كۈيىۋالاي خەلقىم ئوتۇڭدا
(ئۇچقۇنى)
كۆز ئالدىمدا سىنغائىلىنغان،
خاتىرەمدە ساقلاپ قېلىنغان.
تالاي شۇنداق كەچمىشلار،ئەپسۇس،
قايتالمايمەن قۇلۇپ سېلىنغان.
گاھ ئەسلىمەم خىرە ،كۆرۈنمەس،
سان-ساناقسىز بىلىپ بىلىنمەس.
روھ ئالىمى چەكسىز كېڭىيىپ،
قىسقارماقتا ھاياتلىق نەپەس.
مەن ئۆزەمچە ھاياتنى تاللاپ،
ياشاپتىمەن ئۆلۈمنى شاللاپ.
ئاقىۋەتتە يۈگرۈپتىمەن شۇ،
شاللىۋەتكەن ئۆلۈمگە قاراپ.
ئەزرايىل ئۇ تەتۈر ساناقتا،
مۇساپىلەر ئېشىپ بارماقتا.
كۈيىۋالاي خەلقىم ئوتۇڭدا،
نەپەس قىستاپ ماجال قالماستا.
ئۇچقۇنى
2012.9.18
ئەمەس ئۇ بىر ئاقىللىق
(ئۇچقۇنى)
ھەر كاللىدا ھەر خىيال،
باردۇر تۈمەن ئوي-پىكىر.
كەڭ تەپەككۇر ئالىمى،
چەكلىمىلىك يوق چىگىر.
ئۆزۈڭگىلا خاس بەلكىم،
شۇ مۇتەسسىپ ئىدىيە.
ئىنكار قىلما ئۆزگىنى،
بىرىپ قاتتىق رەدىيە.
ئۆزۈڭ ياساپ تار قەپەس،
بوغما نەپەس ئەركىمنى.
تۇنۇشۇڭنى تاڭما ،قوي-
ئۆز مەيلىىگە ھەركىمنى.
ئۆز يولىداھەممە ئىش،
بولسا يەنە ئادىللىق.
خەقمۇ ھۆرمەت قىلىنسا،
ئاشار ھەسسە قايىللىق.
قۇشقا سامان يىگۈزۈش،
ئەمەس ئۇ بىر ئاقىللىق.
نادان چاغلاش ئۆزگىنى،
مەغلۇبىيەت غاپىللىق.
ئۇچقۇنى
2012.9.18
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-18 07:57 PM