مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 323|ئىنكاس: 8

چېقىر تاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9801
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 6797 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 11:56:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



بۇ ھېكايە «تارىم»ژورنىلىنىڭ 1995-يىلى5-سانىغا بېسىلغان






      قۇياش تاغلاردىن ئەمدىلا بوينىنى چىقارغانئىدى.نىمىشقىكىن ھاۋا شۇنچە تىنجىق ئىدى.تاغ ئارىسىدكى كىچىككىنە بازاردىكى بۇ بىردىنبىر رېمۇنىتخانىدا ئىشچىلار قىزىق ئىشلەۋاتاتتى.ئازاد ماركىلىق بىر يۈك ماشىنىسى ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر ماشىنىنى سۆرەپ رېمىنۇتخانا ئىچىگە كىردى، شوپۇرلار ماشىنىلىرىدىن چۈشۈپ ماشىنىلارنى ئايرىشتى. ساق ماشىنا چىقىپ كەتتى. بۇزۇلغان ماشىنا شوپۇرى ئابلىمىت ئاپتوموبىلىنى پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ قويۇپ  ئىشخانىغا كىردى.
   -ھە،ماشىنىڭىزنىڭ قەيىرى بۇزلدى؟-سورىدى ئوتتۇرا ياش ئادەم سالامدىن كىيىنلا.
   -پولىس ئۈزۈلۈپ كەتتى.
   -ئۆزىڭىزدە زاپىسى بارمۇ؟
    -يوق.
    -ھە، مەن ئادەم ئورۇنلاشتۇراي، سىز  بۇ كارۋاتتا ئۇخلىغاچ تۇرۇڭ.
    -ۋەزپىىنى ئادا قىلمىساق بولمايدۇ، چاققانراق رېمىنۇت قىلىپ بەرسەڭلا،-دېدى ئابلىمىت بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ.
    -ھە بولىدۇ، تاماكىڭىزدىن بىر تال بىرىڭە، ئىككى سورىۋېتەي، خاتىرجەم بولۇڭ، كۆپ كەتسە ئىككى سائەتتە رولغا ئولتۇرسىز.
     ئابلىمىت ئۇنىڭغا بىر تال تاماكا بىرىپ تۇتاشتۇرۇپ بەردى. ئۇ ئۈستەللىرىنىڭ تارتمىلىرىغا قۇلۇپ سالغاندىن كىيىن، پاشنىسى ئۇپىراپ كەتكەن ئايققىنى سۆرەپ ئىشخانىدىن چىقتى-دە، نېرىدا ماشىنا رېمۇنىت قىلىۋاتقانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ؛
    -گۈزەل بۇياققا چۈش،-دەپ توۋلىدى.
    ماشىنا ئۈستىدە بىر گايكىنى بوشىتىش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان، قارىماققا ئوغۇل بالىدەك كۆرۈنىدىغان قىز لىككىدە سەكرەپ چۈشتى.
     -نېمە ئىش؟
    -ئاۋۇ ماشىنىنى كۆردۈڭمۇ،-ئۇ قولى بىلەن ئابلىمىتنىڭ ماشىنىسىنى كۆرسەتتى،-پولىسى ئۈزۈلۈپتۇ، ئېلىۋېتىپ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بەر، چاققان بول!
    -خوپ!-قىز ھەربىيلەرگە ئوخشاش پۇتىنى يەرگە تاققىدە ئۇردى.
    -چوڭ بولغانسىرى غەلىتە بىر قىز بولۇپ كىتىۋاىسەن، ماڭا شاتۇر، چاققان بېرىپ ئىشىڭنى قىل.
    قىز ئىچ يانچۇقىدىن قارا كۆز ئەينىكىنى ئېلىپ تاقىدى، بېشىدا شەپكە بارئىدى. ئۇ سايمانلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاپتاپتا تۇرغان ماشىنىنىڭ يېنىغا باردى. مۇشۇ تۇرقىدا ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللۇقنى ئايرىماق تەس ئىدى. ئابلىمىت ماشىنا يېنىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ ئابلىمىتقا قاراپمۇ قويماستىن، پولىس چېقىلغان تەرەپنىڭ گايكىلىرنى بوشۇتۇشقا باشلىدى. ئابلىمىت تاماكا چەككەچ رېمۇنىتچىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ رېمۇنىتچىنىڭ بەزى گايكىلارنى بوشۇتۇشقا كۈچى يەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ياراىدەملەشمەكچىمۇ بولدى-يۇ، بىراق، قېنى قانداق قىلىدۇ، دېگەن بىر قىزىقىش بىلەن قاراپ تۇردى. رېمىنۇتچى   بوشىمىغان گايكىلارغا كۇلۇچنى مەھكەم ئورۇنلاشتۇردى-دە، ئاندىن كۇلۇچنىڭ سېپىغا نو تۆمۈرنى سېلىپ ئۈستىگە چىقىپ بىرلا سەكرەپلا بوشىتىۋەتتى. ئۇ شۇ يوسۇندا ھەممە گايكىلارنى بوشۇتۇپ ئالدى. ئاندىن ئاستا ئۇرۇپ ئوقنىڭ چاق بىلەن گايكا، بولتا ئارقىلىق چېتىلغان ئۇچىنى ئېلىۋەتتى. ئوق ئىچىدىن سۇنغانئىدى. ئوقنىڭ سۇنۇقىن ئېلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپتىكى ئوقنىمۇ ئېلىشقا توغرا كىلەتتى، بولمىسا سۇنۇق ئوقنى ئالغىلى بولمايتى. رېمىنۇتچى قارشى تەرەپتىكى ئوقنىمۇ شۇ يوسۇندا ئالدى، ئوق ئېغىر بولغاچقا ئۇ ئوقنى ناھايىتى تەستە ئالدى، ئاندىن ئۇزۇن بىر لووم تومۈرنى تىقىپ سۇنۇق ئوقنى ئىتتىرىپ چىقاردى، كەينىدىن ئوقنى يەنە جايىغا سېلىپ گايكىلىرنى چىڭىتتى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى مەرۋايىتتەك تەر تامچىلىرى قاپلاپ چىرايىنى يامغۇردا قالغان ئالمىغىلا ئوخشىتىپ قويدى. ئۇ ساق ئوقتىن بىرنى ئامباردىن ئامبارچى بىلەن بىللە كۆتۈرۈپ كىلپ  جايىغا سالدى،ئاندىن گايكىلىرىنى چىڭىتىۋەتكەندىن كىيىن كابىنكا ئىشىكىنى ئاچتى. ئابلىمىت رېمۇنىتچىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقالماي  قاراپ تۇراتتى. رېمۇنىتچى ماتۇرنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ ماشىنىنى تىزلا قوزغاپ رېمۇنىتخانا ئىچىنى بىر ئايلاندۇرۇپ ئابلىمىتنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ زەرپ بىلەن تورمۇزلاپ توختاتتى.
    -ماشىنىڭىز پۈتى،-دېدى ئۇ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ،-ھېسابلىشىپ قايتسىڭىز بولىدۇ،-رېمۇنىتچى ماشىنىدىن سەكرەپلا چۈشتى.
     ئابلىمىت رېمۇنىتچىنىڭ قىلىقلىرىغا ھەۋەسلىنىپ تۇراتتى، رېمۇنىتچى يېڭى بىلەن يۈزىدىكى تەرنى سۈرتمەكتە ئىدى، ئاققان تەر، سۈركەلگەن ماي ئۇنىڭ چىرايىنى كۈلكىلىك بىر تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغانئىدى. ئابلىمىت رېمۇنىتچىنىڭ ئاۋازىدىن باشقىچە بىر مەنىنى ھىس قىلىپ سورىدى:
     -سىز قىزمۇ؟
     -قانداق؟-دېدى رېمۇنىتچى كۆز ئەينىكىنى ئېلىپ تۇرۇپ،-مومايمىكىن دەپ قالغانمىدىڭىز،-ئۇ كۆزئەينىكىنى تاقىدى-دە، سايمانلىرىنى ئېلىپ ئىشخانا تەرەپكە كەتتى.
     ئابلىمىت رېمۇنىتچى قىزنىڭ چىرايلىق شەھلا كۆزلىرىگە ھەيران بولۇپ تۇراتتى، قىز كىتىپ قالدى، ئابلىمىت قىزنىڭ جاۋابىدىن تېخىمۇ تەمتىرەپ ئۇنىڭ  ئارقىسىدىن خېلىغىچە قاراپ تۇردى. ئۇ قىزنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆزىچە كۈلۈۋەتتى-دە، ھېسابات قىلىش ئۈچۈن بوغالتىر ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى. ھېساباتنى تۈگۈتىپ تالۇن كەستۈرۈپ چىققاندا چۈشلۈك تاماق ۋاختى بولۇپ قالغانئىدى. ئىشچىلار يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇشىۋاتاتتى، ئابلىمىت كابىنكىغا كىرىپ ئويلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ بىردىنلا بۇ رېمۇنىتچى قىز بىلەن تونۇشۇپ قويغۇسى،ئۇنىڭغا رەخمەت ئېيتقۇسى كەلدى. ئۇ ماشىندىن چۈشۈشكە تەمشەلدىيۇ، قىز يەنە بايىقىدەك گەپ قىلسا ئوسال بولماي، دەپ جايىدا ئولتۇردى. رېمىنۇتچى قىزنىڭ ئوغۇل بالىغا خاس سۆز ۋە ھەركىتى ئۇنى مەھلىيا قىلىۋالدى. ئۇ، كىتىش ياكى قىز بىلەن تونۇشۇپ قويۇش ئوتتۇرىسىدا دىلغۇل بولۇپ تۇرغاندا قىز يۇيۇنۇش ئۈچۈن لۆڭگە، سوپۇن ئېلىپ چىقىپ قالدى، قىز ئۆزىگە ئۇدۇل كەلگەندە ئابلىمىت ماشىنىدىن چۈشتى.
    -ماشىنا ئوت ئالمايۋاتىدۇ نېمە قىلىپ قويدىڭىز؟-دېدى ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ.
   -ئۆزى بۇزۇق چېغى، مەن ئۇنى بىرنېمە قىلىۋەتمىدىم،-دېدى قىز،-مەن بىر ئوت ئالدۇرۇپ كۆرەي،-قىز سەكرەپلا كابىنكىغا چىقتى، ۋە ئاچقۇچنى بۇراپلا گۈررىدە ئوت ئالدۇرۋەتتى. قىز ماشىنىدىن چۈشۈۋېتىپ،-ئۇستىڭىز ئوت ئالدۇرۇشنى تازا ياخشى ئۈگەتمەپتىكەن، تازىمۇ ئۇششۇقكەنسىز،-دېدى.
     -تولا مازاق قىلماڭ،-دېدى ئابلىمىت سەل قىزىرىپ،-سىزگە رەخمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
     -ئۇنتۇلۇپ قالغان رەخمەتنى ئېيتىپ  نېمە قىلاتتىڭىز،-دېدى قىز ماي سۈركۈلۈپ كەتكەن چىرايىنى ئۆزگەرتمەي،-ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇق رەخمەتنىڭ نېمە كىرىكى.
    -ئۇنداق بولسا سىزنى مىھمان قىلاي.
    -ماۋۇ سۆزىڭىز بولىدۇ،مەن كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقاي، كۈتۈپ تۇرۇڭ،-قىز يۇيۇنۇش ئۆيى تەرەپكە مكەتتى.
     ئابلىمىت كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى. ئۇنىڭ ئالدىغا پەرىدەك بىر گۈززەل قىز كىلىۋاتاتتى. قىز تولغان پاقالچاقلىرىغا ئەترەڭ پايپاق تارتقان، ئۈستىگە ئويما ياقىلىق، بەل پۈرمە، كەڭ ئىتەكلىك قىزىل كۆينەك كىيىپ چىقققانئىدى. ئۇنىڭ ساغرىسىغا چۈشۈپ تۇرغان قاپقارا چاچلىرى ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقانئىدى. قىز ماشىنىغا چەبدەسلىك بىلەن چىقتى ۋە ئابلىمىتقا قاراپ:
     -قېنى ھەيدەڭ!-دېدى. ئىككى جۈپ كۆز بىربىرىگە قادىلىپ قالدى. بۇ تىكىلىش ئۇشتۇمتۇت بولغاچقا ئابلىمىتنىڭ يۈرىكى پىژ قىلىپ قالدى. قىز تۇنجى بولۇپ يىگىتنىڭ كۆزىدىن چاچراۋاتقان ئۇچقۇننى كۆردى ۋە ئاشۇ ئۇچقۇننىڭ يۈرىكىگە چۈشكىنىنى سەزدى.
     ئابلىمىت قىزنىڭ ئوچۇق-يورۇقلىقىغا، گەپ-سۆزلىرىگە ھەيران ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ گۈزەل قىزغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقىنى تۇيۇپ، ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئالالمىدى. ئۇ قىزنىڭ قاپقارا قويۇق ئەگىم قېشىغا، قويۇق، قايرىما كىرپىكلىرىگە ھەۋەس بىلەن تىكىلدى. قىز نەزىرىنى يەردىن ئېلىپ  يىگىتكە ئئاغدۇرغاندا ئابلىمىت كۆزىنى باشقا ياققا ئېلىپ قاچتى. يىگىت بەرجەس ئەرلەردىن ئىدى. كۈچ-قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. مۈرىلىرى كەڭ، ئوتتۇرا بوي، ئاق يۈز گۈزەلنىڭ نەزىرىدىن ئۆتتى.
     -بۇندىن كېيىن يەنە كۆرۈشۈپ تۇرايلى، تونۇشۇپ قالدۇق،-دېدى ئابلىمىت ئۇلار ئاشخانىدىن چىقىپ ماشىنا يېنىغا كەلگەندە.
      -بۇ سۆزىڭىز بولىدۇ، كۆرۈشۈپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق، بىراق پايدا مەنپەت ياكى باشقا مەخسەت ئۈچۈن بۇ گەپنى دەۋاتقان بوسىڭىز كېيىن پۇشايمان قىلىپ قاللىسىز...
     ئابلىمىتنىڭ قىز بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشقسى بارئىدى. بىراق قىز كىتىپ قالدى. ئۇ قىزنى بۆلەكچىلا بىر تۇيغۇ بىلەن ياخشى كۆرۈپ قالغانئىدى. مۇشۇنداق قىز بىلەن بىللە بولساڭ كۈنلىرىڭ شېرىن ئۆتىدىكەن،دەپ ئويلاپ قالدى ئۇ. ئۇ تا ھازىرغىچە مىجەزى بۇنداق غەلىتە، كەسكىن، نەخ گەپنى قىلىدىغان، ئوچۇق مىجەزلىك قىزنى كۆرۈپ باقمىغانئىدى. ئۇ بۇ گۈزەل قىزغا راستىنلا ئاشىق بولۇپ قالغانئىدى.



