تىرىشچان ئەزا
دەۋرىلىكتە بۇ ئالەم
(ئۇچقۇنى)
پەلەك ئادىل تارازا،
بار مۇكاپات ھەم جازا.
ھايات-ئۆلۈم تەڭ مەۋجۇت،
گاھ توي بولسا گاھ ھازا.
تۇغۇلغاندا يار بۆشۈك،
بوغۇلغاندا جىنازا.
جەننەت -دوۋزاخ ئىككى يول،
ئوچۇق ئۇندا دەرۋازا.
ھەممە شۇنداق قوش-كىزەك.
تۈرلۈك سوراق ماماتتا،
جاۋاپ باردۇر ھاياتتا.
يوقاتقىنى ئەجدادنىڭ،
ئۇچرار بىر كۈن ئەۋلاتقا.
غەپلەتكە شۇ ئويغاقلىق،
ئالمىشىدۇ قىش -يازغا.
دەۋرىلىكتە بۇ ئالەم،
ئىرىشىدۇ تەڭپۇڭغا.
ئاڭا تەشۋىش نە كىرەك.
2012.9.18
ئۇچقۇنى
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
lawa0998 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:38 PM - مېنىڭچە شېئىر ئەھمىيەتلىك باشلىنىپ مەنزىللىرىدە نۇس ...
مەخەتجان
دائىملىق ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