مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 725|ئىنكاس: 6

دوكتۇرنىڭ كەشپىياتى (ھىكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايۋاننىڭ ئالىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18426
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8546
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 2418 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوكتۇرنىڭ كەشپىياتى

(ھىكايە)

     تېلغۇننىڭ جىرىڭلىشى ئۇنى خىيال دەرۋازىسىدىن سۈزۈپ چىقتى .ئۇ يوغان قورسىقىنى ئالدىدىكى  شىرەگە تىرەپ تۇرۇپ تىلغۇن تورۇپكىسىنى قولىغا ئالدى .

تورۇپكىدىن ؛ <<سىز ساقچى باشلىقى بولامسىز؟>> دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى .

-شۇنداق.

-ئۇنداقتا ياخشى ،- دىدى قارشى تەرەپ ،-  مەن بىر ئىشتا سىز بىلەن ھەمكارلاشماقچى ئىدىم ،ئىھتىمال  بۇ ھەر ئىككىمىز  كۆگۈل بولۈۋاتقانمەسىلىلەر بولىشى مۇمكىن .ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتسە  گىن تۈزۈلۈشى تەتقىقات مەركىزىگە كەلسىڭىز ،سىزنى سائەت ئۈچتە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلىكتۇرۇنلۇق  مەشخۇلات بولىمىدە ساقلايمەن .

تىلغۇن ئۈزۈلدى . ساقچى باشلىقى ئۆزىنىڭ  نىمە ئۈچۈن  .ۇيەرگە چاقىرىتىلغانلىقىنى  بىلەلمىدى . قارشى تەرەپنىڭ نام-شەرپىنى سوراشقىمۇ ئۈلگۈرمىدى . ئۇ ئەجەپلەنگەندەك كىلەڭسىز مۇرىسىنى قىسىپ قويدى ۋە يۇمشاق كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ بىرتال تاماكىنى قىلىن لەۋلىرى ئارىسىغا قىستۇردى .

سائەت دەل ئۈچ بولغاندا ساقچى باشلىقى ئىلىكتۇرۇنلۇق مەشخۇلات بۆلىمىگە كىردى . ئۇ سۈت رەڭلىك  كۆڭلەك ئۈستىگە قىزغۇچ  شىم -كاستۇم كىيگەن، بوينىغا  ئاق گالىستۇك تاقىغان ئىدى ،بۇ كىيىملەر ئۇنىڭغا ئالاھىدە سۈپەت بىغىشلىغان ئىدى .   

-ياخشىمۇ سىز ساقچى باشلىقى ؟ سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن ،مەرھەمەت ئولتۇرۇڭ .

-رەھمەت ،- دىدى ساقچى باشلىقىمۇ  بىلىنەر-بىلىنمەس تەبەسسۇم قىلىپ ،- سالامەتمۇ سىز ئەپەندى؟ نام- شەرپىڭىز نىمىكىن ؟ سىزگە قانداق ياردەم بەرسەم بولىدۇ؟

   -ئىسمىم تالىپ .گىن تەتقىقات دوكتۇرى ، سىز جىنايەتچىلەرنىڭ ئازىيشى ،مۇھەببەتكەتولغان گۈزەل جەمىيەتنىڭ بارلىقىغا كىلىشىنى خالامسىز ؟

-ئەلۋەتتە خالايمەن .

-ياخشى ،سىز جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇپ جىسمانىيتىنى ئۆزگەرتىسىز . مەن ئۇلارنىڭ ئورگانىزىمىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق  روھىىتىنى  ئۆزگەرتىمەن ، بۇ جەھەتتە ئىككىمىز ئورتاقلىققا ئىگە، شۇڭا سىز نى توغرا تاللىدىم دەپ ئويلايمەن .

مەن ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئادەملەردىكى  گىن تىپلىرىنى  تەتقىق قىلىپ  كەلدىم . ئەمما تەجىربىلەر تىخى يىتەرسىز . بەزى جىنايەتچىلەر بىلەن يۇزتۇرانە سۆھبەتلىشىشكە توغرا كىلىۋاتىدۇ .ناۋادا مۇۋاپىقىيەت قازانسام جىنايەت سادىر بولۇش نىسبىتىنى زور دەرجىدە ئازايىتقىلى بولاتتى . سىز ماڭا ياردەم قىلارسىز مۇ ؟

-دوكتۇر تالىپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ساقچى باشلىقىنىڭ جاۋابىنى كۈتتى .

-ناھايتى ياخشى بوپتۇ ،بەك ياخشى بوپتۇ ،-ساقچى باشلىقى بىردىنلا ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كەتتى ،-جىنايەتچىلەر ئازايسا  بىزمۇ ئارام تىپىپ قالاتتۇق .بىلەمسىزكىن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز  شۇنداق خەتەرلىك مۇھىتتا ،ئالدىراشچىلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ .بىز ساقچىلار جىنايەتچىلەرنىڭ ئازىيشىنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىمىز . يىقىندىن بۇيان جىنايى ئەنزىلەر كۆپىيىپ كەتتى ،ئۇلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش يوللىرىمۇ شۇنداق كۆپ ھەم مۇرەككەپ . تۈرمىلەر توشۇپ كەتتى ،لىكىن جىنايەتچىلەر تۈگىگىنى يوق . ماڭا ياۋۇزلۇق ،ۋەھشىلىك پۇتۇن يەرشارىغا يامراپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ ،مەنمۇ ئۇزۇندىن بىرى جىنايەتچىلەرنىڭ روھىيتىدىكى رەھىمسىزلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكنى قۇرۇتۋەتكىلى بولارمۇ دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم .

-بۇ تامامەن مۇمكىن .- دىدى دوكتۇر تالىپ روھلانغان ھالدا ،- راس دەيسىز  ئادەملەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى چەكسىز بولىدۇ ، مۇشۇ چەكسىزلىك ئۇلارنى جىنايەت يولىغا سۆرەپ كىرىدۇ . بۇنىڭغا ئادەم بەدىنىدىكى گىن تىپلىرى سەۋەپ بولىدۇ ، ەىن تىپلىرى ئۇلارنىڭ كۇندىلىك پائالىيەتلىرىگە قۇماندانلىق قىلىدۇ . بىز بۇنى ئورگانىزىمدىكى يۇشۇرۇن گىنلارنىڭ  ئاشكارلىنىشىدىن ،گىنلارنىڭ ناچار مۇھىتتا بۇزۇلىشىدىن بولغان دەپ قارايمىز . ئاۋال بىز تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنى تەكشۈرۈپ تەجىربە قىلىپ باقايلى .ئاندىن بۇزۇلغان گىنلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۆزگەرتىش دورىسىنى سىناق قىلىپ ئىشلىتىپ كۆرەيلى .

   شۇكۈنى تەكشۈرۈش باشلاندى ،ئۇزاق ئۆتمەي تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىلىكتۇرۇنلۇق مىڭە ئارقىلىق بىسىپ چىقىرىلدى .

  ساقچى باشلىقى  دوكتۇر تالىپ بىلەن  بىللە نەتىجىنى كۆرۈپ چىقتى .

-ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،- دىدى دوكتۇر تالىپ سەمىمىيلىك بىلەن ،- كۆرۈپ تۇرۇپسىز . ئەمەلىي ئەھۋال خەتەرلىك .ئىنسانلارنى جىنايەت بىلەن تولغان رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزۇپ چىقىش كىرەك .مەن ھازىر گىن تىپلىرىدا  تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايدىغان بۇزۇق گىنلارنى يوقۇتۇپ ياخشى گىنلارنى ساقلاپ قالالايدىغان بىرخىل دورىنى ياساۋاتىمەن . ۋەدە بىرىمەنكى  بۇدورىنىڭ ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ .جىنايەتچىلەر قايتا جىنايەت سادىر قىلمايدۇ . پاكلىق ،ئاق كۆڭۈللۈك ،سەمىمىيلىك ،مىھىر -مۇھەببەتكە تولغان بىر گۈزەل  جەمئىيەت بەرپا بولىدۇ .دورا  سىناقتىن ئۆتكەندە سىناپ باقارمىز.

   ساقچى باشلىقى خۇشاللىقىنى يۇشۇرالماي  دوكتۇرنىڭ  قولىنى چىڭ سىقتى .

-مەن ئشىنىمەن . سىز چوقۇم مۇۋاپىقىيەت قازىنىسىز ،يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىسىز .دۇنيانىڭ گۈزەل ئىزتىقبالىنى تەسەۋۋۇر قىلىش كىشىنى ھاياجابغا چۆمدۈرىدۇ .