                                                                                                       *                                                                             *

      ئابلىمىت ھەر قېتىم كۆمۈرگە چىققاندا گۈزەل بىلەن كۆرۈشۈپ تۇردى. بىر قېتىم  ئۇ گۈزەل بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىدىغان چاغدا گۈزەل:
       -سىز بۇياققا ماڭىدىغان چاغدا قۇرۇقلا چىقىدىكەنسىز، بۇ قېتىم چىقىدىغان چاغدا بىر ماشىنا قوغۇن ئالغاچ چىقمامسىز،-دېدى.
     ئابلىمىت گۈزەلنىڭ مەخسىدىنى چۈشەنمىسىمۇ لېكىن ئۇ قىزنىڭ ھەرقانداق سۆزىگە جان دەپ ماقۇل دەيتى. شۇڭا دەرھاللا قوشۇلدى.
    -ماقۇل ئۆگۈنلۈككە ئالغاچ چىقاي،- دېدى ئۇ.
    -مانا بۇ تۆت مىڭكوي، مۇشۇنىڭغا لايىق ئالغاچ چىقىڭ،-گۈزەل سومكىسىدىن پۇل ئېلىپ ئابلىمىتقا ئۇزاتتى.
    -ياق پۇل بەرمىسىڭىزمۇ ئالغاچ چىقىمەن،-دەپ ئالغىلى ئۇنمىدى ئابلىمىت.
    -ئۇنداقتا بولمايدۇ، مەن بۇنداق تەڭسىز دوستلۇقنى مەن خالىمايمەن،-دېدى قىز قەتئى قىياپەتتە،-ئەگەر ئالغىلى ئۇنمىسىڭىز مەن باشقا شوپۇر تاپاي.
    -بوپتۇ، سىز ئاجايىپكەنسىز، ئەكىلىڭ.
    -ئاجايىپ دېگەن قانداق بولىدۇ،-دېدى گۈزەل كۈلگەچ.
    -راستىنى دېسەم بۇنى دەپ بىرەلمىگۈدەكمەن.
    -ئوغۇل بالا دېگەن بۇنداق گەپنى دېمەيدىغان.
ئىككەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.   
    ئابلىمىت ئۆگۈنى ماشىنىسىنى  پاكىز يۇدۇردى، ئاندىن سەھرادىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئۇلارنىڭ يارىدىمى بىلەن ئېتىزلىقتىنلا  بىر نەچچە دېھقاننىڭ قوغۇنىنى بېسىپ ماشىنىسىنى توشقۇزدى، ئاندىن خاڭغا قاراپ يولغا چىقتى، گۈزەل كۆمۈركان جايلاشقان كىچىككىنە بازاردا تۇراتتى، شەھەر بىلەن ئارلىقى 200كىلومېتېرچە كىلەتتى، شۇڭا بۇ يەردە قوغۇن-تاۋۇز ئوبدان پۇل بولاتتى، ياز كۈنلىرى تاغدا كۈندۈزى شۇنداق تىنجىق ئىسسىق بولاتتى، شامال چىقمىغان كۈنلىرى بۇ يەر قازاندەكلە ئويمان بولغاچقا تىنىشمۇ تەستەك بىلىنەتتى، كىچىلىرى ھاۋا شۇنداق سۆرۈن بولۇپ ئادەمگە بەك ياقاتتى. كىچىككىنە كان بازىرىدا ھەممە نەرسە باشقا يۇرتتىن توشۇپ كىلىنەتتى، شۇڭا بۇ يەردىكى باھا باشقا يەرگە قارىغاندا سەل ئۆرى بولۇپ پۇل تاپقىلى بولاتتى. ئابلىمىت تاغ يولىدا كەلمەكتە ئىدى، ئۇ گۈزەل خىياللارغا بەنت بولۇپ ئۆزىچە كۈلۈپ قوياتتى. گۈزەلگە ئىرىشىش ئارزۇسى بارغانچە كۈچۈيىپ كىتىۋاتاتتى. كۈلرەڭ،  قىزىل كۆرۈنۈۋاتقان كۆيۈك تاغلار ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ئايلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. تاغلاردا نە بىر تۈپ دەرەخ ياكى يېشىللىقتىن ئەسەر يوق ئىدى. يانتاق بىلەن چۆل سىكىچىلا شامالدا ئىرغاڭلاپ تۇراتتى. ئابلىمىت بازارغا كىلىش يولىدا رېمىنۇتخانا ئالدىدا توختاپ گۈزەلنى چاقىردى. گۈزەل ماشىنىدىكى قوغۇنلارنى كۆرۈپ ئابلىمىتقا ئۆزۈرخالىق ئېيىتتى.
    -سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم-ھە.
    -نەدىكىنى،سىز نىمىلا دېسىڭىز مەن ئۈچۈن بۇيرۇق.
    قىز ئابلىمىتنىڭ كۆزىگە تىكىلدى. ئۇ ئالدىدا تۇرغان بۇ يىگىتنىڭ ئۆزىنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ مېيىقىدا كۈلۈپ تۇرۇپ دېدى:
    -مەن سىزنىڭ باشلىقىڭىز بولۇپ قالدىممۇ نېمە، ئەمىسە ماشىنىنى مەن ھەيدەي، بازارغا بارايلى.
گۈزەل ماشىنا رولىغا ئولتۇردى، ئۇ ماشىنىنى ئەپچىللىك بىلەن باشقۇرۇپ بىر قوغۇنچىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ توختاتتى.
    -قانداق ئەھۋالىڭىز روزاخۇنكا، قوغۇنىڭىز تۈگەپلا قاپتىغۇ،-دېدى گۈزەل ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن،-بىر ماشىنا قوغۇن ئالغاچ كەلدىم ئالامسىز؟
    ئاڭغىچە ماشىنا ئەتراپىغا بىر نەچچە ھۆپىگەر ئولىشىپ ماشىنا چاقىغا دەسسەپ قوغۇننى كۆرۈشكە باشلىدى. روزاخۇن  خۇشاللىقىدىن ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ سايىۋەن ئاستىدىن چىقتى.
   -نىمانداق بەلەن گەپ قىلىدىغانسەن گۈزەل، شەھەردىن قوغۇن چىقماي بۈگۈن تىجارىتىم  توختاپ قالغىلى تاس قالغان،-ئۇ ماشىنىغا تەستە چىقىپ قوغۇنلارنى كۆردى ئاندىن پەسكە چۈشتى،-قانچە پۇل بىرىمەن.
چوڭ بىر ماشىنا قوغۇن مىڭدىن كەم چىقمايتى. سودىگەرلەر مەن ئالىمەن دەپ گۈزەلنىڭ قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ تالاشقىلى تۇردى.
    -مەن روزاخۇنكامغا ئەكەلدىم، ئۇ شىپەتلىكتىن ئۆتسە ئاندىن باشقىلارغا ساتىمەن،-گۈزەل روزاخۇنغا قارىدى.
    -شەھەردىمۇ 5~6كويدىن كەم ئالغىلى بولمايدۇ بۇ قوغۇننى، دەرجىگە ئايرىسا ئالدىنى 20كويغا ساتقىلى بولىدۇ،-دېدى گۈزەل.
   -مەن دانىسىغا ئالتە كويدىن بىرەي،-دەپ پۇل ئۇزاتتى بىرى.
   -مانا مەن يەتتە كوي بىرىمەن،
   -مەن  سەككىز كوي بىرەي، ئاتايەن مىنى دەپ ئەكەپسەن،بولامدۇ؟-روزاخۇن گۈزەلگە مىڭكوي تۇتقازدى.
   -بولدى، مەن روزاخۇنكامغا بەردىم، ئالغۇڭلا بارلا روزاخۇنكامدىن ئېلىڭلا،-گۈزەل گەپنى ئۈزۈۋەتتى. قوغۇنچىلار قوغۇننى قول-قول يەرگە چۈشۈرۈپ تىزدى، گۈزەل قوغۇننى ساناش بىلەن ئىدى. بىر سائەتتىن سەل ئارتۇك ۋاقىتتا قوغۇن سانىلىپ چۈشۈرۈلۈپ بولدى، گۈزەل پۇلنى ئېلىپ ماشىنىغا چىققاندا ئابلىمىت ئۇخلاپ قالغانئىدى، گۈزەل ئۇنى ئويغىتىۋەتمەي ماشىنى ھەيدەپ ماڭدى.ئۇ ماشىنىنى بىر ئاشخان ئالدىدا توختۇتۇپ ئابلىمىتنىڭ چىرايىغا يېقىندىن ئوبدان قارىدى.  قارىغانسىرى يۈرەكلىرىنىڭ بىر يەرلىرى كۆيگەندەك بولدى. ئۇ دەررۇلا باشقا تەرەپكە قارىۋالدى، ئىشىكنى ئېچىپ ئابلىمىتنى تارتىپ ئويغاتتى.
    -ئويغىنىڭ، چۈشۈڭە، تاماق يەيمىز.
    ئابلىمىت بىرنى كىرىلىپ ئەسنىۋېتىپ ماشىنىدىن چۈشتى. ئىككەيلەن ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندا گۈزەل يېنىدىكى پۇلدىن ئايرىپ ئابلىمىتنىڭ ئالدىدا قويدى.
    -ماۋۇ پۇلنى سىز سېلىپ قويۇڭ،-ئۇ ئابلىمىتنىڭ ئالدىغا 2000كوينى قويغانئىدى.
    -ياق، ئالمايمەن. قۇرۇق چىقساممۇ يەنىلا شۇ ماي كۆيەتتى،-ئابلىمىت پۇلنى گۈزەلنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدى.
    -ئالمىسىڭىز بولمايدۇ،-جىددىي تۈردە دېدى گۈزەل،- بۇ سىزنىڭ ئەجىرىڭىزنىڭ بەدىلى،- قوغۇننى سىز ئەكەلدىڭىز،ماشىنا سىزنىڭ  مەن پەقەت مالنى سۇ قىلىپلا بەردىم، پايدىنى تەڭ ئالدۇق. مەنپەئەت ئادىل بولمىسا چاتاق چىقىدۇ.
     ئابلىمىت گۈزەلگە  يەنە بىر قېتىم قول قويدى. ئىچىدە، ناۋادا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ قالسام تۇرمۇشۇم تېخىمۇ ياخشى ئۆتكىدەك، دەپ ئويلاپ قالدى.
     قىز ئابلىمىتنى يەنە يامان يەردىن تۇتقانئىدى، شۇڭا پۇلنى ئالماي بولمىدى.
     -يەنە قوغۇن ئالغاچ چىقامدىم،-ئابلىمىت مەمنۇنىيەت بىلەن گۈزەلنى كۆزىگە تىكىلدى.
     -ھازىر بىر ماشىنا قوغۇن چۈشۈرۈلدى، ئەتە، ئۆگۈن يەنە قوغۇن كىلىدۇ، ئەتە ئەكەلسىڭىز ساتالماي قالىمىز، مەن ۋاقىتنى ئىگىلەپ سىزگە خەۋەر بىرىمەن شۇ چاغدا ئالغاچ چىقارسىز.
     ئابلىمىت قىزغا تەشنالىق بىلەن باقاتتى، قىز يىگىتنىڭ كۆزىدىن چاقناۋاتقان مۇھەببەت ئوتىنى تۇيغان بولسىمۇ ئىپادە بىلدۈرمىدى. يىگىت بولسا قىز يۈرىكىمنى چۈشەنگەندۇ دەپ ئويلايتى. ئابلىمىت قىزنىڭ ئۆزىنى يارىتىشىنى زور ئۈمىدلەر بىلەن كۈتەتتى.
    -ئەتە يەنە چىقامسىز؟-سورىدى گۈزەل لەغمەننى ئىشتىھا بىلەن يىگەچ.
     -ھەئە، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟
     -ئەتە شەنبە، شەھەرگە كىرىپ چىقاي دىگەنتىم، ئەتە كۆمۈرنى ئېلىپ قايتاشىڭىزدا مېنى ئېلىپ مېڭىڭ، ماقۇلمۇ؟-ئۇ ئابلىمىتنىڭ كۆزىگە خۇمارلىق قارىدى.
    -ماقۇل جان بىلەن.
     -خەير، ئىش ۋاختى توشۇپ قاپتۇ، مەن ماڭاي ئەمىسە، سىز ئالدىرماي يەپ ئاندىن مېڭىڭ. خوش.
گۈزەل كەتتى. ئابلىمىتنىڭ يۈرىكىمۇ بىللە كەتكەندەك بولدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ يۈرىكىدە بىرخىل خۇشاللىق مەۋج ئۇراتتى. ئۇ قىزنىڭ قاراشلىرىدىن ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆزىگە ماقۇل دەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋېتى كۈندىن-كۈنگە قويۇقلىشىپ بېرىۋاتاتتى. ئەگەر مۇشۇ تېزلىك بىلەن يېقىنلىشىدىغان بولسا بىربىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە يىتەتتى.
ئابلىمىت رولغا ئولتۇرۇپ يېقىنلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇرغان رەڭسىز تاقىر تاققا قاراپ ماشىنىسىنى قوزغىدى. تۆت ئەتىراپ زەڭگەر تاغلار بىلەن ئورالغان، غەرپ تەرەپتىكى تاغلار ئىگىز بولۇپ تومۇز كۈنلىرمۇ يىراقتىن تاغ ئۈستىدىكى ئاپئاق قارلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ ئەتىراپتىكى تاغلارنىڭ ھەممىسى كۆيۈك تاغلار بولۇپ گىياھ ئۈنمەيتى. يوللار، تاغلار ئارقىدا قالماقتا. كاندىن چىققاندىن كىيىن يوللار باشقىچە بولۇپ ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر قاپلىغان، مامكاپ، تاغ گۈللىرى ئېچىلىپ كەتكەن جايلارغا كىلىپ قالاتتى. يوللارنىڭ كۆپ قىسمى ئەشۇنداق يىشىللىق، تاغ تېىركى، ئاق تېرەك قاپلىغان يوللار ئىدى.
    ئابلىمىت ئىدارىسىگە كىلىپ كۆمۈرنى توكۆۋېتىپ، ماشىنىسىنى توختىتىپ قويۇپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلىدى-دە، ئاندىن غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ ئۆيىگە ماڭدى.
     ... ...
    -ئابلىمىت!
     خېلىلا كىلىشكەن زىلۋا بىر قىز ئۇنىڭ ئالدىنى توستى. ئابلىمىتنىڭ چىرايى دەقىقە ئىچىدە سەت ئۆزگىرىپ ئەسلىگە قايتتى.
     -بۈگۈن بەك خۇشالغۇسىز،بىرەر يېڭى يار تېپىۋالمىغانسىز؟
«بۇ نەستىن قاچانمۇ قۇتۇلارمەن،-دەپ ئويلىدى ئابلىمىت كۆڭلى غەش ھالدا،-گۈزەل بۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە ياخشى قىز، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام جەزمەن بەختلىك بولالايتىم. بىراق مەن نېمىشقا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇنىڭغا چېقىلىپ قويغاندىمەن، يا بۇ مايماقمۇ مىنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالماي جان غوجىكام دەپتۇ، بۇنداق ئىش بىرنەچچە قېتىم بولۇپ بويىدا قالدى. شەرمەندە بولغىلى تاس قالدىم، ئاران دېگەندە ئالدۇرۇۋېتىپ قۇتۇلدۇم. ئەمدى بۇ نېمە رودىپايدەك چاپلىشىۋالدى»
      -بۈگۈن مېنى نەدە ئوينىتىسىز؟-نازلاندى قىز.
     -خاپا بولماڭ، گۈلپىيەم، بۈگۈن ئىشىم چىقىپ قالدى،-دېدى ئۇ ئۇيالغىنىدىن باھانە ئىزدەپ.
     -نېمە ئىش؟
     -تاغام ئېغىر كېسەل، ھەممىمىز ئۇنى يوقلاپ بارماقچىدۇق.
     -ماقۇل ئەمىسە،-دېدى قىز ئامالسىز،-ئەتە ئىشتىن چۈشۈدىغان چاغدا كۆتۈمەن.
      -ئەگەر ۋاختىدا كىلەلمىسەم مېنى تاغىسىنىڭ يېنىدىن كىلەلمەپتۇ دەپ بىلىڭ.
قىز ئامالسىز قايتتى.
       ئابلىمىت كېچىنى تەقەزالىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئۇ سەھەردىلا ئىشقا كەلدى، ماشىنىسىنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن ماي لىقلىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى خۇشاللىقتىن دۈك-دۈك سوقاتتى. ئۇ يولغا چىققاندا كەيپىياتى شۇنداق ياخشى بولۇپ كەتتى، ئۇ بىردەم ئۈنئالغۇنى ئېچىۋېتىپ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ توۋلاپ قوياتتى.
يەنە بىردەمدىلا ئۈنئالغۇنى ئۆچۈرۈپ ناخشا ئېيتىپ كىتەتتى.
       ئۇ كانغا چىقىپ ماشىنىسىغا كۆمۈر قاچىلىدى. ۋاقىت تېخى بالدۇر ئىدى. ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ ماشىنىسىغا چىقىپ ئۇخلىدى.
       -ھەي، ئويغۇنىڭ!
  ئابلىمىت چۆچۈپ ئويغاندى.
      -ئەجەپ قورقاتتىڭىز، سىزمىدىڭىز،- ئابلىمىت ئورنىدىن تۇردى،- مۇشۇ يەردىمۇ ئۇخلىغان بارمۇ؟
      -سىزنى ساقلاپ تۇرۇپ ئۇيقۇم كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇخلىدىم. شوپۇرلار نەدە ئۇيقۇ كەلسە شۇ يەردە ئۇخلايمىز ئەمەسمۇ.
      -يۈرۈڭ ماڭايلى.
چوڭ يول ماشىنا ئۇچقاندەك چاپماقتا. ئۇنئالغۇدىن يېقىمقلىق ناخشا ياڭرىماقتا. ئابلىمىت كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا گۈزەلگە قاراپ قوياتتى. ماشىنا سىلكىنگەندە گۈزەلنىڭ كۆكسى كۆڭلىكى ئۈستىدە  ئىككى تەرەپتە ئىككى سىزىق سىزىپ يۇقۇرى-تۆۋەن مىدىرلاپ كىتەتتى. ئابلىمىتنىڭ بۇنداق چاغدا ۋۇجۇدى ئوت بولۇپ ياناتتى.
      -ماشىنىنى توختىتىڭ،-دېدى گۈزەل ئابلىمنىتنىڭ روھى ھالىتىدىكى بىنورماللىقنى سېزىپ،-ئىشىڭىز چاتاق ئىشايدۇ، مەن ھەيدەي،-ئۇ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى.
       گۈزەل رولغا ئولتۇردى، ئابلىمىت بولسا گەپنى قاياقتىن باشلاشنى بىلەلمەي ئاۋارە ئىدى. شۇ تەقلىدتە بىردەم ماڭغاندىن كىيىن سورىدى:
       -سىز ئشلەۋاتقىلى قانچە يىل بولدى؟
       -مەن تولۇقسىزنى تۈگۈتۈپلا شاگىرتلىققا كىرگەن، ھازىر ئالتە يىل بولدى.
        -بەك تېز ئۈگۈنۈپسىزغۇ؟
        -ئالتە يىلنى قىسقا ۋاقىت دېگىلى بولامدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭۈل قويسا ئۈگەنگىلى بولمايدىغان ھېچ نېمە يوق.
       -ئەگەر ئىككىمىز قوشۇلساق بەك ياخشى بولاتتىكەن، سىز ئۇستا رېمۇنىتچى، مەن شوپۇر، شەخسىي ماشىنا سېتىۋالساقمۇ ياكى رېمۇنىتخانا ئاچساقمۇ كۈنىمىز باياشات ئۆتىدىكەن.
   قىز ئابلىمىتقا لەپپىدە بىر قاراپ قويدى.
      -قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز، چاقچاق قىلمىڭا،- ئۇنىڭ يۈرىكى ماقۇل دىيىشكە سوقۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئاسانلا ماقۇل دەۋەتكىسى كەلمىدى.
      ئابلىمىتنىڭ  يۈزى قىزىرىپ يۈرىكى سېلىپ كەتتى.
     -چاقچاق قىلمىدىم، يۈرىكىمدىكى سۆزنى دېدىم،-ئۇ دۇدۇقلاپراق شۇ گەپنى ئارانلا دېيەلىدى.
      گۈزەلنىڭ كۆزى ئويناپ كەتتى. يۈرىكى نامەلۇم خۇشلۇقتىن گۈپۈلدەپ سوقاتتى. يېنىدا ئولتۇرغان بۇ يىگىت ئۇنىڭغا ھېچقاناق يامان تەسىر بەرمىگەنئىدى. بىراق شۇنداق بولسىمۇ ئالدىراپ كۆڭۈل بېرىۋېتىشكە بولمايتى.
     -  مەن مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالاي، تۇققانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىمەن، قاچان كۆمۈرگە ماڭىسىز،-دېدى ئۇ ماشىنىنى توختۇتۇپ.
     -دۈشەنبە كۈنى،-ئۇ سەل توختىۋالدى،-ئەتە چىقامسىز، بىللە ئايلىنايلى.
     -كەچۈرۈڭ،چىقالمايمەن، تۇققانلىرىم بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپ كەتتى. ئۇلار بىلەن ھال-مۇڭ بولمىسام بولمايدۇ.
      -خوش،-دېدى ئابلىمىت دېلغۇل بولۇپ،-يولدا كەلگۈچە دېگەن گەپلەر يۈرىكىمدىكى گەپلەر، ئويلىنىپ باقسىڭىز،-ئۇ يەرگە قارىۋالدى، قىزنىڭ يۈرىكى شۈررىدە ئىرىپ كەتتى. ئۇ ئابلىمىتنىڭ بېشىنى كۆتۈرشىنى كۈتتى، ئابلىمىت بېشىنى كۆتۈرگەندە ماقۇل دېيىشنى ئويلىغانئىدى. يىگىت بېشىنى كۆتۈردى. قىز يىگىتىنىڭ كۆزىگە تويماستىن قاراپ بېشىنى ماقۇلغا لىشىتىپ، ئاندىن ئارقىسىغا ئۆرۈلدى-دە، كېتىپ قالدى.
       ئابلىمىت ئۈچۈن ھەربىر مىنۇت ناھايىتى تەستە ئۆتەتتى. ئۇ گۈزەلنى كۆرۈشكە بەكمۇ ئالدىرايتى. ئۇ دۈشەنبە كۈنىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆش بىلەن كۈتەتتى. مانا دۈشەنبە كۈنىمۇ كەلدى، ئابلىمىت بىلەن گۈزەل  قەلبىنى چۇلغىۋالغان تەسۋېرلىگۈسىز خۇشاللىق تەسىرىدە سۆزمۇ قىلىشماي ئولتۇرۇشاتتى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ روھى ھالىتىدە بىرخىل  ئېغىرلىق ھۆكۈم سۈرەتتى.
     -تەلىپىمنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟-ئاخىرى ئابلىمىت ئېغىز ئاچتى. گۈزەلنىڭ ماقۇل دېگۈسى، ئابلىمىتنىڭ مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلغۇسى بارئىدى. يۈرىكىمۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلىشقا قىستايتى. بىراق ئۇ دەررۇلا جاۋاپ بەرمىدى.
     -مەن تېخى تولۇق ئويلىنىپ بولالمىدىم، بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن جاۋاپ بىرەي،-دېدى قىز چوڭ بىرنى تىنىپ.
    -مەن بەك تەقەززا بولۇپ كېتىۋاتىمەن.
    مەنمۇ بەك تەقەززا بولۇپ كېتىۋاتىمەن، گۈزەلنىڭ يۈرىكىمۇ شۇنداق دەۋاتاتتى.


                                                           
                                                                                                              

                                                  *                                                                               *   


        گۈزەل رېمۇنىتخانىدا ئۆز ئىشى بىلەن بولۇۋەردى، ئابلىمىت بىلەن كۈن ئارىلاپ دېگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇراتتى. بەزىدە ئابلىمىت ئۇنى ئىزدەپ كىلەتتى.  شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈزەل ئابلىمىتتىن بىر خەت تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ خېتىدە گۈزەلنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، گۈزەلگە مۇھەببەت ئىزھار قىلغانئىدى. گۈزەل خەتنى ئوقۇپ بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتى. كۆز ئالدىدا ئابلىمىت بىلەن بىللە ئۆتۈۋاتقان كۆڭۈللۈك كۈنلىرى نامايان بولدى. ئۇ خەتنى باغرىغا باسقىنىچە تۇرغاندا تېخنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
     -گۈزەل نېمە ئويلاۋاتىسەن؟
      گۈزەل بېشىنى ئىتتىك كۆتۈرۈپ  تېخنىكنىڭ سەل ياداڭغۇ يۈزىگە قارىدى. تېخنىڭ غەمكىن كۆرۈنەتتى. گۈزەلنىڭ چاقچاق قىلغۇسى كەلدى-دە:
     -نېمە ئويلايتىم، بالا ئويلاۋاتىمەن،-دېدى.
     -ئەرگە تەگمەي تۇرۇپ دېگەن گېپىنى،-دېدى تېخنىك، ئەممە ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى.
گۈزەلنىڭ سۆزىدىن تېخنىكنىڭ ئەرۋاھى ئۇچقانئىدى. تېخنىك ئۈچ قېتىم ئۆيلەنگەن بولسىمۇ بالا يۈزى كۆرمىگەنئىدى. ئۇنىڭ ئالغان خوتۇنلىرى باشقا ئەرگە تېگىپلا بالىلىق بولۇپ كېتىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن باشقىلار تېخنىكنى بالا تاپالماس دەپ مازاق قىەلاتتى. شۇڭا بالىنىڭ گېپى چىقسىلا تېخنىڭ مېنى مازاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئۆزىگە ئېلىپ كېتەتتى.
     -ئەرگە تەگمىگەن بولسام تىگەرمەن،-دېدى گۈزەل چاقچاق قىلىپ،-توي قىلامدۇق يا، توي قىلساق چوقۇم بالىلىق بولىمىز.
       بەزى گەپلەر ئادەمنڭ ئاغزىدىن چىقىپ كىتىپ تەقدىر بولۇپ قالىدۇ، كونىلار بۇنى ئاغزىدىن سائەت چىقتى دېيىشىدۇ. شۇڭا قالايمىقان سۆزلەشكە بولمايدۇ.
     -قېلىنمۇ قىزكەن بۇ،-تېخنىك قېيداپ كىتىپ قالدى.
ئەتىسى ئابلىمىت كۆمۈرگە چىققاچ گۈزەلنى يوقلاپ كەلدى.
     - كۆزىڭىزدىن نېمە دىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن،-دېدى گۈزەل ئۇلار خالى يەرگە چىققاندا،-مېنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز، سىزگە رەخمەت. مەنمۇ كۆپ ئويلاندىم. ئادەم ھامان توي قىلىدۇ. مەنمۇ چوقۇم ياخشى بىر ھەمراھ تېپىشىم كىرەك. بىلمىگەن، تونۇمىغان ئادەم بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى خالىمايمەن. بىز ئارلاشقىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى. سىزگە جاۋابىم، مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن. ياخشى كۆرۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ. چىن دېلدىن سۆيۈش كېرەك،-گۈزەلمۇ بۇ سۆزنى دېگۈچە قىزىرىپ كەتتى.
       ئابلىمىت گۈزەلدىن بۇنداق ئېنىق دادىل جاۋابنى كۈتمىگەنئىدى. شۇڭا ئۇ شۇ تاپتا دېيىشكە گەپ تاپالماي قالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بەخت سىزىمىدىن تىتىرەيتى. لەرزىگە كىلەتتى. تېنى، قېنى قىزىيتى. لەۋلىرىمۇ تىتىرەيتى.
      -مەن سىزنى جېنىم بىلەن سۆيىمەن،- دېيەلىدى ئۇ ئاران تەستە.
      -مەن سىزگە دەپ قوياي،-دېدى گۈزەل قەتئىيلىك بىلەن،-مەن باشقا قىزلاردەك ئەمەس خەخلەردىن يامانلىق كۆرسەم، ياكى سۆيگەن ئادىمىم تاشلىۋەتسە كۆزۈمنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ ئولتۇرمايمەن، ئۆچ ئالىمەن. ئاندىن نېمە بولۇپ كەتسەم مەيلى. مېنى سۆيسىڭىز ھەقىقىي، چىن يۈرەكتىن، مەڭگۈلۈك سۆيۈڭ. مەنمۇ ھەم شۇنداق قىلىمەن. ئۆلگەندىلا ئايرىلايلى. ھايات ئايرىلىشنى خالىمايمەن ھەم مۇھەببىتىمىزنىڭ پاك بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ھىكايە، رومانلارنى كۆپرەك ئوقۇيمەن. شۇڭىمۇ مېنىڭ ئارزۇلىرىم بىر ئاز غايىۋى، ئادەمنىڭ ئارزۇسىنىڭ غايىۋى بولغىنىمۇ بىر ھېساپتا ياخشىكەن. ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىكەن. مەنمۇ شۇنداق بولسىكەن دەيمەن،-گۈزەلنىڭ چىرايى ھاياجاندىن قىزىرىپ، ئېسىلىپ كەتكەنئىدى.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئابلىمىتنىڭ ئابايامقى ھاياجانلىرى قاياققىدۇر تارقاپ ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغانئىدى. ئۇ، ئەگەر مەن گۈزەل رازى بولغىدەك سۆيەلمىسەم نېمە ئىشلار بولۇپ كىتەر، دەپ ئويلاپ قالدى.
     -دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق، سىز دېگەندەك ياشاش كېرەك. ئاندىن ھاياتنىڭ مەنىسى بولىدۇ،-دېدى ئۇ تەستە.
     -ئەمىسە گېپىمىز گەپ، مەلۇم ۋاقىت يۈرۈيمىز، شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە توي قىلىمىز،-دېدى گۈزەل ئابلىمىتنىڭ قولىنى چىڭ قىسىپ.
     -سىز نېمە دېسىڭىز شۇ.
     ئابلىمىت قىزنىڭ نېپىز، سۈزۈك ۋە بويىغاندەك قىزىل لېۋىگە تىكىلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئاشۇ لەۋلەرنى قېنىپ-قېنىپ شورىۋالغۇسى كىلىپ كەتتى. بىراق گۈزەل ئۇنىڭ بۇنداق ھەركىتىگە جەزمەن قارشى چىقىدۇ. شۇڭا ئابلىمىتنىڭ سەۋر قىلماي ئامالى يوق.  



