىڭ جەرەنلىرى» ناملىق قىسقا چۆچەكلىرى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ  دەرستىن سىرتقى گۇمانتار ئوقۇشلۇقلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇنى سەبىيلەرنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىغا ئايلاندۇردى. يېقىندا ئۇ يەنە بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوقۇر چۆكۈپ، ئەستايىل تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «قولاي ئېلىپبە» ناملىق يېڭى ئېلىپبە دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، قاراماي تەۋەلىكىدە يەرلىك دەرسلىك بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. بۇ «ئېلىپبە» دەرسلىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى ياخشى ماسلاشقان بولۇپ، ئىشلىتىشتىكى قولايلىقلىقى، تۈزۈلۈش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە مەزمۇن جەھەتىكى قىزىقارلىقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەردىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئۆتۈپ، ھازىر قاراماي تەۋەسىدە سىناق سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.
ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ھېسام ئاكا ھەققىدە ئىلمىي ھەم فانتانزىيىلىك ئەسەر يازغان ھەمدە ئۇنى پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەسىگە ئېلىپ كىرىپ، ئىلمىي شەخسلىك دەرىجىسىگە كۆتەرگەن تۇنجى يازغۇچى. ھەممىمىزگە مەلۇم ئەڭ دەسلەپتە شائىر ھەم يازغۇچى ماخمۇت مۇھەممەت ھېسام قۇربان ئاكىنىڭ لەتىپە-چاقچاقلىرىنى يىغىپ رەتلەپ «ھېسام چاقچاقلىرى» دېگەن ئىككى قىسىملىق كىتابچىنى نەشىر قىلدۇردى. ئاندىن يەنە ھېسام چاقچاقىرى ئۈستىدە داۋاملىق تۈردە ئىزدىنىپ، 2004-يىلى 4-ئايدا «ھېسام ھەققىدە قىسسە» ناملىق تارىخىي روماننى روياپقا چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن ھېسام قۇربان ئاكىنىڭ «مەشھۇر شەخىس» لىك تارىخىي ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولدى. 2006 -يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى» تەھرىر ھەيئىتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ھېسام چاقچاقلىرى» دېگەن كىتاب نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى غۇلجا شەھەرلىك پارتىكۇم ۋە غۇلجا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى «ھېسام قۇربان سەنئەت ھاياتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى» نى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ھېسام ئاكا پۈتكۈل جەمئىيەتكە تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇلدى. ئاۋام-خەلقنىڭ چەكسىز  ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ «تارىخىي شەخس» لىك ئورنى زور دەرىجىدە مۇستەھكەملىنىپ، لەتىپە-چاقچاق ئىجادىيەتچىلىرى ئۈچۈن ئۆلمەس سىمۋۇللۇق ئوبرازغا ئايلاندى. بىراق ئۇنىڭ ۋەكىللىك خارەكتىرى يەنىلا «چاقچاقچى، سەنئەتچى، ھازىر جاۋاب قىزىقچى» لىق دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمىدى. تەسىر دائىرىسى توي-تۆكۈن، مەشرەپ، ئولتۇرۇش، زىياپەت قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلىنىپ كەلدى. 2012-يىلى 5-ئايدا ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئاتاقلىق چاقچاقچى ۋە خەلق سەنئەتكارى ھېسام قۇربان ئاكىنى باش پېرسوناژ قىلىپ، «ھېساممنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» دېگەن باش تېما ئاستىدا «ئادەم بەدىنى»، «تەكلىماكان»، «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» قاتارلىق ئۈچ پارچە كىتاب يېزىپ، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئاتاقلىق چاقچاقچى ھېسام ئاكا ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزدىكى ماھىرلىقى، مەنتىقىلىق ھازىر جاۋابلىقى ۋە ئوي-پىكىردىكى دانىشمەنلىكى بىلەن چوڭلارنىڭ تۇرمۇشى ئاساس قىلىنغان ئاممىۋى سورۇنلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بىردىنلا سەبيلەر دۇنياسىدىكى دانىشمەن شەخسكە ئايلاندى. ھېسام ئاكا «ئادەم بەدىنى» دېگەن كىتابتا خۇددى لوقمان ھەكىمدەك تىبابەت دۇنياسىدىكى داڭلىق تىۋىب، تىببى ئىلىم ساھەسىدىكى ھەممىباب دوختۇر سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئادەم بەدىنى ھەققىدىكى تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇلار بىلەن ئىلمىي سۆھبەتلەردە بولىدۇ. «تەكلىماكان» ناملىق كىتابدا ئۇ ئاتاغلىق جۇغراپىيە ئالىمى ۋە مەشھۇر تارىخشۇناس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەكلىماكان ھەققىدىكى ھەر خىل بەس-مۇنازىرىلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» ناملىق كىتابتا ئۇ ئالاھىدە ئاستىرونوم، تالانتلىق ھەربى قوماندان سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەبىلەرنىڭ فانتانزىيىلىك ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ئورتاقلىشىدۇ. بۇ ئۈچ پارچە كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى  بىرىنچىدىن، ھېسام قۇربان ئاكىدىن ئىبارەت بۇ تارىخي شەخسنى چوڭلارنىڭ تۇرمۇشى ئاساس قىلىنغان ئاممىۋى سورۇنلاردىن ھالقىتىپ، ئۇنى بالىلار دۇنياسىغا ئېلىپ كىرىپ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىلمىي  شەخسكە ئايلاندۇردى. ئىككىنچىدىن، ھېسام قۇربان ئاكىنىڭ ئۇيغۇر لەتىپە-چاقچاق تارىخىدىكى تارىخي شەخسلىك ئورنىنى يەنىمۇ زور دەرىجىدە مۇستەھكەملەپ، پۇختا ئىجتىمائى ئاساسقا ئىگە قىلدى. ئۈچىنچىدىن، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىنى توي-تۆكۈن، مەشرەپ، ئولتۇرۇش، زىياپەت ... قاتارلىق ئادەتىكى ئاممىۋى سورۇنلاردىن ئىلىم-پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرگە ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ سىمۋۇللۇق ئوبرازىنىڭ دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى. ھېسام ئوبرازىنىڭ ۋەكىللىك خارەكتىرىگە ئىلمىيلىك نوقتىسىدىن ئالاھىدە ھەل بېرىپ، سىمۋۇللۇق خارەكتىرىنىڭ جۇلالىنىپ، چاقنىشىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى. تۆتىنچىدىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بالىلارغا ئائىت پەن-تېخنىكا ئەدەبىي ئوقۇشلۇقلىرى بولماسلىقتەك تارىخىي رېئاللىققا خاتىمە بەردى. بەشىنچىدىن، بالىلار ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن فانتانزىيىلىك ئەسەرلەرنى يېزىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىزگە تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، مەزكۇر رومان ئارقىلىق ئۇنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ھېسام ئاكا كىشىلەر نەزىرىدىكى گەپدان، ھازىر جاۋاب، نوقۇل ھالدىكى كۈلكە-چاقچاق بىلەنلا خارەكتىرلىنىدىغان ئاددىي بىر كىشىلىك ئورنىدىن بىراقلا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاستىرونۇمىيە، ماتىماتىكا، فېزىكا، ئادەم بەدىنى، تىبابەت ئىلمى... قاتارلىق ئىلىم-پەننىڭ بارلىق ساھەلىرىدە كامالەتكە يەتكەن يېتۈك شەخس دەرىجىسىگە كۆتىرىلدى. ئۇ بۇ ئەسەرلەردە گاھ مەشھۇر تارىخشۇناس، گاھ بۈيۈك ئاستىرونۇم، گاھ، داڭلىق ھەربىي ئالىم، گاھ ئۇلۇق مائارىپچى، گاھ ھەممىنى بىلىدىغان دانىشمەن سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دېمەك، ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ  ھېسام ئاكا ھەققىدىكى بۇ خىل ئىزدىنىلىرى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.
ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ھېسام ئاكا ھەققىدە ئىلمىي ھەم فانتانزىيىلىك ئەسەر يازغان ھەمدە ئۇنى بالىلار دۇنياسىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىلمىي شەخسلىك دەرىجىسىگە كۆتەرگەن تۇنجى يازغۇچى. ئۇيغۇر  بالىلار ئەدەبىاتىدا فانتانزىيىلىك ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يېزىۋاتقان ھەم بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان مول-ھوسۇللۇق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ ھەر قېتىم ھېسام ئاكا ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىن مەلۇم نەتىخىلەرنى رۇياپقا چىقارغاندا چاغدا، ھېسام ئاكىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ ئالاھىدە ھال-ئەھۋال سوراپ تۇردى. ھېيت-بايراملىق تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ نەشىردىن چىقارغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن بۇ خەۋەرنى ھېسام ئاكىغا يەتكۈزۈپ، خۇشھاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى. ئاندىن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇلۇق روزى ئېيىدا، يەنى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ ھېسام قۇربان ئاكا بىلەن ئۇنىڭ ئايالى زىمىنىخان ھەدىنى ئالاھىدە يوقلىدى. روزىلىق سوغا- سالاملىرى بىلەن سەمىمىي ھال سورىدى. «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» دېگەن باش تېما ئاستىدا يېزىپ، نەشىر قىلدۇرغان «ئادەم بەدنى»، «تەكلىماكان» ۋە «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» ناملىق ئۈچ پارچە كىتابىنى ھېسام ئاكىغا تەغدىم قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلق لەتىپە-چاقچاق تارىخىدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىنى مۇبارەكلىدى. بولۇپمۇ ھېسام قۇربان ئاكىنىڭ ئۇيغۇر لەتىپە-چاقچاق تارىخىدا تۈرۈكلەرنىڭ نەسىردىن ئەپەندىسىدەك نوپۇزلۇق، ياپونلارىڭ يېشۇسىدەك ئەقىللىق، خەنزۇلارنىڭ دوڭگۇ ئەپەندىسىدىنمۇ يۇمۇرلۇق، قازاقلارنىڭ ئالداركوسىسىدىنمۇ ھەييار، ئۇيغۇر خەلق لەتىپە-چاقچاقلىرىغا ھەقىقى تۈردە ۋەككلىلىك قىلالايدىغان، سىمۋۇللۇق ئوبرازىغا ئايلىنىپ، مەڭگۈ ئۆلمەس ئابىدە بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن ھېسام ئاكا ھەققىدىكى ئىجادىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ سەبىيلەر دۇنياسىدىكى «دانىشمەن شەخس» لىك ئوبرازىنى تېخىمۇ يۈكسەك دەرىجىگە كۆتىرىپ مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھېسام ئاكا كىتابلارنى قوبۇل قىلغان چاغدا، بولۇپمۇ ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئۇنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى بىلەن ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى مۇئەيەنلەشتۈرگەن چاغدا، ھېسام ئاكا ھاياجانلانغانلىقىدىن كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ، رەخمەت- تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى.

ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشتى.

ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ھېسام ئاكا بىلەن خاتىرە سۈرئەتتە


ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» دېگەن باش تېما ئاستىدا يازغان ئۈچ پارچە كىتابىنى ھېسام ئاكىغا تەغدىم قىلماقتا.



ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» دېگەن باش تېما ئاستىدا يازغان ئۈچ پارچە كىتابى


ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ھېسام ئاكىنى روزى ئېيىدا ئالاھىدە يوقلىدى.



ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ھېسام قۇربان ئاكا بىلەن بىللە.




ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھېسام ئاكا ۋە ئۇنىڭ ئايالى زېمىنىخان ھەدە بىلەن بىللە



ھېسام ئاكا يەنە چاقچاق قىلماقتا   ( زاكالەتنى بېرىپ قويدى، خۇدايىم بۇيرىسا ئەمدى چوڭراق كېلىدۇ)




ئۇلۇق روزا ئايلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، قۇتلۇق روزا ھېيتىنىڭ ئالدىنقى ھارپا كۈنلىرىدە شائىر ھەم يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى غۇلجا دىيارىدىكى ساياھەت ھەم زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قاراماي شەھىرىگە قايتتى. ئۇ قايتىش ئالدىدا ھېسام ئاكا بىلەن خوشلۇشۇپ ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر  ۋە بەخت سائادەت تىلىدى. ئۆزىنىڭ ھېسام ئاكا ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى داۋاملىق تۈردە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى-يېڭى ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى رۇياپقا چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى تونۇلغان مائارىپچى، داڭلىق شائىر ھەم يازغۇچى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ساھەسىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆربنگەن مول-ھوسۇللۇق يازغۇچى. ئۇ ھازىر قاراماي شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئالى دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، «قاراماي مائارىپى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى، «مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى، قاراماي ئەدەبىييات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە. مەن ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بويىچە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەل ئۈچۈن چېچەكلەپ، ئەل ئۈچۈن تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان مېۋىلىك دەرەختىن بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 500 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

سىز 365 كۈن ياشىدى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3263
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1681 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:36:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئىگەم ھىسام ئاكامنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن ، تىنى ساغلام قىلغاي ...

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12990
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 5203 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:44:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەن ئەقلىمگە كىلىپ تۇنجى قىتىم ئاڭلىغان يومۇر
   ئىلى دەرياسىدا سۇ ئۈزۋاتسام بىر لەھەڭ چىقىپ يۇتىۋەتتى .
  -ھەي ھىسامكا ،لەھەڭ يۈتىۋەتسە ئۆلمەپسەنغۇ.
  -چىرايىمغا قاراپ قۇسسىۋەتتى .

رەببىم ئاللاھ!كەچۈرگىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14578
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3171 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:39:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياش ۋاقتىدا ھىچكىمنىڭ كارى يوق ، قېرىغاندا دەھشەت بېقىۋېتىپتۇ ھۆكۈمەت ھە بۇ ئادەمنى .

دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاش بىلەن ئارام تاپىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىشىمۇ بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ ھە....ئاللا نۇسىرەت ئاتا قىپتۇ

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 1974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10675
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 01:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسامكام  بىر تويغا بارغاندا كالىچىنى يېشىپتۇ – دە ، قولتۇقىغا قىسىپ تۆرگە چىقىپتۇ ، مېھمانلاردىن بىرى :
-ھىسامكا ، كالاچنى تالاغا قويسىڭىزمۇ بولاتتى ، - دەپتۇ .
- بۇرادەر ، كالىچىمنىڭ مىجەزى يامان ، كىم يۈر دېسە ، ئىگىسىنى تاشلاپ كېتىۋىرىدۇ ، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ھىسامكام  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92423
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7286 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 01:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇشۇ جۈمە كۈنى ئاللاھ خالىسا،

شەھرىمىزنىڭ ‹شەنبىلىك پاراڭ›سەھىپىسىدە

‹ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى› توغرىسىدا مەخسۇس

بىر سان پىروگرامما ئىشلىمەكچى. بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق .


ئۇ ھازىر،قاراماي شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات ئورنىدا تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى.
   شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەم قاراماي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.«قاراماي مائارىپ ژورنىلىرى»نىڭ ۋە «مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 08:24 PM  


قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92423
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7286 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 01:36:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يەنە بىر ساخاۋەتلىك ئىشىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم . ھىسام ئاكىمىزنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى شۇنداقلا ئايبېك مۇئەللىمنىڭ كىيىنكى ھايات داۋانلىرىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ھېسام ئاكا يەنە چاقچاق قىلماقتا   ( زاكالەتنى بېرىپ قويدى، خۇدايىم بۇيرىسا ئەمدى چوڭراق كېلىدۇ)

ھا ھا ھا ئاللاھ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 01:39 PM  


قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84523
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 797
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-8-31
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 02:16:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ھېسام ئاكىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8003
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 460 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 02:24:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسام تاغىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي!

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش