قوقاق بولۇپ تېشىڭغا تەپتىم،
پەيدا قىلماي قەلبىڭگە زېدە.
باغرى قانلىق كاككۇكۇڭ بولۇپ،
يىغلاپ چىقتىم يالپۇز تۈۋىدە.
قوقاق بولۇپ تېشىڭغا تەپتىم،
تەشۋىش باسقان روھىڭدىن چىقىپ.
سېلىپ يۈرمە ئۆزۈڭگە ئازاب،
مۇدۇر-چۇقۇر خورەكنى سىقىپ.
قوقاق بولۇپ تېشىڭغا تەپتىم،
ياماپ سۆيگۈ رىشتىڭدە يارا.
چاقناپ كەلدى ئەقىدەم دۇردەك،
قىلماي كۈتكەن بەختىڭنى قارا.
قوقاق بولۇپ تېشىڭغا تەپتىم،
ئېچىپ نۇرلۇق چېھرىڭدە چېچەك.
كۈلدى تۈمەن ناز-جىلۋە بىلەن،
دىلغا ھۇزۇر رەڭدار كېلەچەك...
قوقاق بولۇپ تېشىڭغا تەپتىم،
ئاشىق جاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ.
ئوخشاپ قالدى ئارشاڭغا يۈرەك،
ئوقچۇپ تۇرغان شەيدالىق تېشىپ.
قوقاق بولۇپ تېشىڭغا تەپتىم،
پەيدا قىلماي روھىڭغا زېدە.
قانچە ئۇزاق يىغلاپ ئۆتەرمەن،
سۇلۇپ كەتكەن يالپۇز تۈۋىدە؟
مەنبە: مەن شۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-18 05:20 PM