ساقچىباشلىقىنىڭ بىر جۈپ  ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن  مەمنۇنىيەت  ئىپادىسى چاقنىدى .

-مەن سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن  دوكتۇر ئەپەندى .

    ساقچى باشلىقى دوكتۇر بىلەن خوشلۇشۇپ گىن تەتقىقات مەركىزىدىن ئايرىلدى .ئۇنىڭغا كوچىلار ئاۋاتلاشقاندەك ،ئادەملەر شۇنچىلىك سەمىمىي ،ئوماقلىشىپ كەتكەندەك ،سالقىن شامال مەززىلىك گۈل ھىدىنى تارقىتىۋاتقاندەك بىلىندى .ساقچى باشلىقىنىڭ روھى ناھايتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى . شەھەر ھىچقاچان بۈگۈنكىدەك ئىللىق تۇيغۇ بىرەلمىگەن ئىدى . ئۇ ماشىنا  توختۇتۇش مەيدانىدا ماشىنىدىن چۈشتى شۇ ئارىدا  يەنەبىر كۈل رەڭ ماشىنا  ئۇنىڭ يىنىدا توختىدى  ماشىنىدىن  ئىگىز ئورۇق ، ئوتتۇرا ياشلار دىكى بىر ئادەم ماشىنىدىن چۈشۈپ ساقچى باشلىقىغا قاراپمۇ قويماي  .ۇدۇل خىزمەت بىناسىغا كىرىپ كەتتى .

- مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى ... ھۇ ئۆلگۈر ....... -ساقچى باشلىقى ئۆزىنى تۇتالماي  ئىغىزىنى بۇزدى .- ماڭا قاراپمۇ قويمايسىنا ، تۈفىي سىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭغا ...

   ھىلىقى ئادەمنىڭ قارىسى يوقالغان بولسىمۇ  ساقچى باشلىقى غەزىپىنى تىخىچە بىسىقمىدى .

مۇئاۋىن  ساقچى باشلىقىنىڭ كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ ئۆزىگە يول قويمايدىغانلىقى ، ئۆزى بىلەن زىتلىشىپ يۈرگەنلىكى ئۇنىڭ خىيالىدى كەچتى . گەرچە ئۇ مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىنىڭ  ھەر جەھەتتە ئۆزىدىن  كۆپ قابىلىيەتلىك  ئىكەنلىكىن بىلىپ تۇرسىمۇ بۇ نى ئىنكار قىلاتتى  .بۇ خىل <<جەسۇر>>لۇقنى  ئۇنىڭدىكى  ھوقوق تۇمارىنىڭ چوڭلۇقى  كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى . ئۇ ،بۇ رەقىبىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆزىدىن ئىشىپ چۈشىدىغىنىنى  غۇۋا ھىس قىلدى . ئۇ قايتىدىن ماشىنىسىغا چىقتى  ،ئەمدى ئۇنىڭ كۆزىگە نە  دەل- دەرەخ نە گۈل- گىياھ ھەتتا شەھەر دىكى مىغىلدىشىپ يۇرگەن ئادەملەرمۇ كۆرۈنمىدى . ئۇ بىئارام بولغانسىرى  ئۆزىنى باشقۇرالماي  قىلىۋاتاتتى . بىر نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئۇ گىن تەتقىقات ئورنىغا  يىتىپ كەلدى .

-ھۆرمەتلىك دوكتۇر ئەپەندى سىزگە دەيدىغان ئەڭ مۇھىم بىر ئىشنى ئۇنتۇپتىمەن ،ئەپۇ قىلىڭ ، سىزنى بىمەزگىل  ئىزدەپ كەلدىم ،- دىدى  ساقچى باشلىقى  ئۆزىنىڭ كىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ،- بۇزۇق گىنلارنى يوقۇتۇپ ياخشى گىنلارنى ساقلاپ قالالايدىغان دورىنى ياسىغىلى بولغىنىدەك  ئۇنىڭ ئەكسىنى  يەنەبىر خىل دورىنىمۇ ياسىغىلى بولارمۇ ؟

- قانداق دورىنى دىمەكچى سىز  ساقچى باشلىقى ؟

- مەن...مەن دىمەكچىمەنكى  قان تەركىبىدىكى بارلىق ياخشى گىنلارنى بۇزۇپ ئورگانىزىمنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋىتەلەيدىغان  دورىنىمۇ ياسىغىلى بولارمۇ ؟

-مۇمكىن ،بىراق بۇنىڭ نىمە زۆرۈرىيتى بار؟- دوكتۇر  گاڭگىرىغان قىياپەتتە سورىدى .

-شۇنداق بىر پەۋقۇلاددە جىنايەتچى بار  دوكتۇر ئەپەندى ، ئۇنى كۆندۈرۈشمۇ ،باشقۇرۇشمۇ شۇنداق تەس . ئۇ زادىلا گەپكە كىرمەيدۇ ، ئۇ بەزىبىر ئىشلار ئۈچۈن يۇشۇرۇن توسالغۇ ۋە خەۋىپ بولۇپ تۇرۋاتىدۇ ، ئۇنى شۇخىل دورا ئارقىلىق ھالەك قىلىۋىتىش ئاقىلانىلىك ... سىز ماڭا ياردەم قلار سىز مۇ ؟

- ئۇ كىم ؟

-بۇنى قەتئىي مەخپى ساقلىسىڭىز . ئۇ مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى .

   دوكتۇر تالىپ ھەممىنى چۈشەندى . ئۆزى شۇنچە يىل ئىلىپ بارغان تەجىربىسىنىڭ  مۇنداق مەغلۇبىيەتبىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . بۇ زەربە ئۇنى چوڭقۇر  سۈكۈت قوينىغا غەرق قىلدى . ئۇ ئىسانلاردىكى جىنايەتنىڭ مەنبەسى بولغان شەخسىيەتچىلىكنى  تۈگىتىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى .ئاخىرىدا مونۇ ساقچى باشلىقىنى  ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان ياردەمچىسى قىلىپ تاللىۋالدى .بىراق ئۇنىڭمۇ گىن تىپلىرىنىڭ كاردىن چىقپ ،قەلبىگە شەخسىيەتچىلىكنىڭ  ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتقانلىقىنى كىم بىلسۇن!...

-چوقۇم ياردەم قىلىڭ  دوكتۇر .سىزگە تەييارلاپ قويغان نۇرغۇن سوۋغام بار ،سىز چوقۇم رازى بولىسىز .

   دوكتۇر ياردەمچى تاللاشتا  خاتالاشقانلىقىنى يەنەبىر قىتىم ھىس قىلدى . ئۇ تىنىگە پۇتۈنلەي شەخسىيەتچىلىك  يامراپ كىتىۋاتقان بۇ ساقچى باشلىقىغا ئىچىنىش،ئۆكۈنۈش،ئۈمۈتسىزلىك ۋەھىسداشلىق  نەزىرىدە ئاخىرقى قىتىم قاراپ قويدى -دە   چىقىپ كىتىپ غايىپ بولدى .

  ساقچى باشلىقىنىڭ سۇئالى جاۋاپسىز قالدى . ئۇ تىڭىرقىغان ھالدا  گىن تۈزۈلۈشى تەتقىقات مەركىزىدىن  قايتىپ چىقتى .ئۇ  ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىتىۋىتىپ  ئۆزىچە خۇرسىنىپ قويدى ۋە ؛<<بىچارە دوكتۇر ،  ئۇ ساراڭ بولۇپ قاپتۇ ...>> دەپ پىچىرلىدى .



                                                                                                  ئابباس ئاۋۇت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5297
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:33:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈل بىزنى ئەمەس بىز كۆڭۈلنى كونتىرول قىلىشىمىز كىرەك! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jawzaa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 05:34 PM  


سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60680
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5189
تۆھپە نۇمۇرى: 737
توردا: 1213 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 06:54:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەمدە ئازدۇر-كۆپتۇر بۇلىدۇ بۇ شەخسىيەتچىلىك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13008
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1263 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 08:27:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىشنىڭ قانۇنىيتى؛-سىزىم-ھىسيات-كەيپىيات-ھەركەت-خارەكتىر=كەشپىيات.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9256
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 11:40:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسسەۋۋۇر ،..

  مۇشلاش  كىنو  ..  http://www.138991.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85030
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 592
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 08:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئوبرازلىق چىقىپتىغۇ ما تىما....ئەجىر

كەلدى بۇلۇت ياغدى يامغۇر شارقىراپ،
سىڭدى تەشنا يەر باغرىغا ئالدىراپ.
يامغۇر ئۆمرى ئىزسىز ئىكەن دېمىگ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4173
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 01:44:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلانغۇدەك ھېكايىكەن

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش