مەخەتجان
دائىملىق ئــەزا
يار لىۋىدىن قايتمىساڭ (ساتىرا) مۆھتىرەم يولداش،ساڭا خەلق-پارتىيە بەرسە ھوقۇق، كىبرى-ھال پەيداقىلىپ،ماڭغان يولۇڭ بولدى تۇيۇق. شۇ ھوقۇققا تاينىپ شەيداسى بولدۇڭ نەپسىنىڭ، ساڭا ھېچ كار قىلمىدى پاكلىققا ئائىت يوليوريق. يۈتتى سەندىن بىر يولى ساپدىل،سەمىمىيلىك،نۇمۇس، بولدى جۆر قىلغان ئىشىڭغا ساختىلىق،قۇۋ-ئۇستۇلۇق. تەخسىكەش<خوش-خوش>چىلاربولدى ئىشەنچىلىك ئادىمىڭ، يىدى ئازار ياخشىلار، بوپقالدى جازا قۇپ- قۇرۇق. پەم بىلەن ئاچتىڭ يوچۇق پۇرسەتلا بولسا قىپ ئامال، قىپ خىيانەت يەپ-ئىچىپ،يايراشتا قىلدىڭ چوڭچىلىق. خالتا-كونۋىرتسىز بىراۋ ھال ئېيتسا،ئەپقاچتىڭ قۇلاق، ئەتە-ئۆگۈن دەپ تامادا،بولمىدىڭ ئوچۇق-يورۇق. ئەتلىنىپ سالدىڭ قورساق يىگەن پارا،مول سوۋغىدىن، بولدى پەيدا سەندە غەيرى خۇي-مىجەز تەققى تۇرۇق. ئاشتى چەكتىن كۈلكىۋازلىق،ئىشتا بۇيرۇقۋازلىقىڭ، مەنپەتسىز ئىشقا باقتىڭ كۆز قىرىڭ بىرلە سوغۇق. گۈل پۇراپ ئات ئۈستىدە،خەختىن تالاشتىڭ شان-شەرەپ، كۆپتۈرۈپ قىلغان ئىشىڭنى،دەپ ئىشىمدا بار ئۇتۇق . پاك-تۈزۈك يولداش ئىكەن دەپ بىز ساڭا قىپتۇق ئىشەنچ، مەھلىيا ئەيلەپ كۆڭۈلنى سۆزلىسەڭ تاتلىق نۇتۇق. بولدى قىلمىش،ئەتمىشىڭدىن كىملىكىڭ ئاخىر ئايان، ياخشى رەھبەر دەپ ساڭا قانداقمۇ ھۆرمەت قىلغۇلۇق. يەردە قويدۇڭ پارتىيە،خەلقنىڭ ئۈمىد-ئىشەنچىسىنى، ساڭا بوپقالدى كېرەك تىزگىن ۋە يا بويۇنتۇرۇق. بار ھوقۇقۇم دەپ كۆرەڭلەپ،يار لىۋىدىن قايتمىساڭ، بىر يولى يەيسەن بېشىڭنى،قىلمىشلىرىڭغا ئۆزرە يوق. مەنبە؛ئوسمانجان ئىمىننىڭ شىئېرى.
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