|
|
|
|
2012 - يىلى 4 - ئايدا wwe نىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان ئەڭ چوڭ مۇسابىقىسى يەنى { 28 - نۆۋەتلىك WrestleMania } مۇسابىقىسى لاسسۋىگاسنىڭ ئۈستى ئۈچۇق تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى . شۇ يەر ۋاقتى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى پۈتۈن يەر شارىدىكى wwe مەستانىللىرى تاقەتسىزلىنىپ كۈتكەن UNDERTAKER بىلەن Triple H ئوتتۇرسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزىلدى ، شۇنداق دىيىشكە بۇلىدىكى بۇ قېتىمقى مۇسابىقە wwe نىڭ WrestleMania مۇسابىقە تارىخىدىكى تاماششىبىن مەستانىلار ئەڭ كۈپ قاتناشقان شۇنداقلا ئەڭ قىززىغان بىر قېتىملىق چوڭ مۇسابىقە بولدى .79 مىڭغا يېقىن ئادەم مۇسابىقىنى نەخ مەيداندا كۆردى مۇسابىقىدە ئۇزاتقۇچى ئەزرائىل لەقەملىك UNDERTAKER ئۇدا 20 قېتىملىق WrestleMania مۇسابىقىسىدە يىڭىلمەسلىكتەك رىكوت يارىتىپ يىڭى بىر تارىخ ياراتتى ، مۇسابىقە تۈگىگەندە مەيداندا كىشى ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش يۈزبەردى . يەنى ئەزەلدىن مۇسابىقە مەيدانىدا ھېچقانداق بىر ماھىرنى نەزىرىگە ئېلىمۇ قويمايدىغان ناھايىتى ھىسياتسىز ۋە ۋەھشى . شۇ سەۋەپلىك { ئۈلۈكلەر ئارىلىنىڭ خۇجايىنى } ئاتالغان UNDERTAKER رىپىر جون ماركوسنىڭ ھەمراھلىقىدا رەقىبى Triple H يۈلەپ قولتۇقلاپ ئۈچ ماھىر بىر - بىرىنى يۈلىگەن ھالدا مەيداندىن ئايرىلىپ ناھايىتى تەسىرلىك بىر كۈرنۈشنى پەيدا قىلدى ، بەلكىم بۇ قېتىمقى WrestleMania مۇسابىقىسى UNDERTAKER نىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مۇسابىقىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .... شۇ سەۋەپلىك كىچىكىپ بولسىمۇ مۇسابىقە ئەھۋالىنى يوللىدىم ياختۇردىغانلار كۈرۈپ بېقىڭلار .....
چىقمىسا بۇ ئادىرىسنى چىكىپ كۈرۈڭ :
http://www.tudou.com/programs/view/BLJsn0V3XXs/
مەنبە : بەيدۇ ۋە تۇدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-18 07:43 PM
|
|
|
|
|
|