                                                                                                                  *                                                                                  *



        قار-مۇزلار ئېرىشكە باشلىدى.گەرچە تاغدا ئەتىياز كېيىنرەك باشلانسىمۇ، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بىلىنەرلىك ئىسسىدى. چېچەك-چوكانلار ئېچىلىپ، باھار يېتىپ كەلدى.   
       ئابلىمىت بىر قېتىم كۆمۈرگە چىقىپ تاغدا قونۇپ قالدى. گۈزەل بىلەن كىنو كۆرۈپ چىقىپ سەيلە قىلىشتى.ھاۋا شۇنچە پاكىز ۋە ئوچۇق ئىدى. ئابلىمىت گۈزەل بىلەن ئۆستەڭ بويلاپ كۆۋرۈككە چىقتى. كېچە تولىمۇ چىرايلىق، سسالقىن ئىدى. ئابلىمىت قىزنىڭ بىلىگە قولىنى ئۆتكۈزۈپ ئالدىغا تارتتى.
     -ئۇيات،-دېدى گۈزەل ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ،
  -ماڭا ئەمدى ئۇنچىلا قاتتىقلىق قىلماڭ، مەن شۇنچىلىك تەشنا بولۇپ كېتىۋاتىمەن،-دېدى ئابلىمىت لېۋىنى ئاستا ئۇزۇتۇپ.
     -«سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر»دېگەن گەپ بار،-دېدى گۈزەل ناز بىلەن سىاڭايان بېقىپ.
     -سەۋرنىڭمۇ چېكى باردۇر...
      گۈزەل ئىختىيارسىز ئابلىمىتنىڭ مەيلىگە باقتى. ئۇ گۈزەلنى  باغرىغا باستى. گۈزەلمۇ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ يىگىتىنىڭ سۆيۈشىنى كۈتتى. ئابلىمىت خۇدىنى يوقىتىپ قىزنى ئەسەببىيلەرچە سۆيۈپ كەتتى.
      جانغا ئارام، راھەت بېغىش ئەتكەن تاغنىڭ غۇر-غۇر شامىلى ئەمدى ئۇلارنى مۇزلىتىشقا باشلىدى. گۇگۇم قارا پەردىسىنى بارغانچە كەڭرى يايماقتا، ئاسماندا كەينى-كەينىدىن يۇلتۇز پەيدا بولماقتا. سوغۇق ئۆتۈشكە باشلىغاندا ئۇلار ماشىنا ئىچىگە كىرىۋالدى. كېچە يېرىملاشماي تۇرۇپ ماشىنا ھارارىتىمۇ تۆۋەنلەپ  توڭلىدى.ئابلىمىت سوغۇق تەسىرىدىن گۈزەلنى مەھكەم قۇچاقلىدى. مۇھەببەتنىڭ ھارارىتى ئۇلارغا ئۆتىدىغان سوغۇقنى ئانچە بىلىندۈرۈپ كەتمىدى. ئابلىمىت ھېسسىياتى پەيدىن پەي يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە باشلىغاندا خۇدىنى يوقۇتۇپ خارامۇش ئۇخلاۋاتقان گۈزەلنى سۆيۈپ كەتتى. قولى ھەركەتكە كىلىپ قىزنىڭ ئىنچىكە بەللىرىنى ھەدەپ سىيلايتى. قىزنىڭ كۆكسىگە قولىنى ئۇزاتتى.قىز ئويغىنىپ كەتتى.
      -ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ،-دېدى گۈزەل ئۇنىڭدىن سەل يىراقلىشىپ
      -ئۆزىڭىزنى نىمانچە قاچۇرۇسىز، ماقۇل دەڭە،- ئابلىمىت قىزنى تارتىپ قۇچاقلىماقچى بولدى.
      -قولىڭىزنى تارتىڭ،-خاپا ھالدا بوش ۋاقىردى قىز،-يەنە ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالمايدىغان بولسىڭىز ئەمدى كاچات يەيسىز، سىزگە ئىككىنچى قارىمايمەن.
       ئابلىمىتنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقتى.
       گۈزەل يەرگە چۈشۈپ كىتىپ بىر تال تاشنى ئېلىپ چىقتى.
      -قولىڭىز قىچىشىپ كەتكەن بولسا بۇنى ئويناپ ئولتۇرۇڭ،-ئۇ قولىدىكى تاشنى ئابلىمىتكە بەردى.
      -نېمە بۇ؟
      -قاراپ بېقىڭ.
      -بىر چېقىر تاشكەنغۇ.
      -مەن چېقىر تاش ھەققىدە بىر ھېكايە ئېيتىپ بىرەي ئاڭلامسىز؟
      -ئېيتىڭ ئاڭلايمەن.
      -بۇرۇنقى زاماندا ناھايىتى ئاۋات بىر يۇرت بار ئىكەن،-دەپ ھېكايىسىنى باشلىدى گۈزەل،-بۇ يۇتنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، تاغلىرى ياپيېشىل ئىكەن. تاغلىرىدا ھەرخىل بايلىقلار كۆمۈلۈپ ياتىدىكەن. بۇ يۇرتنىڭ قى-چوكانلىرى پەرىشتىدەك، يىگىتلىرى بەقۇۋەت بەرنا ئىكەن. بۇ يۇرتنىڭ ياش پادىشاھى بولۇپ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپا بىلەن ئۆتىدىكەن. ئۇنىڭ كۆزى چۈشكەنلىكى قىز-چوكانلار چوقۇم ئۇنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىشىغا ئۇچۇرايدىكەن. ئۇ ھەر بىر قىز بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىپ بولۇپلا نەۋكەرلىرىگە ئويناشقا بىرىۋېتىدىكەن. بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن قىز-چوكانلار ئاياق-ئاستى قىلىنىپتۇ. ئاجىزلارنىڭ داد پەريادىدىن ئاللاھنىڭ غەزىپى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئەدىپىنى بىرىپ قويۇش ئۈچۈن بىر پەرىشتە-ئەۋلىيانى ئەۋەتىپتۇ. ئەۋلىيا دېۋانىچە ياسىنىپ بېرىپ پادىشاھنىڭ بوسۇغىسىغا يېقىنمۇ كىلەلمەپتۇ. ئەۋلىيا ئاخىرى كاتتا بايلاردەك ياسىنىپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىپتۇ.
        -نېمە ئىش بىلەن كىردىڭ؟-دەپ سوراپتۇ گۆھەر تاج كەيگەن پادىشاھ.
        -مېنىڭ ساڭا ئىككى ئېغىز مەسلىھەتىم بار،- دەپتۇ ئەۋلىيا.
       -ماڭا نەسىھەت قىلغۇدەك قانچىلىك ئادەمتىڭ سەن؟!-دەرغەزەپ بولغان پادىشاھ جاللاتنى چاقىرىپتۇ.ئەۋلىيا قولىدىكى ھاسىنى بىرلا شىلتىپ جاللاتلارنى قاتۇرۇپ قويۇپتۇ.
         -يەنە بىر قېتىم ئېيتاي، بۇنداق زالىملىقتىن قايت، مەزلۇملارنىڭ كۆز يېشى سېنى يەپ كىتىدۇ.
          -جاللات!-پادىشاھ يەنە جاللات چاقىرىپتۇ.
         ئەۋلىيانىڭ ئاچچىقى كىلىپ پادىشاھنى بىر چېقىر تاشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ چېقىر تاش ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇندىن كىيىن جاھاندا ھەرخىل چېقىر تاشلار پەيدا بولۇشقا باشلاپتۇ.
         ئەل-يۇرت بىر زازلىم قۇتۇلۇپ، خاتىرجەم ياشاشقا باشلاپتۇ. قولىڭىزدىكى چېقىر تاشمۇ مانا مۇشۇنداق پەيدا بولغانئىكەن....
       -قىزىق چۆچەككەنغۇ بۇ،-دېدى ئابلىمىت قولىدىكى تاشقا قاراپ ئولتۇرۇپ،-خۇددى بىرى توقۇۋالغاندەكلا.
-چۆچەك دېگەن شۇنداق بولىدۇ. چوڭ دادام بىزگە دائىم مانا مۇشۇنداق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بىرەتتى.



                                                                                                      *                                                                           *


         گۈزەل ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە ياندى. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى شەھەردىكى ھاممىسىنىڭ قىزىنىڭ تويىغا كەتكەن بولۇپ گۈزەل ئۆيدە يالغۇز قالغانئىدى. ئۇ تاماق ئېتىپ يىمەكچى بولۇپ بازارغا كۆكتات ئالغىلى چىقتى، ئۇ كۆكتاتنى ئېلىپ قايتاي دەپ تۇرۇشىغا ئابلىمىت بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالدى.
     -بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرۈيسىز؟-سورىدى قىز.
     -ماشىنامدىن يەنە چاتاق چىقتى، بۈگۈنمۇ يەنە قونۇپ قالىدىغان بولدۇم.
     گۈزەل پېتىش ئالدىدا تۇرغان قۇياشقا قارىۋەتكەندىن كېيىن:
     -ئۆيگە بېرىڭ تاماق ئېتىپ ىىرىمەن،-دېدى.
     -كەچتە چىقىڭ كىنو كۆرەيلى،-دېدى ئابلىمىت.
      -بۈگۈن ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز قالدىم. بېرىڭ،تېلېۋزور كۆرىمىز.
بۇ سۆز ئازبلىمىتقا ياغدەك ياقتى.
      -ماقۇل، سىز كېتىۋېرىڭ، ئارقىڭىزدىن بارىمەن،-دېدى ئۇ.
      گۈزەل كەتتى،ئابلىمىت يېرىم سائەتچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ سومكىسىغا نەچچە بولتۇلكا پىۋىنى قاچىلاپ گۈزەلنىڭ ئۆيىگە ماڭدى.
     -كېلىڭ، ئولتۇرۇڭ،-گۈزەل كارىۋاتقا كۆرپە سالدى،-نىمانچە جۇۋاپ كەتتىڭىز، بۇ نەرسىلەرنى ئەكەلمىسىڭىزمۇ ئۆيدە بار ئىدى.
     -ئىچەرمىز.
     تېلېۋېزور تۈگۈگۈچە پىۋىمۇ ئىچىلىپ بولدى. پىۋا تەسىرىدىن ئىككەيلەن خېلىلا قىزىغان بولۇپ بىربىرىگە مۇھەببەتلىك چاقچاقلارنى تارتىنماي قىلىشاتتى.  ئۈنئالغۇنى ئېچىۋېتىپ بىردەم تانسىمۇ ئويناشتى. گۈزەلنىڭ پۇت-قوللىرى بارغانچە پۈكۈلۈپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ ئابلىمىتنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ باغرىغا چاپلىشىپلا قالدى.
     -مېنى ياتقۇزۇپ قويۇڭ،مەن مەست بولۇپ قالدىم،-دېدى گۈزەل بۇ گەپلەرنى بىردە سوزۇپ دېدى، ئاۋازى غەلىتە چىقتى.
     گۈزەل راستىنلا مەست بولۇپ قالدى. ئابلىمىت گۈزەلنى كارۋاتتا ياتقۇزۇپ قويدى. گۈزەل يېتىپلا تاتلىق-تاتلىق تىنىپ ئۇيقىغا كەتتى. ئابلىمىت گۈزەلنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ جامالىغا ئۇزاق تىكىلدى. گۈزەلنى زىناقلىرىدا  بىرخىل تاتلىق تەبەسسسۇم قېتىپ قالغانئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ زىناقلىرى يۈرەكنى كۆيدۈرەتتى.ئابلىمىت گۈزەلنىڭ قولىنى تۇۇتۇپ يۈزىنى سىيلاپ، لەۋلىرىگە سۆۈپ باقتى.گۈزەل بۇنى تۇيمىدى. ئۇنىڭ كۆزى نېپىز كۆڭلەكنى ئوبدانلا كۆتۈرۈپ چوقچىيىپ تۇرغان كۆكرەككە چۈشتى.قېنى باربارا قىزىشقا باشلىدى. ئۇ پەيدىن- پەي  يۈگەنلەشكە مۈمكىن بولمايدىغان ئاساۋ ئاتتەك ھېسسىياتىنىڭ تەسىرىدە گۈزەلنىڭ كۆڭلىكىنى قايرىپ، ئىنچىكە بېلىنى، نازۇكقىنا كۆتۈرۈلگەن بىرجۈپ كۆكسىنى سىيلىدى. ئاپئاق مامۇقتەك يۇمشاق بەدەن ئۇنىڭغا جەننەتتەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇ قىزنىڭ كۆكسىنى تۇتۇشى بىلەن ۋۇجۇدى تىتىرەشكە باشلىدى. قىزنى قۇچۇقىغا ئېلىپ تولغان ساغرىسىنى سىيلىدى. ئۇنىڭ ھېسسىياتى ئاخىرقى چەككە يىتىپ قالغانئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيتى. ئۇ قىزنىڭ كېيىمىنى پۈتۈنلەي ساپدۇرۇۋەتتى. كۆزى قىزنىڭ نازۇك جايلىرىغا چۈشكەندە ئۆزىنى زادىلا بېسىۋالالمىدى. گۈزەل بولسا ھېچنەرسىنى تۇيماي ئۇخلاۋاتاتتى. ئابلىمىت پەقەت ئۆز قەلبىدە قۇتراۋاتقان كۈچلۈك بىر تەلەپنىڭ تۈرتكىسىدە كىيىملىرىنى پۈتۈنلەي سېلىۋېتىپ قىزنىڭ كۆكسىنى مەيدىسىگە ئۇزاق باستى.ئۇنىڭ قولى ۋە بەدەنلىرىمۇ جىددىيلىكتىن تىتىرەيتى. تىتىرەۋاتقان قولى بىلەن قىزنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى تۇتۇپ،سىيلاپ چىقتى. ئەۋجىگە چىققان تۇيغۇ ئۇنىڭ يۈرىكى بەدىنىنى ئېرىتىۋەتتى.
        كېيىنكى ئاقىۋەتلەرنى ئويلاش ئابلىمىتنىڭ خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمايتى. خىيالىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ نېمە بولسا بولسۇن شۇ چاغدا كۆرەرەمەن، دەپ ئويلايتى. شۇڭا ئۇ گۈزەلنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئۈستىگە يوتقاننى ياپتى. گۈزەل نېمىدىندۇر چۆچۈگەندەك بولۇپ ئەندىكتى، لېكىن ھايال ئۆتمەي ئابلىمىتقا چاپلاشتى. ئۇنىڭ ئويغانغانلىقىنى ياكى ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى. پەقەت تاتلىق تولغۇنۇپ ئابلىمىتنىڭ بوينىغا گىرە سېلىۋالدى. ئۇ بۇ ئىشلارنى چۈشىدە كۆرگەندەك شۇنچە خۇشال، شۇنچە خامۇش ئىدى.
        ئابلىمىت شۇ كۈندىن كېيىن گۈزەلگە تۈزۈكرەكمۇ تىكىلىپ قارىيالمايدىغان بولۇپ قالدى. نېمىشقىدۇردۇر ئۆز-ئۆزىدىن نۇمۇس قىلاتتى. لېكىن ئۇنىڭ گۈزەلنى دائىم كۆرگىسى، قۇچاقلاپ باغرىغا باسقۇسى كىلەتى. ئۇ ئاشۇ كېچىدىكى يەڭگىلتەكلى سەۋەبىدىن گۈزەلنى بۇرۇنقىدەك كۆپ ئىزدىيەلمىدى. گۈزەلنى ئىزدەپ بارغاندا بولسا نېمىشقىدۇر سارسىمىگە چۈشۈپ بىرىدىن قورىققاندك بولاتتى. دەيدىغان سۆزىنى تاپالماي ئوڭايسىزلىناتتى. ئۇ گۈزەلدىن ئەپۇ سوراشنىمۇ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغانئىدى. ئەمدى ئىش ئۆتۈپ كەتتى. قىلىدىغاننى قىلىپ بولدى. ئەپۇ سوراش بىلەن نېمە ئىش پۈتۈدۇ.
        گۈزەل بولسا تاڭ ئاتقاندا بولغان ئىشنى بىلىپ ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالدى. ئۇ ئابلىمىتنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ تىللاشنى، كۈچى يەتسە بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنىمۇ ئۇيلاپ باقتى. بىراق شۇنداق قىلسىمۇ بولغان ئىش ئارقىغا يانمايتى. ئۇ ھەممە سەۋەنلىكنىڭ ئۆزىدىن ئۆتكەنلىكىنى، بۇ خەتەر يولغا ئولىماستىنلا قەدەم باسقانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىنى باستى ۋە بوپتۇ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم بولغاندىكىن ئەپۇ قىلاي، دەپ ئويلاپ بۇ ئىشنى ئابلىمىتنىڭ يۈزىگە سالمىدى.



