ئەركەك بولساڭ
ئەركەك بولساڭ ئەل سېنىڭ ئەلگە كۆڭۈل بۆلۈپ قوي،
ئەلگە كۆسەي بولماقنىڭ خىيالىنى سۈرۈپ قوي.
ياشلىق نېسىپ بولمايدۇ ھىچ كىشىگە بىر ئۆمۈر،
ياخشى بىلەن ياماننى ئۆز ۋاختىدا بىلىپ قوي.
<ئىگەرلىك ئەر ئىگىلمەس> بوۋىلاردىن بىر سۆز بار،
ئەمدى قاۋاق ئىچىگە كىرمەي قاپاق تۈرۈپ قوي.
پەرلەپ ھايات شامىنى چاققىن شاراپ جامىنى،
ئىجادىڭنىڭ شانىدىن سەنمۇ بىر رەت كۈلۈپ قوي.
غەنىمەتتۇر بۇ كۈنلەر كېلەچىگىڭ ئالدىڭدا،
ئۈمۈتسىزلىك ئىچىگە چۆكۈپ كەتمە كۈتۈپ قوي.
<سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ>بىر كۈنى،
گۈزەل ئارزۇ -ئارماننى يۈرۈگۈڭگە پۈكۈپ قوي.
كۆتۈرۈلمىسۇن ئېسىڭدىن ئاخىرەتكە كەتكەنلەر،
تىرىكلىكىڭ ئىمتىھان سىنىقىدىن ئۆتۈپ قوي.
داۋان ئاشقان ئەجدادىڭ كۈلمىسۇنمۇ ئەۋلادىڭ،
بەيگىلەردە ئۇتۇشقا ئاتلىرىڭنى توقۇپ قوي......
مەنبە:لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن.