دەردلىك سېغىنىش
پىچاق تۇتسا تىترەيدۇ دىر-دىر،
قىلىچىدىن ئايرىلغان قوللار.
بەندىلەردىن رەنجىمە ئىگەم،
ناپاكلىقتىن ئىگىز-پەس يوللار.
***
ئەسلىتىدۇ سادىرنى تاغلار،
ئەركەكلەرگە غورۇر بىرىدۇ.
نۇزۇگۈمنىڭ ھۆرلۈك چۇقانى،
دەشتىلەردە يىغلاپ يۈرىدۇ.
سەلتەنىتى سۇنغان چوقىلار،
ھەسرەت بىلەن قويار سىلكىنىپ.
كەتمەن تۇتقان قوللاردا قاداق،
ئاھ تاپانلار كەتكەن يېرىلىپ.
مەڭگۈلۈك دەرد ئۆرۈلگەن سېپىل،
سۇنغان قىلىچ ، داتلاشقان خەنجەر.
يىپەك يولى، مىڭ ئۆي ،تاش پۈتۈك
يىراق ئۆتمۈشتىن بىرىدۇ خەۋەر...
تۇلۇق تۇتقۇن دەردلەرگە يۈرەك،
تولغىنىدۇ مۇڭ ، نىدالاردا.
قورام تاشلار سۆزلەيدۇ قىسسە،
ئەكس سادا تاغ ، جىرالاردا .
« ئۆچۈڭنى ئال ياۋدىن ، زۇلمەتتىن،
ساتقىنلاردىن، كۈرەلمەسلەردىن.
ھەزەر ئەيلە تىل ، دىلى باشقا،
كۆڭلى قارا، تېگى پەسلەردىن. »
كېلەر شۇنداق يالقۇنلۇق سادا،
ئىچ-ئىچىمدە ئۇزۇن بىر نالە.
كۈلكىلەرمۇ ئوخشار يىغىغا،
قانلار بىلەن يۇيۇلغان چۆلدە.
***
دەردلىرىمنى يىغلايدۇ قىزغىن،
بېشىمدىكى ھۆرلۈك چەمبىرى.
ھالىم قايان ، مەنزىلىم قايان؟
ئۈنلەر مەندە دەردنىڭ دەمدىرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-18 10:03 AM