                                                                                                        *                                                                                  *  


             ئابلىمىت كۆمۈرنى تۆكۈۋېتىپ ئەمدى قايتاي دەپ تۇرۇشىغا بىرى ئۇنى باشلىقنىڭ چاقىرۋاتقانلىقنى دەپ قويۇپلا كېتىپ قالدى. ئۇ ئۇدۇللا باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.
       -ھە،ئابلىمىت كىلە،ئولتۇر،-دېدى باشلىق،-ساڭا دەيدىغان موھىم گەپ بار،-باشلىق سۆزلىگەچ بىر پىيالە چاي قۇتۇپ ئابلىمىتنىڭ ئالدىغا قويدى.
       -نېمە گەپ،دېدى ئابلىمىت سەل تېڭىرقاپ.
       -سەن توقۇمىچىلىق سېخىدىكى گۈلپىيەم بىلەن يۈرگەنمىدىڭ؟
       -ھەئە،-ئابلىمىت بۇنداق سۇئالنىڭ قويۇلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانئىدى.
       -ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇپمۇ قالغانمۇ؟-باشلىق بەكمۇ سالماق ئىدى. ئۇ سۇئالنى سورىغىچە تەلەپپۇزىدىن ياكى چىرايىدىن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.ئابلىمىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ باشلىقىتىن بىرئاز رەنجىدى. باشلىق تۇرۇپ چوڭ سۈپەت يۈرمەي نېمە دەپ نېمە دەپ بۇ سۆزلەرنى دەپ يۈرۈيدۇ. نېمە دەپ باشقىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا ئارلىشىدۇ، دەپ ئاچچىقلاندى. تېنىۋالاي دېسە باشلىق ئۇققان بولسا ئوسال بولماي دەپ:
      -سېلىگە بىرى شۇنداق دېدىمۇ،-دەپ سورىدى.
      -سەن گۈلپىيەمنى توي قىلمايمەن دەپ تاشلىۋېتىپتىكەنسەن، ئۇ ئەرز قىلدى.
ئابلىمىت گۈزەلگە كۆڭلى چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، گۈلپىيەمگە، بولدى سەن بىلەن توي قىلالمايمەن، دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتكەنئىدى. لېكىن ئۇنىڭ باشلىققا ئەرز قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانئىدى.
      -كۆڭۈل دېگەننىڭ كەيىنىگە كىرىدىغان نەرسە ئەمەستى ئۇكام،-دېدى باشلىق بېشىنى چايقاپ،-ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن توي قىل، ئەگەر يېنىۋالساڭ ئىش چاتاق.ئۇنىڭ قولىدا دوختۇرنىڭ بالا ئالدۇرغاندا سەن قول قويغان دوختۇرنىڭ ئىسپات قەغىزى بارئىكەن. جازالىنىسەن.
بۇ گەپ ئابلىمىتنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىرۋەتتى. ئۇ ھۇش كاللىسىنى يوقىتىپ گاڭگىراپلا قالدى. ئەمدى ئۇ گۈزەلگە نېمە دەيدۇ؟ ئۇنىڭغا قايسى يۈزى بىلەن قارايدۇ. «مەن نېمە دەپ ئەخمەقلىق قىلغاندىمەن، ئەمدى قانداق قىلارمەن...»
      ئۇ ئۆلايدىكىلەرنىڭ توي ھەققىدىكى گېپىگىمۇ قۇلاق سالمىدى. لېكىن بولار ئىش بولدى. توي ئۆتتى. تويدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلى گۈلپىيەمنى پەقەتلا كۆتۈرمىدى. گۈلپىيەمنى كۆرەرگە كۆزى يوقئىدى. بىراق ھەر كۈنى ئۇنىڭ كۆرىدىغىنى ئاشۇ خوتۇنى گۈلپىيەمئىدى. ئۇ بۇ دىشۋارچىلىقتىن قۇتۇلالماي كۈن بويى ھاراق ئىچىۋېلىپ مەستلا يۈرۈيدىغان بولۇۋالدى.گۈزەل بىلەن كۆرۈشۈشتىن قېچىپ كۆمۈرگىمۇ چىقمىدى. ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشەتتى-دە، ھاراقنى تويغىچە ئىچىپ مەست بولۇۋېلىپ بۇ دۇنيانى ئۇنتۇيتى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەست كىلىۋېتىپ بىرىگە پۇتلىشىپ كەتتى-دە، ئۆزىگە تىگىپ كەتكەن ئادەمنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىدى. ھېلىقى ئادەممۇ بوش كەلمىدى. تىللاش مۇشتلاشقا ئايلاندى.ئابلىمىت تەڭشىلىپ قالغان بولغاچقا ھە دېمەيلا تاياق يەپ كەتتى. ئۇ ئاچچىقىغا چىدىماي ھېلىقى ئادەمنىڭ بىر نەچچە يېرىگە پىچاق سېلىۋەتتى. ھېلىمۇ جان يېرىگە پىچاق تەگمىگەنئىكەن، ساق قالدى. لېكىن ئابلىمىت ئىككى يىللىق كېسىلىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئېلىپ كېتىلدى.
         گۈزەل ئىككى ئايغىچە ئابلىمىت بىلەن زادىلا كۆرۈشەلمىدى. ئابلىمىتنى كۆرمىگەنسېرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئەندىشىلىك خىياللار پارەكەندە قىلاتتى. كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانمىدۇ ياكى ماشىنىسى بىلەن بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچۇراپ...مەن ئۇنى چۈشەنمەي قالدىممۇ يا، ئەخلاقى ناچار كۆڭۈل ئوغرىسى بولمىغىيدى، قارىسام خېلى يۇۋاش، ئوڭلۇق يىگىتتەك قىلاتتى. كۆڭلىنى قاندۇرۇپلا تاشلىۋەتكەنمىدۇ؟ ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئابلىمىتنىڭ ئۇنداق بولمىغۇر يىگىت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، ئۇنى ئۇنداق يامان دەپ كۆڭلىدە ئەيپلىگەنلىكىگە خاپا بولۇپ كەتتى. ئۇ ئابلىمىتنى كۆرەلمىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، ساق ياكى نېمە بولغانلىقىنى ئۇققىسى كىلىپ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ كۆمۈرگە چىققان بىر ماشىنىسىنى توستى.
       -سىز ئابلىمىتنى تونۇمسىز؟-سورىدى گۈزەل شوپۇردىن.
       -تونۇيمەن، گېپىڭىز بارمىدى؟
       -ئۇ بۇياقلارغا چىقمايدىغان بولۇپ كەتتىغۇ.
        - ئابلىمىت توي قىلغانئىدى، ئايالى كۆڭلىگە ياقمىدى بولغاي،-دېدى شوپۇر يېگىت،-ھاراقنى تولا ئىچىدىغان بولۇۋالدى. بىر قېتىم مەستلىكتە بىرىگە پىچاق سېلىپ قويۇپ ئىككى يىللىق كېسىلىپ كەتتى.
         بۇ گەپنى ئاڭلىغان گۈززەلنى بېشى پىررىدە قايدى.كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ، يەر-جاھان چۆرگىلىگەندەك بولدى.قۇلىقىقغا غوڭىلدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ھۇشىدىن كەتكىلى تاس قالدى.
         شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى. ئانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى.بۇرۇنقى بەرنالىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ئۇنىڭ گېلىدىن سۇدىن باشقا ھېچنەرسە ئۆيمەيتى. بىچچارە ئانىسى قىزىنىڭ نېمە كېسەل بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۈگۈشۈپ كىتىۋاتاتتى. گۈزەل ئاخىرى ئۆزىگە ئۆزى ھاي بەردى.قىساس ئېلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ساقىيىپ ماغدۇرغا كىلىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىرادىسى كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ ئەسلىگە كىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭغان چېغىدا ئارىدا ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتكەنئىدى.
       گۈزەل ئەسلىگە كىلىپ قىساس ئېلىش ئۈچۈن چارە-ئامال ئويلاۋاتقان مەزگىلدە قورسىقىدىكى بوۋاق تۆت ئايلىق بولۇپ قالغانئىدى. ئابلىمىتنىڭ بىرىگە پىچاق سېلىۋېتىپ ئىككى يىللىق كېسىلىپ كەتكىنى شۇ چاغدىلا ئېسىگە كەلدى. مەن ئەمدى كىمدىن قىساس ئالىمەن،ئۇنىڭ تۇرمىدىن چىقىشىنى ساقلايمەنمۇ؟
        گۈزەلنىڭ بۇرۇنقى ھۆسنى جامالىمۇ قالمىغانئىدى.ئۇ باشقا بىقر قىزغا ئوخشاپ قالغانئىدى. ئۇ ئەمدى قانداق قىلسۇن؟ ئوپىراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۋەتسۇنمۇ؟ ئوپىراتسىيە قىلىشمۇ تۇققان بىلەن ئوخشاش ، بەرىبىر كىشىلەر ئۇقۇپ قالىدۇ.ئائىلىسىنىڭ نامىنى بۇلغايدۇ. ئۆيدە ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالىدۇ. ئەمىسە قانداق قىلسۇن؟ ئۆلۈۋالسۇنمۇ؟ توغرا، ئۇنىڭغا ئۆلۈپلا ھەممە ئازاپتىن،ئىزا-ئاھانەتتىن، دەردتىن بىر يولىلا قۇتۇلۇشتىن باشقا باشقا يول قالمىغانئىدى. ئۇ يەنە ياشاۋېرىشكە چىدىماي قالدى. مۇھەببەت، قورساقتىكى بوۋاق،يەنە...ئۇنى بەكمۇ ئازاپلاپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ دورا ئىچىپ ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىدى. لېكىن ئويلاپ ئاخىرى تۇنجى قېتىم ئابلىمىت بىلەن سۆيۈشكەن يەرـ كۆۋرۈكتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋېلىشنى توغرا تاپتى.بىر كېچىسى ئۆيدىكىلەرگە تۇيدۇرماي ئۆيدىن چىقتى. غۇر-غۇر تاغ شامىلى ئۇنىڭ قويۇق چاچلىرىنى يۈزىگە چۈشۈرۈپ كۆزىنى توسۇۋالاتتى. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ چاچلىرىنى قولى بىلەن قايرىۋېتىشكىمۇ خوش ياقماي بېشىنى ئىرەنسىزلىك بىلەن سىلكىپ قوياتتى.
         كېچە جىمجىت ئىدى، پەقەت چىكەتكىلەرنىڭ تىنىمسىز چىرىلداشلىرى كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ روھىي دۇنياسى بەكلا مالىمان ئىدى، ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى،ئويلىدىلا ئەمەس بۇ تونۇش ماكانغا پىچىرلاپ سۆزلەپ بەردى،ئۇ دەردلىك قىسقىغىنا ھاياتىدىكى ئازابلىرىنى ھېچكىم بىلمىسىمۇ بۇ كۆۋرۈكنىڭ، تاغلارنىڭ، ئۆزىنى توختاۋسىز ئامراقلىق بىلەن سۆيۈۋاتقان تاغ شامىلىنىڭ بولسىمۇ ئاڭلاپ قېلىشىنى خالايتى. شۇڭا ئۇ ماڭغاچ ھەممە دەردلىرىن شاماللارغا شىۋىرلاپ تۇرۇپ دەۋالدى.گۈزەل جانسىز قەدەملىرى بىلەن ئاستا مېڭىپ كۆۋرۈك ئۈستىگە چىقتى. ئۆزىگە تونۇش يەرگە كەلگەندە توختىدى. كۆۋرۈكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە يوغان-يوغان قورام تاشلار ياتاتتى.تاشلار ئۇنىڭغا، باغرىمغا ئۆزۈڭنى ئات دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۆزىنى تاشلىسىلا بىر مىنۇتقا قالماي ئۇنىڭ جېنى ئۇ دۇنياغا راۋان بولاتتى.
        غەرپ ئاسمىنىدا نۇرسىز ھىلال ئاي ئېسىلىپ تۇراتتى. ئۇ ئايغا ئەلەم بىلەن قاراپ قويدى. ئاندىن كۆۋرۈكنىڭ سالاسۇنىغا چىقتى. كۆۋرۈكتىن ئۆزىنى تاشلاش ئۇنىڭغا ھېچقانداق قورقۇنۇچلۇق بىلىنمەيتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ھەرقانداق ئىش بەرىبىر ئىدى. ئۇ كۆزىنى يۇمدى. ئارقىدىنلا كۆزىنى ئېچىپ غۇۋا ئاي نۇرى يورۇتۇپ تۇرغان پاكار ئۆيلەرگە، يىراقتىن قارىيىپ كۆرۈنۈۋاتقان تاغلارغا، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا، ئايغا قاراپ ئاھ دەۋەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئاھلىرىدا بۇ دۇنياغا قىيامماسلىق، لېكىن ئامالسىزلىقتىن ھاياتتىن كېچىشتەك مۇرەككەپ ھېسسىياتى مۇجەسسەم ئىدى. ئۇ ھاياتقا، ياشاشقا شۇنچە تەشنا ئىدى، بىراق...








          ئۇ كۆزىنى قايتا يۇمۇپ ئۆزىنى پەسكە تاشلىدى. لېكىن نېمە ئۈچۈنكىن ئورنىدىن  قوزغىلالمىدى. بىر نەرسە ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالغاندەك قىلاتتى. كۆزىنى ئېچىپ راستىنلا بىرىنىڭ ئۆزىگە ئېسىلىۋالغانلىقىنى كۆردى. ئاھ خۇدا، ئۆز ئارامىدا ئۆلگىلىمۇ بولمىسا بۇ جاھان نېمە بولۇپ كەتتى زادى؟!
         -گۈزەل! ئۇنداق قىلماڭ!
         -مېنى قويۇۋېتىڭ!
         -ياق،سىز يولدا كەلگۈچە سۆزلەپ ماڭدىڭىز، مەن ھەممىنى ئاڭلىدىم. ئىككەيلەن توي قىلايلى. بالىنى مەن باقىمەن. ئۇ سىزنى ئالدىغان بولسا مەن ئۇنداق قىلمايمەن،سىزنى بىر ئۆمۈر ئەزىزلەيمەن...
         گۈزەل بۇ ئاۋازنى تونۇدى. بۇ ھېلىقى نەچچە خوتۇن ئېلىپ بالا يۈزى كۆرمىگەن رېمۇنىت زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى ئىدى. تېخنىڭ گۈزەلنى سالاسۇندىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ مەھكەم قۇچاقلىۋالدى. گۈزەل بېشىنى تېخنىكنىڭ كۆرىكىگە قويۇپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى.






                                                                                                 *                                                                                        *


          ئىككى يىل توشۇپ ئابلىمىت ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىن چىقتى.ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ دەرھاللا ئۆيگە چاپمىدى. تونۇشلارنىڭ ئۇچۇراپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەپ كۈننى كەچ قىلدى.ئۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا بېرىپ بىر يىلدىن كېيىن دادىسى ئالدىدا ئىككى ئايدىن كېيىن ئانىسى ئارقا-ئارقىدىن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلۇشۇپ ئۇنىڭ ئۆيى گۈلپىيەگە ئوڭچىلا قالغانئىدى.ئابلىمىت گۈلپىيە بىلەن نەچچە قېتىم ئاجىراشماقچى بولغان بولسىمۇ گۈلپىيەم رەت قىلغانئىدى.سەۋەب، شۇنچە چوڭ قورا-جايدىن ۋاز كەچكىسى كەلمىگەنئىدى.
            ھەممە ياق جىمىققان ئەل ياتقۇ مەزگىلىدە ئۇ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى. ئۇ ھوجرا ئۆيىنىڭ يورۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئۆيدە كىمنىڭ بارلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ قېرى قاراياغاچقا يامىشىپ دېرىزە يېنىغا كەلدى. دېرىزە پەردىسى چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولغاچقا ئىچىنى كۆرەلمىدى. لېكىن ئۆي ئىچىدىن گۇدۇڭشىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ قۇلۇقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىدى.
         -قورسىقىڭدىكى قانچە ئايلىق بولدى؟-سورىدى بىر ئەر.
         -ئۈچ ئايلىق،-بۇ گۈلپىيەمنىڭ ئاۋازى ئىدى،-ئۇنتۇپ قالما ئۇ سېنىڭ بالاڭ.
         -ئېرىڭنىڭ كىلىدىغان ۋاختى بولدى، سورىسا نېمە دەيسەن؟
         -سېنىڭ بالاڭ دېمەمدىمەن.
          -بىراق ئۇ  ئۆيدە بولمىسا، بۇ گېپىڭگە ئىشىنەمدۇ؟
           -نېمىشقا ئىشەنمىگۈدەك، بويۇمدا قالغاندا ئۇنى يوقلاپ بارغانتىم. ئۇ قوي بېقىۋاتقان ئېغىلدىلا بىر ئىش قىلغانتۇق، ئۇ شۇ چاغدا بەك خوتۇنسىراپ كېتىپتىكەن.
          -ئىككى يىلغىچە يالغۇزلۇققا قانداق چىدىدىڭ،ئاجىرشىپ نېمىشقا باشقا ئەرگە تىگىۋالمىدىڭ،-ئۆي ئىچىدىن يەنە ئاۋاز ئاڭلاندى.
        -ساراڭكەنسەن، مەن نەدە يالغۇز، سەن ھەمراھ بولدۇڭغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چىرايلىق ئۆيدىن كەچكىم كەلمىدى. مېنى باشقۇرىدىغان قېينىئاتا-قېينىئانام يوق. ئۆزۈم خان، ئۆزۈم بەگ، ئۇنى دېمىسەممۇ بۇ ئۆينى دەپ...-گۈلپىيەمنىڭ ئاۋازى بوغۇلدى.
ئابلىمىت بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ جاھان چۆرگىلەشكە باشلىدى.
          -سېنى  ئۆلتۈرۋېتىمەن!-ئۇ شۇنداق دەپ ۋاقىراپلا قاراياغاچ ئۈستىن يەرگە گۈپپىدە چۈشۈپ بىرنى ئاھ، دەپ جىمىپ قالدى.


مەنبە:ئارقۇ

رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارقۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 12:00 AM  


خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6900
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1218 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 10:01:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك   ياخشى   يىزىلغان ھىكايىكەن . ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82960
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-7-25
ئاخىرقى: 2012-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 10:07:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەھمەت، ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇنداق ئېسىل مەزمۇنلار بىلەن بىزنى تەمىن ئەتكىنىڭىزگە تەشەككۈر، http://adris.cn/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 10:12:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن ،‹‹ ئىككى قۇلۋاققا تەڭ چىقسا چات يىرلار›› ، دىگەن گەپ راس ،

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9604
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4746 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:39:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقى ھېكايە بولغان بىلەن ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن، ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىك ئىكەن، ھەرقانچە بولىسمۇ ئابلىمىت دىگىنىمىز ئۆلمىگەندۇ، مەيلى نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر قىزلار ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلمىسا ئاقىۋىتى مۇشۇنداق بولىدۇ. بەزى يۈزى قېلىنلارغا ئامال يوق ئەمدى!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 948
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 01:20:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن . مۇشۇنداق ياخشى ھېكايىلىرىڭىز بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 02:01 PM  


جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 01:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە يامانلىقنىڭ ئانىسى ھاراق،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11091
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2042 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 08:24:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسل ھىېكايىكەن

تەسكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9801
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 6797 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 09:52:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur05 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 01:20 PM
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن . مۇشۇنداق ياخشى ھې ...

ئۇرۇدىغانغا ۋاقىت يوق،شۇڭا يوللاپ بولالمايۋاتىمەن.

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش